بۇرۇج سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 22 ئايەت
مەنىسى: ئاسمان بۇرۇجلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (85-سۈرە بۇرۇج، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْبُرُوجِ
    بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى

    بۇرۇجلار (ئوربىتىلار) جايلاشقان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ئەرەپات كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1ـ3]،

  2. (85-سۈرە بۇرۇج، 2-ئايەت)
    وَالْيَوْمِ الْمَوْعُودِ
    بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى

    بۇرۇجلار (ئوربىتىلار) جايلاشقان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ئەرەپات كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1ـ3]،

  3. (85-سۈرە بۇرۇج، 3-ئايەت)
    وَشَاهِدٍ وَمَشْهُودٍ
    بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى

    بۇرۇجلار (ئوربىتىلار) جايلاشقان ئاسمان بىلەن، ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ئەرەپات كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1ـ3]،

  4. (85-سۈرە بۇرۇج، 4-ئايەت)
    قُتِلَ أَصْحَابُ الْأُخْدُودِ
    ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4

    ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرى ھالاك قىلىندى [4-5].

  5. (85-سۈرە بۇرۇج، 5-ئايەت)
    النَّارِ ذَاتِ الْوَقُودِ
    ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى

    ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرى ھالاك قىلىندى [4-5].

  6. (85-سۈرە بۇرۇج، 6-ئايەت)
    إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى

    ئۇ چاغدا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ لېۋىدە ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرنى تىرىك ئوتقا تاشلاۋاتقان قىلمىشىغا قارىشىپ ئولتۇراتتى [6ـ7].

  7. (85-سۈرە بۇرۇج، 7-ئايەت)
    وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى

    ئۇ چاغدا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ لېۋىدە ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرنى تىرىك ئوتقا تاشلاۋاتقان قىلمىشىغا قارىشىپ ئولتۇراتتى [6ـ7].

  8. (85-سۈرە بۇرۇج، 8-ئايەت)
    وَمَا نَقَمُوا مِنْهُمْ إِلَّا أَنْ يُؤْمِنُوا بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
    ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئۇلار مۆمىنلەردىن پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھى بولغان، ھەممىدىن غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالغان ئىدى، ھالبۇكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [8ـ9].

  9. (85-سۈرە بۇرۇج، 9-ئايەت)
    الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
    ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئۇلار مۆمىنلەردىن پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھى بولغان، ھەممىدىن غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالغان ئىدى، ھالبۇكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [8ـ9].

  10. (85-سۈرە بۇرۇج، 10-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
    مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ

    مۆمىن ئەر-ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ [10].

  11. (85-سۈرە بۇرۇج، 11-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْكَبِيرُ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر [11].

  12. (85-سۈرە بۇرۇج، 12-ئايەت)
    إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى ناھايىتى قاتتىقتۇر [12].

  13. (85-سۈرە بۇرۇج، 13-ئايەت)
    إِنَّهُ هُوَ يُبْدِئُ وَيُعِيدُ
    ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ [13].

  14. (85-سۈرە بۇرۇج، 14-ئايەت)
    وَهُوَ الْغَفُورُ الْوَدُودُ
    ئاللاھ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر

    ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. دوست تۇتقۇچىدۇر [14]،

  15. (85-سۈرە بۇرۇج، 15-ئايەت)
    ذُو الْعَرْشِ الْمَجِيدُ
    ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر

    ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر [15]،

  16. (85-سۈرە بۇرۇج، 16-ئايەت)
    فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
    خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر

    خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر [16].

  17. (85-سۈرە بۇرۇج، 17-ئايەت)
    هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْجُنُودِ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) سەن پىرئەۋن ۋە سەمۇد قوشۇنلىرىنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟ [17ـ18]

  18. (85-سۈرە بۇرۇج، 18-ئايەت)
    فِرْعَوْنَ وَثَمُودَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) سەن پىرئەۋن ۋە سەمۇد قوشۇنلىرىنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟ [17ـ18]

  19. (85-سۈرە بۇرۇج، 19-ئايەت)
    بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي تَكْذِيبٍ
    (قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ

    كافىرلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماقتا يوق، داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ [19].

  20. (85-سۈرە بۇرۇج، 20-ئايەت)
    وَاللَّهُ مِنْ وَرَائِهِمْ مُحِيطٌ
    ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر

    ئاللاھ ئۇ ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر [20].

  21. (85-سۈرە بۇرۇج، 21-ئايەت)
    بَلْ هُوَ قُرْآنٌ مَجِيدٌ
    بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

    ئەمەلىيەتتە (ئۇلار ئىنكار قىلغان) بۇ قۇرئان لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر [21ـ22].

  22. (85-سۈرە بۇرۇج، 22-ئايەت)
    فِي لَوْحٍ مَحْفُوظٍ
    بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

    ئەمەلىيەتتە (ئۇلار ئىنكار قىلغان) بۇ قۇرئان لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر [21ـ22].