زۇھا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەت
مەنىسى: چاشگاھ. ئاتىلىش سەۋەبى: چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (93-سۈرە زۇھا، 1-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالضُّحَىٰ
    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم — تەرجىمە ھەيئىتى

    چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ يەردە «چاشگاھ ۋاقتى» بىلەن قەسەم قىلىدۇ. بۇ، كۈن چىقىپ بىرئاز ئۆرلىگەندىن تارتىپ چۈشكىچە بولغان ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن جانلىقلار رىزىق ئىزدەپ يەر يۈزىگە تارقىلىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلسا، كېچىسى ئۇخلاپ ئارام ئالغان ئىنسانلارنىڭ ئۇ ۋاقىتتا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ يەر يۈزىگە تارقىلىشى ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ مەھشەرگاھقا مېڭىشىنى ئەسلىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىت ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (93-سۈرە زۇھا، 2-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ
    قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قاراڭغۇلۇقى -ئەتراپنى قاپلىغان- چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    جىمىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    كېچە - كۈن پېتىش بىلەن كۈن چىقىشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت بولسىمۇ كېچىنىڭ جىمىشى - كېچىنىڭ، قاراڭغۇلۇق چۈشۈپ ئالەمنى قاپلىغان، ئەل ئايىغى بېسىققان، ھايۋانلار ئۇۋىلىرىغا كىرىپ ئارام ئېلىشقا باشلىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە قىيامەتتىن ئىلگىرىكى ھەرىكەتسىزلىكنى ئەسلىتىدۇ. شۇڭلاشقا كېچىنىڭ بۇ قىسمىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئىككى ئايەتتە ئۇيقۇ بىلەن ئويغىنىشنىڭ ۋە ئۆلۈش بىلەن تىرىلىشنىڭ بىر يەردە زىكىر قىلىنىشى ئەنە شۇ چاشگاھ ۋاقتى بىلەن كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇق باسقان قىسمىنىڭ ئەھمىيىتىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە دالالەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ 39 - سۈرە (زۇمەر)نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتىنىڭ ئاخىرىدىكى «بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە بۇ نۇقتىدىن ناھايىتى مەنىلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرۈپمۇ قالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرمىدى. — ئەنەس ئالىم

    تەپسىرلەردە بۇ ئايەتلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي، مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن نازىل بولغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. چۈنكى مۇشرىكلار ۋەھىي كېچەككەندە: «مۇھەممەدنى رەببى تاشلىۋەتتى ۋە يامان كۆردى» دېيىشكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (93-سۈرە زۇھا، 4-ئايەت) ھىساب پەيغەمبەرگە تەسەللىي
    وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَكَ مِنَ الْأُولَىٰ
    ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن تېخىمۇ ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاخىرقىسى سەن ئۈچۈن ئاۋۋالقىسىدىن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    «ئاخىرقىسى سەن ئۈچۈن ئاۋۋالقىسىدىن ياخشىدۇر»، بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: 1) ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ھەر ئىشىڭنىڭ ئاخىرى ئاۋۋىلىدىن ياخشى بولىدۇ، جۈملىدىن پەيغەمبەرلىكىڭ ئەتراپقا يېيىلىدۇ، كۈن ئۆتكەنسېرى دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلغانلار كۆپىيىدۇ، ۋەھىي توختاپ قالمايدۇ، ئاخىرىدا دىنىڭ مۇكەممەل قىلىنىدۇ ۋە ساڭا نازىل قىلىنىشقا باشلىغان قۇرئان پۈتۈنلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر كۈنۈڭ ئاۋۋالقى كۈنۈڭدىن ياخشى بولىدۇ. مەككىنىڭ فەتھى بولۇشى، ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان باشقا رايونلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بۇنى تەكىتلەيدۇ. 2) ئاخىرەتتە ساڭا بېرىلىدىغان ئىنئام ۋە مۇكاپاتلار دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن نېمەتلەردىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئاخىرەت ھاياتى ئەبەدىيدۇر ۋە مەڭگۈ باقىيدۇر، نېمەتلىرى پۈتمەس - تۈگىمەس، سان - ساناقسىز ۋە خىلمۇخىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰ
    پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ساڭا بېرىدۇ، ئاندىن سەن مەمنۇن بولىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ساڭا يېقىندا بېرىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن. — ئەنەس ئالىم

    رەببىڭ يېقىندا ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئاتا قىلىدۇ، سەن رازى بولىسەن، مەمنۇن بولىسەن، خۇرسەن بولىسەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر مۇددەتتىن كېيىن، ئۇنى سۆيۈندۈرىدىغان نېمەتلەر ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ ئومۇمىي ۋەدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇنيادا ئاتا قىلغان ئىلىم، ھېكمەت، نۇسرەت ۋە فەتھلەر قاتارلىق نېمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان ئىنئاملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئايەت «سەن رازى بولىسەن - فترضى» دېگەن ئىپادە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادا دەۋىتىنىڭ ئەتراپقا يېيىلىشى، دىللاردا ئىمان نۇرىنىڭ يورۇشى ۋە دىيارلاردا ئىسلام ئادالىتىنىڭ ھاكىم بولۇشى قاتارلىقلاردىن سۆيىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرەتتە بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ «ۋەزىپەڭنى ئادا قىلدىڭ» دەپ رازىمەنلىك ئېلان قىلىشى ۋە ئىنئاملار ئاتا قىلىشىدىن سۆيۈنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ
    ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھ بەرمىدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىن باشلاپ 3 ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرى ئاتا قىلغان ئۈچ نېمىتىنى ئەسلىتىپ تەسەللىي بېرىدۇ. ئۇ نېمەتلەردىن بېرى ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان چاغلاردا ئۇنىڭغا ۋەسىي ۋە ھامىي بولىدىغان كىشىلەر ئارقىلىق پاناھلىق بېرىشتۇر. دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا ئاتىسىدىن، ئالتە ياش چېغىدا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن باشتا بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ
    قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    قايمۇققان ھالدا كۆرۈپ، يول كۆرسەتىمىدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سېنى قايمۇققان كۆرۈپ ھىدايەت قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن كېيىنكى دەۋرى بىلەن ئىلگىرىكى دەۋرى سېلىشتۇرۇلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى قەۋمىنىڭ ئېتقادى بولغان بۇتپەرەستلىكنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ناچار ئادەتلىرىنىڭ يامانلىقىنى بىلەتتى ۋە ئۇلاردىن يىرگىنەتتى، لېكىن ئۇلاردىن قانداق قۇتۇلۇشىنى بىلمەيتتى. بۇ ئايەتتىكى ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا بۇ توغرىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى، تېڭىرقىغان ھالەتتە ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇنى بۇ ئەھۋالدىن قۇتقۇزدى ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتتى. بۇ سۈرىنىڭ 4 - ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «كېيىنكىسى سەن ئۈچۈن ئاۋۋالقىسىدىن ياخشى» دەيدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغان. جۈملىدىن ئۇنى بۇتپەرەسلىك، خۇراپات ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (93-سۈرە زۇھا، 8-ئايەت) رىزىق پەيغەمبەرگە تەسەللىي
    وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ
    سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سېنى يوقسىز كۆرۈپ، بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سېنى موھتاج كۆرۈپ بىھاجەت قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرەيشنىڭ ئېسىل نەسەبلىك ئائىلىسىدىن بولۇش بىلەن بىرگە يېتىم ۋە ھىمايىگە موھتاج ھالدا چوڭ بولغان، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق چاغلىرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئۆتكەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ باشتا ئەبۇ تالىبنىڭ ھىمايىسىدە بولۇشى، كېيىن ئۆزىنىڭ تىجارەت قىلىشى، تىجارەتچى بىر ئايال (خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا) بىلەن ئۆيلىنىشى ۋە بۇ ئايالنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە يوقسۇزلۇقتىن قۇتۇلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
    يېتىمنى خارلىما — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداقتا يېتىمنى خارلىما — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا يېتىمنى خارلىمىغىن، — ئەنەس ئالىم

    (9-11) يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، كەلگۈسى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بېرىدۇ ۋە بۇ چاغقىچە ئاتا قىلغان ئۈچ نېمىتىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئايەتتىن باشلاپ سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەزكۇر ئۈچ نېمەتنىڭ شۈكرانىسى ماھىيىتىدە ئۈچ ۋەزىپە يۈكلەيدۇ. ئۇ ۋەزىپىلەر تۆۋەندىكىچە: 1) يېتىمنى خارلىماسلىق، ئەكسىچە يېتىمنى ھىمايە قىلىش، قانات ئاستىغا ئېلىش ۋە بېشىنى سىلاش، 2) ماددىي ياكى مەنىۋى بىرەر نەرسە سورىغانلارنى ئازارلىماسلىق، ئەكسىچە ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق ۋە ياردەم قىلىش، سورىغان سوئالىغا تاتلىق تىل بىلەن ئەتراپلىق جاۋاب بېرىش. 3) رەببى ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنسانلارغا سۆزلەش. بۇ يەردىكى «نېمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتقا قەدەر (بۇ ئايەت نازىل بولغۇچە) ئېرىشكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ھاياتى بويىچە ئېرىشىدىغان پۈتكۈل ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «رەببىنىڭ نېمىتىنى سۆزلەش»نىڭ مەنىسى، ئۇ نېمەتلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەنلىكىنى ئىنسانلارغا ئېيتىپ بېرىش، ۋەھىينى يەتكۈزۈش ۋە ئىلىمنى ئۆگىتىش، شۇنداقلا ئۇلارنى يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش دېمەكتۇر. بۇ ۋەزىپىلەر پۈتۈن ئۈممەتكىمۇ يۈكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ بۇيرۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخىرقى ئۈچ ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەر توغرىسىدا يول كۆرسىتىش ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ
    سائىلغا قوپاللىق قىلما — مۇھەممەد سالىھ

    سائىلغا قوپاللىق قىلما — تەرجىمە ھەيئىتى

    سائىلغا[1] قوپاللىق قىلمىغىن، — ئەنەس ئالىم

  11. (93-سۈرە زۇھا، 11-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى شۈكۈر
    وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ نېمىتىگە كەلسەك، ئەنە ئۇ سۆزلەپ بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ نېمىتىنى سۆزلىگىن. — ئەنەس ئالىم