جۇمۇئە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەت
مەنىسى: جۈمە. ئاتىلىش سەۋەبى: جۈمە نامىزىغا دائىر ئەھكاملار بار (9~11-ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ الْمَلِكِ الْقُدُّوسِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
    ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر، (ھەممە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھى مۇتلەقتۇر، ھەممە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھتۇر، پاكتۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    يەتتە ئاسمان ۋە ئۇلاردىكى پەرىشتىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر ، زېمىندىكى جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك نەرسىلەر، ھاۋادىكى قۇشلار، دېڭىزلاردىكى جانلىقلار... قاتارلىق بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ئاللاھقا تەزىم قىلدى، ئېھتىرام قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر؛ قىلماقچى بولغان ئىشىنى پۇختا پىلانلاپ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىدۇ، ياراتقان ھەر نەرسىسى ۋە قىلغان ھەر ئىشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىنىڭ چەكسىز، رەھمىتىنىڭ كەڭ ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. هُوَ الَّذِي بَعَثَ فِي الْأُمِّيِّينَ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئاللاھ ئۇممىيلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۈممىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان، ئۇلارغا كىتاب - قۇرئان - نى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۇممىيلار[1]غا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، كۆپچىلىكى ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان ئەرەب مىللىتىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ ئۇلارنى بۇزۇق ئەقىدە، يامان ئەخلاق ۋە يامان خۇيلاردىن پاكلايدۇ، ئۇلارغا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىپ توغرا ئاڭ، توغرا چۈشەنچە ۋە توغرا تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ ئەرەبلەر ئۇ ئەلچى كېلىشتىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَآخَرِينَ مِنْهُمْ لَمَّا يَلْحَقُوا بِهِمْ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ھەمدە (پەيغەمبەرنى) تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان (كېيىن كېلىدىغان) ئىككىنچى بىر قەۋمگە (يەنى قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارغا) ئەۋەتتى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى زامانداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئومۇمىيدۇر)، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمدە ئۇ پەيغەمبەرنى، تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان، ئۇلاردىن باشقا قەۋملەرگىمۇ ئەۋەتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇ ئەلچىنى ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ ئەۋەتتى. ئۇ باشقىلار تېخى ئۇلارغا قوشۇلمىدى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئۇ ئەلچىنى مەزكۇر ئەرەبلەردىن باشقىلارغىمۇ ئەۋەتتى. ئۇ باشقىلار تېخى ئۇلارغا قوشۇلمىدى، ئۇلار يېقىندا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ خالىغىنىنى خالىغىنى بويىچە يارىتىدۇ، ھەر ئىشىنى مۇكەممەل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر پىلانى پۇختا، ھەر سۆزى راست ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
    مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ئەلچىسىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرگە، قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارغا ئەۋەتىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىلتىپاتى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ ئىلتىپاتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك ئىلتىپات ئىگىسىدۇر. ھېكمەت - توغرا ئىلىم، پايدىلىق ئىلىم، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىلىم دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. توغرا ئىلىم پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدىلا مەۋجۇت. ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى تۈرلۈك ئايىتى بار: بىرى نازىل قىلغان ئايىتى، يەنە بىرى ياراتقان ئايىتى، شۇڭلاشقا ھېكمەت ھەم قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن ھەم كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىن ھاسىل قىلىدىغان توغرا ئىلىم بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر ئايەتتە ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ھېكمەت كىشىنى راست ئېيتىشقا ۋە توغرا ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ھېكمەت بېرىلگەن كىشى ھەر ئىشتا راستنى ۋە توغرىنى تاللايدۇ. ھەزرىتى لۇقمانغا بېرىلگەن ھېكمەت مانا مۇشۇنداق ھېكمەت ئىدى. بارلىق پەيغەمبەرلەرگە، جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ھېكمەت ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىنغان ئادىل ھۆكۈم، چىرايلىق نەسىھەت ۋە پايدىلىق ئىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆگىتىدىغان ھېكمەتنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ ھېكمەتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىدە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەردىن تاللاپ ئۇلارغا ئەۋەتكەندەك، ئۇنى قىيامەتكە قەدەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. بۇنى بۇ يەردىكى 3 - ئايەت ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ئى مۇھەممەد! سەندىن پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «كىمنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈك؟ جاۋاب: ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى! مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئاللاھ گۇۋاھچىدۇر. ئاللاھ ماڭا ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ قۇرئان ماڭا، سىلەرنى ۋە قىيامەتكە قەدەر بۇ قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىندى. دېمەككى، مەن سىلەرنىڭلا ئەمەس، ئەكسىچە سىلەرنىڭ ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پەيغەمبىرىمەن. شۇڭلاشقا مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ مۆجىزىسى بولغان بۇ قۇرئان قىيامەتكە قەدەر كىمگە يېتىپ بارسا، مەن ۋە ئۇ كىشىنى قۇرئانغا بويسۇنمىسا مەن يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولىمەن». 2) «ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلارنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە يارىتىپ ئۆزى خالىغان بويىچە باشقۇرۇۋاتقان، يەككە - يېگانە ئىلاھ بولغان، خالىغىنىنى ياشىتىۋاتقان ۋە خالىغىنىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ (ئەرەب، ئەجەم، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك ۋەھاكازا،... ھېچ پەرقسىز) ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئى ئىنسانلار! ئۇنداقتا ھەممىڭلار ئاللاھقا ئىشىنىڭلار، ئاللاھنىڭ نەبى ۋە ئۇممىي ئەلچىسى بولغان ماڭا (مۇھەممەدكە) ئىشىنىڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھىدايەت تاپالايسىلەر». 3) «بەندىسىنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە جىنلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەق بىلەن باتىلنى، راست بىلەن يالغاننى ۋە چىرايلىق بىلەن سەتنى ئايرىپ بېرىدىغان قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇر، نېمەتلىرى سان - ساناقسىزدۇر». 4) «بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ». 5) «ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كىتاب ۋەھىي قىلغاندەك، ساڭا بۇ ئەرەبچە قۇرئاننى ۋەھىي قىلدۇق. ساڭا بۇ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىشىمىز، يۇرتلارنىڭ ئانىسى بولغان مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر، شۇنىڭدەك، ساڭا بۇ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىشىمىز ئىنسانلارنى قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. سەن ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ بىر پىرقىسى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭغا بويسۇنۇپ قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولىدۇ، بىر پىرقىسى بولسا ئاگاھلاندۇرۇشۇڭغا بويسۇنماي قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىشكە تېگىشلىك بولىدۇ». مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە بارلىق جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر بۇلار بىلەن چەكلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. قۇرئان كەرىمنىڭ «ئالەملەر ئۈچۈن نەسىھەت»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئالەملەر ئۈچۈن رەھمەت» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا ۚ بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
    تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ ـ چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار، خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    زىممىلىرىگە تەۋراتقا ئەمەل قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق، تەۋراتقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەھۋالى چوڭ - چوڭ كىتابلارنى توشۇيدىغان ئېشەكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا بىلدۈرگەن، يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى ئۇ كىتابلارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. لېكىن ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا سۈپەتلىرى ئېنىق بايان قىلىنغان ۋە ئۆزلىرى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرى ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كىتابلىرىغا ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ يەھۇدىيلار قىسمىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز يەھۇدىيلارغا بەرگەن كىتابىمىزدا ئۇ يەھۇدىيلارنى ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان تۇرۇقلۇق، مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىگەن ئۇ يەھۇدىيلار خۇددى ئۇچىلىرىغا ئارتىپ قويۇلغان چوڭ - چوڭ كىتابلارنى توشۇيدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ؛ ئۇچىسىغا كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەك ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىكى كىتابنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغاندەك، يەھۇدىيلارمۇ ئۆز قوللىرىدىكى تەۋراتنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەمەلىيىتى بىلەن يالغان دېگەن ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ. يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز»، «جەننەتكە بىزلا كىرىمىز» دەپ دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككى تائىپىنىڭ ھەر سۆزىگە ھەر قېتىم رەددىيە بېرىدۇ. بۇ يەردە (6 ~ 8 - ئايەتلەردە) بولسا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار قىسمىغا ئالاھىدە رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (62-سۈرە جۇمۇئە، 6-ئايەت) ئۆلۈم كاپىرلىق كىتاب ئەھلى
    قُلْ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ هَادُوا إِنْ زَعَمْتُمْ أَنَّكُمْ أَوْلِيَاءُ لِلَّهِ مِنْ دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (بۇ دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر بۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! يەھۇدىيلارغا ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىڭلار، ئەگەر «ئاللاھ بىزنىلا سۆيىدۇ» دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ ئۆلۈڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى سۆيىدىغان ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىڭلار!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَلَا يَتَمَنَّوْنَهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
    ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار قىلغان ئېغىر گۇناھلىرى، ئۆتكۈزگەن ۋەھشىي جىنايەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلغان ھامان ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۇ قەۋمنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ۋاقتى كەلگەندە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (62-سۈرە جۇمۇئە، 8-ئايەت) ھىساب ئۆلۈم ئاللاھنىڭ ئىلمى
    قُلْ إِنَّ الْمَوْتَ الَّذِي تَفِرُّونَ مِنْهُ فَإِنَّهُ مُلَاقِيكُمْ ۖ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    c (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «سىلەر قېچىۋاتقان ئۆلۈم سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇچرىشىدۇ. ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! سىلەر قېچىۋاتقان ئۆلۈم سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇچرىشىدۇ: يېقىندا چوقۇم ئۆلىسىلەر! ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە سىلەرگە تېگىشلىك بولغان جازايىڭلارنى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا 2 ~ 4 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىنكى ئايەتلەردە يەھۇدىيلارنىڭ كۇفرلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 9 ~ 11 - ئايەتلەردە بولسا، ھەرقايسى مىللەتلەردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىنلەرگە جۈمە كۈنىنى ھەپتىلىك بايرام كۈنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈندە قىلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئىبادەتنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار ۋە ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار. — ئەنەس ئالىم

    (9-10) ئى مۇئمىنلەر! جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاش ۋە جۈمە نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئۆتەش ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغان نامازگاھقا ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار ئەگەر بىلسەڭلار مۇشۇنداق قىلىشىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. جۈمە نامىزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا ئۆز ئىشلىرىڭلارنى قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا تارقىلىپ، ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ ئاتا قىلىدىغان نېمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ شۇ بويىچە ئىش قىلىڭلار؛ دىلىڭلار، تىلىڭلار ۋە پۇت - قول ئەزالىرىڭلار بىلەن ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار دۇنيادا بەخت - سائادەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. ئەسكەرتىش: جۈمە نامىزى ھەققىدە «قۇرئان - سۈننەتتە ناماز» كىتابىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (62-سۈرە جۇمۇئە، 10-ئايەت) رىزىق شۈكۈر زىكىر
    فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
    ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  11. وَإِذَا رَأَوْا تِجَارَةً أَوْ لَهْوًا انْفَضُّوا إِلَيْهَا وَتَرَكُوكَ قَائِمًا ۚ قُلْ مَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ مِنَ اللَّهْوِ وَمِنَ التِّجَارَةِ ۚ وَاللَّهُ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشانى كۆرسە، سېنى ئۆرە تۇرۇپ (خۇتبە ئوقۇۋاتقان) پېتىڭ تاشلاپ، ئۇنىڭغا (يەنى تىجارەتكە) يۈگۈرىدۇ، (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (يەنى ساۋاب ۋە نېمەت) تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشانى كۆرگەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ، سېنى ئۆرە تۇرغان پېتىڭدە تاشلاپ قويۇشتى، ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نېمەتلەر، تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىرەر تىجارەت ياكى بىرەر بىھۇدە مەشغۇلات كۆرسە تارقىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېتىدۇ، سېنى ئۆرە تۇرغان ھالىتىڭدە تەرك ئېتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسە بىھۇدە مەشغۇلاتتىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    مەدىنە ئاھالىسى ئادەتتە كارۋان يېتىپ كەلسە ئۇلارنى داقا - دۇمباق چېلىپ قارشى ئالاتتى. بىر جۈمە كۈنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نامازگاھتا مىنبەردە ئۆرە تۇرۇپ جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقان ئەسنادا، شام تەرەپتىن بىر سودا كارۋىنى كەلگەن ئىدى. جامائەت داقا - دۇمباقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىرقانچە كىشىدىن باشقا ھەممەيلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەنە شۇ ھالەتتە تەرك ئېتىپ كېتىشكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! جۈمەگە يىغىلغان جامائەت سەن جۈمە خۇتبىسىنى ئوقۇۋاتقان ئەسنادا تىجارەت كارۋىنى كۆرگەن ياكى داقا - دۇمباقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان چېغىدا، ئۇلار سېنى ئۆرە تۇرغان ھالىتىڭدە تەرك ئېتىپ تىجارەت ماللىرىنىڭ يېنىغا كېتىشتى، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى جامائەت! ئاللاھ سىلەرگە تەييارلىغان ساۋاب ۋە ئىلتىپات سىلەر ئۈچۈن داقا - دۇمباقنىڭ ئاۋازىدىن ۋە كارۋان ئېلىپ كەلگەن ماللاردىن ياخشىدۇر، بىلىڭلاركى: ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، شۇڭلاشقا ئاللاھ بېرىدىغان رىزىقنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن تەلەپ قىلىڭلار، خۇتبىنى ئاڭلاپ كېچىكىش بىلەن ئاللاھ بېرىدىغان رىزىق قولۇڭلاردىن كەتمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى