مۇنافىقۇن سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەتمەنىسى: مۇناپىقلار. ئاتىلىش سەۋەبى: مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئېچىپ تاشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ
مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار (بۇ سۆزلىرىدە) چوقۇم يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا: «سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمىز» دېدى. ئاللاھ سېنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇ مۇنافىقلارنىڭ ساڭا ئېيتقان«گۇۋاھلىق بېرىمىز» دېگەن سۆزىدە يالغانچى ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزنى ئېيتقان چېغىدا دىللىرىدا كۇفۇرنى يوشۇرغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن) توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار يالغان قەسەملىرى بىلەن جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالدى ۋە ئۆزلىرىنى يوشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغانلار ئۇلارغا ئالداندى ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن يىراقلاشتى. ئۇلارنىڭ كۇفرىنى ئىماندىن ئەلا بىلىشى، دىلىدا كۇفرىنى يوشۇرۇپ تىلىدا ئىمان ئىزھار قىلىشى ۋە يالغان قەسەم بىلەن مۇئمىنلەرنى ئالدىشى قاتارلىق قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار يېقىندا رەسۋا بولىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىپ تۈرلۈك ئازابلارغا دۇچار بولىدۇ. دەرۋەقە مۇنافىقلار ئۆزلىرىنىڭ ناشايان سۆزلىرىدىن ياكى ئىسلامغا خىلاپ قىلمىشلىرىدىن مۇنافىقلىقىنىڭ چېنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسا، مۇئمىنلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن دەرھال يالغاندىن قەسەم قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن مۇئمنلار ئۇلارغا ئىشىنىپ ئۇلارنى دىنىي قېرىنداشلىرى بىلىشنى داۋاملاشتۇراتتى، شۇنداقلا جەڭچى قالقان بىلەن قىلىچ، ئوق، نەيزە قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن ئۆزىنى ساقلىغاندەك ئۆزلىرىنى مۇئمىنلەرنىڭ كافىرلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىدىن ساقلاپ قالاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئېغىزلىرىدا) ئىشىنىپ، ئاندىن (دىللىرىدا) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار (ئىماننى) چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى، نەتىجىدە ئۇلار چۈشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئىمان ئېيتتى، ئاندىن كافىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇنافىقلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن قايتا كافىر بولۇپ دىللىرى پېچەتلەنگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن پايدا - زىياننى ئايرىيالمايدىغان، توغرا - خاتانى پەرق ئېتەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەنە شۇ يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش... قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِنْ يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھىتىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر. ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر، ئۇلار ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ قەددى - قامەتلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. ئۇلار خۇددى يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلغىن. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى كۆرسەڭ، ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار قەددى - قامىتى كېلىشكەن، رەڭگىرۇيى چىرايلىق ئادەملەردۇر. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە تىلىنىڭ تاتلىقلىقىدىن ۋە سۆزىنىڭ پاساھەتلىكلىكىدىن سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى ئىماندىن ۋە ئىلىمدىن خالىيدۇر، شۇڭا ئۇلار خۇددى تامغا يۆلەپ قويۇلغان چىرىك ياغاچلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزلىرى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن دائىم ئەنسىزلىكتە ياشايدۇ، ئەتراپىدا قىلىنغان ھەر سۆزنىڭ، چىققان ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ مۇنافىقلار دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلغىن. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار ھەقىقەتتىن قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟! مۇنافىقلارنىڭ غازات ئەسنالىرىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىنى كۆرگەن، بولۇپمۇ بىر غازاتتىن قايتىشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ھاقارىتىنى ئاڭلىغان بەزى مۇئمىنلەر ئۇلارغا: «تەۋبە قىلىڭلار، گۇناھىڭلارغا ئىستىغپار ئېيتىڭلار، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشىنى سوراڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلىسۇن» دېسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ بۇ سەمىمىي نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن مۇنافىقلارنىڭ ھەققىدە 5 ~ 9 - ئايەتلەر نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى بايان قىلىنغان. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى چايقايدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بەزى مۇئمىنلەر مۇنافىقلارغا «مۇنافىقلىقتىن تەۋبە قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشىنى سوراڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېسە، ئۇ مۇنافىقلار مەسخىرە قىلىپ باشلىرىنى چايقايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، سەن ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
ئۇلارغا (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، شۈبھىسىزكى پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۇ مۇنافىقلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىشىڭ ياكى مەغپىرەت تىلىمەسلىكىڭ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر؛ ئۇلار مۇنافىقلىقتىن يانمايدۇ، شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئازغۇنلۇققا چۆمگەن، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرگە ھىدايەت نېسىپ قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى توغرا يۆنىلىشكە مۇيەسسەر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُمُ الَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنْفِقُوا عَلَىٰ مَنْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ حَتَّىٰ يَنْفَضُّوا ۗ وَلِلَّهِ خَزَائِنُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ
ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋەلېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى تەمىنلىمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋە لېكىن مۇناپىقلار چۈشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھقا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار چۈشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار مەدىنە ئاھالىسىگە، بولۇپمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا: «رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى پېقىر مۇھاجىرلارغا بىر نەرسە بەرمەڭلار، ئۇلار موھتاجلىقتىن تارقىلىپ كەتسۇن» دېگەن ئادەملەردۇر. ئۇ مۇنافىقلار، ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمىتى بويىچە بەزىلەرنىڭ رىزقىنى كەڭ، بەزىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىلاھىي سىناق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَقُولُونَ لَئِنْ رَجَعْنَا إِلَى الْمَدِينَةِ لَيُخْرِجَنَّ الْأَعَزُّ مِنْهَا الْأَذَلَّ ۚ وَلِلَّهِ الْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم ئەڭ خار ئادەمنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز كىشى ئەڭ خار كىشىنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ» دەيدۇ. ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلار بىر غازاتتىن قايتىۋېتىپ: «ئەگەر مەدىنىگە قايتساق، ئەزىز جامائە بولغان بىزلەر خار جامائە بولغان مۇئمىنلەرنى مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز» دەيدۇ. ئىززەت، ئۈستۈنلۈك ۋە غەلىبە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىمانغا مۇيەسسەر قىلىشى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن ئەزىزدۇر. لېكىن مۇنافىقلار ئىززەتنىڭ ئىمان بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، باي، كۈچلۈك، ھوقۇقلۇق ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ ئەزىز ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ئەسكەرتىش: مۇنافىقلارنىڭ باشقا سۈپەتلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن، 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 8 ~ 20 - ئايەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەرنى مال ۋە بالىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسمىسۇن. ئۇنداق قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلەر! پۇل - مال جۇغلاش، پۇل - مېلىڭلارنى كۆپەيتىش ۋە بالا - چاقىلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتىن چېكىنپ كەتمەڭلار، كىمكى بۇ دۇنيادا ۋاقىتلىق بەھرىمەنلىككە ۋە ئۆتكۈنچى زوققا بېرىلىپ تائەت - ئىبادەتتىن غاپىل بولىدىكەن، ئۇ كىشى ئاخىرەتتە ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلە تەۋەسىگە زىيان يەتكۈزگۈچى ئادەملەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى زىيان تارتقۇزۇشنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: 1) دۇنيادا ئۆزى توغرا يولدىن ئازغان ۋە ئائىلە تەۋەلىرىنى ئازدۇرغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تەۋەسىنىڭ دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، 2) ئۆزى ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن، لېكىن ئائىلە تەۋەسى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئائىلە تەۋەسى جەننەتكە كىرىدۇ، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى ئۆزىگە دوزاخقا تاشلىنىش ۋە ئائىلە تەۋەسىدىن ئايرىلىپ كېتىش زىيىنىنى، ئائىلە تەۋەسىگە جەننەتتە ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىش زىيىنىنى يەتكۈزگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ
بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! نېمىشقا مېنى بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن نەپەقە قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى، بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلەر! سەكراتقا چۈشۈپ «ئى مېنىڭ ئىگەم - ئاللاھ! ئەجىلىمنى ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرگەن بولساڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشى ئىش قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى، بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن ياخشى يوللارغا چىقىم قىلىڭلار؛ ھازىر ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا تائەت - ئىبادەتنى كۆپ قىلىۋېلىڭلار، قولۇڭلاردا ئىمكان بار ۋاقىتتا ئاللاھ يولىدا كۆپ پۇل - مال چىقىم قىلىۋېلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَنْ يُؤَخِّرَ اللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَاءَ أَجَلُهَا ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەجىلى توشقان ھېچ كىشىنى كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەجىلى توشقان ئادەمنى ھېچ كېچىكتۈرمەستىن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئۇنىڭغا بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىدۇ، ھېسابىنى ئېلىپ ئۇنى تېگىشلىك بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى