مەسەد سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەتمەنىسى: چىگە. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەبۇ لەھەبنىڭ سۇخەنچى خوتۇنىنىڭ بوينىدا چىگىدىن ئېشىلگەن ئارغامچا بولدىغانلىقى سۆزلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە) قۇرۇپ كەتتى. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى ھالاك بولدى، ئۆزىمۇ ھالاك بولدى[1]. — ئەنەس ئالىم
ئەبۇ لەھەب - ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئوغلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھنىڭ ئاتا بىر قېرىندىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئابدۇلئۇززا» بولۇپ، يۈزى پارقىراق بولغانلىقى ياكى ئاچچىقلانغان چېغىدا ئىككى مەڭزى قىزارغانلىقى ئۈچۈن ئاتىسى ئۇنىڭغا «يالقۇن ئاتىسى» مەنىسىدە «ئەبۇ لەھەب» دېگەن لەقەمنى بەرگەن. ئۇ ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ھەتتا ئىككى ئوغلىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى، لېكىن ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلاندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تەڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىگە قارىتا باھالىنىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئەبۇ لەھەب بولسا كىبىرلىك، مەغرۇر ۋە باي بىرى بولۇپ، پېقىر ۋە ئاجىز ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە تەڭ قىلىنىشىنى قوبۇل قىلالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغىلى بىر يەرگە بارسا ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ دەۋەتىدىن كېيىن «مۇھەممەد يالغانچى، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار!» دەيتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت قىلىشتا ئۇنىڭ ئەڭ ۋەھشىي دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن چېكىنمەيتتى، ئۆيى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن پات - پات ئۇ ئۆيگە تاش ئاتاتتى، باشقىلارغا تاش ئاتقۇزاتتى، ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ھەر تۈرلۈك نىجاسەتلەرنى ئېتىپ قوياتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەبۇ لەھەب ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى چېچەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا قارشى «بەدر» ئۇرۇشىغا قېتىلمىغان، لېكىن ئورنىغا ئادەم ئەۋەتكەن، شۇنداقلا مۇشرىكلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان. ئۇ، قۇرەيشنىڭ «بەدر» مەغلۇبىيىتىنى ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرغان، شۇنداقلا يەتتە كۈندىن كېيىن ئىچ پۇشۇقىدىن ئۆلگەن. چېچەك كېسىلىنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئائىلىسىدىن ھېچكىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغان ۋە مەككىدە ياشايدىغان سۇدانلىقلارغا ھەق بېرىپ دەپنە قىلدۇرۇۋەتكەن. «ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى ھالاك بولسۇن!» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «تەببەت يەدا ئەبى لەھەب - تَبَّتْ يدا أبي لهب» جۈملىسى مەجاز (كۆچمە مەنىدىكى سۆز) بولۇپ، دۇئايىبەت قىلىش (قارغىش)نى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئىپادە قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۆتىدۇ. «ھالاك بولدى - تەببە (تبّ)» پېئىلى دۇئايىبەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدىنئالا بەرگەن خەۋىرى بولۇپ، ئەينەن مەيدانغا كەلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا أَغْنَىٰ عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ
ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى (بالىلىرى) ئەسقاتمىدى. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا مېلى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا مال - مۈلۈك، بالا - چاقا، ئەمەل - سەلتەنەت ۋە ئىناۋەت - ئابرۇي قاتارلىقلارنىڭ ھېچبىرى ئەسقاتمايدۇ، جۈملىدىن ئەبۇلەھەبكىمۇ ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پەقەت پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئەسقاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئوتىغا كىرىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يېقىندا يالقۇنلۇق ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا 4 - سۈرە نىسانىڭ 56 - ئايىتىدە پۈتۈن كافىرلارنى ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلاپ كۆيدۈرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئەبۇ لەھەبنىڭ دوزاخقا كىرىپ كۆيىدىغانلىقىنى ئالاھىدە بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى تۇرۇپ، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىمەي ۋە دۈشمەنلىرىگە قارشى قوغدىماي، ئەكسىچە خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ دوزاخقا كىرىپ كۆيىدىغانلىقى بۇ يەردە ئالاھىدە بىر قېتىم بىلدۈرۈلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ
ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى خوتۇنىمۇ ئۇ ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەبۇ لەھەبنىڭ خوتۇنى - ھەربنىڭ قىزى ۋە ئەبۇ سۇفياننىڭ ھەمشىرىسى «ئۇممۇ جەمىل ئەۋرا (ئالىغاي كۆز)» دېگەن ئايال بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك قىلىشتا ئېرىدىن قېلىشمايتتى. ئۇنىڭ «ئوتۇن توشۇغۇچى» دەپ سۈپەتلىنىشىنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت قىلىش ئۈچۈن تىكەنلىك شاخ - شۇمبىلارنى يىغىپ، ئۇنىڭ يولىغا تاشلاپ قويغۇچى دېگەن ھەقىقىي مەنىدە بولۇش ئېھتىمالى بار. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلغۇچى، گەپ توشۇغۇچى ۋە پىتنە - ئىغۋا تارقاتقۇچى دېگەن مەجازىي مەنىدە بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ
ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بوينىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان شۇ ئوتقا) كىرىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ خوتۇننىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
«ئۇ خوتۇننىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بار». تەپسىرلەردە بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۈچ ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ: 1) ئۇ خوتۇننىڭ بوينىدا ناھايىتى قىممەتلىك بىر بويۇنچىقى بار بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى: «لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ بويۇنچىقىمنى مۇھەممەدكە دۈشمەنلىك قىلىش يولىدا خەجلەيمەن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئۇ خوتۇنغا باشقا ئەھلى دوزاخلارغا قىلىنغان ئازابلارنىڭ ئوخشىشى قىلىنغاننىڭ سىرتىدا، ئۇ بويۇنچىقىنىڭ ئورنىغا ئوتتىن بىر بويۇنچاق تاقاپ قويۇلىدۇ. 2) ئۇ خوتۇننىڭ بىر ئارغامچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تىكەنلىك ئۆسۈملۈك ۋە شاخ - شۇمبىلارنى باغلاپ ئوتۇنچىلاردەك يۈدۈپ كېلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تاشلاپ قوياتتى. بۇ ئىپادە (ئايەت) ئۇ خوتۇننى، بۇ سۈپىتى بىلەن ئەيىبلەيدۇ. 3) بۇ ئىپادە ئۇ خوتۇننىڭ دوزاختىكى ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ئۇ خوتۇن دۇنيادا دۈمبىسىدە تىكەنلىك شاخلارنى توشۇيتتى، دوزاختىمۇ دوزاخنىڭ ئوتۇنلىرىنى توشۇيدۇ، بوينىدا ئوتتىن زەنجىرلەر بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى