قەدر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەت
مەنىسى: قەدر كېچىسى . ئاتىلىش سەۋەبى: قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، خاسىيىتى بايان قىلىنغان
  1. (97-سۈرە قەدر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ
    بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ - قۇرئان - نى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق

  2. (97-سۈرە قەدر، 2-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ
    شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟

    شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟

  3. (97-سۈرە قەدر، 3-ئايەت)
    لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ
    شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر

    شەبى قەدرى مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر

  4. (97-سۈرە قەدر، 4-ئايەت)
    تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ
    پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ

    پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ

  5. (97-سۈرە قەدر، 5-ئايەت)
    سَلَامٌ هِيَ حَتَّىٰ مَطْلَعِ الْفَجْرِ
    شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر

    شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتۇر ئىبارەتتۇر