ئىنشىراھ سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: ئېچىۋېتىش. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئېچىۋېتىپ، دىلىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۈچۈن كۆكسىڭنى ئېچىپ كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ كۆكسۈڭنى كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردىكى سوراق مۇقەررەرلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، يەنى «بىز سېنىڭ كۆكسۈڭنى كەڭ قىلدۇق» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ «كەڭ قىلىش» كۆكسىدىكى (دىلىدىكى) سىقىلىش، تېڭىرقاش ۋە بىئاراملىقنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى ھېكمەت بىلەن يورۇتۇش، مەرىپەت بىلەن كېڭەيتىش ۋە ھىدايەت بىلەن خاتىرجەم قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ
    سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    سېنىڭ ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەندىن ئېغىر يۈكۈڭنى ئېلىپ تاشلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (2-3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىنى ئېگىۋەتكەن ۋە ئاللاھ تائالا ئىلتىپات قىلىپ ئۈستىدىن ئېلىپ تاشلىۋەتكەن «ئېغىر يۈك»نىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا تەپسىرلەردە بىرقانچە كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن، بۇ سۈرىنىڭ زۇھا سۈرىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز ئىچىدىكى پۈتۈنلۈكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆزقاراش تۆۋەندىكىچە: 1) قەۋمىنىڭ ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە باشقا يامان ئادەتلىرىگە قاراپ چەككەن روھى ئازابنىڭ ۋە بۇ ھەقتە قولىدىن بىرەر ئىش كەلمەسلىكتىن ھېس قىلغان بېسىمنىڭ، ۋەھىي نازىل قىلىنىش بىلەن ئېلىپ تاشلىنىشى. 2) ۋەھىينى ئەقىلدە تۇتۇشنىڭ تەسلىكى، ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئىشنىڭ زورلۇقى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇلارنى پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھېس قىلغان، لېكىن ئاللاھ تائالا بۇنى ئاسانلاشتۇرغان: قۇرئاننى يادلاشنى ئاسانلاشتۇرغان، قۇرئاننى ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئاسانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى يەڭگىللەتكەن ۋە ئىشىنى ئوڭايلاشتۇرغان. بۇ يەردىكى «ئېغىر يۈك»نىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ دۇئاسىمۇ تەكىتلەيدۇ: ﴿... رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي ٢٥ وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي٢٦﴾ - «رەببىم! كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن. ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن»، چۈنكى بۇ دۇئادا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكسىنى كەڭ قىلىش بىلەن ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش، بۇ سۈرىدە (شەرھ سۈرىسىدە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكسىنى كەڭ قىلىش بىلەن ئېغىر يۈكىنى ئۈستىدىن ئېلىپ تاشلاش بىرلىكتە زىكىر قىلىنغان (ۋەللاھۇ ئەلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ
    سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېغىر يۈك بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يۈك بىلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  4. وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
    سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭدەك، بىز سېنىڭ شەنىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «نام - شۆھرىتىنىڭ ئۈستۈن قىلىنىشى» - ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردا زىكىر قىلىنىشى ۋە كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارەت بېرىلىشى، «كەلىمە شاھادەت»تە ئىسمىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان دەۋىتىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولۇشى، قۇرئاندا ئەخلاقىنىڭ ماختىلىشى، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىشى، مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئىنايەت تىلەشكە بۇيرۇلۇشى، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ ئاللاھنى سۆيگەنلىكنىڭ ئالامىتى قىلىنىشى، مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا ئەدەپلىك بولۇشقا بۇيرۇلۇشى، قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، بىر سۈرىنىڭ (47 - سۈرىنىڭ) ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىشى، ئۇنىڭ ئاياللىرىنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى ھېسابلىنىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
    ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    دېمەككى، ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق بار. — ئەنەس ئالىم

    ھازىر قەۋمىڭنىڭ قارشى چىقىشىدىن ئىبارەت تەسلىكتىن ئىلگىرى بىز ساڭا كۆكسۈڭنى كەڭ قىلىش، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىش ۋە نام - شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلىش قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلدۇق. دېمەككى، ھەر تەسلىك بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
    ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە يەنە بىر ئاسانلىق بار. — ئەنەس ئالىم

    ساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىمىز بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. ھازىر سەن چېكىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە تەسلىكتىن ئىلگىرى ساڭا نېمەتلەر ئاتا قىلغىنىمىزدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ساڭا كۆپ نېمەت ئاتا قىلىمىز، دىنىڭ پۈتۈن دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، نامىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىدۇ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 7-ئايەت) نەپلە ناماز ئاللاھقا ئىتائەت
    فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ
    (ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ ئۈچۈن بوشىغان چېغىڭدا دەرھال تىرىشقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا بىر ئىشتىن بوشىغان چېغىڭدا، يەنە بىر ئىشقا كىرىشكىن. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە كەلگۈسى ھەققىدە خۇش خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئايەتتە ۋە بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى (8 -) ئايەتتە ئۇنىڭغا قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بايان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ۋەزىپەڭ ئېغىر، كۈندۈزى ئالدىراش بولۇپ كېتىسەن، چۈنكى ئىشلىرىڭ كۆپ ۋە بىر - بىرىدىن مۇھىم. شۇڭلاشقا بىر ئىشتىن بىكار بولساڭ يەنە بىر ئىشقا كىرىشكىن، ۋاقتىڭنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلار بىلەن ئۆتسۇن. مەسىلەن: كۈندۈزى كۈندىلىك ئىبادەتتىن بىكار بولساڭ، دەۋەت، تەبلىغ ۋە نەسىھەت قىلىشقا كىرىشكىن، تەلىم - تەربىيە ۋە يېتەكلەش بىلەن بولغىن. كۈندۈزى بۇلاردىن بىكار بولساڭ، كېچىسى نامازشام، خۇپتەننى ئۆتەپ بىرئاز ئۇخلاپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئۆتىگىن ۋە ئىستىغپار ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَبْ
    پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە رەببىڭگە يۈزلەنگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەقەت رەببىڭگە يۆنەلگىن. — ئەنەس ئالىم

    ئىبادەت، تەبلىغ، دەۋەت، تەلىم - تەربىيە ۋە باشقا پۈتكۈل ئىشلىرىڭنى پەقەت ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغىن، نېمە تىلىسەڭ ئاللاھتىن تىلىگىن، پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نېمەتلەرنى ئارزۇ قىلغىن ۋە ئۇنىڭغىلا قىزىققىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى