تىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: ئەنجۈر. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (95-سۈرە تىن، 1-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ
    ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنجۈر ۋە زەيتۇن بىلەن، — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئىككى يېمەكلىك ۋە ئىككى ماكان بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئىككى يېمەكلىكنىڭ بىرى ئەنجۈر بولۇپ، ئۆزى ۋە مۇرابباسى يېمەكلىك ھەمدە دورا سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەنجۈرنى ئىپادىلەيدىغان كەلىمە (تين) قۇرئان كەرىمدە پەقەت مۇشۇ يەردىلا (بىر قېتىم) ئۆتىدۇ. زەيتۇنغا كەلسەك، ئۇمۇ يېمەكلىك ۋە دورا سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە زەيتۇندىن پايدىلىق ۋە شىپالىق بولغان ئالاھىدە ياغ چىقىدۇ. بۇ كەلىمە (زەيتۇن) قۇرئان كەرىمدە 6 يەردە ئۆتىدۇ. زەيتۇن دەرىخى يېتىشىدىغان جاينىڭ ئىسمى ۋە مېۋىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ، دەرىخى يېتىشىدىغان جايغا بىر قېتىم ئىشارەت قىلىنىدۇ ۋە يېغىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىر قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ . ئىككى ماكان بولسا، بىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەن تۇر تېغى، يەنە بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەن مەككە شەھىرىدۇر. ئەنجۈر ۋە زەيتۇن ئىنساننىڭ ماددىي ھاياتى ئۈچۈن، تۇر تېغى ۋە مەككە مۇكەررەمە ئۇنىڭ مەنىۋى ھاياتى ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىشى، بىر تەرەپتىن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زۆرۈرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئېيتىلغان سۆزنىڭ يەنى ئىنساننىڭ ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (95-سۈرە تىن، 2-ئايەت) قەسەملەر ھەرەم مەسجىدى
    وَطُورِ سِينِينَ
    سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    سىنا تېغى بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىينا تېغى بىلەن، — ئەنەس ئالىم

    «تۇر» مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەن تاغنىڭ ئىسمىدۇر، «سىينىين» ۋە «سەينا» بولسا، ئۇ تاغ ئورۇن ئالغان يەرنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ يەر مىسىرنىڭ سىينا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (95-سۈرە تىن، 3-ئايەت) قەسەملەر ھەرەم مەسجىدى
    وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ
    بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە بۇ تىنچ شەھەر -مەككە مۇكەررەمە- بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە بۇ بىخەتەر شەھەر بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    «ئامان شەھەر» - مەككە مۇكەررەمەدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ
    بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئىنساننىڭ چىرايلىق قامەتتە يارىتىلىشى - ئۇنىڭ تاشقى ۋۇجۇدىنىڭ شەكلى چىرايلىق ۋە قامىتى تىك ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر ئەزاسى ئۆزىگە لايىق يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ھەممە ئەزاسى بىر - بىرىگە ماس ھالەتتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ مۇكەممەل قابىلىيەتتە يارىتىلىشى - ئۇنىڭ ئىچكى ۋۇجۇدىغا ئەقىلنىڭ ۋە مەقسىتىنى ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، فىترىتىگە (روھىنىڭ تەبىئىي ھالىتىگە) ھەقىقەتنىڭ سىڭدۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىككى قۇلىقىغا ئاڭلىغان ئاۋازلارنى ئايرىش قابىلىيىتىنىڭ، ئىككى كۆزىگە كۆرگەن نەرسىلەرنى تونۇش قابىلىيىتىنىڭ، دىلىغا بەدەننى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكىتى توغرىسىدا قارار بېرىش قابىلىيىنىڭ يۈكلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ بۇ ئىككى تەرىپى (بەدەن ۋە روھى) يۇقىرىدا قەسەم قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ: بەدىنى ئەنجۈر ۋە زەيتۇنغا ئوخشاش يېمەكلىك ۋە دورىلار بىلەن، روھى تۇر تېغى ۋە ئامان شەھەر ئىشارەت قىلغان ۋەھىي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ
    ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنى تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە قايتۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنى تۆۋەن بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە قايتۇردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىنساننى، فىتىرىتىنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمىغانلىقى، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا جانلىقلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنى ھالىتىگە كەلتۈردۇق، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
    پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. ئۇلارغا تۈگىمەس ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئىنساننى چىرايلىق قەددى - قامەتتە، ياخشى - ياماننى تونۇيالايدىغان قابىلىيەتتە ياراتتۇق. ئۇنىڭغا ياخشى - يامان يولنى كۆرسەتتۇق ۋە قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەردۇق. بۇ ئىختىيارىنى ياماننى تاللاشقا ئىشلەتكەنلەر مەزكۇر قابىلىيىتىنى يوقىتىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھ پاتقىقىغا پاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا قىيىنچىلىقتا ياشاش، ئاخىرەتتە دوزاختا ئازابلىنىش جازاسىنى بەردۇق. لېكىن ئىختىيارىنى، ياخشىنى تاللاشقا ئىشلىتىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۇنداق قىلمىدۇق، ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۈستۈن ماقامغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (95-سۈرە تىن، 7-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ
    (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى ئىنسان!- بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قىيامەتنى نېمە ئىنكار قىلدۇرىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسان! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ساڭا دىننى[1] يالغان دېگۈزگەن نەرسە نېمىدۇر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! سېنى ئەنە شۇنداق چىرايلىق شەكىل ۋە مۇكەممەل قابىلىيەت بىلەن ياراتقان زات ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سېنى ۋە باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىشى، سەن ئۆلگەندىن كېيىن سېنى قايتا ئەسلىڭگە كەلتۈرۈپ، سەندىن ھېساب ئېلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟ بۇنىڭ مۇمكىنلىكىگە شۇنچە دەلىل بار تۇرۇقلۇق سەن نېمە سەۋەبتىن ئۆلگىنىڭدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىڭنى ۋە ھېساب بېرىدىغانلىقىڭنى ئىنكار قىلىسەن؟ «ساڭا دىننى نېمە يالغان دېگۈزۈۋاتىدۇ؟» دېگەن ئىپادىنىڭ ئىچىدىكى «دىن» - ئاللاھقا دىننىڭ ھېسابىنى بېرىش، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا مۇكاپات ۋە يامانلارغا جازا بېرىلىدىغانلىقى دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (95-سۈرە تىن، 8-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى تەۋھىد
    أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ
    ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھاكىملارنىڭ ھاكىمى ئەمەسمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلى ئەمەسمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ دۇنيادا ئىنسانلارنى ئەنە شۇنداق چىرايلىق شەكىل ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە ياراتقان، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ياخشى - يامان ئىككى يول قويغان ۋە قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئۇلارغا ئىختىيار بەرگەن، ئەتراپتا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە ياراتقان دەلىللەر ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بار ۋە بىرلىكى، ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتى، ئادالىتى ۋە ئىنايىتى قاتارلىقلارنى تونۇتقان. شۇنىڭدەك، ئۇلارغا ياخشى يولنى تاللىغانلارنىڭ ۋە يامان يولنى تاللىغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرگەن. پۈتۈن بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىشى، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئادىل زات ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ!؟ ئەلۋەتتە كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ، تېگىشلىك بولمىغان كىشىنى جازالىمايدۇ، لايىق بولمىغان كىشىنى مۇكاپاتلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى