بەييىنە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: بۇرھان، ھۆججەت. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەھلى كىتابتىن كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن يانمىغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنْفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ
    ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەھلى كىتابتىن كاپىر بولغانلار بىلەن مۇشرىكلەر، ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئايرىلغۇچىلار ئەمەس ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ كافىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. چۈنكى «ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى دىن ئىسلامدۇر». پۈتۈن پەيغەمبەرلەر بۇ «دىن»نى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار بولۇپمۇ ئىلگىرىكى ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلار ئۇ دىننى ئۆزگەرتىپ، ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىش ئالاھىدىلىكىنى بۇزۇۋەتكەن ، ھەتتا ئۇ دىننىڭ «ئىسلام» دېگەن ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىپ ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇھۋازلىق ۋە ئىرقچىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «يەھۇدىيلىك»، «خىرىستىيانلىق» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش بىلەن بىرگە، ئۇ تەبلىغ قىلغان «ئىسلام»نى بىردىنبىر توغرا دىن دەپ ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلارنى كافىر دەپ ئاتىغان. بۇنداق كافىرلارنىڭ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەنمەي تۇرۇپ، ئاللاھقا ئىشىنىشى، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىشى ۋە ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشى ئۇلارنى كافىر بولۇشتىن قۇتقۇزالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئەھلى كىتاب - يەھۇدىي ۋە ناسارالار، كافىر ۋە مۇشرىك دېيىلگەن. ئۇ كافىرلار «روشەن دەلىل - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادىدا ئىتتىپاق ھالىتىدە ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىتتىپاق بۇزۇلدى: بەزىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈردى، بەزىسى ئۆز كۇفرىلىقىدا قالدى. بۇ، ھەر پەيغەمبەر كېلىشتىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. رَسُولٌ مِنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُطَهَّرَةً
    (ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ روشەن دەلىل، پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ روشەن دەلىل ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىدۇر. ئۇ پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «روشەن دەلىل» - ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. «ئۇ پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىدۇ». مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى يادىسىغا تىلاۋەت قىلىدۇ، چۈنكى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى كىتاب ھالىتىدە ئۇنىڭ قولىغا ئەمەس، سۈرە ۋە ئايەتلەر ھالىتىدە ئۇنىڭ قەلبىگە نازىل قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىشى - ئۇنىڭ ئەسلى «لەھۋى مەھفۇز»نىڭ پاك سەھىپىلىرىدە بولغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن پەرىشتىلەر باشقا پاك - پاكىز سەھىپىلەرگە كۆچۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىشى دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ
    ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سەھىپىلەردە ئەڭ توغرا ھۆكۈملەر باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سەھىپىلەرگە توغرا ھۆكۈملەر يېزىلغان. — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىلاۋەت قىلغان ئۇ ئايەتلەر توغرا ھۆكۈم، چىرايلىق نەسىھەت، ئىبرەتلىك قىسسە ۋە پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن زىكىر، رەھبەر، دەلىل ۋە پارلاق نۇر بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ
    كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    كىتاب بېرىلگەنلەر، پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە ئايرىلدى. — ئەنەس ئالىم

    كىتاب بېرىلگەنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەسلىپىدە ئىشىنىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇلار ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ھەتتا ئۇنى كۈتەتتى. لېكىن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندە ھەسەت قىلىپ بۆلۈندى ۋە ئىختىلاپ قىلىشتى؛ ئۇلاردىن ئىشەنگەنلەرمۇ بولدى، قارشى چىققانلارمۇ بولدى. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىدىن كەلمەي، ئۇممىيلاردىن (ئەرەبلەردىن) كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ
    ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى ئۇلار، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغانىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ھالبۇكى، ئۇلار بۇ تەۋھىد، ئىخلاس ۋە ئىبادەتلەرگە، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابلار ۋە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بۇيرۇلغان. شۇنىڭدەك، بۇ قۇرئاندا ئالاھىدە بۇيرۇلغان. ئىنساننىڭ پۈتۈن ئەزالىرى بىرلىشىپ ۋۇجۇدىنى تەشكىل قىلغاندەك، بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئېتىقاد، ئىخلاس ۋە ئىبادەتلەر بىرلىشىپ توغرا دىننى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دىن، 3 - ئايەتتە ئۆتكەن «توغرا مەزمۇنلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر بۇيرۇلغان دىندۇر. يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامدۇر. بۇ ئىسلامنى ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان پۈتۈن كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ أُولَٰئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ
    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    قۇرئان كەرىمدە ئەھلى دوزاخنىڭ دوزاخقا كىرىپ مەڭگۈ قالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بەزى ئايەتلەردە «خالىدىينە - خالدين» كەلىمىسى بىلەن بىرلىكتە «ئەبەدەن - أبدا» كەلىمىسىمۇ كېلىدۇ. بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە پەقەت «خالىدىينە-خالدين» كەلىمىسىلا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىگە بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە دەلىل قىلىش كېرەك. چۈنكى ئايەتلەر بىر - بىرىنى بايان قىلىدۇ، بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى ھۆكۈم مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئايەتنىڭ ئورتاق دالالىتىدىن ئېلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلەر كافىر بولىدۇ. بۇ كافىرلار يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن تەركىب تاپىدۇ ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنى ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (98-سۈرە بەييىنە، 7-ئايەت) تەقۋادارلىق ئىمان
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر (پەرىشتىلەر، جىنلار ۋە ئىنسانلار)، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر (يەردىن ئۈنۈپ چىققان ھەر نەرسە)، ئۇچار قاناتلار ۋە پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھقا بويسۇنىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى بويسۇنىدۇ، بىر قىسمى بويسۇنمايدۇ. ئاللاھ تائالاغا بويسۇنغان ئىنسانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ۋە نېمىتىگە ئېرىشىدۇ، بويسۇنمىغان ئىنسانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا يولۇقىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئاقىۋەتنى ئالدىنئالا بىلدۈرگەن. بۇ بىلدۈرۈشنى ئېسىدە تۇتۇپ ئاللاھقا بويسۇنغان ئىنسانلار پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنى ئېسىدە تۇتماي ياكى پەرۋا قىلماي ئاللاھقا بويسۇنمىغان ئىنسانلار پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىرىنچى تۈرلۈك ئىنسانلار، ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بار تۇرۇقلۇق ياخشىنى تاللىغان. ئىككىنچى تۈرلۈك ئىنسانلار، ياخشىنى تاللاش ئەركىنلىكى بار تۇرۇقلۇق ياماننى تاللىغان؛ بىرىنچىسى ئەقلىدىن پايدىلانغان، ئىككىنچىسى ئەقلىدىن پايدىلانمىغان؛ بىرىنچىسى ياخشى ئىش قىلىپ مەخلۇقاتقا رەھمەت يېغىشقا سەۋەبچى بولغان، ئىككىنچىسى يامانلىق قىلىپ مەخلۇقاتقا لەنەت يېغىشقا سەۋەبچى بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. جَزَاؤُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِيَ رَبَّهُ
    ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئۇلارنىڭ تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇلار، رەببىدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلارنىڭ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ، رەببىدىن ئەيمەنگەن كىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    «ئەدن جەننەتلىرى»، قۇرئان كەرىمدە بۇ ئايەت بىلەن بىرلىكتە 11 يەردە ئۆتىدۇ. ئۇلاردىن ئون يەردە بۇ جەننەتلەرنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنىدۇ. بىر يەردە ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئەرشنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئۇ جەننەتلەرنى تەۋبە قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەرگە ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەھلى جەننەتنىڭ جەننەتتە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىمۇ بەزى ئايەتلەردە «خالىدىينە - خالدين» ۋە «ئەبەدەن - أبدا» كەلىمىلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بەزى ئايەتلەردە پەقەت «خالىدىينە - خالدين» كەلىمىسى بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردىن ئاللاھ تائالا رازى بولۇپ، ئۇلارغا رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە سۆيۈنىدۇ. 36 - سۈرە (ياسىن)نىڭ 11 - ئايىتىدە ۋە 67 - سۈرە (مۇلك)نىڭ 12 - ئايىتىدە ئاللاھتىن ئەيمەنگەنلەرگە مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجر ۋەدە قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلار بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى