فاتىھە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 7 ئايەت
مەنىسى: مۇقەددىمە، ئاچقۇچ. ئاتىلىش سەۋەبى: بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 12 ئىسمى بار، «قۇرئان كەرىم» ۋە نامازلارمۇ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ.
  1. (1-سۈرە فاتىھە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

    ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)

  2. (1-سۈرە فاتىھە، 2-ئايەت)
    الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر

    بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى،

  3. (1-سۈرە فاتىھە، 3-ئايەت)
    الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
    ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر

    (دۇنيادا ھەممىگە) شەپقەتلىك، (ئاخىرەتكە مۆمىنلەرگە) مېھرىبان،

  4. (1-سۈرە فاتىھە، 4-ئايەت)
    مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ
    قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر

    قىيامەن كۈننىڭ ئىگىسى-ئاللاھقا خاستۇر

  5. (1-سۈرە فاتىھە، 5-ئايەت)
    إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
    (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز

    (ئى رەببىمىز!) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز

  6. (1-سۈرە فاتىھە، 6-ئايەت)
    اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
    بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن

    بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن

  7. (1-سۈرە فاتىھە، 7-ئايەت)
    صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
    غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)

    غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن