كەۋسەر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 3 ئايەتمەنىسى: ھەۋزى كەۋسەر. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھقا ھەۋزى كەۋسەر ئاتا قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ
بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
«نۇرغۇن ياخشىلىقلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «كەۋسەر - كوثر» بولۇپ، بۇ كەلىمە كۆپ بولماق، كۆپەيمەك ۋە تولۇق بولماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «كەسرەت - كثرة» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئىسىمدۇر، مەنىسى «كۆپ نەرسە» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتتە «ئاتا قىلماق» پېئىلى بىلەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن «كۆپ ياخشىلىق، نۇرغۇن ياخشىلىقلار» دەپ مەنە بېرىلىدۇ. بۇ «ياخشىلىقلار» - ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇنيادا ئاتا قىلغان ۋە ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان پۈتۈن ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىنىش، قۇرئان كەرىم ۋە «ھەۋزىكەۋسەر»... قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئەنە شۇ «ياخشىلىقلار»نىڭ بىرەر ئۆرنىكىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ
پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
شۇڭا، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنداقتا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئۆتىگىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
«ئىبادەت»نىڭ مەنىسى ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلماق دېگەن بولۇپ، ناماز بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تۈرىدۇر. دېمەككى، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «نۇرغۇن ياخشىلىقلار»نىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىبادەتلەرنى خالىس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ
ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ئۆلۈپ، ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى دەپ) ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشىلا ھەقىقىي نەسىلى قۇرۇپ كېتىدىغان كىشىدۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەسلىدە نەسلى ئۈزۈلگەن كىشى سېنى دۈشمەن تۇتقان كىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغىن، ئاداققىچە كۈرەش قىلغىن ۋە سەۋر قىلغىن. سېنى دۈشمەن تۇتقانلارنىڭ جازاسىنى بىز بېرىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ۋەدىسى بويىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرىنى باشتا مەغلۇپ قىلدى، ئاندىن نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شان - شۆھرىتىنى ئۈستۈن قىلدى، دىنىنى مۇكەممەل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا بېرىدىغان نېمىتىنى تاماملىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى