سەپ سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 14 ئايەت
مەنىسى: سەپ، قاتار. ئاتىلىش سەۋەبى: كۇففارلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جىھاد قىلغانلار مەدھىيلەنگەن (4-ئايەت)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    يەتتە ئاسمان ۋە ئۇلاردىكى پەرىشتىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر ، زېمىندىكى جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلا، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك نەرسىلەر، ھاۋادىكى قۇشلار، دېڭىزلاردىكى جانلىقلار... قاتارلىق بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ئاللاھقا تەزىم قىلدى، ئېھتىرام قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇردى. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر؛ قىلماقچى بولغان ئىشىنى پۇختا پىلانلاپ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىدۇ، ياراتقان ھەر نەرسىسى ۋە قىلغان ھەر ئىشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىنىڭ چەكسىز، رەھمىتىنىڭ كەڭ ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (61-سۈرە سەپ، 2-ئايەت) ئىخلاس راستچىللىق
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى نېمە ئۈچۈن سۆزلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    (2-4) مۇئمىنلەر غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ۋە بۇ ئارزۇسىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقان ۋە مەيداندىن قاچماي ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا ئەھدە بەرگەن، ئاندىن ئىش ئەمەلىيەتكە كەلگەندە تولىسى يالتايغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلغان. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى نېمە ئۈچۈن سۆزلەيسىلەر؟! ئۆزۈڭلار قىلمىشىڭلار بىلەن راستلىقىنى ئىسپاتلىمايدىغان سۆزلەرنى نېمىشقا ئېيتىسىلەر؟! ئۆزۈڭلار ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان سۆزنى قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى نەپرەتلىنەرلىك ئىشتۇر! بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ ئۇرۇشقانلارنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ. «مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ ئۇرۇش قىلىش» - قومانداننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنۇش ۋە بەرگەن ۋەزىپىنى جان تىكىپ ئورۇنداش، جەڭگاھتا شىجائەتلىك بولۇش ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش، ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلىشماسلىق، تەكەببۇرلۇقتىن ۋە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقىنى كۆرسىتىش نىيىتىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ أَنْ تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ
    سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ئىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نېمىدېگەن چوڭ نەپرەتلىنەرلىك ئىش! — ئەنەس ئالىم

  4. (61-سۈرە سەپ، 4-ئايەت) جىھاد ئۈممەتنىڭ بىرلىكى
    إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِهِ صَفًّا كَأَنَّهُمْ بُنْيَانٌ مَرْصُوصٌ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ ئۇرۇشقانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  5. وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىشقا ئەزىيەت قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئۇلار باتىلغا مايىل بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى باتىلغا مايىل قىلدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىشقا ناشايان سۆزلەر ۋە بولمىغۇر تەلەپلەر بىلەن ئەزىيەت قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنىڭ راستلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ باتىل يولىدا ئەزۋەيلەشنى تاللىغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىپ باتىلنىڭ ئىچىدە تاشلىۋەتتى. ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن قەۋمنى توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلمايدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭمۇ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى بىلىدۇ، لېكىن بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ، ساڭا ئەزىيەت قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە تەكەببۇرلۇقىدىن بولغان ئىش، شۇڭلاشقا سەن سەۋر قىلغىن ۋە دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قەۋمى قىلغان ئەزىيەتلەر 33 - سۈرە (ئەھزاب)نىڭ 69 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِنْ بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
    ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن، مەن، مەندىن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ۋە مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم». ئىيسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئەلچىمىز ئىيسانىڭ قىسسەسىنى ياد ئېتىپمۇ تەسەللىي تاپقىن؛ ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا بەنى ئىسرائىلنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن، مەن، سىلەرگە مەندىن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ۋە مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم» دېگەن ئىدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى. ئەسكەرتىش: ئۇلارغا روشەن ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەمەس، ئەكسىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. بۇ تەقدىردە مەنە مۇنداق بولىدۇ: ئىيسا بەنى ئىسرائىلنىڭ يېنىغا كېلىپ: «... مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم» دېگەن ئىدى، لېكىن ئىيسا بېشارەت بەرگەن «ئەھمەد» ئىسىملىك پەيغەمبەر تىلى راۋان ۋە مەنىسى ئېنىق ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى نەسلى بولغان يەھۇدىيلار ئۇ ئايەتلەر ھەققىدە: «بۇ ئاشكارا سېھىردۇر» دېدى. يەھۇدىيلار ھەر ئىككى پەيغەمبەرنى (ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنى) ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىككى مەنە توغرىدۇر، لېكىن ئىككىنچى مەنىنى تۆۋەندىكى ئايەت تەكىتلەيدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰ إِلَى الْإِسْلَامِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
    ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىسلامغا چاقىرىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئىسلامغا، يەنى تەۋھىدكە ۋە ئىخلاسقا دەۋەت قىلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ياكى ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلغان ئادەم ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زۇلۇمنى قىلغان ئادەمدۇر، چۈنكى ئۇ ئادەم دىلىنىڭ پېچەتلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلغان ئادەمدۇر، شۇ بىر ھەقىقەتكى: ئاللاھ خاتالىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە ئازغۇنلۇققا چۆمگەن ئادەملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ؛ توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى، كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ ئۆز نۇرىنى تاماملايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۆھمەتلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى يەنى ئىسلامنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئاللاھ بولسا، ئۇ كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۆز نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ: ئۆزىنىڭ دىنى بولغان ئىسلامنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ، ئۆز ئەلچىسىگە ۋە ئۇنىڭ يولىدا توغرا ماڭغانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
    مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. ئاللاھ بۇنى مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۆزىنىڭ يېگانە دىنى بولغان ئىسلامنى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن، ئەلچىسى مۇھەممەدنى توغرا يولنى ۋە ھەق دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان بىلەن قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَارَةٍ تُنْجِيكُمْ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! مەن سىلەرگە، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (10-13) ئى مۇئمىنلەر! مەن سىلەرگە، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇ تىجارەت شۇدۇر: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلار بىلەن ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىشىڭلاردۇر. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ تىجارەت سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئەگەر بۇ تىجارەتنى قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا ۋە ئەدن باغچىلىرىدىكى ئېسىل سارايلارغا كىرگۈزۈپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ تىجارەتنى قىلساڭلار دۇنيادا نۇسرەتكە ۋە زەپەرگە ئېرىشىسىلەر. ئەسكەرتىش: «جىھاد» - ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ئىشلەتمەك ۋە ئۇ يولدا پىدا قىلماق دېگەن بولۇپ، ئىسلام فىقھى ئاتالغۇسىدا كۆپرەك «مۇسۇلماننىڭ كافىر بىلەن ئۇرۇش قىلىشى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇرۇش قىلىش دېگەن مەنىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى «ئاللاھ تائالا بىلەن سودىلىشىش» مەنىسىدىكى جىھاد دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش ۋە دۈشمەن قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. «تىجارەت» - شەرىئەتتە مال ھېسابلىنىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىپ - سېتىش، بىرەر ئىشقا مەبلەغ سېلىپ سەرمايىنى ئايلاندۇرۇش، ياكى ئۆزىنىڭ كۈچ، قابىلىيەت ۋە ماھارىتىنى سېتىش (ئۆز ئىقتىدارىغا قارىتا بىرەر ئىشتا ئىشلەش) قاتارلىق پائالىيەتلەردۇر. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جان - مېلىنى تىكىپ جىھاد قىلىش بۇ ئايەتتە «تىجارەت» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئادەتتىكى تىجارەتتە ئالغۇچى ساتقۇچىغا پۇلنى، ساتقۇچى ئالغۇچىغا مالنى ياكى خىزمەتنى تاپشۇرۇپ بېرىپ سودىنى پۈتكۈزىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جان - مېلىنى پىدا قىلىپ غازات قىلغان مۇئمىن، جان - مېلىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئاللاھتىن جەننەتنى ئالىدۇ ۋە سودىنى پۈتكۈزىدۇ. ئاللاھ بۇ سودىنىڭ مۇشۇنداق پۈتۈدىغانلىقىنى تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندا ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. دەرۋەقە پۇلى بار كىشى بازارغا سېلىنغان بىرەر مالنى خالىسا قولىدىكى پۇلىغا سېتىۋالالايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش مۇئمىن، ئاللاھ تائالا ئىمان بازىرىدا جان ۋە مالغا سېتىش ئۈچۈن خېرىدارغا سالغان جەننەتنى ئىلكىدىكى سەرمايىسى بولغان جان - مېلىنى بېرىپ سېتىۋالغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ مۇئمىنغا جەننەتكە قوشۇپ نۇسرەت ۋە زەپەرنىمۇ بېرىدۇ، يەنى ھەقىقىي مۇجاھىد دۇنيادا نۇسرەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ، سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مال ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىسىلەر. ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار. — ئەنەس ئالىم

  12. يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ تىجارەتنى قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە ۋە ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارغا كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

  13. وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
    سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلاردىن باشقا سىلەرگە، سىلەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت؛ ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە باردۇر، شۇنداق بولغانىكەن، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىر نېمەتمۇ بار: ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە يېقىن پەتىھ. مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم

  14. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَتْ طَائِفَةٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَتْ طَائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ
    ئى مۆمىنلەر! ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: « ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى! قانداقكى مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالام مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «ئاللاھقا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا مۇئمىنلارغا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلار غالىب بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار[1]. ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەندە، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېگەن ئىدى، سىلەرمۇ شۇلاردەك بولۇڭلار. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر جامائە ئىمان ئېيتتى، بىر جامائە كافىر بولدى. بىز ئىمان ئېيتقانلارنى دۈشمەنلىرىگە قارشى قوللىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئىماننى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق بولۇڭلار. ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېگەندە، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھ يولىنىڭ ياردەمچىلىرىدۇرمىز» دېگەن ئىدى، ئى مۇئمىنلەر! سىلەرمۇ ئەنە شۇ ھەۋارىيلاردەك بولۇڭلار. ئىيسانىڭ دەۋىتىنى بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر جامائە قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتتى، بىر جامائە قوبۇل قىلماي كافىر بولدى. بىز ئىمان ئېيتقانلارنى دۈشمەنلىرىگە قارشى قوللىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى؛ مۇھەممەدنى ئەلچىمىز قىلىپ ئەۋەتىش بىلەن ئىيسانىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئىيساغا «ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ ئىشەنگەنلەرنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقى نامايان بولدى. «ھەۋارىيلار» - ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سادىق دوستلىرى ۋە ھەقكە يېتەكلەش خىزمىتىدىكى ياردەمچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مۇپەسسىرلەر ئۇلارنىڭ «ھەۋارىي» دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئاق كىيىملىك بولۇشى ياكى كىيىم يۇيۇش ۋە ئۈشتىچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلدىن كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە زىيانكەشلىك ھېس قىلىپ: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېگەندە، «بىز ئاللاھ يولىدا سېنىڭ ياردەمچىلىرىڭ بولىمىز، دەۋىتىڭنى قوللايمىز، يولۇڭدا سەن بىلەن ئاداققىچە بىللە ماڭىمىز» دەپ ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىگەن مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ «ھەۋارىيلار»دۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى