زەلزەلە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: تەۋرەش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. (99-سۈرە زەلزەلە، 1-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى قىيامەت ۋاقتى
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىن قاتتىق سىلكىنىپ، — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت قايىم بولغاندا يەنى بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا يەر شارىدا شىددەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەۋرەش يۈز بېرىدۇ، تاغلار قوزغىلىپ سورۇلۇپ كېتىدۇ، يەر يۈزىدە يىقىلمىغان بىرەر بىنا ۋە تۈزلەنمىگەن بىرەر دۆڭ قالمايدۇ، چۈنكى «قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ناھايىتى چوڭ ھادىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (99-سۈرە زەلزەلە، 2-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى قىيامەت ۋاقتى
    وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
    زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا — مۇھەممەد سالىھ

    قوينىدىكى يۈكلىرىنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى ۋە باشقىلارنى) چىقارغاندا، — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىن ئۆزىنىڭ يۈكلىرىنى چىقارغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    «زېمىننىڭ يۈكلىرى» - مەدەنلەرنى ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، قىيامەت قايىم بولغان ۋاقىتقىچە ئۇنىڭغا دەپنە قىلىنغان ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە 84 - سۈرە (ئىنشىقاق)نىڭ 4 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (99-سۈرە زەلزەلە، 3-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى غەپلەت
    وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا
    ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە — مۇھەممەد سالىھ

    بۇنى كۆرگەن ئىنسان: «بۇ زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەندە، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئىنسان: «زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا ھاياتتا بولغان ئىنسانلار زېمىننىڭ قاتتىق تەۋرىشىدىن چۆچۈپ ۋە مەدەنلەرنىڭ يەر يۈزىگە چىقىشىدىن ھەيران بولۇپ: «زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دەيدۇ. ئاندىن ھەر ئىنسان ھوشىدىن كېتىپ ئۆلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (99-سۈرە زەلزەلە، 4-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ھۆكۈم
    يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا
    بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە زېمىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «ئەنە شۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيدۇ»، تەپسىر ئالىملىرى بۇ ھەقتە ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئۈچ كۆزقاراشنى زىكىر قىلىدۇ: 1) ئاللاھ تائالا زېمىنغا بىر تۈرلۈك گەپ قىلىش ۋە بايان قىلىش قابىلىيىتى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە كىمنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ئېنىق مەلۇم قىلىدۇ. 2) زېمىن «زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەن ئىنسانغا ئۆزىنىڭ تەۋرىشى ۋە ئىچىدىكى يۈكلەرنى تېشىغا چىقىرىشى ئارقىلىق ئەھۋالنىڭ نېمىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. 3) زېمىننىڭ قاتتىق تەۋرىتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ: «دۇنيا تۈگىدى، ئاخىرەت باشلاندى» دەپ خەۋەر بەرگەنلىكىدۇر. مۇھىم بولغىنى زېمىننىڭ ھەقىقىي مەنىدە سۆزلىشى ياكى سۆزلىمەسلىكى ئەمەس، زېمىننىڭ دۇنيا ھاياتىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ۋە ھەر ئىنساننىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا ئۇ چاغدا ھېچبىر نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنى دۇنيادا بۇ ھەقىقەتنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ ياشاشقا، ئۇ كۈنى زېمىننىڭ ئۆزى ھەققىدە ياخشى نەرسىلەر سۆزلىشى ئۈچۈن تىرىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (99-سۈرە زەلزەلە، 5-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ھۆكۈم
    بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا
    (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزىنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى رەببىڭ ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى زېمىننىڭ، ئۆزىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىنسانلارغا سۆزلىشى قايسى مەنىدە بولسا بولسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ئەمىر قىلىشى سەۋەبىدىندۇر. بۇ ئەمىر ئاللاھ تائالانىڭ زېمىنىدا سۆزلەش قابىلىيىتى يارىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا سۆزلەش رۇخسىتى بېرىشى ياكى ئۇنىڭغا «بول» دېيىشىدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا: «بول» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (99-سۈرە زەلزەلە، 6-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ
    بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن (قەبرىلىرىدىن) توپ-توپ بولۇپ چىقىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈندە ئىنسانلار خىلمۇخىل گۇرۇھلار ھالىتىدە تارىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئۆز ئەمەللىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك ئېھتىمال بار: 1) ئىنسانلار مەھشەرگاھتا ھېساب بەرگەندىن كېيىن ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەردىن خىلمۇخىل گۇرۇھلار ھالىتىدە تارقىلىدۇ: ئەھلى جەننەت گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ، ھەر گۇرۇھ جەننەتكە خۇددى مېھمان سۈپىتىدە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئەھلى دوزاخمۇ گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ، ھەر گۇرۇھ خۇددى چاڭقىغان پادا سۈپىتىدە دوزاخقا ھەيدىلىدۇ. چۈنكى ئاخىرەتتە ئىنسانلار ئەمەللىرىگە قارىتا گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ. 2) ئىنسانلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ مەھشەرگاھقا، ئەمەل دەپتەرلىرىگە يېزىلغان ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ - توپ ھالەتتە كېلىدۇ. تەپسىر ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ ئىككى ئېھتىمالنىڭ بىرىنچىسىنى تاللايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (99-سۈرە زەلزەلە، 7-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ
    كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كافىر بولسۇن مۇئمىن بولسۇن ھەر ئىنساننىڭ ئەمىلى بۇ دۇنيادا مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن يېزىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە ھەر كىشى ئۆزىگە بېرىلگەن كىتابتا زەررىچىلىك ياخشىلىقى بولسىمۇ ئۇنى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇنچىلىك ياخشىلىقنىڭمۇ نەتىجىسىنى مۇئمىنلەر كۆرىدۇ. كافىر ۋە مۇشرىكلار كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىشى ۋە شېرىك كەلتۈرۈشى پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (99-سۈرە زەلزەلە، 8-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ
    كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرەتتە ھەر كىشى زەررىچىلىك يامانلىقىنىمۇ كۆرىدۇ. ئالدى بىلەن ئەمەل دەپتىرىدە ئۇنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئاندىن جەننەت ياكى دوزاختا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. بۇ نەتىجىسىنى مۇئمىنلەر جەننەتتىكى دەرىجىسىنىڭ بەلگىلىنىشىدە، كافىر ۋە مۇشرىكلار دوزاختىكى ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشىدە كۆرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «بىر يامانلىققا بىر يامانلىقنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ»، «ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى