قەدر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەت
مەنىسى: قەدر كېچىسى . ئاتىلىش سەۋەبى: قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، خاسىيىتى بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ
    بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ - قۇرئان - نى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قۇرئاننى‏‎ ‎قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى سۈرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۈرىدە ئۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىت رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىدىن بىرى بولغان «قەدر كېچىسى»دۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 185 - ئايىتىدە قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىدا نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ 23 يىلدا نازىل قىلىنغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. ئۇنداقتا، بۇ ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ بىر كېچىسى بولغان «قەدر كېچىسى»دە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (97-سۈرە قەدر، 2-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش قەدىر كېچىسى
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ
    شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەدر كېچىسى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىپادە «قەدر كېچىسى»نىڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك كېچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «قەدر كېچىسى - شەبى قەدر» يەنى «لەيلەتۇلقەدر - ليلة القدر» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدىكى «لەيلەتۇ - ليلة» نىڭ مەنىسى «كېچە» دېگەن بولىدۇ. «قەدر - القدر»نىڭ مەنىسى بولسا، «مەرتىۋە، ئۇلۇغلۇق، قەدىر - قىممەت، مىقدار، ئۆلچەم، ئۇلۇغلىماق. قەدىرلىمەك، ئۆلچەم بەلگىلىمەك، بەلگىلىمەك ۋە ھۆكۈم قىلماق» دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ كەلىمىدىن تۈرلەنگەن باشقا كەلىمىلەر ئەنە شۇ مەنىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىككى سۆز بىرىكىپ قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچىنىڭ ئىسمى بولغان. بۇ، ئۇ كېچە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پەزىلەتلىك كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇ كېچىدە بىر يىللىق ئىشلار (ئەجەللەر، رىزىقلار ۋە باشقا ھادىسىلەر) بەلگىلەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى 44 - سۈرە (دۇخان)نىڭ 3 - ئايىتىدە «بەرىكەتلىك كېچە» دەپ ئاتايدۇ ۋە 4 - ئايىتىدە «ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئەمىر ئايرىلىدۇ» دەيدۇ. بۇ «قەدر - قدر» كەلىمىسىنىڭ يۇقىرىدىكى مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ
    شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شەبى قەدرى مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەدر‏‎ ‎كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    قەدر كېچىسى پەزىلەتتە، قەدر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر. بۇ ئايەت ۋە داۋامىدىكى ئىككى ئايەت قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ئايەتتە بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىگە ئىشارەت قىلىپ، ئۇنى بىلىشكە تەرغىب قىلغاندىن كېيىن بۇ ئۈچ ئايەتتە ئۇ پەزىلەتنى بايان قىلىدۇ. قەدر كېچىسىنى، بۇ ئايەتتە ۋە ئىلگىرىكى ئايەتتە ئالماش بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا «لەيلەتۇلقەدر - ليلة القدر» دەپ ئوچۇق ئىسىم بىلەن ئىپادىلىنىشىمۇ ئۇنىڭ پەزىلىتىگە دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ
    پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە رۇھ رەببىنىڭ‎ ‎رۇخسىتى بىلەن ھەر ئەمر ئۈچۈن چۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قەدر كېچىسىدە، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنغان بىر يىللىق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەسئۇل پەرىشتىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەشھۇرى بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. سَلَامٌ هِيَ حَتَّىٰ مَطْلَعِ الْفَجْرِ
    شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتۇر ئىبارەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تاڭ يورۇغانغا‏‎ ‎قەدەر سالام كېچىسىدۇر[1]. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كېچىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە توختىماي سالامەتچىلىك ۋە تىنچ - ئامانلىق تىلەپ تۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى، ۋە پەزل - ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن سالامەت قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى