تەكاسۇر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: پەخىرلىنىش. ئاتىلىش سەۋەبى: مال-دۇنيا، پەرزەنتتىن پەخىرلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ
    تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى ئىنسانلار!) بايلىق ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى كۆپلۈك[1] بىلەن پەخىرلىنىش كاشىلا قىلدى، — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر مال - دۇنيا، بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىن - يورۇق ۋە تەرەپدار قاتارلىقلارنىڭ كۆپلۈكى، مەنسەپنىڭ يۇقىرىلىقى، يۈز - ئابرۇينىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش ۋە ئۇلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۆزئارا بەسلىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بەندىچىلىك ۋەزىپەڭلەرنى ئۇنتۇدۇڭلار، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا چولۇڭلار تەگمىدى، مەڭگۈلۈك بەختىڭلار ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋاقتىڭلار چىقمىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىدۇر، ئاخىرەت ھاياتى بولسا ھەقىقىي ھاياتتۇر. ئاخىرەتنىڭ مەنپەئەتىمۇ، زىيىنىمۇ دائىمىيدۇر ۋە مەڭگۈ باقىيدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بۇ دۇنيا ھاياتىغا ئالدىنىشتىن توسقان، خۇسۇسەن مۇئمىنلەرنى يۇقىرىدىكى مەشغۇلات بىلەن بولۇپ كېتىشتىن توسقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (102-سۈرە تەكاسۇر، 2-ئايەت) ئۆلۈم ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    حَتَّىٰ زُرْتُمُ الْمَقَابِرَ
    تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى ئۆلۈپ قەبرىگە كۆمۈلگۈچە غەپلەتتە قالدۇردى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ تاكى قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا قەدەر داۋاملاشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ بۇ بىھۇدە مەشغۇلاتىڭلار، سىلەر ئۆلۈپ قەبرەڭلارغا قويۇلغانغا قەدەر (زېمىنغا دەپنە قىلىنغىنىڭلارغا قەدەر) داۋاملاشتى. قاچانىكى ئۆلۈپ قەبرەڭلارغا قويۇلدۇڭلار، ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىڭلار. بۇ ئايەت ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك يۇرتىنىڭ قەبرىسى ئەمەسلىكى، قەبرىسى ئۇنىڭ ۋاقىتلىق زىيارەت قىلغان يېرى ئىكەنلىكى، قەبرىسىگە قويۇلغان ھامان ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەقىقەتلەرگە دالالەت قىلىدۇ. بۇنى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر بىلدۈرىدۇ، يەنە باشقا بىرقانچە ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
    راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار، (بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس، يېقىندا بىلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھەقىقىي بەخت - سائادەت مال - مۈلۈك ياكى بالا - چاقا بىلەن بولمايدۇ. قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئاللاھ تائالاغا يالغۇز ھېساب بېرىدۇ. كىشىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسە ئۇنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىمانى ۋە ياخشى ئەمىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «بىزنىڭ مال – مۈلكىمىزنىڭ ۋە بالا - چاقىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى بەختلىك بولغانلىقىمىزنى ۋە كەلگۈسىدە بەختلىك بولىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەندەك خاتا چۈشەنچەڭلاردىن، شۇنداقلا مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىشتىن يېنىڭلار، ئىمانىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار، ئۆزۈڭلارنى تۈزىتىڭلار ۋە ئەبەدىي ھاياتىڭلار ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تەييارلىق قىلىڭلار. چۈشەنچەڭلارنىڭ خاتا ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى يېقىندا يەنى قەبرەڭلارغا قويۇلغان چېغىڭلاردا بىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
    ئاندىن راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە دەپ قوياي، سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار، كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس[2]، يېقىندا بىلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھەقىقىي بەخت - سائادەت مال - دۇنيانىڭ ۋە ئەۋلادنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بولمايدۇ. بۇنى قەبرەڭلاردا بىر قېتىم بىلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا يەنە بىر قېتىم بىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ الْيَقِينِ
    ئەگەر سىلەر راستتىنلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەت شۇكى، ئەگەر سىلەر راستتىنلا بىلگەن بولساڭلار (غەپلەتتە قالماس ئىدىڭلار). — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس[3]، ئەگەر ھەقىقىي بىلگەن بولساڭلار[4].‏ — ئەنەس ئالىم

    مېڭىۋاتقان يولۇڭلار توغرا ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇ يولدىن يېنىڭلار. مال - مۈلۈكنىڭ ۋە بالا - چاقىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش بىلەن ئۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بەسلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنى قەبرەڭلاردا بىلىسىلەر، قىيامەت كۈنى ھەقىقىي بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر مەزكۇر ئاقىۋەتنى ھازىر دۇنيادا ھەقىقىي بىلگەن بولساڭلار، ئۇنداق قىلمايتتىڭلار، يەنى ئۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ ئاخىرەتلىكىڭلارغا سەل قارىمايتتىڭلار؛ ئۆلۈپ قەبرىڭلارنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا قەدەر مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقاڭلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىشنى تەرك ئېتەتتىڭلار، شۇنداقلا دەرھال تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتقان بولاتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. لَتَرَوُنَّ الْجَحِيمَ
    سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر، — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخنى كۆرىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئازغۇنلۇقىدىن تەۋبە قىلماي ئۆلگەنلەر ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخنى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ، ئۆلۈمى ئەسناسىدا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا «بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دېگەن مەنىدىكى سۆزى ۋە «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار» دېگەن مەنىدىكى سۆزى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ توپان بالاسىدا ھالاك بولغاندىن كېيىنلا ئوتقا كىرگۈزۈلۈشىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى، فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئەتىگەن - ئاخشام ئوتقا توغرىلىنىشىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى قاتارلىقلار بۇنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (102-سۈرە تەكاسۇر، 7-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى شەكسىز ئىتىقاد
    ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ الْيَقِينِ
    ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    كۆرگەندىمۇ چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھقا دوزاخ كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنى ھەر كىشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا كىرىپ ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلار بەكرەك كۆرىدۇ. بۇ كۆرۈش ئۇنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن كۆرۈشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (102-سۈرە تەكاسۇر، 8-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ
    ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن نېمەتلەر توغرۇلۇق بۇ كۈندە سوراققا تارتىلىسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇ كۈندە نېمەتلەردىن سورىلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    «نېمەت» - ئىنسانغا راھەت - پاراغەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەت بېغىشلايدىغان ھەر نەرسە دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ۋە نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنى پەرز قىلغان. شۈكۈر - نېمەت ئاتا قىلغۇچىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىمان بىلەن ئېيتىلغان چىرايلىق سۆز ياكى قىلىنغان ياخشى ئەمەلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر نېمەت ئەسلىدە مەسئۇلىيەتنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. نېمەت كۆپەيگەنسېرى شۈكۈرنى كۆپەيتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىش تۇزكورلۇق ۋە غاپىللىق بولۇپ، يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. «نېمەتتىن سورىلىش» - يوقتىن ياراتقاندىن كېيىن ساڭا لازىملىق ھەر نەرسە بېرىلدى، بۇنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەمىر - پەرمانلار بىلدۈرۈلدى، سەن ئۇلاردىن قىلىشىڭ كېرەك بولغانلىرىنى ئادا قىلدىڭمۇ؟ ساقلىنىشىڭ كېرەك بولغانلىرىدىن ساقلاندىڭمۇ؟ دېگەن مەنىدىكى سوئاللارنىڭ سورىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى