كافىرۇن سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 6 ئايەتمەنىسى: كاپىرلار. ئاتىلىش سەۋەبى: كۇپپارلار رەسۇلۇللاھتىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىر يىل، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلاھىغا بىر يىل ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا رەدىيە سۈپىتىدە نازىل بولغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ
(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار! — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى كافىرلار! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە بەش دانە سۈرە «ئېيتقىنكى - قل» بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇلاردىن ئۈچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك بولغان سۆزلەرنى يەتكۈزۈش بۇيرۇقى، ئىككىسى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش بۇيرۇقىدۇر. بۇ «كافىرلار»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر تەكلىپنى سۇنغان مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايۋاتىمەن. — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنمايمەن. — ئەنەس ئالىم
(2-3) بۇ ئىككى ئايەت ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئايەتلەر نازىل بولۇپ، ئۇلارغا يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئەسنادىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى مەن، سىلەر چوقۇنىۋاتقان بۇتلارغا ھازىر چوقۇنمايۋاتىمەن، سىلەرمۇ مەن چوقۇنىۋاتقان ئاللاھقا ھازىر چوقۇنمايۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايۋاتىسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر مەن چوقۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنغۇچىلار ئەمەسسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ
سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق — مۇھەممەد سالىھ
(بۇنىڭدىن كېيىنمۇ) سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن. — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنغۇچى ئەمەسمەن. — ئەنەس ئالىم
(4-5) بۇ ئىككى ئايەت بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىدۇ. يەنى مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا ھەرگىزمۇ چوقۇنمايمەن، سىلەرمۇ بۇنىڭدىن كېيىن مەن چوقۇنىۋاتقان ۋە چوقۇنىدىغان ئاللاھقا ھەرگىزمۇ چوقۇنمايسىلەر. بۇ ئايەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر بولۇپ، بۇ خەۋەر كېيىن ئەينەن ئەمەلگە ئاشقان. دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇرەسسە قىلىش تەكلىپىنى سۇنغان مۇشرىكلار كافىر پېتى ئۆلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر مەن چوقۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنغۇچىلار ئەمەسسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن». — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنىڭ دىنىڭلار سىلەرگە، مېنىڭ دىنىم ماڭا». — ئەنەس ئالىم
«سىلەرنىڭ دىنىڭلار سىلەرگە، مېنىڭ دىنىم ماڭا». بۇ، ئادا - جۇدالىق ئېلانى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئىنكارچىلارغا ئېلان قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دەۋەتتىن توختىتىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىدىن (ئالداش، مەسخىرە قىلىش، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش ۋە بۇرمىلاش قاتارلىقلاردىن) ھېچبىر نەتىجە ئالالمىغان مۇشرىكلار بۇ نۆۋەت ئۇنىڭغا «مۇرەسسە قىلايلى، ئوتتۇرا يولدا ئۇچرىشايلى، بىزمۇ بىرئاز ۋاز كېچەيلى، سەنمۇ بىرئاز ۋاز كەچكىن» دېگەن مەزمۇندا تەكلىپ سۇنغان. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلەتى تۆۋەندىكىچە: مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، «بىز سېنىڭ ئىلاھىڭغا بىر يىل ئىبادەت قىلايلى، سەن بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا بىر يىل ئىبادەت قىلغىن» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: بىر كۈنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە، ئاس ئىبنى ۋائىل، ئەسۋەد ئىبنى مۇتتەلىب ۋە ئۇمەييە ئىبنى خەلەف مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئى مۇھەممەد! كەل كېلىشپ قالايلى، بىز سېنىڭ ئىلاھىڭغا ئىبادەت قىلايلى، سەن بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا ئىبادەت قىلغىن، بىز سەن بىلەن ھەممە ئىشىمىزدا ئورتاقلىشايلى. ئەگەر سېنىڭ ئىشىڭ بىزنىڭكىدىن ياخشى بولسا، بىز سەن بىلەن ئورتاقلىشىپ نېسىۋە ئالغان بولىمىز. ناۋادا بىزنىڭ ئىشىمىز سېنىڭكىدىن ياخشى بولسا، سەن بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ نېسىۋە ئالغان بولىسەن». شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى نازىل قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلىشقا بۇيرۇغان، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن توسقان، شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن مۇئمىنلەرگە بۇ توغرىدا يول كۆرسەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى