مۇمتەھىنە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 13 ئايەت
مەنىسى: سىنالغان ئايال. ئاتىلىش سەۋەبى: ھۈدەيبىيە سۈلھى مەزگىلىدە مەدىنىگە ھېجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىنەلەرنى سىناپ ئېلىپ قېلىش، كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بايان قىلىنغان (10-ئايەت)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُمْ مِنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ ۙ أَنْ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِنْ كُنْتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي ۚ تُسِرُّونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنْتُمْ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْهُ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
    ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەت – يەنى قۇرئان - نى ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار رەببىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ھالبۇكى مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. سىلەر ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقكە كافىر بولدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى ۋە سىلەرنى رەببىڭلار ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئەگەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ۋە مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن چىققان بولساڭلار ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنى ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىم شۇنداق قىلسا، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، سىلەرنىڭمۇ دۈشمىنىڭلار بولغان مەككە كافىرلىرىنى دوست تۇتماڭلار ۋە ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالماڭلار، سىلەر ئۇ كافىرلارنىڭ بىلمەسلىكى كېرەك بولغان خەۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا كافىر بولدى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ۋە سىلەرنى، رەببىڭلار ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن مەككىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ۋە مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ چىققان بولساڭلار ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار ۋە ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالماڭلار. سىلەر ئۇلارغا ئۆز سىرىڭلارنى مەلۇم قىلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارا ھالدا قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىم ئۇ دۈشمەنلەرگە دوستلۇق يەتكۈزىدىكەن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 2-ئايەت) كاپىرلىق ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن
    إِنْ يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا لَكُمْ أَعْدَاءً وَيَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُمْ بِالسُّوءِ وَوَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ
    ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار سىلەردىن غالىب كەلسە، سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە قوللىرىنى ۋە تىللىرىنى يامانلىق بىلەن ئۇزارتىدۇ، ئۇلار سىلەرنىڭ كافىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! سىلەر دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتقان ئۇ كافىرلار ئەگەر سىلەرگە غالىب كەلسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، مال - مۈلكۈڭلارنى تالان - تاراچ قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، ھاقارەتلەيدۇ. ئۇلار ھەر دائىم سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش كافىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلماقتىدۇر. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇلارنى قانداقمۇ دوست تۇتۇسىلەر؟! ئۇلارغا قانداقمۇ سىرىڭلارنى خەۋەر قىلىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. لَنْ تَنْفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ ۚ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت كۈنى تۇغقانلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ كافىرلارغا دوستلۇق يەتكۈزۈشۈڭلارغا ۋە ئۇلارغا سىرىڭلارنى خەۋەر قىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولغان تۇغقانلىرىڭلار ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار قىيامەت كۈنى سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ؛ سىلەر تۇغقانلىرىڭلارنى ۋە بالىلىرىڭلارنى قوغداش ئۈمىدى بىلەن كافىرلارنى دوست تۇتۇۋاتىسىلەر، ئەمما ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ۋە بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ، ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىپ باشقا بىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىيالمايدۇ، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، شۇڭلاشقا سۆز - ھەرىكەتلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا 1 ~ 3 - ئايەتلەردە كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن، ئۇلارغا يېقىنلىق كۆرسىتىشتىن ۋە ئۇلارنى ھامىي قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ. 4 ~ 9 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا كافىرلار بىلەن قىلىدىغان مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىرىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە ئېلىشلىرى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
    ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىللە بولغان مۇئمىنلاردە سىلەرگە ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىلەر بار؛ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان: «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى:«رەببىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامىز، سىلەردىن تاندۇق، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك مەڭگۈ ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى - لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا: «ساڭا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيمەن، ئەمما ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە بولمايدۇ - «رەببىمىز! بىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا يۆنەلدۇق، سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا بارىمىز. — ئەنەس ئالىم

    (4-5) ئى مۇئمىنلەر! ئىبراھىمدا ۋە توغرا يولدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەردە سىلەر ئۈچۈن ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ياخشى خىسلەت بار؛ ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامىز، بىز سىلەردىن تاندۇق، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر پەقەت يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، سىلەر بىلەن قىلىدىغان ھەر مۇئامىلىمىزدە ئەكس ئېتىدۇ» دېگەن ئىدى، لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا: «ساڭا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيمەن، ئەمما ئاللاھتىن كەلگەن ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى سىلەرگە ئۈلگە بولمايدۇ. ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۆز قەۋمىگە يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان ۋە مۇنۇ دۇئانى قىلغان ئىدى: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە بىزنى يولىغا قوبۇل قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ! بىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق؛ ئىمان كەلتۈرۈش ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن ساڭا تاياندۇق، سېنىڭ يولۇڭدا ئۈزلۈكسىز ماڭدۇق ۋە مېڭىۋاتىمىز، بىز يېقىندا ئۆلۈپ سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا بارىمىز. ئى ئىگىمىز - ئاللاھ! سەن بىزنى كافىرلارنىڭ قىينىشى بىلەن سىنىمىغىن (بىزنى ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن ساقلىغىن)، گۇناھىمىزنى كەچۈرگىن، بىزگە ئىلتىپات قىلغىن ۋە بىزنى ئۆز پاناھىڭغا ئېلىپ يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، ئى ئىگىمىز - ئاللاھ! پەقەت سەن يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەت ئىگىسىسەن، يا رەب!». ئى مۇئمىنلەر! ئىبراھىمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ بۇ دۇئاسىمۇ سىلەر ئۈچۈن ئۈلگىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە ھۆكۈمران بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمىز! بىزنى كاپىرلار ئۈچۈن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن ئى رەببىمىز!، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمىز! بىزنى كافىرلارنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەببىمىز! پەقەت سەنلا ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن». — ئەنەس ئالىم

  6. لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
    (ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيەگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلاردە ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى ئۈلگەلەر باردۇر، كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان كىشىگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. كىمكى يۈز ئۆرۈسە بىلسۇنكى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەرگە، يەنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىشنى ئويلايدىغان، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. كىمكى بۇ نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلمىسا ئۆزى زىيان تارتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، مەخلۇقاتى تەرىپىدىن مەدھىيىلىنىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. عَسَى اللَّهُ أَنْ يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ الَّذِينَ عَادَيْتُمْ مِنْهُمْ مَوَدَّةً ۚ وَاللَّهُ قَدِيرٌ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    بەلكىم ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرۈدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكىم ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرۈدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر دۈشمەنلەشكەن كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ قادىردۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەر بىلەن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛ كافىرلارنى ئىمانغا مۇيەسسەر قىلىپ ئۇلارنى سىلەرنىڭ مۇئمىن قېرىداشلىرىڭلار ھالىتىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن، چۈنكى ئاللاھ ھەر ئىشقا قادىردۇر. ئاللاھ كۇفرىلىقتىن ۋە ئاسىيلىقتىن تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا كەلگەن بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مەرھەمەت ۋە ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
    (كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (8-9) ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرنى دىنىڭلاردىن توسۇش ۋە دىنىڭلاردىن چىقىرىش ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنىلا دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 9 - ئايەتلەردە مۇئمىنلەرگە، كافىرلارغا قىلىشلىرى كېرەك بولغان مۇئامىلىنى ئۆگىتىدۇ. 10 ~ 13 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا، ئىمان ئىزھار قىلىپ كەلگەن ئاياللارغا قىلىشى كېرەك بولغان مۇئامىلىنى ئۆگىتىدۇ، يەھۇدىيلارنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَىٰ إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
    ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  10. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 10-ئايەت) ئىمان تالاق (ئاجرىشىش) نىكاھ
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا جَاءَكُمُ الْمُؤْمِنَاتُ مُهَاجِرَاتٍ فَامْتَحِنُوهُنَّ ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِهِنَّ ۖ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ ۖ لَا هُنَّ حِلٌّ لَهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ ۖ وَآتُوهُمْ مَا أَنْفَقُوا ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَنْ تَنْكِحُوهُنَّ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ ۚ وَلَا تُمْسِكُوا بِعِصَمِ الْكَوَافِرِ وَاسْأَلُوا مَا أَنْفَقْتُمْ وَلْيَسْأَلُوا مَا أَنْفَقُوا ۚ ذَٰلِكُمْ حُكْمُ اللَّهِ ۖ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى مۇئمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، ئۇلارمۇ مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى بولۇپ، ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ يېنىڭلارغا كەلسە ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كافىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، بۇلار ئۇ كافىرلارغا ھالال ئەمەستۇر، ئۇ كافىرلارمۇ بۇلارغا ھالال بولمايدۇ. ئۇ كافىرلارغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنى بېرىڭلار. ئۇ ئاياللارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. كافىر ئاياللارنى نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. چىقىم قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كافىر ئەرلەرمۇ چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! مۇئمىن ئاياللار كۇفرى دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ يېنىڭلارغا كەلسە ئۇلارنىڭ سەمىمىي مۇئمىن بولۇپ بولمىغانلىقىنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ ھەقىقىتىنى ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بەرمەيدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر قولۇڭلاردىن كېلىشىچە سۈرۈشتە قىلىپ ئۇلارنى تەكشۈرۈڭلار، ئەگەر دەلىل ۋە ئالامەتلەردىن ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلساڭلار، ئۇلارنى كافىر ئەرلىرىنىڭ يېنىغا قايتۇرۇۋەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئاياللار ئۇ كافىرلارغا ھالال ئەمەستۇر، ئۇ كافىرلارمۇ بۇ ئاياللارغا ھالال بولمايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئۇ كافىر ئەرلىرى بۇلار ئۈچۈن چىقىم قىلغان تويلۇقلىرىنى ئۇ ئەرلىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن ئىچىڭلاردىن خالىغانلار بۇ ئاياللارنىڭ تويلۇقلىرىنى بېرىپ نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە ئۇ ئاياللارنىڭ ئۇ ئەرلىرى بىلەن بولغان نىكاھى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ نىكاھىڭلاردىكى بەزى كافىر ئاياللار كۇفرى دىيارىدا قالغان بولسا ياكى قېچىپ كافىرلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ كافىر خوتۇنلىرىڭلارنى نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار، ئۇ كافىر خۇتۇنلارغا بەرگەن تويلۇقۇڭلارنى كافىرلاردىن تەلەپ قىلىڭلار، كافىر ئەرلەرمۇ يېنىڭلارغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن خوتۇنلىرىغا بەرگەن تويلۇقلىرىنى سىلەردىن تەلەپ قىلسۇن. بۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. وَإِنْ فَاتَكُمْ شَيْءٌ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ إِلَى الْكُفَّارِ فَعَاقَبْتُمْ فَآتُوا الَّذِينَ ذَهَبَتْ أَزْوَاجُهُمْ مِثْلَ مَا أَنْفَقُوا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنْتُمْ بِهِ مُؤْمِنُونَ
    ئەگەر سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلار كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، (كاپىرلار بىلەن) ئۇرۇشۇپ غەنىيمەت ئالغان ۋاقتىڭلاردا، ئاياللىرى كاپىرلارغا كىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە (غەنىيمەتتىن) ئۇلارنىڭ بەرگەن مەھرىنىڭ مىقدارىنى بېرىڭلار (يەنى مۇسۇلمانلاردىن بىرىنىڭ ئايالى كۇففارلار تەرەپكە قېچىپ كەتسە، سىلەر كۇففارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئالغان غەنىيمەت مالدىن مەزكۇر ئايالنىڭ ئېرىگە مەھرى مىقدارى مال بېرىڭلار)، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلار كاپىرلارغا قېچىپ كەتسە، ئۇرۇشۇپ غەنىمەت ئالغان ۋاقتىڭلاردا، ئاياللىرى كاپىرلارغا قېچىپ كەتكەن كىشىلەرگە غەنىمەتتىن ئۇلارنىڭ بەرگەن مەھرىنىڭ مىقدارىنى بېرىڭلار، سىلەر ئىشىنىۋاتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بەزى ئاياللىرىڭلار كافىرلارنىڭ يېنىغا قېچىپ كېتىپ، ئۇ كافىرلار سىلەرنىڭ ئۇ ئاياللارغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى بەرمىسە، ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزى ئاياللىرى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قېچىپ كېلىپ، تۆلەم تۆلەش نۆۋىتى سىلەرگە كەلسە، ئاياللىرى كافىرلارنىڭ يېنىغا كەتكەن كىشىلەرگە ئاياللىرىغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ئوخشىشىنى بېرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بەزىڭلارنىڭ ئاياللىرى كافىرلارنىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەن، ئۇ كافىرلار سىلەرنىڭ ئۇ ئاياللارغا چىقىم قىلغان تويلۇقىڭلارنى بەرمىگەن بولسا، ئاندىن سىلەر جەڭدە ئۇلارغا غالىب كېلىپ ئۇلاردىن غەنىيمەت ئالساڭلار، ئىچىڭلاردىن ئاياللىرى كافىرلارنىڭ يېنىغا كەتكەن كىشىلەرگە ئاياللىرىغا چىقىم قىلغان تويلۇقلىرىنىڭ ئوخشىشىنى غەنىيمەتتىن (تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى) بېرىڭلار ياكى ئۇ كافىرلارنىڭ بەزى ئاياللىرى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قېچىپ كېلىپ تۆلەم تۆلەش نۆۋىتى سىلەرگە كەلسە، ئۇ كافىرلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان تويلۇقنىڭ ئوخشىشىنى ئىچىڭلاردىن ئايالى كافىرلارنىڭ يېنىغا كەتكەن كىشىلەرگە بېرىڭلار. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰ أَنْ لَا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ ۙ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يەنى يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا ۋەدە بەرسە)، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنە ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، قوللىرى بىلەن پۇتلىرى ئارىسىدا بىر تۆھمەت توقۇپ كەلمەسلىككە، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئۇلارنىڭ بەيئەتلىرىنى قۇبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، باشقىلاردىن بويىدا قالغان ياكى باشقىلاردىن تۇغقان بالىسىنى ئېرىگە مەنسۇپ قىلماسلىق ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ تەۋبىكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 13-ئايەت) كاپىرلىق ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ قَدْ يَئِسُوا مِنَ الْآخِرَةِ كَمَا يَئِسَ الْكُفَّارُ مِنْ أَصْحَابِ الْقُبُورِ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ (ساۋابىدىن) قەبرىلىرىدە ياتقان كۇففارلار ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ھەقىقەتەن ئۈمىدىنى ئۈزدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئاخىرەتتىن قەبرىلىرىدە ياتقان كۇففارلار ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ئۈمىدىنى ئۈزدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار ئاخىرەتتىن، كافىرلار قەبىرلەرنىڭ ئەھلىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ئۈمىدىنى ئۈزدى[1]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋم - يەھۇدىيلارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇ قەۋم ئاخىرەتتىن، كافىرلار قەبرىلەرنىڭ ئەھلىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ئۈمىدىنى ئۈزدى. تەپسىرلەردە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ: 1) ياشاۋاتقان كافىرلار، ئۆلۈپ قەبرىلەردە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ قايتا تىرىلىپ يانلىرىغا قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەندەك، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان يەھۇدىيلار ئاخىرەتتىكى نېمەتلەردىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزدى. 2) ئۆلۈپ قەبرىلەردە يېتىۋاتقان كافىرلار ھەقىقەتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرەتتىكى نېمەتلەردىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەندەك، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان يەھۇدىيلار ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .