تەھرىم سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 12 ئايەتمەنىسى: ھارام قىلىۋېلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، دېدىكى مارىيەگە يېىقىنلىشىشىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ ۖ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى پەيغەمبەر! ساڭا ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى نېمە ئۈچۈن ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۆزۈڭگە ھارام قىلىسەن؟ نېمىشقا ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئىستېمال قىلىشتىن باش تارتىسەن؟ ئاللاھ بەندىلىرىگە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر؛ سېنىڭ ھالال نەرسىدىن ئۆزۈڭنى چەكلىشىڭنى ئەپۇ قىلدى، ساڭا ئىنئام قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ فَرَضَ اللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَانِكُمْ ۚ وَاللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ سىلەرگە (كەففارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە كەففارەت بېرىپ قەسەملىرىڭلاردىن چىقىشنى يولغا قويۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە كەففارەت بېرىپ قەسەملىرىڭلاردىن چىقىشنى پەرز قىلدى؛ بىرەر ياخشى ئىشنى قىلماسلىققا ياكى بىرەر ھالال نەرسىنى ئىستېمال قىلماسلىققا قىلغان قەسەملىرىڭلارنى بۇزۇشنى ۋە كەففارەت بېرىشنى سىلەرگە قەتئىي رەۋىشتە بەلگىلىدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر؛ سىلەرنى ۋە سىلەر قىلىدىغان ئىشلارنى باشقۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە پايدىلىق بولغان ۋە زىيانلىق بولغان ئىشلارنى بىلگۈچىدۇر، ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە سىلەرنى پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇغۇچىدۇر، زىيانلىق ئىشلاردىن توسقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئى مۇھەممەد! مەزكۇر ھالال نەرسىنى ئىستېمال قىلىپ، قىلغان قەسىمىڭگە كەففارەت بەرگىن. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن كەففارەت ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَنْ بَعْضٍ ۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنْبَأَكَ هَٰذَا ۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى. ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى)، يەنە بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى. پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ بولسا، ئۇنى ئېيتىپ قويغان ئىدى، ئاللاھ سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى پەيغەمبەرگە بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇنىڭغا ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى، بەزىسىنى بولسا ئېيتمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ : «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا بۇنى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا نەبىي ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئاشكارىلىغان چاغدا، نەبىي بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي بۇنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات خەۋەر قىلدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا بۇ پەيغەمبەر ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبىرىگە ئاشكارىلىغان چاغدا، پەيغەمبەر ئاللاھ ئۆزىگە بىلدۈرگەن ئەھۋالنىڭ بەزىسىنى، ئۇ سىرنى پاش قىلغان ئايالىنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. پەيغەمبەر بەزى ئەھۋالنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر: «ھەر نەرسىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدىغان، ھەر ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ تَتُوبَا إِلَى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا ۖ وَإِنْ تَظَاهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ مَوْلَاهُ وَجِبْرِيلُ وَصَالِحُ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ بَعْدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ
ئەگەر (ئائىشە، ھەفسە) ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر). سىلەرنىڭ دىلىڭلار (رەسۇلۇللاھقا ئىخلاس قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر (رەسۇلۇللاھ خوپ كۆرمەيدىغان ئىش ئۈستىدە) ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرساڭلار، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىلمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر. ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئىككىڭلارنىڭ دىلىڭلار بۇرۇلۇپ كەتتى. ئەگەر سىلەر ئىككىڭلار ئۇنىڭغا قارشى ھەمكارلاشساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، ئۇلاردىن باشقا پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى نەبىينىڭ ئىككى ئايالى! ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، قەلبىڭلار ھەقكە يۆنەلگەن بولىدۇ. ئەگەر ئىككىڭلار نەبىيگە قارشى بىر - بىرىڭلارغا يار - يۆلەك بولساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاندىن كېيىن جىبرىئىل، مۇئمىنلارنىڭ ياخشىلىرى ۋە پەرىشتىلەر ياردەمچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئۆز ئارا بىرلىشىپ پەيغەمبەرنىڭ ھالال نەرسىنى ئۆزىگە ھارام قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىككى ئايال! ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، شۇڭلاشقا تەۋبە قىلىڭلار، چۈنكى دىلىڭلار يامانلىققا مايىل بولۇپ تەۋبە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىلدىڭلار، تەۋبە قىلساڭلار دىلىڭلاردىكى بۇ ئەگرىلىك تۈزىلىدۇ. ناۋادا ئىككىڭلار يەنىلا پەيغەمبەرگە قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۇنى خاپا قىلساڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىگىسىدۇر، مەدەتكارىدۇر. ئاندىن كېيىن جىبرىئىل، مۇئمىنلەرنىڭ ياخشىلىرى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَسَىٰ رَبُّهُ إِنْ طَلَّقَكُنَّ أَنْ يُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِنْكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا
ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، (ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، بويسۇنغۇچى، ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەتكار، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى، مۇسۇلمان، مۇئمىن، ئىتائەتكار، تەۋبىكار، ئىبادەتكار، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، چوكان ۋە قىز جۈپلەرنى بېرىشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم
ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى: ئەگەر پەيغەمبەر سىلەرنى قويۇۋەتسە، ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان بىز سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا تەقۋالىقتا ۋە گۈزەللىكتە سىلەردىن ياخشى، ئىسلامغا سادىق، ئىماندا سەمىمىي، بىزگە ئىتائەتكار، تەۋبىكار ۋە ئىبادەتكار، يولىمىزدا سەپەرگە چىققۇچى چوكان ۋە قىز جۈپلەرنى ئۇنىڭغا بېرىشىمىز مۇمكىن. ئاللاھ تائالا 1 ~ 5 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا ئالاھىدە نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن 6 ~ 8 - ئايەتلەردە مۇئمىنلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلە تەۋەلىرىڭلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتىغا تاشلىنىشتىن ساقلاڭلار. ئۇ ئوتنىڭ يېقىلغۇسى كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئىنسانلار ۋە ئۇلار تۈرلۈك تاشلاردىن ياساپ چوقۇنغان بۇتلاردۇر. دوزاختا، مۇئامىلىسى بەك قوپال، ناھايىتى قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجانىدىل قوبۇل قىلىپ ئۇنى ئەينەن ئىجرا قىلىدىغان، تاشلانغانلارنى ئازابلاشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىلەر بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى كافىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ياشىغانلار قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا: «ئى كافىرلار! دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان كۇفرىلىقىڭلارغا بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئۆزرە ئېيتىش، پۇشايمان قىلىش ۋە تەۋبە قىلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدۇڭلار. ئەمدى بۇ ۋاقىت جازا چېكىش ۋاقتىدۇر. شۇنى بىلىڭلاركى: سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا چېكىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُكَفِّرَ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يَوْمَ لَا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ ۖ نُورُهُمْ يَسْعَىٰ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن. ئۇ كۈنى ئاللاھ نەبىينى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولغان مۇئمىنلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى تامام قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار؛ گۇناھ قىلغانلىقىڭلارنى بىلگەن ھامان تەۋبە قىلىڭلار، گۇناھنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرماڭلار، گۇناھتىن تامامەن قول ئۈزۈڭلار، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاڭلار، گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار (ئىستىغپار ئېيتىڭلار)، ئەگەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىبارەت گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇڭلار، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ئارقىلىق رازىلىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئىگەڭلار - ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا كىرگۈزۈشى مۇمكىن. ئۇ كۈنى ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدا ماڭغان مۇئمىنلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن، ماقامىنى ئالىي قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە نۇر بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارقا ۋە سول تەرەپلىرىدە كافىرلار بولىدۇ؛ ماڭسا يورۇقلۇقتا ماڭىدۇ، كىتابلىرىنى ئوڭ تەرەپلىرىدىن يورۇقلۇقتا تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز! جەننەتكە بېرىپ بولغۇچىلىك نۇرىمىزنى يورۇتۇپ بەرگىن، بىزنى ئەپۇ قىلىپ ئۆز پاناھىڭغا ئالغىن، سەن ھەر نەرسە ۋە ھەر ئىشقا قادىرسەن، يا رەب!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن. ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ
ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففارلار بىلەن ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى نەبىي! كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم
ئى پەيغەمبەر! كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقتىن، مۇنافىقلارنىڭ مۇنافىقلىقتىن يېنىشى ئۈچۈن قولۇڭدىن كېلىشىچە غەيرەت قىلغىن؛ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلساڭ ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن، ئۇلارغا ھەگىزمۇ رەھىم - شەپقەت قىلمىغىن. ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىگەن تەقدىردە) قىيامەت كۈنى تۈرلۈك ئازابلارنى مەڭگۈ چېكىشلىرى ئۈچۈن، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان جايى دوزاختۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ
ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كۇففارلارغا نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككىسىگە: «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ بىلەن لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى؛ ئۇ ئىككى ئايالنى مىسال قىلىپ كافىرلارنىڭ مۇئمىنلەر بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان بولۇشى، ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ يولدىشى بولۇشى ۋە سىيلە - رەھىم، خەير - ساخاۋەت، ئىئانە قاتارلىق ئىشلارنىڭ قىيامەت كۈنى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى: ئۇ ئىككى ئايالنىڭ ھەربىرى ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىسى بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرى بولغان ئۇ ئىككى پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى پەيغەمبەر ئاللاھتىن كەلگەن ئازابنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا ھالاك بولغان چاغلىرىدا ئاللاھ تەرىپىدىن: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى. دېمەككى، ياخشىلارغا يېقىن بولغانلىق ياخشى بولغانلىق ئەمەس، ئىمانسىز قىلغان ياخشى ئىش نەتىجىسىز ئىشتۇر، پەيغەمبەر بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرغانلىق، پەيغەمبەر بىلەن بىر يولدا ماڭغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئىككى ئايالنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئېرىگە بولغان خىيانىتى، ئۆز ئېرى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىك، كافىرلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇنىڭ يولىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ئەزىيەت قىلىش ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ آمَنُوا امْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِنْدَكَ بَيْتًا فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِنْ فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: «رەببىم! ھۇزۇرىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇئمىنلەرگە فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ، ئۇلارنى ھەرقانداق شارائىتتا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، ھەر قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىپ ئىمانىنى ساقلاشقا ۋە مۇمكىن بولغان بويىچە تائەت - ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەرغىب قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئىمان بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئىگەم - ئاللاھ! مەن ئۈچۈن ھۇزۇرۇڭدا، جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ قىينىشىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن ئىدى. دېمەككى، فىرئەۋندەك بىر زالىمنىڭ نىكاھىدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، مەجبۇرىيەتتىن يامان ئىنسانلار ئارىسىدا ياشاش مۇئمىنلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. فىرئەۋننىڭ خانىدانىغا مەنسۇپ مەخپىي مۇئمىننىڭ ھاياتى ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئارىسىدا مەدىنىدىن كەلگەن مۇئمىنلەر تونۇمايدىغان مەخپىي مۇئمىنلەرنىڭ ھاياتلىرىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَرْيَمَ ابْنَتَ عِمْرَانَ الَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِنْ رُوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَاتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِ وَكَانَتْ مِنَ الْقَانِتِينَ
ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىيساغا ھامىلىدار بولدى). ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نومۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلدى. ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرى ۋە كىتابلىرىغا چىن قەلبىدىن ئىشەندى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلىپ، بويتاقلارغا ئىپپىتىنى ساقلاشنىڭ ۋە تائەت - ئىبادەتنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىلاھىي ئىنايەتكە ئېرىشىشكە تەرغىب قىلدى؛ مەريەم ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ ياقىسىدىن بالىياتقۇسىغا جىبرىئىل ئارقىلىق پۈۋلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بويىدا قېلىپ بەندىمىز ۋە ئەلچىمىز ئىيسانى تۇغدى، مەريەم بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە ۋە كىتابلىرىمىزغا چىن دىلىدىن ئىشەندى، بىزگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولدى. ئەسكەرتىش مەريەمنىڭ، ئىپپىتىنى ساقلاش ئۇنىڭ ئۆز پاكلىقىنى ھالالدىنمۇ ھارامدىنمۇ ساقلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ تويمۇ قىلمىغان ۋە ئەسلا بۇزۇقچىلىقمۇ قىلمىغان. ئۇ، بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن «ئىمران»نىڭ قىزى بولۇپ، ئانىسى ئۇنىڭغا ھامىلىدار چاغدا ئاتىسى ئىمران ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئانىسى ئۇنى تېخى تۇغماي تۇرۇپلا ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا ئاتىۋەتكەن ۋە تۇغقان چېغىدا ئىبادەتخانىغا (بەيتىلمەقدىسكە) ئاپىرىپ بەرگەن. ئۇ ھاممىسىنىڭ يولدىشى (زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام)، ئىبادەتخانىغا تۇتاش قىلىپ سېلىپ بەرگەن ھۇجرىسىدا يېتىپ - قوپۇپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزە قىز ئىكەنلىكىگە قارىماي قولىدىن كېلىشىچە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ۋە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. كېيىن بويىغا يەتكەندە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلىك شەكىلدە قورساق كۆتۈرۈپ ئۇنى تۇغقان. مەريەم شۇنچە ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا، بولۇپمۇ يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ ئاجىزە بىز قىز بالا بولۇشىغا قارىماي بەندىچىلىك ۋەزىپىسى ئادا قىلغان، بولۇپمۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان. قۇرئان كەرىمنىڭ 19 - سۈرىسى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن «مەريەم سۈرىسى» دەپ ئاتالغان ۋە قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭ «مەريەم» دېگەن ئىسمى 31 قېتىم زىكىر قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى