تەغابۇن سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 18 ئايەت
مەنىسى: زىيان تارتىش. ئاتىلىش سەۋەبى: كاپىرلارنىڭ قىيامەتتە زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (9-، 10-ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. پادىشاھلىق ئاللاھنىڭدۇر، ھەمدۇسانالار ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

    يەتتە ئاسمان ۋە ئۇلاردىكى پەرىشتىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر ، زېمىندىكى جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك نەرسىلەر، ھاۋادىكى قۇشلار، دېڭىزلاردىكى جانلىقلار... قاتارلىق بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ئاللاھقا تەزىم قىلىدۇ، ئېھتىرام قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر: ئۇلارنى يارىتىش، لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش، باشقۇرۇش، ئەجىلى توشقانلارنى يوق قىلىش، يېڭىسىنى يارىتىش... قاتارلىق ئىشلارنى پەقەتلا ئاللاھ قىلغان، ئاللاھ قىلماقتىدۇر ۋە ئاللاھ قىلىدۇ، بارلىق مەخلۇقات ۋە جىمى مەۋجۇدات ئۆزىگە لايىق شەكىلدە ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى يارىتىشقا ۋە ھەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ فَمِنْكُمْ كَافِرٌ وَمِنْكُمْ مُؤْمِنٌ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاراڭلاردا مۆمىنلەرمۇ بار، كاپىرلارمۇ بار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاراڭلاردا مۇئمىنلارمۇ بار، كاپىرلارمۇ بار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ياراتتى. سىلەردىن كافىرلارمۇ بولىدۇ، مۇئمىنلارمۇ بولىدۇ[1]. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سىلەرنى يوقتىن يارىتىپ، سىلەرگە خاتا يولنى تاللاپ كافىر بولۇش ياكى توغرا يولنى تاللاپ مۇئمىن بولۇش ئىختىيارىنى بەردى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر؛ ھېچبىر قىلمىشىڭلار ۋە ھېچبىر ئەھۋالىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، شۇڭلاشقا تاللاش ئىختىيارىڭلارنى توغرا يولنى تاللاشقا ئىشلىتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىللەردە شەكىللەندۈردى. قايتىپ بارىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى سىلەرگە ھايات كەچۈرۈش شارائىتى ھازىرلاش، تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش، ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، سىلەرنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشىغا بۇيرۇش ۋە ياماندىن توسۇش، ئاندىن ئۆز ئىختىيارى ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا شەكىلدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ، جىنس، چىراي - شەكىل ۋە رەڭگىروي جەھەتتىن ئەڭ چىرايلىق ھالەتتە ياراتتى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا ھېساب نەتىجىسىدە لايىق بولغان يېرىڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (64-سۈرە تەغابۇن، 4-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ئىلمى
    يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (نىيەتلىرىڭلاردىن، ئەمەللىرىڭلاردىن) يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارىلىغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارىلىغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز بولۇپ، ئۇ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ھالەتتە قىلغان بارلىق قىلمىشىڭلارنى، ھەتتا دىلىڭلاردىكى سىر ۋە نىيەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا بۇزۇق نىيەتتە بولۇشتىن، يالغان سۆزلەرنى ئېيتىشتىن ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا ئۇ دۇنيادا ھېسابىڭلار ئېغىر، جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ فَذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ئىلگىرى كافىر بولۇپ، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازابمۇ بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! سىلەرگە نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد قەۋمى، سەمۇد قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرى يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىپ كەلدى. سىلەر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىق خەۋەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. دەرۋەقە ئۇلار (يۇقىرىدا ئىككىنچى ئايەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىت قىلىنغان كافىرلار، يەنى ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى) ئۇ خەۋەرلەرنى بىلەتتى، چۈنكى نۇھنىڭ قىسسەسى نۇھتىن كېيىنكى ئۇممەتلەرنىڭ ئىچىدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرەتتى. ھۇد، سالىھ ۋە لۇت ئۇلارنىڭ دىيارلىرىدا ياشىغان ئىدى. ئۇلار، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىنىڭ خارابىلىكلىرىنى يەمەن ۋە شامغا قىلغان سەپەرلىرى ئەسناسىدا كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قىسسەلىرى ئىلگىرى نازىل قىلىنغان نۇرغۇن ئايەتلەردە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. ذَٰلِكَ بِأَنَّهُ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالُوا أَبَشَرٌ يَهْدُونَنَا فَكَفَرُوا وَتَوَلَّوْا ۚ وَاسْتَغْنَى اللَّهُ ۚ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلالامدۇ؟» دېدى. (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئىمانىغا) موھتاج ئەمەستۇر، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بىر ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلامدۇ؟» دېيېش ئارقىلىق ئىنكار قىلدى ۋە ئىماندىن يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ ئۇلارغا موھتاج بولمىدى، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلامدۇ؟» دەپ ئىنكار قىلغان ۋە يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ قەۋملەرنىڭ دۇنيادا ھالاك قىلىنىشىنىڭ ۋە ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ۋە ئوچۇق ئايەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان ئىدى، ئۇلار: «بىزنى بىزگە ئوخشاش ئىنسان يېتەكلەمدۇ؟» دەپ ئۇ ئەلچىلىمىزنى ئىنكار قىلغان، دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ھەقتىن باش تارتقان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارغا موھتاج ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، مەخلۇقاتى تەرىپىدىن مەدھىيەلىنىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (64-سۈرە تەغابۇن، 7-ئايەت) ھىساب تىرىلىش كاپىرلىق
    زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ لَنْ يُبْعَثُوا ۚ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ ۚ وَذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
    كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار «ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار: بىز ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ قارىغۇرلارچە ئىشەندى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ياق، ئۇنداق ئەمەس! رەببىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئەلۋەتتە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار قىلىنىسىلەر. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر». — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار: «بىز ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەپ ئويلىدى ۋە بۇ ئويىنى قارىغۇلارچە دەۋا قىلدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ياق، ئۇنداق ئەمەس! مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر يېقىندا ئۆلىسىلەر، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. بۇ ئىشلار ئاللاھقا ئاساندۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالنُّورِ الَّذِي أَنْزَلْنَا ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
    ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇر -قۇرئان - غا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇنداقتا، سىلەر ئەنە شۇ قىيامەت كۈنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن، ھازىر ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا ئاللاھنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ توغرا ئېيتىۋاتقانلىقىغا ۋە سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى يورۇتۇپ بېرىدىغان قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئۇنتۇماڭلاركى: ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سىلەردىن ئالىدۇ، شۇڭلاشقا تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. يَوْمَ يَجْمَعُكُمْ لِيَوْمِ الْجَمْعِ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ التَّغَابُنِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر (يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ). كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىر كۈنى ئاللاھ سىلەرنى جەم قىلىش كۈنى ئۈچۈن يىغىدۇ[2]. ئەنە شۇ، پايدا ئېلىش ۋە زىيان تارتىش كۈنىدۇر[3]. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. ئەنە شۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! ئاللاھ «جەمئى قىلىش كۈنى» بارلىق خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ ئۇ كۈنى سىلەرنىمۇ قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ. ئەنە شۇ كۈن، دۇنيادىكى چېغىدا نەپسىگە ۋە شەيتانغا ئالدانغانلارنىڭ ئالدىنىشلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؛ ھەر كىشى نەپسى بىلەن شەيتانغا ئالدىنىشىنىڭ بەدىلىنى كۆرىدۇ. كىمكى دۇنيادىكى چېغىدا ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ باغچىلاردا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قېلىپ ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەنە شۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش بۈيۈك بەخت قازانغانلىقتۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ خالايىقتىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن بىر كۈن بەلگىلىگەن ۋە ئۇ كۈننى ئىككى ئايەتتە «يوم الجمع- جەم قىلىش كۈنى» دەپ ئاتىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى) ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادىكى چېغىدا ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ئاللاھ ياراتقان ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمىغان ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرگە بويسۇنمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايى بولغان دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ يَهْدِ قَلْبَهُ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھقا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا يېتىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانغا يەتكەن ھەرقانداق مۇسىبەت، كائىناتتا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى ئىنسانغا سىناق، بەزىسىنى تەنبىھ ۋە بەزىسىنى جازا سۈپىتىدە ئەۋەتىدۇ. ئىنسان ھەر مۇسىبەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەتكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، خاتا كېتىۋاتقان بولسا يولىدىن يېنىشى، توغرا كېتىۋاتقان بولسا ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە سەۋر قىلىشى كېرەك. كىم ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنسە، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىلاھىي ئىرادىگە تەسلىم بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئاللاھ كائىناتتىكى ھەر ئىشنى، ھەر ئەھۋالنى ۋە ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن بەندىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
    ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بەرگەن يوليورۇقلارغا سەمىمىي بويسۇنۇڭلار. ئەگەر بويۇنتاۋلىق قىلساڭلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. بىلىڭلاركى: ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر؛ ھەقىقەتنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ سىلەرگە ئۇقتۇرۇشتۇر. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى: ئەلچىمىز ئۆز ۋەزىپىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۆز ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. ئەلچمىزنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغ، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار ئىتائەتتۇر. ئەلچىمىز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى؛ سىلەرگە ھەقنى يەتكۈزدى ۋە سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلدى. ئەگەر ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بەخت - سائادىتى بولغان توغرا يولغا كەلگەن بولىسىلەر، ناۋادا ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىساڭلار ئازغۇنلۇقتا قېلىپ زىيان تارتىشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (64-سۈرە تەغابۇن، 13-ئايەت) ئىمان ئاللاھقا ئىشىنىش تەۋھىد
    اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن! — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر؛ ئاللاھ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا ئوخشىشى، تەڭدىشى ۋە شېرىكى بولمىغان زاتتۇر، مەخلۇقاتنىڭ چوقۇنۇشىغا لايىق يېگانە مەبۇدتۇر، شۇڭلاشقا بۇ تەۋھىدكە ئىشەنگەن كىشىلەر ھەر ئىككى ئالەمدە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ وَأَوْلَادِكُمْ عَدُوًّا لَكُمْ فَاحْذَرُوهُمْ ۚ وَإِنْ تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار ۋە مەغپىرەت قىلساڭلار بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، جۈپلىرىڭلاردىن ۋە بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرى بار. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، ياخشى مۇئامىلىدە بولساڭلار ۋە ھىمايە قىلساڭلار[4]، بىلىڭلاركى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ جۈپتىلىرىڭلار (ئەر مۇئمىنلەرنىڭ خوتۇنلىرى، ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئەرلىرى) ۋە بالىلىرىڭلار ئىچىدە سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى دەپ سىلەرنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولىدۇ، يامان ئىشلارنى قىلىشىڭلارغا زورلايدۇ. ئۇلارنىڭ ناتوغرا تەلەپ، خاتا پىكىر ۋە ناھەق ئۈندەشلىرىگە دىققەت قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلدۇرۇشىدىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلساڭلار، خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ سىلەر يەنىلا ياخشى مۇئامىلە قىلساڭلار ۋە ئۇلارنى باغرىڭلارغا بېسىپ ھىمايەڭلارغا ئالساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە سىلەرگە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ لايىق بولغانلارغا مەغپىرىتى كۆپ ۋە مەرھەمىتى كەڭ زاتتۇر.. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئۈچ تۈرلۈك ئەمر بەرمەكتىدۇر: 1) ئۇلارنى ئەپۇ «عفو» قىلىش، 2) ئۇلارنى سەفھى«صفح» قىلىش، 3) ئۇلارنى مەغپىرەت (مغفرة) قىلىش. ئەپۇ قىلىش- يامانلىققا جازا بەرمەسلىك دېگەن بولىدۇ. سەفھى قىلىش- يامانلىقنى يوق ھېسابلاش، يامانلىق قىلمىغاندەك مۇئامىلە قىلىش، يامانلىق قىلغۇچى ئۈچۈن مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە يېڭى بەت ئېچىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش» بۇ مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەغپىرەت قىلىش- يامانلىققا جازا بەرمەسلىك (ئەپۇ قىلىش) ۋە يامانلىقنى يوق ھېسابلاپ، يامانلىق قىلمىغاندەك مۇئامىلە قىلىش (سەفھى قىلىش) بىلەن بىرگە گۇناھكارنى ھىمايە قىلىش، قوغداش ۋە ياخشىلىق قىلىش دېگەن بولىدۇ. مەغپىرەت بىلەن ئوخشاش سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن مىغفەر (مغفر) دۇبۇلغا دېگەن بولىدۇ. چۈنكى دۇبۇلغا جەڭدە قىلىچ ۋە ئوقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆمۈردىن ياسالغان باش كىيىمىدۇر. دېمەككى، سەفھىنىڭ مەنىسى ئەپۇنىڭ مەنىسىدىن كەڭدۇر، مەغپىرەتنىڭ مەنىسى سەفھىنىڭ مەنىسىدىن كەڭدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنى ئەپۇ قىلىشى ئۇلارنىڭ گۇناھىغا جازا بەرمەسلىكى، ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشى ئۇلاردىن جازانى ۋە گۇناھنى ساقىت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى دوزاختىن ساقلاپ، جەننىتىگە كىرگۈزۈشى دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. إِنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ ۚ وَاللَّهُ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار بىر سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىناقتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۈيۈك مۇكاپات بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئاللاھ تەرىپىدىن بىرەر سىناقتۇر؛ ئاللاھ ئۇلارغا ئالدىنىپ ئاسىيلىق قىلغانلار بىلەن ئۇلارغا شۈكۈر قىلىپ ئىتائەت قىلغانلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدى، شۇڭلاشقا سىلەر مال - مۈلۈكلىرىڭلارغا ئالدىنىپ ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، بالىلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋەزىپەڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، دىلىڭلاردا ئاللاھ سۆيگۈسى، مال ۋە بالا سۆيگۈسىدىن كۈچلۈك بولسۇن، شۇنداق بولغاندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنْفِقُوا خَيْرًا لِأَنْفُسِكُمْ ۗ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار ۋە -ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى- سەرپ قىلىڭلار، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئىتائەت قىلىڭلار ۋە مال چىقىم قىلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. كىم نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇنداقتا، ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تائەت - ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇڭلار ۋە ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىڭلار، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. كىمكى بېخىللىقىدىن، ئاچ كۆزلۈكتىن ۋە نەپسانىيەتچىلىكتىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ كىشى مۇرادىغا يەتكۈچىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
    ئاللاھقا قەرزى ھەسەنەقەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن پۇل – مال سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، ھەلىيمدۇر، — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، يەنى ئاللاھ بېرىدىغان ساۋابقا چىن دىلىڭلاردىن ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ چىقىم قىلغان پۇل - مېلىڭلارنى سىلەرگە قاتمۇقات كۆپەيتىپ قايتۇرىدۇ، گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىپ سىلەرگە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىغا ئەجر ئاتا قىلغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ يولىدا - غازات ئۈچۈن مال بەرگەنلىك «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ياخشى يولدا پۇل - مال چىقىم قىلىشنىڭ «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇ ئىشقا تەرغىب قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىش مالنى زايە قىلغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا ئامانەت قىلغانلىقتۇر؛ پۇل - مېلىنى ئاللاھقا ئامانەت قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۇ مېلىنى مۇكەممەل، تولۇق ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن ھالەتتە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. چۈنكى قىيامەت كۈنى «ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توپلىنىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    (ئاللاھ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر؛ ئىنسانلار ئۈچۈن غەيب ۋە ئاشكارا ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەر، ئەھۋاللار ۋە ئىشلار ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئاشكارىدۇر، ئاللاھ ھەر ئىككىسىنى ئوخشاشلا كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەت ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى