ئادىيات سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەتمەنىسى: ئاتلىق (قوشۇن). ئاتىلىش سەۋەبى: ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْعَادِيَاتِ ضَبْحًا
(غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇرۇشتا) خارتىلداپ يۈگۈرگۈچى، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىچىدىن ئاۋاز چىقىرىپ يۈگۈرگۈچىلەر بىلەن، — ئەنەس ئالىم
(1-5) ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە مۇئەييەن سۈپەتتىكى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىدۇ. يۇقىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرلىرىدە زىكىر قىلىنغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ قەسىمى ئىككى مەنە ئىپادىلەيدۇ: بىرى ئاتلارنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى، يەنە بىرى داۋامىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى. دەرۋەقە، بۇ قەسەم ئات بېقىش، ئاتنى كۆندۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ۋە چەۋەندازلىق ئۆگىنىش، شۇنداقلا مۇسۇلمان ھەر دائىم ئارمىيەنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاتلىق قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن تەييار تۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگەن «جازىبىلىك ئارغىماقلار»، «جەڭ ئاتلىرى»، «ئۇلاغ ۋە زىننەت بولغان ئاتلار»نىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَالْمُورِيَاتِ قَدْحًا
(غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
(تىز چاپقانلىقتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، — تەرجىمە ھەيئىتى
يۈگۈرگەن چېغىدا ئاياقلىرىدىن ئۇچقۇن چاچراتقۇچىلار بىلەن، — ئەنەس ئالىم
-
فَالْمُغِيرَاتِ صُبْحًا
(غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، — تەرجىمە ھەيئىتى
سۈبھى ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن، — ئەنەس ئالىم
-
فَأَثَرْنَ بِهِ نَقْعًا
(غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
توپا-چاڭ چىقارغۇچى، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭ چىقارغانلار بىلەن — ئەنەس ئالىم
-
فَوَسَطْنَ بِهِ جَمْعًا
(غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
شۇ توپا-چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئۇنىڭ بىلەن توپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلەر بىلەن قەسەمكى[1]، — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الْإِنْسَانَ لِرَبِّهِ لَكَنُودٌ
ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ (نېمەتلىرىنى) شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ نېمەتلىرىگە شەكسىز تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسان رەببىگە بەك تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئومۇمەن ئىنسان تۇزكوردۇر، يەنى ئۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلمايدۇ، ياخشىلىققا تەشەككۈر بىلدۈرمەيدۇ، كىچىككىنە مۇسىبەتكە چىدىمايدۇ، ئازغىنە بايلىقتا ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ، نەپسى مال - مۈلۈككە تويمايدۇ، كۆڭلى ئېلىشنىلا خالايدۇ، كاللىسى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدۇ، ۋەزىپىسىگە سەل قارايدۇ، قىيىنچىلىقتا ئاللاھقا يېلىنىپ - يالۋۇرىدۇ، ئازادىچىلىكتە كونا كېسىلى قوزغىلىدۇ. لېكىن ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىق - ھىدايىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ لَشَهِيدٌ
ئىنسان ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا (يەنى ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) ئەلۋەتتە ئۆزى گۇۋاھتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ شۇ قىلمىشىغا ئەلۋەتتە ئۆزى گۇۋاھتۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىنساننىڭ ئۆز تۇزكورلۇقىغا قىلىدىغان گۇۋاھلىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى مۇشۇ دۇنيادا ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن ئىپادىلىشىدۇر، يەنە بىرى قىيامەت كۈنى سۆزى بىلەن ئېتىراپ قىلىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ لِحُبِّ الْخَيْرِ لَشَدِيدٌ
ئىنسان پۇل ـ مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان ھەقىقەتەن پۇل-مالغا ئىنتايىن ھېرستۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مال-دۇنيانى بەك ياخشى كۆرگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەسلىدە مال - دۇنيانى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزى ئەيىبلەنمەيدۇ، شۇڭلاشقا مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق موھتاجلارغا بېرىش مەدھىيەلىنىدۇ . لېكىن مال - دۇنيانى ئاخىرەت نېمەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇتۇش، مال - دۇنيانى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىدىن ئەلا بىلىش ئەيىبلىنىدۇ، چۈنكى بۇ كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَلَا يَعْلَمُ إِذَا بُعْثِرَ مَا فِي الْقُبُورِ
قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئىنسان قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بىلمەمدۇكى، قەبرىلەردىكى نەرسىلەر چىقىرىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
(9-11) ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا ئىنسانلار تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ ۋە رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ مېڭىلىدۇ. «دىللاردىكى نەرسىلەر» - دىللاردا ساقلانغان سىرلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ھەر دائىم خەۋەرداردۇر: ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان سۆز - ھەرىكەتلىرىنى ۋە دىللىرىدىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. بۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايىتى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت، 40 - سۈرە (غافىر)نىڭ 16 - ئايىتىگە ئوخشاش، «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتلىرىنى بېرىدۇ، كىمنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئۇلارنى تېگىشلىك جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَحُصِّلَ مَا فِي الصُّدُورِ
قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
دىللاردىكى سىرلار ئاشكارىلانغان چاغدا، — تەرجىمە ھەيئىتى
دىللاردىكى نەرسىلەر ئاشكارىلانغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ رَبَّهُمْ بِهِمْ يَوْمَئِذٍ لَخَبِيرٌ
قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
(ئۆزىنىڭ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى) بىلمەمدىغاندۇ؟ ئۇ كۈندە ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ رەببى ئۇلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم