فىل سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەتمەنىسى: پىل. ئاتىلىش سەۋەبى: «كەئبە شەرىف»نى ۋەيران قىلىش قەستىدە قوشۇن باشلاپ كەلگەن پىل ئىگىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى سۆزلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ پىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ پىللىق قوشۇننى قانداق (ھالاك) قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆرمىدىڭمۇ؟ رەببىڭ پىل ئىگىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قايغۇرمىغىن، رەببىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى بولغان كەئبىنى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغاندەك، ئۆزىنىڭ ئەلچىسى بولغان سېنىمۇ زالىملارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، سېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ساڭا قارشى تۇرغانلارنى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ. «كەئبىنى چېقىۋېتىمىز» دەپ كەلگەنلەر دۇچار قىلىنغان ئىلاھىي جازانى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ خۇرسەن بولغىن، چۈنكى سېنىڭ رەببىڭ سەن بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ
ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ ئۇلارنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتمىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
رەببىڭ - ئاللاھ ئۇلارنىڭ كەئبىنى چېقىۋېتىش، ھاجىلارنى ئۆزلىرىنىڭ چېركاۋىغا جەلب قىلىش، شۇنداقلا نام - ئابرۇي قازىنىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى، مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى ۋە سەپىرىنى زەپەرسىز قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ئاتىدىغان — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ-توپ ئۇچارقاناتلار ئەۋەتتى. — ئەنەس ئالىم
رەببىڭ - ئاللاھ ئۇ مەغرۇر قوماندان ئەبرەھەنىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان بىر خىل ئۇچارقاناتلارنى ئەۋەتتى. «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى پەقەت ئاللاھنىڭدۇر». «رەببىڭنىڭ قوشۇنلىرىنى پەقەتلا ئۆزى بىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ
قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ — مۇھەممەد سالىھ
توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتىپ، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇچارقاناتلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتاتتى. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېغىز ۋە پۇتلىرىدا ئېلىپ كەلگەن ساپال تاشلارنى يەنى ئوتتا پىشۇرۇپ تاشقا ئايلاندۇرۇلغان ئالاھىدە تاشلارنى ئاتاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَأْكُولٍ
ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى. — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنى يېيىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى. — ئەنەس ئالىم
«يېيىلگەن ساماندەك» ئىپادىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەپسىرلەردە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ: 1) بۇ ئۇچارقاناتلارنىڭ تاش ئېتىشى نەتىجىسىدە ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھايۋانلار يېگىنىنى يەپ، يېمىگىنىنى دەسسەپ چەيلىۋەتكەن ساماندەك قىلىۋەتتى. 2) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مىتە چۈشۈپ دانلىرىنى يەپ، پوستلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان زىرائەت مەھسۇلاتىدەك قىلىۋەتتى. 3) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھايۋانلار يەپ تېزەكلىۋەتكەن ساماندەك قىلىۋەتتى. «پىل ۋەقەسى»نىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: «ئۇخدۇد ۋەقەسى» دىن كېيىن يەمەندىكى «ھىميەر پادىشاھلىقى» ئاغدۇرۇلۇپ، يەمەن ھەبەشىستاننىڭ بىر رايونىغا ئايلانغان ۋە «ئەبرەھە» دېگەن كىشى ھەبەشىستاننىڭ يەمەن ۋالىيسى بولغان ئىدى. ئەبرەھە يەمەننىڭ «سانئا» دېگەن شەھىرىگە چوڭ بىر چېركاۋ سالدۇرۇپ، ھاجىلارنىڭ كەئبىنى قويۇپ بۇ چېركاۋغا كېلىشى توغرۇلۇق بۇيرۇق جاكارلىغان. ئۇ ئەسنادا بەزىلەر كېچىسى ئۇ چېركاۋغا كىرىپ تەرەت سۇندۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن دەرغەزەپ بولغان ئەبرەھە كەئبىنى چېقىۋېتىش ئۈچۈن بەل باغلىغان ۋە قوشۇن تارتىپ مەككىگە قاراپ يولغا چىققان. ئۇ بىرقانچە دانە پىلمۇ ئېلىپ ماڭغان. يولدا ئۇنىڭغا ئىككى يەردە قارشىلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ھېچبىرى ئۇنى توسالمىغان، ئەكسىچە ئۇ قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەر قوشۇننى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ قوماندانلىرىنى ئەسىرگە ئالغان ۋە يېنىدا بىللە ئېلىپ ماڭغان. ئەبرەھە قوشۇنى بىلەن شۇ ماڭغانچە مەككىگە 30 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان «مۇغەممەس» دېگەن جايغا كېلىپ چۈشكەن، ئاندىن مەككە ئاھالىسىنىڭ ئاقساقىلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىبنى چاقىرتىپ نىيىتىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا كەئبىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇلمۇتەللىب ئۇنىڭغا لايىق جاۋابنى بەرگەندىن كېيىن قايتقان ۋە كەئبىنىڭ ئالدىغا كەلگەن، ئاندىن كەئبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاللاھقا تېۋىنىنغان: ئاللاھتىن ئاھالىگە ۋە كەئبىگە ئامانلىق، ئەبرەھەگە ۋە قوشۇنىغا زاۋاللىق تىلەپ مۇنۇ دۇئانى قىلغان: ئى ئاللاھ! ھەر كىم قوغدار ئۆيىنى دۈشمىنىدىن، سەنمۇ قوغدا ئۆيۈڭنى بۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن. كېرىست بەندىلىرىنى قىلغىن يەر بىلەن يەكسان، سېنىڭ بەندىلىرىڭنى بۈگۈن قىلغىن تىنچ - ئامان. دۈشمەن كېرىستى، كۈچى ھەرگىز غالىب كەلمىسۇن، بار تۇرۇغلۇق قۇدرىتىڭ دۈشمەن زەپەر قۇچمىسۇن. قويۇۋەتسەڭ ئۇلارنى يا رەببى ئۆز مەيلىگە، بىلىسەن بولىدىغان ئىشلارنى كەئبىمىزگە. يا رەب! جازا كۈتىمەن ئۇلارغا پەقەت سەندىن، يا رەب! شۇڭلاشقا توسقىن ئۇلارنى ئۆز چېگراڭدىن. ئابدۇلمۇتتەلىب كەئبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەنە شۇ دۇئالارنى قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئاھالىنى، ئەبرەھە ۋە قوشۇنى مەككىگە كىرگەندە ئەتراپتىكى تاغلارغا چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ئەتىسى ئەتىگەن ئەبرەھە بىر پىلغا مىنىپ قوشۇنى بىلەن مەككىگە كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان ئەسنادا قوشۇنىنىڭ ئىچىدە تۇيۇقسىزلا چېچەك كېسىلى تارقىلىپ كەتكەن ۋە ھاۋادا بىر تۈرلۈك ئۇچارقاناتلار توپ - توپ ھالدا پەيدا بولغان. بۇ ئۇچارقاناتلار تۇمشۇق ۋە پۇتلىرىدا ئېلىپ كەلگەن ئۇششاق تاشلارنى ئۇلارغا ئېتىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەبرەھەنىڭ قوشۇنىنىڭ زور كۆپچىلىكى شۇ يەردە ھالاك بولغان. ئەبرەھە بولسا، ئېغىر كېسەل بولۇپ سانئاغا قايتقان ۋە سانئادا ھالاك بولغان. بۇ ۋەقە تارىخ بەتلىرىدە «پىل ۋەقەسى»، ئۇ يىل «پىل يىلى» دەپ قەيت قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ يىلى تۇغۇلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى