زۇھا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەت
مەنىسى: چاشگاھ. ئاتىلىش سەۋەبى: چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (93-سۈرە زۇھا، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالضُّحَىٰ
    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى

    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم

  2. (93-سۈرە زۇھا، 2-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ
    قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى

    قاراڭغۇلۇقى -ئەتراپنى قاپلىغان- چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى

  3. (93-سۈرە زۇھا، 3-ئايەت)
    مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق

    -ئى مۇھەممەد!- رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرۈپمۇ قالمىدى

  4. (93-سۈرە زۇھا، 4-ئايەت)
    وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَكَ مِنَ الْأُولَىٰ
    ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر

    سەن ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن تېخىمۇ ياخشىدۇر

  5. (93-سۈرە زۇھا، 5-ئايەت)
    وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰ
    پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن

    رەببىڭ ساڭا بېرىدۇ، ئاندىن سەن مەمنۇن بولىسەن

  6. (93-سۈرە زۇھا، 6-ئايەت)
    أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ
    ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟

    ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھ بەرمىدىمۇ؟

  7. (93-سۈرە زۇھا، 7-ئايەت)
    وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ
    قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟

    قايمۇققان ھالدا كۆرۈپ، يول كۆرسەتىمىدىمۇ؟

  8. (93-سۈرە زۇھا، 8-ئايەت)
    وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ
    سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟

    سېنى يوقسىز كۆرۈپ، بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟

  9. (93-سۈرە زۇھا، 9-ئايەت)
    فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
    يېتىمنى خارلىما

    ئۇنداقتا يېتىمنى خارلىما

  10. (93-سۈرە زۇھا، 10-ئايەت)
    وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ
    سائىلغا قوپاللىق قىلما

    سائىلغا قوپاللىق قىلما

  11. (93-سۈرە زۇھا، 11-ئايەت)
    وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)

    رەببىڭنىڭ نېمىتىگە كەلسەك، ئەنە ئۇ سۆزلەپ بەرگىن