مائۇن سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 7 ئايەتمەنىسى: قولقا. ئاتىلىش سەۋەبى: كىشىلەرگە پالتا، كەكە، يىپ-يىڭنە... چاغلىق نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەيىپلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ
دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! مۇكاپات ۋە جازا بېرىلىدىغان) قىيامەت كۈنىنى يالغان دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
دىننى يالغان دەۋاتقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
«دىننى»- ئاللاھقا دىننىڭ ھېسابىنى بېرىشنى، ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىلىدىغانلىقىنى دېمەكتۇر. «دىن» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا 1 - سۈرە (فاتىھە)نىڭ 4 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَذَٰلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ
ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئادەم يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق كىشىكى يېتىمنى دۆشكەلەيدۇ، — ئەنەس ئالىم
يېتىمگە ياخشىلىق قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. يېتىمگە قوپال مۇئامىلە قىلىش، يامانلىق قىلىش ۋە بېشىنى سىلىماسلىق «دىننى يالغان» دېيىشنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
مىسكىنگە تائام بېرىش ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا تەرغىب قىلىش «دىننى قوبۇل قىلىش»نىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ
شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
نامازنى بىپەرۋالىق بىلەن ئوقۇيدىغان — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق ناماز ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋايكى، — ئەنەس ئالىم
ناماز ئىسلامنىڭ بىر ئەركانىدۇر. نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش پەرزدۇر. نامازنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى تەلەپكە لايىق ئۆتەشتۇر. بۇ ئايەتتە، يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن نامازخانلار، نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەن، نامازنىڭ شەرتلىرىگە تولۇق رىئايە قىلمىغان، نامازنىڭ ئەركانلىرىنى، بولۇپمۇ نامازنىڭ ئاساسلىق ئەركانى بولغان «ئاللاھنى زىكىر قىلىش»نى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلمىغان نامازخانلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ
شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار نامازلىرىدىن غاپىل كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
«نامىزىدىن غاپىل كىشىلەر» - نامىزىنىڭ رۇكۇئـ ۋە سەجدىلىرىنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمايدىغان، تىلى نامازدا ئايەت ياكى زىكىر- تەسبىھ ئوقۇۋاتقاندا دىلى دۇنيالىق ئىشلارنى ئويلايدىغان، نامازدا كۆزى ئەتراپنى سەيلە قىلىدىغان ياكى قولى ساقال - بۇرۇتى ۋە كىيىم كېچىكى بىلەن ئوينايدىغان نامازخانلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ
نامازنى رىيا قىلىدىغانلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار رىياكارلىق قىلىدىغان، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى رىيا قىلىدۇ — ئەنەس ئالىم
ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىنىشى يەنى پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىنىشى شەرتتۇر. رىياكارلىق مۇنافىقلارنىڭ سۈپىتىدۇر ۋە ئىخلاسقا خىلاپتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ
ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆتنە-يېرىم قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئاز نەرسىنى[1] مەنئى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ يەردە «خەير - ئېھسان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مائۇن - الماعون»دۇر. بۇ كەلىمە «سۇنىڭ ئاسان ئېقىشى» دېگەن مەنىدىكى «مەئن - معن» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنىسى «ئاز نەرسە، بېرىش ئېغىر كەلمەيدىغان نەرسە» دېگەن بولىدۇ. تەپسىرلەردە بۇ كەلىمىگە «زاكات ياكى پالتا - كەكە، قازان - قومۇچ ۋە قاچا - قۇچىغا ئوخشاش... ئىنسانلار ئۆزئارا ئۆتنە ئېلىپ پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر ۋە ياكى سۇ، تۇز ۋە سەرەڭگىگە ئوخشاش... بىر - بىرىدىن سوراپ ئىشلىتىدىغان ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەر» دېگەن مەنىلەر بېرىلىدۇ. بىزنىڭچە، «مائۇن» كەلىمىسى زاكات ۋە باشقا بارلىق ماددى ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مائۇننى مەنئى قىلىش» بولسا، 9 - سۈرە (تەۋبە)نىڭ، 54 - ئايىتىدىكى «مال چىقىم قىلماسلىق»قا ئوخشاش ئومۇمىي ئىپادە بولۇپ، زاكات بەرمەسلىك، سەدىقە قىلماسلىق، ئىئانە قىلماسلىق، ياردەم بەرمەسلىك، موھتاجنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بەزى ئايەتلەردە ناماز ئۆتەش بىلەن زاكات بېرىش بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ، بەزى ئايەتلەردە ناماز ئۆتەش بىلەن مال چىقىم قىلىش بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا نامازغا سەل قاراش ۋە رىيا قىلىش بىلەن «مائۇننى مەنئى قىلىش» بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەلىمىگە ئومۇمىي ئىپادە بولغان «ئاز نەرسە، خەير - ئېھسان» دەپ مەنە بېرىش مۇۋاپىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى