مائۇن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 7 ئايەت
مەنىسى: قولقا. ئاتىلىش سەۋەبى: كىشىلەرگە پالتا، كەكە، يىپ-يىڭنە... چاغلىق نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەيىپلەنگەن
  1. (107-سۈرە مائۇن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ
    دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد! مۇكاپات ۋە جازا بېرىلىدىغان) قىيامەت كۈنىنى يالغان دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟[1]

  2. (107-سۈرە مائۇن، 2-ئايەت)
    فَذَٰلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ
    ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر

    ئۇ ئادەم يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر [2ـ3].

  3. (107-سۈرە مائۇن، 3-ئايەت)
    وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
    ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر

    ئۇ ئادەم يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر [2ـ3].

  4. (107-سۈرە مائۇن، 4-ئايەت)
    فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ
    شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر

    نامازنى بىپەرۋالىق بىلەن ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! [4ـ5].

  5. (107-سۈرە مائۇن، 5-ئايەت)
    الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ
    شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر

    نامازنى بىپەرۋالىق بىلەن ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! [4ـ5].

  6. (107-سۈرە مائۇن، 6-ئايەت)
    الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ
    نامازنى رىيا قىلىدىغانلاردۇر

    ئۇلار رىياكارلىق قىلىدىغان، نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆتنە-يېرىم قىلمايدىغان كىشىلەردۇر [6-7].

  7. (107-سۈرە مائۇن، 7-ئايەت)
    وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ
    ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ

    ئۇلار رىياكارلىق قىلىدىغان، نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆتنە-يېرىم قىلمايدىغان كىشىلەردۇر [6-7].