تالاق سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 12 ئايەتمەنىسى: تالاق. ئاتىلىش سەۋەبى: تالاققا دائىر ئەھكاملار بايان قىلىنغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ ۖ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ ۚ لَا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَٰلِكَ أَمْرًا
ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ
ئى پەيغەمبەر! سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە -لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە- تالاق قىلىڭلار ۋە ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن، ئوچۇق پاھىشە قىلغان بولسا، بۇ مۇستەسنا، ئەنە شۇ ئاللاھ بەلگۈلىگەن چەك-چىگرىلاردۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ چەك-چىگرىلىرىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن نېمىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى سەن بىلمەيسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى نەبىي! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن. ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم
ئى پەيغەمبەر ۋە ئى پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىتى! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتىدىن ھېسابلىنىدىغان پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىڭلار، تالاق قىلىغىنىڭلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىددىتىنى ساناڭلار، ئۆزۈڭلارنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئىگەڭلار - ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىڭلارنى ئىددىتى توشۇپ بولغۇچىلىك ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن تۇتقان ئۆيلەر، ئىددىتى توشۇپ بولغۇچىلىك ئۇلارنىڭمۇ ئۆيلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارمۇ ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇ ئۆيلەردىن چىقىپ كەتمىسۇن. ناۋادا ئۇ ئاياللار قەبىھلىكى ئېنىق بىرەر قەبىھ ئىش قىلغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلارغا بەلگىلەنگەن جازانى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىرىشقا، ئۇلارنىڭمۇ چىقىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ ئەر ئايالىنى تالاق قىلغاندىن كېيىن تالاق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىش ئىددەت ئەسناسىدا يوق بولۇشى، ئايالىدىن نەپرەت قىلىپ تالاق قىلغان بولسا قايتا ياخشى كۆرۈشى، شۇنداقلا تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن يارىشىپ قىلىشى مۇمكىن. تالاقتىن كېيىن ئايالنىڭ شۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ھېكمىتى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. ئەسكەرتىش: تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلىدە زىنا ۋە ئوغرىلىقتەك بىرەر قەبىھ ئىش قىلىپ بۇ ئىشنى قىلغانلىقى دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇنى ئىددىتى توشمىسىمۇ ئۆيدىن چىقىرىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، تالاق قىلىنغان ئايال، ئېرىگە ياكى ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ئاغزى يامانلىق. قوپاللىق ۋە بىشەملىك قاتارلىق قەبىھلىكى سەۋەبىدىنمۇ ئۆيدىن چىقىرىلسا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِنْكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ۚ ذَٰلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار. (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، يا ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار، -يېنىشقان ياكى ئاجراشقان چېغىڭلاردا- ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار، خۇدالىق ئۈچۈن توغرا گۇۋاھ بولۇڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ، كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا ئۇلارنى مەئرۇف[1] بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن مەئرۇف بويىچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى قىلىپ بېرىدۇ — ئەنەس ئالىم
ئى ئەرلەر! سىلەر تالاق قىلىپ ئۆيۈڭلاردا ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئاياللىرىڭلار ئىددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقان چاغدا، ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار، يەنى تالىقىڭلاردىن يېنىپ ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىڭلار، ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. تالاق قىلغان، تالاقتىن يانغان ۋە ئايرىلغان چاغلىرىڭلاردا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئى گۇۋاھچىلار! گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىلغان چېغىڭلاردا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن چاقىرىلغان يەرگە كېلىپ توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھتىن قورقۇپ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە چىقىش يولى قىلىپ بېرىدۇ؛ قىيىنچىلىقتىن ئاسانچىلىققا چىقىرىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ ۚ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ ۚ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا
ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن بىر پىرىنسىپ قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن ئۆلچەم بەلگىلىدى. — ئەنەس ئالىم
ھەمدە ئاللاھ ئۇ كىشى ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭغا رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىل بويسۇنۇپ، ئاندىن نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر، ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن ئۆلچەم بەلگىلىدى؛ ھەر ئىشنىڭ ۋاقتىنى، مىقدارىنى ۋە شەكلىنى ئۆزى بېكىتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّائِي يَئِسْنَ مِنَ الْمَحِيضِ مِنْ نِسَائِكُمْ إِنِ ارْتَبْتُمْ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَاثَةُ أَشْهُرٍ وَاللَّائِي لَمْ يَحِضْنَ ۚ وَأُولَاتُ الْأَحْمَالِ أَجَلُهُنَّ أَنْ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ ۚ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًا
ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر، تېخى ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى بولسا، بوشىنىش بىلەنلا تۈگەيدۇ، كىمكى ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن چىقىش يولى قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا گۇمان قىلمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەيزدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئاياللىرىڭلار، ئەگەر شۈبھىلەنسەڭلار ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەن ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىددىتىمۇ ئاشۇنداقتۇر. ھامىلىدار ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىددىتى بالىلىرىنى تۇغقان چاغدا توشىدۇ. كىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىغا ئاسانلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەرلەر! تالاق قىلغان چېغىڭلاردا ھەيز كۆرىدىغان ئاندىن ياشانغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ھەيزى توختىغان ۋە ھەيزىنىڭ قايتا كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىددىتى توغرىسىدا شۈبھىلەنسەڭلار ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيزدىن توختىغان، ھەيز كۆرمىگەن، (يەنى ھەيز كۆرىدىغان ياشتا تۇرۇقلۇق ئادەتتە ھەيز كۆرمەيدىغان) ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىددىتىمۇ ئاشۇنداق ئۈچ ئايدۇر. ھامىلىدار ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىددىتى بالىلىرىنى تۇغقان چاغدا توشىدۇ. كىم ئاللاھتىن قورقۇپ ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ أَمْرُ اللَّهِ أَنْزَلَهُ إِلَيْكُمْ ۚ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا
ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر، كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ئەمرىدۇر. كىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرى بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبىرى ئارقىلىق سىلەرگە چۈشۈردى. كىم ئاللاھتىن قورقۇپ ئۇ ھۆكۈملەرگە رىئايە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۈيۈك مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىچە: 1) تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايال ئىددىتىدىن ھېسابلىنىدىغان پاكلىق ئىچىدە بولۇشى لازىم، 2) تالاقتىن كېيىن ئايالنىڭ ئىددىتىنى ئەرنىڭ سانىشى لازىم، 3) ئەرنىڭ ئايالنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكى لازىم، 4) ئايال ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغان ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەسلىكى، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توغرۇلۇق ئېرىگە توغرا مەلۇمات بېرىشى لازىم؛ ھەيز كۆرگەنلىكىنى، ھەيزدىن پاكلانغانلىقىنى ياكى بويىدا بارلىقىنى يوشۇرۇشى ھارام بولىدۇ. 5) ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە ئېرى خالىسا تالاقتىن يېنىۋالسا بولىدۇ، ناۋادا يانمىغان بولسا ئايالنىڭ ئىددىتى توشاي دېگەندە خالىسا يېنىپ ئايالى بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ قالىدۇ، خالىسا ئۇنىڭدىن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىدۇ. 6) ئەرنىڭ ئايالغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئىددىتىنى ئۇزارتىش نىيىتى بىلەن تالىقىدىن يېنىشى توغرا بولمايدۇ. «چىرايلىقچە يارىشىش»نىڭ مەنىسى، ئەر - خوتۇنلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئائىلىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى بىلەن دېمەكتۇر. «چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىش» بولسا، ئايالغا ھېچقانداق ھەقسىزلىق قىلماستىن دېگەن بولىدۇ. 7) ئەرنىڭ تالاق قىلىش، تالاقتىن يېنىش، ئايرىلىش ئەسناسىدا ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلىشى كېرەك. ئەسكەرتىش: بىرىنچى ئايەتتىكى «لِعِدَّتِهِنَّ - ئىددەت تۇتۇشىغا قولاي پەيتتە» دېگەن ۋاقىت تولدۇرغۇچى، ھەيز كۆرىدىغان ئايال ئۈچۈن ئېرى بىلەن بىر يەردە بولمىغان پاكلىق ئىچىدىكى چاغدا دېگەن بولىدۇ. ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال ۋە ھامىلىدار ئاياللار ھەر دائىم «ئىددەت تۇتۇشىغا قولاي پەيتتە» ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئەر ھەيز كۆرىدىغان ئايالىنى. ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولمىغان پاكلىقى ئىچىدە، ھەيز كۆرمەيدىغان ياكى ھامىلىدار ئايالىنى خالىغان چېغىدا تالاق قىلالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۆۋەندىكى شەكىلدە چىقىدۇ: 1) ئادەتتە ھەيز كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى، تالاق قىلىنغان چېغىدىكى پاكلىقتىن كېيىن ئىككى قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلىنىشى ۋە، ئىككىنچى قېتىملىق پاكلىق ئاخىرلىشىپ ئۈچىنچى قېتىملىق ھەيزنىڭ باشلىنىشى بىلەن چىقىدۇ. 2) ئادەتتە ھەيز كۆرمەيدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى تالاق قىلىنغان چېغىدىن باشلاپ ئۈچ ئاينىڭ ئۆتىشى بىلەن چىقىدۇ. 3) ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغۇشى بىلەن چىقىدۇ. ئەسكەرتىش: ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئېرى ئۆلۈپ قالغاندىن تارتىپ تۆت ئاي ئون كۈن ئۆتۈشى بىلەن چىقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنْتُمْ مِنْ وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ ۚ وَإِنْ كُنَّ أُولَاتِ حَمْلٍ فَأَنْفِقُوا عَلَيْهِنَّ حَتَّىٰ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ ۚ فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ ۖ وَأْتَمِرُوا بَيْنَكُمْ بِمَعْرُوفٍ ۖ وَإِنْ تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهُ أُخْرَىٰ
ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار). ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار. ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار. ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بوشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالىلىرىڭلارنى ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئېمىتىش ھەققىنى بېرىڭلار، ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايلاردا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار. ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بالىلىرىنى تۇغقانغا قەدەر ئۇلارغا نەپىقە بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالا ئېمىتسە، ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى بېرىڭلار. ئۇلار بىلەن ئۆز ئاراڭلاردا مەئرۇف بىلەن كېلىشىڭلار. ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلار بالىنى ئاتىسى ئۈچۈن باشقا بىر ئايال ئېمىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۆزۈڭلار تالاق قىلغان ۋە ئۆزلىرى ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئاياللىرىڭلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلارنىڭ بىر قىسمىدا تۇرغۇزۇڭلار، ئۇلار ئىددىتى توشۇپ بولغۇچىلىك سىلەرنىڭ ھۇجراڭلارنىڭ يېنىدىكى ھۇجرىلارنىڭ بىرىدە يېتىپ - قوپسۇن. ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار، ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيگە ئەشيا قويۇش، باشقا بىر كىشىنى ئۇ ئۆيدە تۇرغۇزۇش، تۇرمۇش لازىمەتلىكىنى قىسىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە زورلىماڭلار. ئەگەر ئۇ ئاياللار ھامىلىدار بولسا، بالىلىرىنى تۇغقانغا قەدەر ئۇلارغا نەپىقە بېرىڭلار؛ ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالا ئېمىتسە، ئۇلارغا بالاڭلارنى ئېمىتكەن ھەقلىرىنى بېرىڭلار. ئۇلار بىلەن ئۆز ئاراڭلاردا چىرايلىقچە (بىر - بىرىڭلارغا يول قويۇپ، كەڭ قورساق بولۇپ) كېلىشىڭلار. ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلار بالىنى ئاتىسى ئۈچۈن باشقا بىر ئايال (ئىنىكئانا) ئېمىتىدۇ؛ ئەر بىرەر ئىنىكئانا تېپىپ ئۇنىڭ بالىنى ئېمىتىش ھەققىنى دېيىشىپ، بالىنى شۇ ئايال ئېمىتىپ بېقىپ بېرىدۇ، ئەر بۇ ئايالنىڭ ھەققىنى دېيىشكەن بويىچە تۆلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ ۖ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ ۚ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا ۚ سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا
باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن. ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رىزقى كەڭ كىشى، كەڭ رىزقىغا قارىتا نەپىقە بەرسۇن، رىزقى تار قىلىنغان كىشى، ئۆزىگە ئاللاھ بەرگەن نەرسىگە قارىتا نەپىقە بەرسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى ئۆزى ئۇنىڭغا بەرگىنىدىن باشقىسىغا تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تەسلىكتىن كېيىن ئاسانلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بالىنىڭ ئاتىسى قول - ئىلكىدە بار ئادەم بولسا، بالىنىڭ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا نەپىقە بەرسۇن، ناۋادا ئۇ كىشى يوقسۇل ئادەم بولسا، ئۇ ئايالغا ئۆزىگە ئاللاھ بەرگەن ئىقتىسادىي ئەھۋالغا قارىتا نەپىقە بەرسۇن. ئاللاھ ھەر كىشىگە ئۆزى بەرگەن ئىمكان دائىرىسىدە مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. ئاللاھ تارچىلىقتىن كېيىن كەڭچىلىك، تەسلىكتىن كېيىن ئاسانلىق، قىيىنچىلىقتىن كېيىن مەمۇرچىلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ عَتَتْ عَنْ أَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِ فَحَاسَبْنَاهَا حِسَابًا شَدِيدًا وَعَذَّبْنَاهَا عَذَابًا نُكْرًا
نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى رەببىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىسى رەببىنىڭ ئەمرىدىن ۋە رەببىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
(8-9) نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىلىرى بار ئىدى، ئۇلار بىزنىڭ ئەمرىلىرىمىزگە بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئەلچىلىرىمىزگە قارشىلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنچىكىلەپ ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئازاب بىلەن ئازابلىدۇق. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسى زىيان تارتىش بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَذَاقَتْ وَبَالَ أَمْرِهَا وَكَانَ عَاقِبَةُ أَمْرِهَا خُسْرًا
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى — مۇھەممەد سالىھ
نەتىجىدە ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىنلا ئىبارەت بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى زىياندىن ئىبارەت بولدى. — ئەنەس ئالىم
-
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ قَدْ أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكُمْ ذِكْرًا
ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارغا يەنە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرگە زىكىر نازىل قىلدى — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلەر! ھالاك قىلىنغان ئۇ ئاھالىلەرنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادا چەككەن ئازاب بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھ ئۇلارغا دوزاختا قاتتىق ئازابمۇ تەييارلىدى. ئۇنداقتا، سىلەر ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رَسُولًا يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِ اللَّهِ مُبَيِّنَاتٍ لِيُخْرِجَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ قَدْ أَحْسَنَ اللَّهُ لَهُ رِزْقًا
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زۇلمەتتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (ئاللاھ) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى سىلەرگە، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى ئېنىق بايان قىلىدىغان ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىسىنى ئەۋەتتى. كىم ئۇ ئەلچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ قۇرئان ئارقىلىق ۋە ئۇ ئەلچىسى ئارقىلىق كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۇ باغچىلاردا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قېلىپ ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتتە پۈتمەس - تۈگىمەس ۋە ئۈزۈلمەس رىزىق ئاتا قىلىدۇ. قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقارغۇچى ئاللاھ تائالا، سەۋەبچىسى پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن «چىقىرىش» پېئىلىنىڭ پائىلى بەزى ئايەتلەردە «ئاللاھ»، بەزى ئايەتلەردە «پەيغەمبەر» بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى «چىقىرىش» پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى) «ئاللاھ» بولغاندا «ئىسناد (ئىگە - خەۋەر مۇناسىۋىتى)» ھەقىقىي، «پەيغەمبەر» بولغاندا «ئىسناد (ئىگە - خەۋەر مۇناسىۋىتى» مەجازىي (كۆچمە مەنىدە) بولغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىندىنمۇ ئاسمانلارنىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىندىنمۇ ئۇ يەتتە ئاسماننىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەمر چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ۋە زېمىندىن ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئۆز ئەمرىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ھۆكمىنى ئىجرا قىلىپ تۇرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ياراتتى ۋە ئەنە شۇنداق باشقۇرۇپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى