ھۇمەزە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 9 ئايەتمەنىسى: بوھتان چاپلىغۇچىلار. ئاتىلىش سەۋەبى: بوھتان چاپلىغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ
(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ
ھەربىر كەمسىتكۈچى، غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم
«مەسخىرىچى - ھۇمەزە ﴿هُمَزَةٍ﴾»، «غەيۋەتخور - لۇمەزە ﴿لُّمَزَةٍ﴾» دېگەن كەلىمىلەر مۇبالىغە سۈپەتداش بولۇپ، بىرىنچىسىنىڭ مەنىسى «كىشىلەرنى ئارقىلىرىدىن قاش، كۆز، ئېغىز ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن ھاقارەتلەشنى، مەسخىرە قىلىشنى، كەمسىتىشنى، ئۇلارنىڭ شەرەپ ۋە ئىززىتىگە تەنە قىلىشنى، ھۆرمەت ۋە ئېتىبارىغا تىل تەگكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان كىشى» دېگەن بولىدۇ. ئىككىنچىسىنىڭ مەنىسى «ئىنسانلارنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتىشنى، ئۇلارنىڭ يۈز - ئابرۇيلىرىنى تۆكۈشنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا تەنە - ھاقارەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان كىشى» دېگەن بولىدۇ. «ھالىغا ۋاي» دەپ مەنە بېرىلگەن ئىپادە «ويلٌ»دۇر. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە مۇئمىنلەر بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئەيىبىنى ئىزدەش، مەسخىرە قىلىش ۋە يامان لەقەم بىلەن چاقىرىش قاتارلىق ئىللەتلەردىن مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدە بولسا، ئۇ گۇناھلارنى قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُ
ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مال-مۈلكۈم مېنى مەڭگۈ ھايات قالدۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق كىشىكى، مال توپلىدى ۋە ئۇنى سانىدى. — ئەنەس ئالىم
ئەسلىدە مال - مۈلۈك (بايلىق)نىڭ ئۆزى يامان كۆرۈلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئەكسىچە يامان كۆرۈلىدىغىنى مال - مۈلكىگە تايىنىپ باشقىلارنىڭ نام - ئابرۇي ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش، مال - مۈلۈك يىغىشنى غايە قىلىش، مال - مۈلكىدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىش قاتارلىق ئىللەتلەردۇر. چۈنكى مال - مۈلۈكتە ئاللاھنىڭ ھەققى بار بولۇپ، ئۇ بولسا سەدىقە ۋە زاكاتتۇر. شۇنىڭدەك، مال - مۈلۈكتە ئىگىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ھەققى، مىسكىن، يولۇچى، تەلەپ قىلغان ۋە قىلمىغان موھتاجلارنىڭ ھەقلىرى بار. مال - مۈلۈك سىناق ۋاسىتىسىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئەسقاتىدىغان نەرسە ئىمان، ئەمەل ۋە تەقۋادارلىقتۇر. ئەنە شۇ خۇسۇسلارغا رىئايە قىلغان ھالدا مال - مۈلۈك ئىگىسى بولۇش، ھەرگىزمۇ ئەيىبلەنمەيدۇ، ئەكسىچە تەرغىب قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ
ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
مال-مۈلۈك توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەنلا بولۇپ كەتتى. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مېلىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مال - مۈلكىگە ئۇ قەدەر بېرىلگەن ۋە ئۇ قەدەر ئىشەنگەنكى «بۇ ماللار بىلەن مەڭگۈ ياشايمەن» دەپ ئويلايدۇ ياكى بۇ دۇنيادا ھېچ ئۆلمەي مەڭگۈ ياشايدىغاندەك مال - مۈلۈك يىغىدۇ، پات - پات سانىنى ئېلىپ ھۇزۇرلىنىدۇ ۋە ياخشى يولدا سەرپ قىلىشقا پايلىمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى «مال - مۈلكۈم مېنى مەڭگۈ ياشىتىدۇ» دېگەن چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَلَّا ۖ لَيُنْبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇ ئويلىغاندەك بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مېلى ئۇ كىشىنى ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ ئەجىلى توشقاندا ئۆلىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ چۈشەنچىسىدىن ۋە ئويىدىن يانسۇن! سۇندۇرماق، پاچاقلىماق ۋە ئەزمەك دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ھەتم - حطم» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن «ھۇتەمە» - مۇبالىغە سۈپەتداش بولۇپ، بۇ ئايەتتە «يۇقىرى ھارارەتلىك ئوت، دەھشەتلىك ئوت، قورقۇنچلۇق ئوت» دېگەن مەنىدە دوزاخ ئوتىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ
ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
سەن ھۆتەمەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھۇتەمە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
«ھۇتەمە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟». بۇ ئىپادە «ھۇتەمە - دوزاخ ئوتى»نىڭ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئاللاھ ياندۇرغان، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاللاھنىڭ يېقىلغان ئوتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت «ھۇتەمە»نى بايان قىلىش بىلەن بىرگە دوزاخ ئوتىنىڭ نېمىشقا «ھۇتەمە» دەپ ئاتالغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، چۈنكى ئادەتتە ئوت (تاماق ئېتىش، ئىسسىنىش دېگەندەك) بىرەر مەقسەت ئۈچۈن يېقىلىدۇ. دوزاخ ئوتى بولسا، تېگىشلىك بولغانلارنى ئازابلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن مەخسۇس يېقىلغان ئوتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن 87 - سۈرە (ئەلا)نىڭ 12 - ئايىتىدە دوزاخ ئوتى «ئەڭ كاتتا ئوت» دەپ ئاتالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يۈرەكلەرگىمۇ تۇتىشىدىغان ئوتتۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق ئوتكى، دىللارغا يامىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
دىل ئەڭ نازۇك ئەزادۇر. دوزاخنىڭ ئوتى ئۇلارنىڭ دىللىرىغىمۇ يامىشىدۇ. ئۇلار دوزاخقا ئازابلىنىش ئۈچۈن تاشلانغاچقا تېرىلىرى پىشقانسېرى ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ ئەڭ نازۇك ۋە ناھايىتى سەزگۈر ئەزالىرى بولغان دىللىرىنى قورشايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار ئوتنىڭ ئەلىمىنى ناھايىتى شىددەتلىك ھالدا ھېس قىلىدۇ، لېكىن دىلى كۆيۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ دىلى كۆيۈپ كەتسە ئىدى، ئۆلۈپ قۇتۇلغان بولاتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى «يا ئۆلمەيدۇ يا ياشىمايدۇ» ئىپادىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّهَا عَلَيْهِمْ مُؤْصَدَةٌ
ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى قورشىغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا 49 - سۈرە (ھۇجۇرات)نىڭ 11 - ۋە 12 - ئايەتلىرىدە باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە غەيۋىتىنى قىلىشتىن توسىدۇ. 83 - سۈرە (مۇتەففىفىن)نىڭ 34 - ئايىتىدىمۇ مەزكۇر گۇناھلارنى قىلغانلارغا تېگىشلىك جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 72 - سۈرە (جىن)نىڭ 23 - ئايىتىدە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قېلىپ ئازاب چېكىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلار دوزاخقا تاشلانغاندىن كېيىن ئىشىكلەرنىڭ ئېچىلماسلىق ئۈچۈن تاقىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردىكى چەكلىمىسىگە بويسۇنماسلىق ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى، 72 - سۈرە (جىن)نىڭ 23 - ئايىتىدىكى ۋە بۇ ئايەتتىكى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي عَمَدٍ مُمَدَّدَةٍ
ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دوزاخقا سولىنىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەرگە باغلانغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەردە بولىدۇ» - تەپسىرلەردە بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئىككى ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ: 1) دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئۇزۇن تۈۋرۈكلەر بىلەن مەھكەم ئېتىۋېلىدۇ، ئىشىكلەرگە ئۇزۇن تۈۋرۈكلەر بىلەن دەم سېلىنىدۇ، «تۈۋرۈكلەردە» دېيىلىشى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشىكلەردىن كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئىشىكلەرنىڭ تاقىلىشىنىڭ مەھكەملىكىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. 2) ئۇلار دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى مەھكەم ئېتىلگەن چاغدا ئۇزۇن تۈۋرۈكلەرگە باغلانغان ھالەتتە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى