قۇرەيش سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 4 ئايەتمەنىسى: قەبىلە نامى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ قۇرەيشكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئەسلىتىلگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لِإِيلَافِ قُرَيْشٍ
قۇرەيش قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن — مۇھەممەد سالىھ
قۇرەيشلەر قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرەيش قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆيى بولغان كەئبىنى ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، تېرىقچىلىققا ناباب ۋادى بولغان مەككىگە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەككە ئاھالىسى باشقا جايلاردىن كىرگۈزۈلگەن (ئىمپورت قىلىنغان) ماللار بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مەككىگە كەلگەنلەر، بولۇپمۇ ھەج مەۋسۇمىدە كەلگەنلەر ئۆز دىيارلىرىدىن مال ئېلىپ كېلىپ تىجارەت قىلسىمۇ، بۇ ماللار ئېھتىياجنى تولۇق قامدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن مەككە قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان قۇرەيش قەبىلىسى تىجارەت بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇلارنىڭ سودىگەرلىرى سەپەر ئۈستىدە ھېچقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايتتى (ئۇلارغا ھېچكىم چېقىلمايتتى)، بارغان يەرلىرىدە ئىنسانىي مۇناسىۋەتتە دوستلۇق، تىجارىي مۇئامىلىدە ئېتىبار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە سەمىمىيلىك كۆرەتتى، چۈنكى قۇرەيش قەبىلىسىنى باشقا شەھەر ۋە رايونلارنىڭ ئاھالىلىرى بەيتۇللاھنىڭ قوشنىسى، ئۇنى تازىلاش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ھاجىلارنى كۈتۈش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆھتەرەم ئىنسانلار دەپ ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇلارنى بۇ ھۆرمەتكە ئاللاھ تائالا ئېرىشتۈرگەن، ئۇلارمۇ بۇ ھۆرمەتكە كۆنۈپ قالغان، ئادەتلىنىپ قالغان ۋە كۆڭۈللىرى مايىل بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى ۋە 2 - ئايەتتىكى «ئادەتلەندۈرۈش» ھەرىكىتىنىڭ ئىگىسى (فائىلى) 3 - ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «شۇ ئۆينىڭ رەببى»دۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِيلَافِهِمْ رِحْلَةَ الشِّتَاءِ وَالصَّيْفِ
ئۇلار قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن — مۇھەممەد سالىھ
ئاچارچىلىق ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى ئوزۇقلاندۇرغان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قىش ۋە ياز سەپەرلىرىدە قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، — ئەنەس ئالىم
قۇرەيش مەزكۇر ئىززەت - ئىكرام ۋە ھۆرمەت - ئېھتىراملارنى ئاساسەن قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە كۆرەتتى، چۈنكى مەككىنىڭ جەنۇبىدا، قىشتا ئىسسىق بولىدىغان، شۇنداقلا قىش مەزگىلىدە سەپەر قىلىشقا مۇناسىپ بولغان يەمەن (ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلار - شەرقتە ئوممان دېڭىزى، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبى قورشاپ تۇرىدىغان جايلار) بار ئىدى. مەككىنىڭ شىمالىدا بولسا، يازدا سوغۇق بولىدىغان ۋە ياز مەزگىلىدە سەپەر قىلىشقا مۇناسىپ بولىدىغان شام (ئىئوردانىيە، پەلەستىن، لىۋان ۋە سۇرىيە) بار ئىدى. قۇرەيش سودىگەرلىرى ئەنە شۇ رايونلارغا (قىش مەزگىلىدە يەمەن رايونلىرىغا، ياز مەزگىلىدە شام رايونلىرىغا) بېرىپ لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. باشتا دېيىلگەندەك، ئۇلارغا بۇ ئىككى سەپىرى ئەسناسىدا ھېچكىم چېقىلمايتتى، ھەتتا ھەر كىشى ۋە ھەر قەبىلە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلاتتى، ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ۋە ھەر ئىشتا ئېتىبار بېرەتتى. نەتىجىدە قۇرەيش قەبىلىسى خاتىرجەملىك ۋە مەمۇرچىلىقتا ياشايتتى. «پىل ۋەقەسى»دىن كېيىن بۇ ھۆرمەت ۋە ئېتىبارلار تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. ئۇلار بۇ ئىلتىپاتلارغا «بەيتۇللاھ»نىڭ قوشنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېرىشكەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن قۇرەيش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى باشتىلا قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە باشتا ئىككى ئايەتتە، ئىبادەتنىڭ سەۋەبى بولغان نېمىتىنى بايان قىلىپ ئاندىن ئۈچىنچى ئايەتتە ئۇلارنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَٰذَا الْبَيْتِ
بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ۋە خەۋپ-خەتەردىن خاتىرجەم قىلغان — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇ ئۆينىڭ[1] رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن، — ئەنەس ئالىم
قۇرەيشنى ئەنە شۇ ئىككى سەپىرىدە ئىنسانلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ۋە ھەر ئىشتا ئېتىبار بېرىشىگە شۇ ئۆي (كەئبە)نىڭ ئىگىسى (ئاللاھ) كۆندۈرگەنلىكى ۋە ئادەتلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ ئۆينىڭ شۇ ئىگىسىگە ئىبادەت قىلسۇن (بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىپ ئاللاھقا چوقۇنسۇن). ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «ئۆي» - كەبىدۇر. چۈنكى «كەبە - كعبة» قۇرئان كەرىمدە، «ئۇ ئۆي، ھۆرمەتلىك ئۆي، كونا ئۆي، ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى» دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ ۋە مەككە شەھىرىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي أَطْعَمَهُمْ مِنْ جُوعٍ وَآمَنَهُمْ مِنْ خَوْفٍ
بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئۆينىڭ (كەئبەنىڭ) پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئۇلارغا تاماق بېرىپ ئاچلىقتىن، خاتىرجەم قىلىپ قورقۇنچتىن ساقلىغان زاتتۇر[2]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى رەببىم! مەككە ئاھالىسىگە رىزىق ئاتا قىلغىن» دېگەن مەنىدىكى دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ قۇرەيش خەلقىنى ئاچلىقتىن ۋە قورقۇنچتىن ساقلىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى