فەتىھ سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 29 ئايەت
مەنىسى: ئازاد قىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُبِينًا
    ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا روشەن فەتىھ ئاتا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (1-3) ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا روشەن فەتھ ئاتا قىلدۇق. ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ۋە ساڭا كۈچلۈك نۇسرەت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ساڭا بۇ فەتھنى ئاتا قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ ئالتىنچى يىلى ساھابىلىرى بىلەن ھەرەم مەسجىدىگە، بەزىلەر باشلىرىنى چۈشۈركەن، بەزىلەر قىرقىتقان ھالەتتە كىرىپ چۈش كۆرگەن ۋە بۇ چۈشىنى ساھابىلىرىگە ئېيتىپ بەرگەن، ئۇلار بۇنىڭغا قاتتىق سۆيۈنگەن، ئاندىن 1500 ئەتراپىدا كىشى بىلەن مىيقاتقا (زۇلھۇلەيفە دېگەن جايغا) كېلىپ ئېھرام باغلىغان ۋە قورال - ياراغسىز ھالدا مەككىگە قاراپ يولغا چىققان. ئۇلارنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلىغان قۇرەيش مۇشرىكلىرى دەرھال كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى قانداقلا بولمىسۇن بەيتۇللاھقا كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان، شۇنداقلا مەخسۇس قوشۇن تەشكىللەپ مەككىگە كېلىدىغان ئاساسىي يولنى توسقان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، ھەمراھلىرى بىلەن جىلغىلار ئارىسىدىكى چىغىر يول بىلەن مېڭىپ، مەككە مەركىزىنىڭ 17 كىلومېتىر غەربىگە ۋە كونا جىددە يولىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان «ھۇدەيبىييە» دېگەن جايغىچە كەلگەن ۋە تۆگىسىنىڭ چۆكۈۋېلىشى بىلەن شۇ يەرگە چۈشكەن. تۆگىنىڭ چۆكۈۋېلىشى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى . ئاندىن بەزى قەبىلە چوڭلىرىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سۆھبەتلىشىشى نەتىجىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرقانچە ماددىلىق بىر كېلىشىمنامە ئىمزالانغان. ئاندىن كېلىشىمنامە بويىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار كېلەر يىلى كېلىپ ئۆمرەنىڭ قازاسىنى قىلىش شەرتى بىلەن مەدىنىگە قايتىپ كەتكەن. ئۇلار «ھۇدەيبىييە»دىن يېنىپ مەدىنىگە كېتىۋاتقاندا بۇ (فەتھ) سۈرە نازىل بولغان. مۇپەسسىرلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۇ يەردىكى «فەتھ»نىڭ ئەنە شۇ «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، سۈرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. «فەتھ» (كۆپلۈك شەكلى فۇتۇھ، ئۇنىڭمۇ كۆپلۈك شەكلى فۇتۇھات)- لۇغەتتە مەسدەر بولغاندا ئاچماق، يول كۆرسەتمەك، ھۆكۈم قىلماق ۋە زەپەرگە ئېرىشتۈمەرك دېگەن مەنىلەردە، ئىسىم بولغاندا غەلىبە، زەپەر، ھۆكۈم دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ (فەتھ) كەلىمنىڭ ئاتالغۇ (ئىستىلاھىي) مەنىسى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ كۇفرى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىرەر رايوننى غازات بىلەن ياكى سۈلھى بىلەن ئىگىلىشى دېمەكتۇر، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە «خەيبەر»نىڭ يەھۇدىيلاردىن، «مەككە»نىڭ مۇشرىكلاردىن ئېلىنىشى «فەتھ» دەپ ئاتالغان. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر رايوننى «فەتھ» قىلىشى بىلەن ئۇ يەردىكى زۇلۇم ئاخىرلىشىدۇ، ئادالەت ھاكىم بولىدۇ، ئىنسانلار تۈرلۈك ھەقسىزلىقلەردىن قۇتۇلىدۇ، مال - مۈلۈكلەر تالان - تاراچتىن ساقلىنىدۇ، جان، مال، شەرەپ ۋە ئائىلە بىخەتەرلىكى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ، دىن ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى»نىڭ «فەتھ مۇبىن - روشەن فەتھ» دەپ ئاتىلىشى، ئۇ سۈلھى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىكى بېسىم يوقالغانلىقى، دەۋەت پائالىيەتلىرى ئەركىن ھالدا يۈرۈتۈلۈشكە باشلىغانلىقى ۋە خالىغان ئىنسانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇ كېلىشىمنامىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن مۇشرىكلار تەرىپىدىن بىر دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر كېلىشىمنامە ماقۇللانغان، خالىغان ئىنسانلار مۇشرىكلار تەرىپىدىن جان - مېلىغا بىرە زىيان - زەخمەت يېتىشىدىن قورقماستىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قوشۇلىدىغان بولغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ «فەتھ»نى ئاتا قىلىشىنىڭ ھېكمەتلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ: 1) سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىش، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ «فەتھ»تىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىشىنى، ئاللاھ تائالاغا كۆپ ھەمدۇسانا ، تەسبىھ ۋە ئىستىغپار ئېيتىشىنى، شۇنداقلا پۈتۈن كەمچىلىك ۋە سەۋەنلىكلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىغا نائىل بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 2) ساڭا نېمىتىنى تاماملاش، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلامنى ھەر جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزۈشىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ «فەتھ»تىن كېيىن ئىسلامىي ھۆكۈملەر تاماملانغان، ئىسلام ھاكىمىيىتى كېڭەيگەن ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمان بولۇپ دوستقا ئايلانغان ياكى ئامانلىق تىلەپ ئىسلام ئادالىتىگە سېغىنغان، نەتىجىدە ئىسلام ئادالىتى تىكلەنگەن، شېرىك تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغان. 3) سېنى توغرا يولغا باشلاش، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ «فەتھ»تىن كېيىن توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارغا دەۋەتنى يەتكۈزۈش، كۆپلىگەن كۇفۇر دىيارىنى ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. 4) ساڭا كۈچلۈك نۇسرەت ئاتا قىلىش، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارنى ھەر جەھەتتىن كۈچەيتىش، كافىرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق زەپەرگە ئېرىشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى»دىن كېيىن، «فەتھ»لەر داۋاملاشقان، ئىككى يىلدىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ مەركىزى بولغان مەككە «فەتھ» بولغان، ئىنسانلار توپ - توپ ھالدا ئىسلامغا كىرگەن، تۆت يىلدىن كېيىن شېرىك تۈزۈمى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇلۇپ پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
    ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بۇ شەكلىدە سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە سېنى توغرا يولغا باشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى — ئەنەس ئالىم

  3. (48-سۈرە فەتىھ، 3-ئايەت) جىھاد ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    وَيَنْصُرَكَ اللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا
    ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ساڭا كۈچلۈك بىر رەۋىشتە ياردەم بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

  4. هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ السَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ الْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوا إِيمَانًا مَعَ إِيمَانِهِمْ ۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ -بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مۇئمىنلار ئىمانىغا ئىمان قوشسۇن دەپ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى نازىل قىلدى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ئىمانى كۈچىيىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىك سالدى ۋە ھۇزۇر بېغىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەزكۇر «كېلىشىمنامە»گە رازى بولدى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلدى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ، مۇئمىنلار، پەرىشتىلەر، باشقا مەخلۇقاتلار ۋە تەبىئەت ھادسىلىرىدىن ئىبارەت بولغان قوشۇنلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ئۇ قوشۇنلىرىدىن ئۆزى خالىغان قىسىم بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، جۈملىدىن مۇئمىنلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)كە ياردەم قىلدى. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرغان ھەر ئىشىنى ۋە يولغا قويغان ھەر ھۆكمىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن پىلانلاپ ئىجرا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. لِيُدْخِلَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِنْدَ اللَّهِ فَوْزًا عَظِيمًا
    (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە بۇ، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىن ئەرلەرنى ۋە مۇئمىن ئاياللارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار ئىچىدە مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى چوڭ مۇۋپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    (5-6) ئاللاھ خالىغان بولسا باشقا قوشۇنلىرىنى چۈشۈرۈپ كافىرلارنى يوق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئەر - ئايال مۇئمىنلارغا دۇنيادا نۇسرەت ئاتا قىلىش، قىيامەت كۈنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، ھەمدە ئاللاھقا قارىتا يامان گۇماندا بولغان ۋە مۇئمىنلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقۇشىنى كۈتكەن ئەر - ئايال مۇنافىقلارنى ۋە ئەر - ئايال مۇشرىكلارنى دۇنيادا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىش، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ ئازابلاش ئۈچۈن غازاتنى يولغا قويدى، مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىپ ئۇلار بىلەن ئۆز ئەلچىسىگە ياردەم بەردى. ئەر - ئايال مۇنافىقلار ۋە ئەر - ئايال مۇشرىكلار يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە يولۇقىدۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ الظَّانِّينَ بِاللَّهِ ظَنَّ السَّوْءِ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۖ وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
    (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە بۇ، مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا يامان ئويلاردا بولدى، ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارغا يېتىشىنى خالىغان ھالاكەت زەنجىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ، ئاللاھقا قارىتا يامان گۇماندا بولغان مۇنافىق ئەرلەرنى ۋە مۇنافىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنى يامانلىق قورشىۋالسۇن. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم

  7. وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ، مۇئمىنلار، پەرىشتىلەر، باشقا مەخلۇقاتلار ۋە تەبىئەت ھادسىلىرى (بوران، يەر تەۋرەش، گۈلدۈرماما، چاقماق، سۇ تاشقىنى.... قاتارلىقلار)دىن ئىبارەت بولغان قوشۇنلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت، ئېرىىشلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ ئاللاھ خالىغان ئىشىنى خالىغان شەكىلدە پىلانلايدۇ، خالىغان كىشىگە خالىغان قوشۇنى بىلەن ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر پىلانى پۇختا، ھەر ئىشى مۇكەممەل، ھەر ھۆكمى ئادىل ۋە ھەر سۆزى راستتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
    بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سېنى پەيغەمبەرلىك ھاياتىڭ بويىچە ھەقنى يەتكۈزۈپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ مۇئمىنلىقىغا، ئىنكار قىلغانلارنىڭ كافىرلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى، بۇرۇنقى ئىلاھىي كىتابلاردىكى ھەقنىڭ ھەق، ئىنسانلار قوشقان باتىلنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىم بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلارغا، دۇنيادا بەختلىك ھاياتقا، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگۈچى ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى دۇنيادا بەختسىزلىككە، ئاخىرەتتە دوزاخقا دۇچار بولىدىغانلىقىنىڭ شۇم خەۋىرىنى بەرگۈچى . قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
    سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەيسىلەر، ئۇنى قوللىغايسىلەر، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغايسىلەر، چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقايسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىزنىڭ سىلەرگە ئەنە شۇ سۈپەتتىكى پەيغەمبەرنى، سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى ئادا قىلىشىڭلار، ئاللاھقا تەزىم ۋە ئېھتىرام قىلىشىڭلار، سۆز - ھەرىكەتلىرىڭلار بىلەن كۈن بويى ئاللاھنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىڭلار ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. شۇڭلاشقا سىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى (مۇھەممەد)گە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنى لايىقىدا ئۇلۇغلاڭلار ۋە قەدىرلەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى كۈن بويى ئىپادىلەڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. إِنَّ الَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ اللَّهَ يَدُ اللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ ۚ فَمَنْ نَكَثَ فَإِنَّمَا يَنْكُثُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِمَا عَاهَدَ عَلَيْهُ اللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
    شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، -ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيىدە- ساڭا بەيئە قىلغانلار ھەقىقەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ساڭا بەيئەت قىلغانلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. كىم يېنىۋالسا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا يانىدۇ، كىم ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كۈچىنىڭ يېتىشىچە يېنىڭدا تۇرۇپ سەن بىللە ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇرۇشتىن قاچماسلىق توغرىسىدا، سەن بىلەن قول باغلىشىپ تۇرۇپ ساڭا ئەھدە بەرگەن كىشىلەر، ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. كىم بۇ ئەھدىسىدىن يېنىۋالسا ئۆزى زىيان تارتىدۇ، كىم ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 6 - يىلى ئۆمرە قىلىش مەقسىتى بىلەن 1500 ئەتراپىدا ساھابىسى بىلەن مەككىگە ماڭغان ۋە مەككىنىڭ مەركىزىگە 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «ھۇدەيبىييە» دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە تۆگىسىنىڭ چۆكۈۋېلىشى بىلەن شۇ يەرگە چۈشكەن، ئاندىن ئۆزىنىڭ مەككىگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى يېنىدا توختىتىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈگەنلىكى خەۋىرى تارقالغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار بىلەن ئېلىشمىغىچە بۇ يەردىن قايتمايمىز» دېگەن، ئاندىن مۇئمىنلارنى بەيئەت قىلىشقا چاقىرغان، ئۇلار شۇ يەردە بولغان بىر دەرەخنىڭ تېگىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاداققىچە قاچماستىن ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا بەيئەت قىلغان. قۇرەيش خەلقى بۇ بەيئەتنى ئاڭلاپ قورققان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچى ئەۋەتىپ سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى ئارىسىدا 10 يىللىق كېلىشىمنامە تۈزۈلگەن، بۇ كېلىشىمنامە شۇ جاينىڭ ئىسمى بىلەن «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى» دەپ ئاتالغان، ئۇ بەيئەتنى قىلغان مۇئمىنلاردىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ بەيئەت «رىزۋان بەيئىتى» دېيىلگەن. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ساڭا «ھۇدەيبىييە»دىكى دەرەخنىڭ تۈۋىدە جەڭ مەيدانىدىن قاچماسلىق، شۇنداقلا ئاداققىچە كۇففالار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قول باغلاشقان كىشىلەر بۇ قول باغلىشىشى بىلەن ئەسلىدە ئاللاھ بىلەن قول باغلاشقان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا قويغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ يېنىدا ھازىردۇر، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ تۇرغان يەرلىرىنى، نىيەت ۋە سىرلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن قىلىشقان بۇ ئەھدىسىنى بۇزىدىكەن، يەنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە بۇ شەكىلدە ئەھدە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كافىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزى زىيان تارتىدۇ؛ دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئارقىلىق ئاللاھقا بەرگەن بۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن بىللە ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى مۇكاپاتلايدۇ؛ دۇنيادا ئىززەت، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت مۇئمىنلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ بەيئەتنى قىلغاندىن كېيىن نازىل بولغان، ئاندىن مۇئمىنلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى» تۈزۈلۈپ ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ لَكُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا ۚ بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
    (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغان ئەئرابىلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ سەن بىلەن چىقالمىدۇق، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلار دىللىرىدا بولمىغاننى تىللىرىدا سۆزلەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس - ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس-، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەر يېقىندا ساڭا: «بىزنى ماللىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىز مەشغۇل قىلدى. شۇڭا سەن بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دەيدۇ. ئۇلار تىللىرى بىلەن قەلبلىرىدە يوق نەرسىنى سۆزلەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى سىلەرگە كىم نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    (11-12) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن چىققان ۋە «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى» بىلەن ئۆمرە قىلالماي قايتىپ كەلگەن سەپىرىگە چىقىشنىڭ ئالدىدا، مەدىنىدىكى بارلىق قەبىلىلەرنى بۇ سەپەرگە ئۆزى بىلەن بىللە چىقىشقا دەۋەت قىلغان، سەھرالىق ئەرەب قەبلىلىرىدىن بىرقانچە قەبىلە مەنسۇپلىرى باھانە كۆرسىتىپ ئايرىلىپ قالغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەندە، «ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ چىقالمىدۇق دپ ئۆرزە ئېيتايلى» دەپ تەييار بولغان، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ پىلانىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدىنئالا بىلدۈرگەن. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! سەن بۇ سەپىرىڭگە چىقىشنىڭ ئالدىدا يالغان ئۆزرە ئېيتىپ سەندىن ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەر، سەن مەدىنىگە قايتىپ بارغان ۋە ئۇلارنى ئەيىبلىگەن چېغىڭدا ساڭا: «يا رەسۇلەللاھ! بىز مال - مۈلۈكلىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بۇ سەپەرگە چىقالمىدۇق، بىز ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسىلە» دەيدۇ. ئۇلار تىللىرى بىلەن قەلبلىرىدىكى نەرسىنىڭ غەيرىينى ئېيتىدۇ؛ ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا كىم ئۇ زىياننى سىلەردىن قايتۇرۇۋېتەلەيدۇ؟ ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا كىم ئۇ پايدىنى سىلەردىن قايتۇرۇۋېتەلەيدۇ؟ سىلەر: ‹ئاللاھ بىزنىڭ سىرلىرىمىزنى بىلمەيدۇ› دەپ ئويلايسىلەر، ئەمەلىيەت سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر؛ ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەسلىدە سىلەر ‹رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلار بۇ سەپەردىن قايتىپ ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار مەككىلىكلەرگە يېڭىلىپ تۈگىشىدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار ۋە بۇ سەۋەبتىن بىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭلار، بۇ گۇمانىڭلار دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر بۇ سەپەرگە كەتكەن مۇئمىنلارنىڭ ھەققىدە يامان گۇمانلاردا بولدۇڭلار ۋە بۇ سەۋەبتىن ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك قەۋم بولدۇڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. بَلْ ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَنْقَلِبَ الرَّسُولُ وَالْمُؤْمِنُونَ إِلَىٰ أَهْلِيهِمْ أَبَدًا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمْ وَظَنَنْتُمْ ظَنَّ السَّوْءِ وَكُنْتُمْ قَوْمًا بُورًا
    بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئائىلىلىرىگە مەڭگۈ قايتمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلدىڭلار، بۇ دىللىرىڭلارغا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى سىلەر ‹رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلار ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا ھەرگىزمۇ قايتمايدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى. يامان گۇماندا بولدۇڭلار ۋە ھالاك بولۇشقا تېگىشىلىك قەۋم بولدۇڭلار». — ئەنەس ئالىم

  13. (48-سۈرە فەتىھ، 13-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    وَمَنْ لَمْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَعِيرًا
    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن (ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن بىلسۇنكى، بىز كاپىرلارغا يالقۇنلۇق بىر ئوت تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنمىسە، بىلىپ قويسۇنكى بىز كافىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    كىمكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە سەمىمىي ھالدا ئىشەنمەيدىكەن، ئۇنداق كىشى كافىر ھېسابلىنىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا لايىق بولىدۇ؛ بىز كافىرلارغا، ئوتلىرى قاتتىق ھارارەت بىلەن يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان دوزاخنى تەييارلىدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن ئۇ ئوتنىڭ ئىچىگە تاشلايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ بىردىنبىر پادىشاھىدۇر؛ ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ؛ ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئاسمان جىسىملىرى ۋە بارلىق ئانئورگانىك ماددىلار) ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرماقتا ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئاللاھ داۋاملاشتۇرماقتىدۇر. ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ (توغرا يولنى قوبۇل قىلغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ)، ئۆزى خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ (ئازغۇنلۇقتا قالغان كىشىنى ئۆز ئازغۇنلۇقىدا تەرك ئېتىدۇ ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ). ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى چەكسىزدۇر؛ تەۋبە قىلغان گۇناھكارنى ئەپۇ قىلىدۇ، تەۋبە قىلمىغان گۇناھكارنى دەرھال جازالىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِذَا انْطَلَقْتُمْ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ ۖ يُرِيدُونَ أَنْ يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّهِ ۚ قُلْ لَنْ تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمْ قَالَ اللَّهُ مِنْ قَبْلُ ۖ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
    (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىقماقچى بولغىنىڭلاردا -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغانلار: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر قەتئىي ھالدا بىزگە ئەگىشىپ كەلمەڭلار، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ناھايىتى ئاز چۈشىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايرىلىپ قالغۇچىلار سىلەر غەنىيمەتلەرنى ئېلىشقا ماڭغان چېغىڭلاردا سىلەرگە: «بىزنى قويۇۋېتىڭلار، سىلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر ھەرگىزمۇ بىزگە ئەگىشەلمەيسىلەر. چۈنكى ئاللاھ بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق دېگەن». بۇ قېتىم ئۇلار: «بەلكى سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بەكمۇ ئاز چۈشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! «ھۇدەيبىييە سەپىرى»ڭدە يالغان ئۆزرە ئېيتىپ سەندىن ئايرىلىپ مەدىنىدە قالغان ئۇ كىشىلەر، سىلەر «خەيبەر»گە غەنىيمەتلەرنى ئېلىشقا ماڭغان چېغىڭلاردا سىلەرگە: «بىزگە ئىجازەت بېرىڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ بىللە بارايلى» دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ: «خەيبەر غەنىيمەتلىرى پەقەت ھۇدەيبىييە سەپىرىگە قاتناشقان مۇئمىنلارغا خاستۇر» دەپ ئېيتقان سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ؛ سەن بىلەن بىللە خەيبەر سەپىرىگە چىقىپ غەنىيمەتلەرگە شېرىك بولۇشنى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇ سۆزىگە خىلاپلىق قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «سىلەر بىزگە ھەرگىزمۇ ئەگىشەلمەيسىلەر؛ خەيبەر سەپىرىگە بىز بىلەن ئەسلا چىقالمايسىلەر. چۈنكى ئاللاھ ئۇ غەنىيمەتلەرنى ھۇدەيبىييە سەپىرىگە چىققانلارغا ۋەدە قىلغان» دېگىن. ئى مۇھەممەد! ئۇلار بۇ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ: «ئاللاھنىڭ ئۇنداق دېگىنى يوق، لېكىن سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىپ شۇنداق دەۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئەمەلىيەت ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى لازىملىقىنى چۈشەنمەيدۇ. خەيبەر غازىتىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: «خەيبەر» - مەدىنىنىڭ 150 كىلومېتىر ئەتراپىدا شىمالىغا جايلاشقان ۋە مۇستەھكەم قەلئەلەر بىلەن چۆرىدەلگەن بىر شەھەر بولۇپ، ئۇ شەھەر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىق، قۇتراتقۇلۇق ۋە سۈيىقەست پىلانلىرىنىڭ مەركىزى ئىدى. ئەنە شۇ خەيبەر ئاھالىسى بولغان يەھۇدىيلار «ئەھزاب ئۇرۇشى»غا كەلگەن گۇرۇھلارنى تەشكىللىگەن، «بەنى قۇرەيزە» يەھۇدىلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمنامىسنى بۇزۇشقا كۈشكۈرتكەن ۋە مۇنافىقلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ھېچبىر زامان توختىمىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى» بىلەن جەنۇب تەرەپتىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇ يەھۇدىيلاردىن ھېساب سوراش، شۇنداقلا شىمال تەرەپتە دەۋەتنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن «ھۇدەيبىييە سەپىرى»دىن قايتىپ (ھىجرەتنىڭ 7 - يىلى مۇھەررەم ئېيىدا، مىلادىيە 628 - يىلىدا) خەيبەر سەپىرىگە چىققان ئىدى. باشتا زىكىر قىلىنغاندەك مۇنافىقلار ۋە ئىمانى ئاجىزلار «ھۇدەيبىييە سەپىرى»دىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بۇ سەپەرگە، «ھۇدەيبىييە سەپىرى»گە قاتناشقان مۇئمىنلارنىڭلا چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە مەدىنىگە بىر ساھابىسىنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ ئۆزى ئۇ مۇئمىنلارنى ئېلىپ خەيبەرگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى. بۇ ئەسنادا مەدىنىدىكى مۇنافىقلار خەيبەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ يەھۇدىيلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار ئىتتىپاقداش قەبىلىلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلاردىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنى يەڭگەن تەقدىردە خەيبەر مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىنى بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بەزى قەبىلىلەر يولغا چىقىدۇ، لېكىن يولدا كېتىۋېتىپ ئىسلام قوشۇنىنىڭ، ئاھالىسىگە ۋە مال - مۈلۈكلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قايتىپ كېتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، يول باشلاپ ماڭغان ئىككى يېتەكچىسىنى چاقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ شام تەرەپكە قېچىشىنى توسۇش ئۈچۈن خەيبەرگە شام تەرەپتىن كىرىدىغان ئەڭ ياخشى يولغا باشلىشىنى ئېيتىدۇ. ئىسلام قوشۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا شۇنداق مېڭىپ ئۇرۇش بولغان كۈن تاڭ ئاتىدىغان كېچىدە خەيبەرگە يېقىن بىر جايغا كېلىپ شۇ يەردە قونىدۇ، ئەتىگىنى تاڭ قاراڭغۇسىدا بامدات نامىزىنى ئۆتەپ ئاندىن خەيبەرگە قاراپ ماڭىدۇ، بۇ ئەسنادا خەيبەر ئاھالىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز دېھقانچىلىق قوراللىرىنى (گۈرجەك، كورەك، ئوتىغۇچ، كەپكۈر، كەتمەن، تاغار، سېۋەت قاتارلىقلارنى) ئېلىپ ئېتىزلىقلىرىغا چىقىدۇ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ: «مۇھەممەد! ۋەللاھى مۇھەممەد، چوڭ قوشۇن» دېيىشىپ شەھەرنىڭ ئىچىگە قاچىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوشۇنى ئۈچۈن بىر جاينى قارارگاھ بولۇشقا تاللايدۇ، بۇ ئەسنادا ھەباب ئىبنى مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ: «يا رەسۇلەللاھ! بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىمۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ پىكرىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ پىكرىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يارەسۇلەللاھ! بۇ، دۈشمەن قەلئەسىگە بەك يېقىن جاي، ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرى بۇ قەلئەنىڭ ئىچىدە، بىز بۇ يەرنى قارارگاھ قىلساق ئۇلار بىزنى كۆرىدۇ، بىز ئۇلارنى كۆرمەيمىز، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى بىزگە يېتىدۇ، بىزنىڭ ئوقلىرىمىز ئۇلارغا يەتمەيدۇ، بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىنالمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر خورما دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا ۋە چوڭقۇر بىر جاي، بۇ خەتەرلەردىن خالىي بىر جاينى قارارگاھ قىلىشىمىزغا بۇيرۇغان بولسىلا» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ پىكرىڭ توغرا پىكىر» دەيدۇ ۋە قارارگاھنى باشقا يەرگە يۆتكەيدۇ. ئىسلام قوشۇنى ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن خەيبەرگە يېقىنلاشقاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى توختىتىپ: «ئى ئاللاھ! ئى يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلار سايە سېلىپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ رەببى! ئى يەتتە زېمىننىڭ ۋە ئۇلار كۆتۈرۈپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ رەببى! ئى شەيتانلارنىڭ ۋە ئۇلار ئازدۇرغان كىشىلەرنىڭ رەببى! بىز سەندىن بۇ يۇرتنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمىز، بىز سەندىن بۇ يۇرتنىڭ يامانلىقىدىن، بۇ يۇرتنىڭ ئاھالسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بۇ يۇرتتىكى يامانلىقلاردىن ساقلىشىڭنى تىلەيمىز» دەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن بايراقنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بېرىدۇ. خەيبەر ئىككىگە ئايرىلاتتى، بىرىنچى قىسمى بەش دانە قەلئە بىلەن، ئىككىنچى قىسمى ئۈچ دانە قەلئە بىلەن چۆرىدەلگەن ھالەتتە ئىدى، بىرىنچى قىسمىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولىدۇ، قەلئەلەر مۇسۇلمان قوشۇن تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ «فەتھ» قىلىندۇ، بۇ ئەسنادا يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرىدىن «رەبىئـ ئىبنى ئەبىل ھۇقەيق» دېگەن كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچى ئەۋەتىپ سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكى سۈلھى تۈزۈلىدۇ: 1) قەلئەلەرنىڭ ئىچىدىكى جەڭچى يەھۇدىيلار ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، ئۇلار ئائىلە تەۋەلىرىنى ئېلىپ خەيبەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، 2) ئۇلارنىڭ يەر - زېمىن، مال - مۈلۈك، ئالتۇن، كۈمۈش، ھايۋان ۋە قورال - ياراغلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قالىدۇ. ئۇلارغا پەقەت ئۈستىگە كىيگەن بىر قۇر كىيىملىرىلا قالىدۇ. بۇ سۈلھىدىن كېيىن قەلئەلەر مۇسۇلمانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ ۋە خەيبەرنىڭ فەتھى بۇ شەكىلدە تاماملىنىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلاردىن 16 كىشى شەھىد بولىدۇ، يەھۇدىيلاردىن 93 كىشى ئۆلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن باشقا يەھۇدىيلار ياشاۋاتقان «فەدەك»نى ۋە «تېيما»نى سۈلھى بىلەن، «ۋادىلقۇرا»نى ئۇرۇش بىلەن فەتھى قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئۇلار بىلەن قايتا بىر كېلىشىم تۈزىدۇ، كېلىشىم بويىچە فەتھى قىلىنغان بۇ جايلارنى، چىققان مەھسۇلاتنىڭ يېرىمىنى تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئەسلىدىكى ئىگىرىلىرى بولغان يەھۇدىيلارغا بېرىدۇ، ئاندىن ھىجرەتنىڭ 7 - يىلى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياكى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا مەدىنىگە قايتىدۇ. خەيبەر يەھۇدىيلىرى مەزكۇر سۈلھى بويىچە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك زامانىغىچە خەيبەردە ياشايدۇ، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى بەزى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ھىجرەتنىڭ 20 - يىلى (مىلادىيە 641 - يىلى) سۈرىيە تەرەپكە سۈرگۈن قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. قُلْ لِلْمُخَلَّفِينَ مِنَ الْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَىٰ قَوْمٍ أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ ۖ فَإِنْ تُطِيعُوا يُؤْتِكُمُ اللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا ۖ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُمْ مِنْ قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغان ئەئرابىلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر، يا ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇيرۇققا بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەرگە ئېيتقىنكى: «سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى يۈز ئۆرۈگىنىڭلاردەك، يەنە يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىييە سەپىرىدە سەندىن ئايرىلىپ قالغان ۋە بۇ قېتىم خەيبەر سەپىرىگە بىللە چىقىشتىن مەنئى قىلىنغان سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر يېقىندا ناھايىتى جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، ئەگەر ئۇ چاقىرىققا ئەستايىدىل بويسۇنساڭلار ئاللاھ سىلەرگە دۇنيادا غەنىيمەت، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدۇ، ناۋادا ئىلگىرى ھۇدەيبىييە سەپىرىگە چىقىش ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىقنى قوبۇل قىلمىغىنىڭلاردەك، ئۇ چاقىرىقنىمۇ قوبۇل قىلمىساڭلار ئاللاھ سىلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابلايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ ۗ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَمَنْ يَتَوَلَّ يُعَذِّبْهُ عَذَابًا أَلِيمًا
    (جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخىرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى ئۆزرىسىز جىھادتىن باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇرۇشقا چىقمىغان ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغىمۇ گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگىمۇ گۇناھ يوقتۇر. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كىم يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! كور، توكۇر ۋە كېسەل ئادەملەر ئۇرۇشقا چىقمىسا گۇناھكار بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قادىر بولالمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى دوزاخقا تاشلاپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن مەڭگۈ ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 10 - ئايەتتە «ھۇدەيبىييە»دە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا بەيئەت قىلغان مۇئمىنلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 18 ~ 26 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇئمىنلاردىن ئۆزىنىڭ رازى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلىدۇ، زەپەرنىڭ بېشارىتىنى بېرىدۇ، ئۇلارنى ئۆمرە قىلىشقا ماڭغان سەپىرىدە، «ھۇدەيبىييە» دېگەن جايدا ئۆزىنىڭ توختىتىپ قويۇشىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. لَقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنْزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا
    ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ مۇئمىنلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، -ئى مۇھەممەد!- ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار -ھۇدەيبىيىدە- دەرەخ ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكى- راستلىق بىلەن ۋاپا- نى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە - خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى - بىلەن مۇكاپاتلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار دەرەخنىڭ ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلغان چاغدا ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلدى، ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى نازىل قىلدى ۋە ئۇلارنى يېقىن فەتىھ بىلەن مۇكاپاتلىدى. — ئەنەس ئالىم

    (18-19) ئى مۇھەممەد! سەن بىلەن ئۆمرە قىلىش سەپىرىگە چىققان مۇئمىنلار «ھۇدەيبىييە»گە كەلگەندە ئۇ يەردىكى دەرەخنىڭ تۈۋىدە ساڭا بەيئەت قىلغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئىمان، ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتنى بىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىك سالدى ۋە ھۇزۇر بېغىشلىدى، ئۇلارغا «ھۇدەيبىييە»دىن قايتقاندىن كېيىنلا خەيبەرنىڭ فەتھىنى ۋە خەيبەر ئاھالىسىدىن ئالىدىغان كۆپلىگەن غەنىيمەتلەرنى ئاتا قىلدى، ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت، ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەت ئىگىسدۇر؛ دوستلىرىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشنى ناھايىتى پۇختا پىلانلايدۇ ۋە پىلانىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. وَمَغَانِمَ كَثِيرَةً يَأْخُذُونَهَا ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
    ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئۇلارنى ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھغالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇلار ئۇ غەنىيمەتلەرنى ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  20. وَعَدَكُمُ اللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَٰذِهِ وَكَفَّ أَيْدِيَ النَّاسِ عَنْكُمْ وَلِتَكُونَ آيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
    ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىيمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، مۇئمىنلارغا نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ شۇنداق قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارنى ئالىسىلەر. بۇنى سىلەر ئۈچۈن تېز ئاتا قىلدى، ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى. ئاللاھ بۇنى مۇئمىنلارغا ئالامەت بولۇشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    (20-21) ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە كۆپلىگەن غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى، ئۇلارنى ۋاقتى كەلگەندە ئالىسىلەر، ئۇ غەنىيمەتلەرنىڭ ئىچىدىن خەيبەر غەنىيمىتىنى سىلەر ئۈچۈن تېز ئاتا قىلدى، كافىر ۋە مۇنافىق ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى؛ سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولغان كافىرلارنى ۋە سىلەر يوق چاغدا مەدىنىدە ئائىلە تەۋە ۋە مال - مۈلۈكلىرىڭلارغا چېقىلماقچى بولغان كافىرلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى، ئاللاھ بۇنى سىلەرگە ئىنئام قىلىش، سىلەردىن كېيىنكى مۇئمىنلارغا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىش، سىلەرنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە مۇۋەپپەق قىلىش ئۈچۈن قىلدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرگە، سىلەر ئىلگىرى ئالالمىغان باشقا غەنىيمەتلەرنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ئۇ غەنىيمەتلەرنى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرماقتىدۇر، شۇنداقلا ئىلكىدە تۇتماقتىدۇر، يېقىندا سىلەرگە ئۇ غەنىيمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر؛ خالىغان ئىشنى خالىغان چېغىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَأُخْرَىٰ لَمْ تَقْدِرُوا عَلَيْهَا قَدْ أَحَاطَ اللَّهُ بِهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
    ئاللاھ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىيمەت (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ تولۇق بىلگەن باشقا غەنىمەتلەرمۇ بار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يەنە باشقا غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارغا قادىر بولمىدىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق بىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

  22. (48-سۈرە فەتىھ، 22-ئايەت) ئۆزىنى قوغداش كاپىرلىق
    وَلَوْ قَاتَلَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوَلَّوُا الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئارقىلىرىغا قاراپ قېچىشقان بولاتتى، ئاندىن ئۆزلىرىگە ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر كافىرلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، چوقۇم ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچاتتى، ئاندىن ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى. — ئەنەس ئالىم

    (22-23) ئاللاھ قوللىرىنى سىلەردىن توسقان كافىرلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا ئىدى، چوقۇم مەغلۇپ بولغان ۋە تىكىۋەتكەن بولاتتى، ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ھېمايىچىمۇ، ھېچقانداق ياردەمچىمۇ تاپالمىغان بولاتتى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىرىلىرى ئىچىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر؛ ئاللاھ كافىرلارنى ئۆزى بېكىتكەن بۇ قانۇن بويىچە مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ، مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلسا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى يوق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئەلچىسىگە ئەگەشكەن مۇئمنلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇلارنى زەپەرگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا بۇ قانۇنى بويىچە مۇئمىنلارغا «ھۇدەيبىييە سەپىرى»دىن ئىلگىرى، «بەدر»، «ھۇنەين» ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى جەڭلەردە نۇسرەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا زەپەرگە ئېرىشتۈرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (48-سۈرە فەتىھ، 23-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئىلاھىي ھۆكۈم
    سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
    بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا بولۇپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن. — ئەنەس ئالىم

  24. وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُمْ بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنْ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
    ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلىدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مەككىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، «ھۇدەيبىييە»دە مەككە مۇشرىكلىرىنى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن توستى، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىشتىن توستى؛ ئىككى تەرەپنى بىر - بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن توسۇپ ئاراڭلاردا سۈلھى ئورناتتى، بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە رەھمىتى ۋە ئىنايىتى ئىدى، چۈنكى ئاللاھ بۇ سۈلھى بىلەن سىلەرگە قىسقا مۇددەت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان فەتھ ۋە غەنىيمەتلەر نېسىپ قىلاتتى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر؛ نىيەت، قىلمىش ۋە ئەھۋالىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇشرىكلاردىن قوراللىق بىر جامائە ھۇدەيبىييەگە كېلىپ مۇسۇلمانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، مۇسۇلمانلار تۇيۇپ قېلىپ ئۇلارنى تۇتۇۋالغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قويۇپ بېرىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفًا أَنْ يَبْلُغَ مَحِلَّهُ ۚ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُؤْمِنُونَ وَنِسَاءٌ مُؤْمِنَاتٌ لَمْ تَعْلَمُوهُمْ أَنْ تَطَئُوهُمْ فَتُصِيبَكُمْ مِنْهُمْ مَعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    ئۇلار كاپىر بولدى،سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشتىن توستى،مەككىدە سىلەر بىلمەيدىغان ئەر ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كاپىر بولغانلار ۋە سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشىدىن توستى، مەككىدە سىلەر بىلمەيدىغان ئەر ـ ئايال مۇئمىنلار بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشۇڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى - ئەلۋەتتە ئاللاھ مەككىگە كىرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلغان بولاتتى-، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن سىلەرنى مەككىگە كىرىشتىن توستى، ئەگەر ئۇ مۇئمىنلار كاپىرلاردىن ئايرىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كافىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقان كىشىلەردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر - بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان، سىلەرنى ھەرەم مەسجىدىگە يېتىپ بېرىپ ئۆمرە ئىبادىتىڭلارنى ئادا قىلىشتىن ۋە ئېلىپ كەلگەن قۇربانلىق ماللىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىنىدىغان يېرىگە يېتىپ بېرىشتىن توسقان كىشىلەردۇر. ئەگەر سىلەرنىڭ، مەككىدە سىلەر بىلمىگەن ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىىدا ئىمانىنى يوشۇرۇپ ياشاۋاتقان ئەر - ئايال مۇئمىنلارنى، بىلمەستىن مۇشرىكلارنىڭ قاتارىدا ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، «مۇئمىنلارنى ئۆلتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ سىلەرنى توسمىغان، شۇنداقلا ئۇ كافىرلارنى سىلەرنىڭ قوللىرىڭلار بىلەن ئازابلىغان بولاتتى. ئاللاھ سىلەرنى بۇ ئەيىبتىن، مەككىدىكى مەخپىي مۇئمىنلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قولىدا ئۆلۈشتىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇ كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا يول قويمىدى. ئەگەر ئۇ مەخپىي مۇئمىنلار ئۇلاردىن ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى قاتتىق قىينىغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق؛ شۇ كۈنى سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىپ ئۇلارنى تارمار قىلاتتۇق، مەككىنى فەتھ قىلاتتۇق، لېكىن ئۇ يەردىكى مەخپىي مۇئمىنلارنىڭ ھاياتى، كافىرلارنىڭ ئۆلۈمىدىن مۇھىم، ھەتتا مەككىنىڭ فەتھىدىنمۇ مۇھىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَىٰ وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
    كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار قىزىققانلىقىنى - جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىققانلىقىنى - دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تەقۋا كەلىمىسىگە رېئايە قىلىشلىرىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مۇئمىنلار تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا كافىرلار قەلبلىرىگە ئەسەبىيلىكنى - جاھىلىيەت ئەسەبىيلىكىنى - پۈككەن ئىدى. ئاللاھ خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا نازىل قىلدى، ئۇلارنى تەقۋا سۆزىگە باغلىق قىلدى. ئۇلار ئۇ سۆزگە لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىر، سىلەرنى ۋە قۇربانلىقلىرىڭلارنى «ھۇدەيبىييە»دە توسۇپ مەككىگە كىرگىلى قويمىغان چېغىدا، دىللىرىغا جاھىلىيەت ئەسەبىيلىكىنى پۈككەن ئىدى. ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ دىىللىرىغا تەمكىنلىك سالدى ۋە ھۇزۇر بېغىشلىدى، ئۇلارنى تەقۋا سۆزىگە باغلىق قىلدى؛ ئۇلارغا تەقۋالىقنىڭ تەلىپى بويىچە ئېغىر - بېسىقلىق، ئالىيجانابلىق قىلىشقا ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى نېسىپ قىلدى، مۇئمىنلار ھەقنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىلاھىي ئىنايەتكە لايىق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر سۈلھى تۈزۈلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ئىززەتكە، كافىرلارنىڭ خورلۇققا لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر پىرقىنى ئۆزى لايىق بولغان ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەدىنىدىن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، «ھۇدەيبىييە»دە مۇشرىكلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكەندىن كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ئەسنادا بەزىلەر، خۇسۇسەن مۇنافىقلار: «مۇھەممەد بىزگە ھەرەم مەسجىدىگە، بەزىمىز بېشىمىزنى چۈشۈرتكەن، بەزىمىز قىرقىتقان ھالەتتە كىرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا چۈش كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، ئۇ چۈش ئەمەلگە ئاشماستىن قايتىدىغان بولدۇق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا 27 ~ 29 - ئايەتلەردە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ؛ ئۇ چۈشنىڭ چوقۇم توغرا چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە بۇنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە سەمىمىي مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. لَقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ ۖ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ ۖ فَعَلِمَ مَا لَمْ تَعْلَمُوا فَجَعَلَ مِنْ دُونِ ذَٰلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا
    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرامغا كىرىسىلەر، ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى مۇيەسسەر) قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ھەق رەۋىشتە راستقا چىقاردى. ئاللاھ خالىسا سىلەر خاتىرجەم بولغىنىڭلار ھالدا، بەزىڭلار باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە بەزىڭلار قىرقىغان ھالدا، قورقماي مەسجىدى ھەرەمغا چوقۇم كىرىسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن يېقىن بىر غەلىبىنى مۇيەسسەر قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ چۈشىنى ئەلۋەتتە راستقا چىقىرىدۇ. ئىنشائاللاھ سىلەر بەزىڭلار باشلىرىنى چۈشۈرتكەن، بەزىڭلار قىرقىتقان ھالدا خاتىرجەملىك ئىچىدە مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر. قورقمايسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلمىگەن نەرسىنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەرگە يېقىن فەتىھ نېسىپ قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ مەزكۇر چۈشىنى چوقۇم راستقا چىقىرىدۇ: سىلەر يېقىن زاماندا خاتىرجەملىك ئىچىدە، بەزىڭلار باشلىرىنى چۈشۈرتكەن ۋە بەزىڭلار قىرقىتقان ھالدا، ھەمدە مۇشرىكلاردىن قورقماي ھەرەم مەسجىدىگە ئەلۋەتتە كىرىسىلەر. مەككىدە مەخپىي مۇئمىنلار بار بولۇپ مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى، سىلەر ئۇلارنى بىلمەيتتىڭلار، ئۇلارنى ئاللاھ بىلەتتى، بۇ يىل مەككىگە كىرسەڭلار ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ قاتارىدا ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىڭلار، شۇڭلاشقا ئاللاھ بۇ يىل سىلەرنى مەككىگە كىرىشتىن، شۇنداقلا ئۇنى فەتھ قىلىشتىن توستى ۋە سىلەرگە مەككىنىڭ فەتھىدىن ئىلگىرى خەيبەرنىڭ فەتھىنى نېسىپ قىلدى. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋەدىسى بويىچە ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى ھىجرەتنىڭ سەككىزىنچى يىلى مەككە فەتھ قىلىنىپ ئىسلام دىيارىغا ئايلاندى، شېرىك تۈزۈمى ئاغدۇرۇلدى، مۇشرىكلار تارمار قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
    ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. ئۇنى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىرلا ھەق دىن بولغان ئىسلامنى پۈتۈن دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئەلچىسى (مۇھەممەد)نى توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى قۇرئان ۋە ئۇ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە كۆرسەتكەن مەزكۇر چۈشنىڭ راست چىقىدىغانلىقىغا ۋە ئىسلامنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر؛ ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ ۚ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا ۖ سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِمْ مِنْ أَثَرِ السُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنْجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
    مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلار كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا -ئۇلار- شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، بۇ، كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار كافىرلارغا قاتتىق قول، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارنى رۇكۇ قىلىۋاتقان ۋە سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتلەردە كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھتىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى يۈزلىرىدىكى سەجدە ئىزىدۇر. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى مۇنداق: ئۇلار، بىخىنى چىقارغان، ئاندىن بارغانسېرى ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ توم بولغان، ئۆز يىلتىزلىرى بىلەن تىك تۇرغان ۋە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان زىرائەتكە ئوخشاشتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ كافىرلارنى مۇئمىنلار بىلەن تېرىكتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ بۇنىڭغا يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان مۇھەممەدكە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدا ماڭغان مۇئمىنلار، كافىرلارغا نەپرەتلىك، قاتتىق قول ۋە قوپالدۇر، لېكىن ئۇ مۇئمىنلار ئۆزئارا كۆيۈمچان، بىر - بىرىگە رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئى ئىنسان! سەن ئۇلارنى رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتلەردە كۆرىسەن، ئۇلار ئاللاھتىن ئىلتىپات ۋە رازىلىق تىلەپ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى، كۆپ سەجدە قىلغانلىقتىن يۈزلىرىدە پەيدا بولغان ئاقلىق، نۇر ۋە تەقۋالىق ئىپادىسىدۇر، مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا تۆۋەندىكىچە: ئۇلار، بىخىنى چىقارغان، ئاندىن بارغانسېرى ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ توم بولغان، ئۆز يىلتىزلىرى بىلەن تىك تۇرغان، ئۆزىنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى مۇئمىنلار بىلەن تېرىكتۈرۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنى بارغانسېرى كۈچەيتىدۇ؛ دەسلەپتە پەيغەمبەر يالغۇز ئىدى، ئاندىن مۇئمىنلار بىر - بىرلەپ كۆپەيدى، باشتا ئاجىز بولغانلىقتىن ئۆزلىرىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئاشكارا مەيدانغا چىقتى، ئاندىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئۆز ئاياغلىرى بىلەن مەزمۇت تۇرۇۋاتقان ئۇممەتكە ئايلاندى. ئاللاھ ئۇلاردىن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كەلتۈرگەن ئىمانىغا سادىق ياشىغان مۇئمىنلارغا مەغپىرەت ۋە بۈيۈك مۇكاپات ۋەدە قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى