نەسىر سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 3 ئايەت
مەنىسى: نۇسرەت. ئاتىلىش سەۋەبى: مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ
    ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كېلىپ، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە فەتھى كەلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى» - ئاللاھنىڭ، دۈشمەنگە قارشى غەلىبە ئاتا قىلىشى، «فەتھ» - دۈشمەن شەھىرى ۋە جايلىرىنىڭ قولغا ئۆتۈشى دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «بەدر» ئۇرۇشىدا، «ھۇنەين» ئۇرۇشىدا ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلاردا نۇسرەت ئاتا قىلغان. شۇنىڭدەك، فەتھلەر ئاتا قىلغان ۋە «روشەن فەتھ»، «كۈچلۈك نۇسرەت» ۋەدە قىلغان. بۇ ئايەتتىكى نۇسرەت ۋە فەتھ، مەككىنىڭ فەتھىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇ فەتھ ئەسناسىدىكى نۇسرىتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ - توپ ھالدا كىرىشى» مەككىنىڭ فەتھىدىن كېيىن بولغان. نۇسرەت بىلەن فەتھ كەلىمىلىرىنىڭ ئېنىق ئىسىم بولۇپ كېلىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (110-سۈرە نەسىر، 2-ئايەت) ئىمان مەككىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى
    وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا
    ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىۋاتقان ھالەتتە كۆرگىنىڭدە، — ئەنەس ئالىم

    «ئاللاھنىڭ دىنى»- ئىسلامدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى باشلانغاندىن تارتىپ مەككىنىڭ فەتھىگىچە ئىنسانلار ئىسلامغا بىردىن - ئىككىدىن كىرگەن بولسىمۇ توپ - توپ ھالدا كىرمىگەن. چۈنكى ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن مەككىنىڭ فەتھ بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پىكرى مۇنداق ئىدى: «مۇھەممەد ئەگەر قەۋمىگە غالىب كەلسە، ئۇ راستىنلا پەيغەمبەردۇر. شۇڭا ھازىرچە ساقلاپ تۇرايلى، ئۇنىڭ قەۋمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتەيلى». مەككە فەتھ بولغان ئىدى، ئۇلار توپ - توپ ھالدا مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىدى. ئىككى يىل ئۆتمەستىن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاساسەن ئىسلامغا كىرگەن بولدى، پۈتۈن قەبىلىلەر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ ۚ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا
    رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سەن پەرۋەردىگارىڭىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ نۇسرىتى، مەككىنىڭ فەتھى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ - توپ ھالدا كىرىشى ئەمەلگە ئاشقاندا، سېنىڭ دۇنيادىكى ئىشىڭ تۈگىگەن بولىدۇ، شۇڭلاشقا رەببىڭگە تەسبىھ، ھەمدۇسانا ۋە ئىستىغپار ئېيتقىن، يەنى تەييارلىققا باشلىغىن. تەپسىرلەردە، بۇ سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ. «تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە تەۋبىنى قوبۇل قىلماق دېگەن مەنىدىكى «تەۋب - التوب» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن ۋە مۇبالىغە سۈپەتداش بولغان «تەۋۋاب - توّاب» بولۇپ، مەنىسى لايىق رەۋىشتە قىلىنغان پۈتۈن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ. كەلىمىدىكى مۇبالىغە قوبۇل قىلىشنىڭ سۈپىتىدە ئەمەس سانىدا ئەكس ئېتىدۇ، چۈنكى قوبۇل قىلىشنىڭ تۆۋىنى، ئوتتۇرىسى، يۇقىرىسى دەپ پەرقى بولمايدۇ. بۇ كەلىمە ئاللاھ تائالانىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە 11 قېتىم كېلىدۇ ۋە 9 قېتىم ئاللاھ تائالانىڭ باشقا بىر چىرايلىق ئىسمى بولغان «رەھىم - رحيم» بىلەن بىرلىكتە كېلىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، «ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى كەڭ، لېكىن ئۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىن» بولغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىشىمۇ تەلەپكە لايىق قىلىنغان تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار - «سەمىمىي تەۋبە»، «ئىمان، ئىسلاھ ۋە ھىدايەت بىلەن بىرلەشكەن تەۋبە»لەردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەسبىھ، ھەمدۇسانا ۋە ئىستىغپارغا بۇيرۇغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىشى دالالەت قىلىدۇكى، تەسبىھ، ھەمدۇسانا ۋە ئىستىغپار خالىس تەۋبە بىلەن بىرلىكتە بولىدۇ ۋە لايىق رەۋىشتە قىلىنغان تەۋبە ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا مانا بۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى