زۇھا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەت
مەنىسى: چاشگاھ. ئاتىلىش سەۋەبى: چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (93-سۈرە زۇھا، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالضُّحَىٰ
    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى

    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن [1]

  2. (93-سۈرە زۇھا، 2-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ
    قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى

    قاراڭغۇلۇقى ئەتراپنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [2]،

  3. (93-سۈرە زۇھا، 3-ئايەت)
    مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق

    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامانمۇ كۆرمىدى[3].

  4. (93-سۈرە زۇھا، 4-ئايەت)
    وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَكَ مِنَ الْأُولَىٰ
    ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر

    ئاخىرەت ساڭا ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر [4]،

  5. (93-سۈرە زۇھا، 5-ئايەت)
    وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰ
    پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن

    پەرۋەردىگارىڭ ساڭا كەلگۈسىدە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، سەن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولىسەن [5].

  6. (93-سۈرە زۇھا، 6-ئايەت)
    أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ
    ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟

    ئۇ سېنى يېتىملىكىڭنى بىلىپ پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟ [6]

  7. (93-سۈرە زۇھا، 7-ئايەت)
    وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ
    قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟

    سېنىڭ تېڭىرقاپ قالغانلىقىڭنى بىلىپ يول كۆرسەتمىدىمۇ؟ [7]

  8. (93-سۈرە زۇھا، 8-ئايەت)
    وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ
    سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟

    سېنىڭ يوقسۇزلۇقۇڭنى بىلىپ بېيىتمىدىمۇ؟ [8]

  9. (93-سۈرە زۇھا، 9-ئايەت)
    فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
    يېتىمنى خارلىما

    شۇڭا سەن يېتىمگە قوپاللىق قىلما [9].

  10. (93-سۈرە زۇھا، 10-ئايەت)
    وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ
    سائىلغا قوپاللىق قىلما

    تىلەمچىنى سىلكىشلىمە [10].

  11. (93-سۈرە زۇھا، 11-ئايەت)
    وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتىنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرگىن [11].