مۇجادىلە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 22 ئايەت
مەنىسى: تاكاللىشىش. ئاتىلىش سەۋەبى: زىھار قىلىنغان بىر ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئېرىدىن شىكايەت قىلغان ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّتِي تُجَادِلُكَ فِي زَوْجِهَا وَتَشْتَكِي إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ يَسْمَعُ تَحَاوُرَكُمَا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر كۆرگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ، ئېرى توغرۇلۇق سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ بىر - بىرىڭلارغا قىلغان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئېرى ئۆزىگە: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش» دېگەن (زىھار قىلغان) ۋە ئۇ سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ تالاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەن، شۇنداقلا چىقىش يولى تېپىپ بېرىشىڭنى ئۆتۈنگەن ۋە بەرگەن جاۋابلىرىڭغا قارشى ئۆتۈنۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان، ئاخىرى ئاللاھقا داد ئېيتقان ئايالنىڭ سۆزىنى، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ بىر - بىرىڭلارغا قىلغان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئاللاھ ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر ئىشنى ۋە ھەر ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. الَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنْكُمْ مِنْ نِسَائِهِمْ مَا هُنَّ أُمَّهَاتِهِمْ ۖ إِنْ أُمَّهَاتُهُمْ إِلَّا اللَّائِي وَلَدْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَيَقُولُونَ مُنْكَرًا مِنَ الْقَوْلِ وَزُورًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
    سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ. ئاللاھ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ[1] ئاياللىرى، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار ئەلۋەتتە يامان ۋە يالغان سۆزنى قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئايالىنى زىھار[1] قىلغانلار بىلىشلىرى لازىمكى، ئۇ ئاياللار ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئۇلارنى تۇغقان ئاياللاردۇر، خالاس. ئۇلار يامان سۆز قىلماقتىدۇر ۋە يالغان ئېيتماقتىدۇر. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئىچىڭلاردىن ئايالىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش» دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن خاتالاشقۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ بىلىشلىرى لازىمكى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى پەقەت ئۆزلىرىنى تۇغقان ئاياللاردىنلا ئىبارەتتۇر، شۇڭلاشقا كىشى ئايالىنى ئانىسىغا ئوخشاتماسلىقى لازىم، ئۇ كىشىلەر يامان سۆز قىلماقتىدۇر ۋە يالغان ئېيتماقتىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلماڭلار، بۇرۇن قىلغىنىڭلار ئەپۇ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ يامان ئىشنىڭ يامانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ساقلانغانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇنى پاناھىغا ئېلىپ ئىلتىپات ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنْ نِسَائِهِمْ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَتَمَاسَّا ۚ ذَٰلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
    ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە (يەنى زىھار قىلغانلىقىغا) پۇشايمان قىلغانلار (ئەر ـ ئايال ئىككىسى) يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە قايتىدىغانلار، جۈپتىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاياللىرىنى زىھار قىلغان، ئاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدىن يانغانلار ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قۇل ئازاد قىلسۇن. مانا بۇ سىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاياللىرىنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئانىسىغا ئوخشاتقان، ئاندىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان كىشىلەر، ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى (قادىر بولالىسا) بىر قۇل ئازاد قىلسۇن. ئى مۇئمىنلەر! مانا بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىلەر ھەققىدە قىلغان ھۆكمىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ھۆكۈمنى بايان قىلىش بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر؛ ئۇنداق تۆھمەتنى قىلماڭلار، قىلغانلىرىڭلار بۇ شەكىلدە كەففارەت بېرىڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى: ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَتَمَاسَّا ۖ فَمَنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَإِطْعَامُ سِتِّينَ مِسْكِينًا ۚ ذَٰلِكَ لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    (ئازاد قىلىشقا) قۇل تاپالمىغان ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (قېرىلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغان ئادەم (60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىشى لازىم)، بۇ (ئەھكام) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (ئەمر قىلغان ئىشلارغا) تەستىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، (بۇ قانۇننى) ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئازاد قىلىشقا قۇل تاپالمىغان ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان ئادەم، 60 مىسكىننى تويغۇزۇشى لازىم، بۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار، ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن چەك - چىگرىلاردۇر، ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى تاپالمىسا، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتسۇن. كىمكى قادىر بولالمىسا، ئاتمىش مىسكىنگە تائام بەرسۇن. بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

    كىمكى ئازاد قىلىشقا قۇل ياكى قۇل ئېلىشقا پۇل تاپالمىسا، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتسۇن؛ ناۋادا ئارىغا پاسىل چۈشۈپ قالسا (بىرەر كۈن تۇتمىسا) قايتا باشلاپ ئۇدا ئاتمىش كۈن تۇتۇشى كېرەك. كىمكى ياشانغانلىقتىن، ئاجىزلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ئۇدا ئاتمىش كۈن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا ئاتمىش مىسكىنگە بىر ۋاخ تائام بەرسۇن. بۇ ھۆكۈملەر، بويسۇنۇش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كەلتۈرگەن ئىمانىڭلارنى نامايان قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويۇلدى؛ جاھىلىيەت ئادەتلىرىنى تاشلاپ ئىمانىڭلارغا لايىق ئىش قىلغايسىلەر. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇلارغا رىئايە قىلىڭلار، ئۇلارنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇلارغا بويۇنتاۋلىق قىلغانلار قاتتىق قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئايالىغا مەزكۇر سۆزنى قىلغانلارنىڭ قۇل ئازاد قىلىشى ياكى قادىر بولالمىسا ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن ھۆكۈمدە ئۇلارنىڭ، بۇ كافارەتنى تاماملاشتىن ئىلگىرى ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولماسلىق شەرتى زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئاتمىش مىسكىنگە تائام بېرىشى لازىملىقىدا بۇ شەرت زىكىر قىلىنمايدۇ. كۆپچىلىك مۇجتەھىدلار : «ئىلگىرىكى شەرت بۇنىڭدىمۇ كۈچكە ئىگە، چۈنكى تائام بېرىش، ئاتمىش كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ئورنىدا كەلگەن، ئەسلىدىكى شەرت بەدىلىدىمۇ تېپىلىشى لازىم» دەپ قارايدۇ، لېكىن بەزى مۇجتەھىدلار تائام بېرىش كەففارىتىدە بۇ شەرت يوق، شۇڭلاشقا ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولماسلىق ئۈچىنچى كەففارەتتە شەرت ئەمەس دەيدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ كُبِتُوا كَمَا كُبِتَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ وَقَدْ أَنْزَلْنَا آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن (ھالال، ھارام، پەرز ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار، ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. ھالبۇكى بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىغانلار[2] ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر خورلانغاندەك خورلىنىدۇ. بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئايرىم بەلگىلىمە قويۇپ ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلغانلار، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى كافىرلار خورلانغاندەك خورلىنىدۇ، رەسۋا بولىدۇ ۋە جازالىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن قانداقمۇ ئايرىم بەلگىلىمە قويىدۇ؟ ھالبۇكى، بىز ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى، ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان قائىدىلەرنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇ ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە بويسۇنمىغانلار خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (58-سۈرە مۇجادىلە، 6-ئايەت) ھىساب تىرىلىش ئاللاھنىڭ ئىلمى
    يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا ۚ أَحْصَاهُ اللَّهُ وَنَسُوهُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە ـ ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئاللاھ بىر-بىر خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنى بىر - بىرلەپ يېزىپ قويغان، ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار خورلىغۇچى ئازابقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا توپلىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ ھېساب ئالىدىغان كۈندە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزى بىلگەننىڭ سىرتىدا مۇئەككەل پەرىشتىلىرى ئارقىلىق بىر - بىرلەپ يېزىپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇ قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى، ھەر ئىشنى ۋە ھەر ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلەرگە دۈشمەنلىرىنىڭ دۇنيادا خورلۇققا، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا غەلىبە ۋە زەپەرنىڭ بېشارىتىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ مَا يَكُونُ مِنْ نَجْوَىٰ ثَلَاثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمْ وَلَا خَمْسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمْ وَلَا أَدْنَىٰ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمْ أَيْنَ مَا كَانُوا ۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ تۆتىنچىسى ئاللاھتۇر. بەش كىشىنىڭ ئالتىنچىسى ئاللاھتۇر. كىشى ئۇنىڭدىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ۋە قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىسەن، شۇنداقمۇ! پىچىرلىشىپ مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ تۆتىنچىسى ئاللاھتۇر. پىچىرلىشىپ مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان بەش كىشىنىڭ ئالتىنچىسى ئاللاھتۇر. پىچىرلىشىپ مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ۋە قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ كىم كىم بىلەن نېمە دېيىشكەن بولسا ۋە قانداق شەكىلدە دېيىشكەن بولسا ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ ھېسابىنى ئالىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر؛ مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالى، قىلمىشى ۋە سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (58-سۈرە مۇجادىلە، 8-ئايەت) ياخشى سۆز كاپىرلىق مۇناپىقلىق
    أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نُهُوا عَنِ النَّجْوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَيَتَنَاجَوْنَ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَإِذَا جَاءُوكَ حَيَّوْكَ بِمَا لَمْ يُحَيِّكَ بِهِ اللَّهُ وَيَقُولُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ۚ حَسْبُهُمْ جَهَنَّمُ يَصْلَوْنَهَا ۖ فَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىمايدۇ؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىشى لازىم ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مەخپىي سۆزلىشىشتىن چەكلەنگەن ئاندىن ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە قايتىپ گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق مەخپىي سۆزلىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار يېنىڭغا كەلگەندە، ساڭا ئاللاھ قىلغان سالامدىن باشقا سالام بىلەن سالام قىلىدۇ ۋە ئىچىدە: «ئاللاھ بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى نېمىشقا ئازابلىمايدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مەخپىي سۆزلىشىشتىن چەكلەنگەن ئاندىن ئۆزلىرى چەكلەنگەن ئىشقا قايتىپ گۇناھ قىلىش، مۇئمىنلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان ساڭا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق مەخپىي سۆزلىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋە مۇئمىنلەرگە ئۆگەتكەن سالامدىن باشقا سۆز بىلەن سالام قىلىدۇ ۋە ئىچىدە: «ئەگەر بۇ مۇھەممەد پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، ئاللاھ بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى نېمىشقا ئازابلىمايدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت تىلەشكە ۋە سالام يوللاشقا بۇيرۇغان ۋە «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە سالام بولسۇن» دېيىشنى ئۆگەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى»، «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەپ سۈپەتلىگەن، شۇڭلاشقا مۇئمىنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دېگەن سۆزلەر بىلەن خىتاب قىلاتتى، «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا سالام» دەپ سالام قىلاتتى. لېكىن مۇنافىقلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئارىلىرىدا پىچىرلىشىپ يامان سۆزلەرنى قىلىشاتتى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، «سالام ساڭا» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «سام ساڭا» دەيتتى، «سام» - ئۆلۈم دېگەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇ مۇنافىقلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَتَنَاجَوْا بِالْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! پىچىرلاشقان چېغىڭلاردا گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق پىچىرلاشماڭلار. ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! سورۇنلىرىڭلاردا ئۆزئارا پىچىرلاشقان چېغىڭلاردا گۇناھ قىلىش، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق پىچىرلاشماڭلار. ياخشىلىق قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، سىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. إِنَّمَا النَّجْوَىٰ مِنَ الشَّيْطَانِ لِيَحْزُنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَلَيْسَ بِضَارِّهِمْ شَيْئًا إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
    گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش مۆمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر، (بۇنداق پىچىرلىشىش) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولمىسىلا مۆمىنلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش مۇئمىنلارنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر، بۇنداق پىچىرلىشىش، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولمىسىلا مۇئمىنلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىرىنچى تۈرلۈك پىچىرلىشىش شەيتاندىندۇر. بۇ مۇئمىنلارنى غەمكىن قىلىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئۇ پىچىرلىشىش ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! سىلەر چەكلەنگەن پىچىرلىشىش شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى، كۈشكۈرتىشى ۋە قىزىقتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، شەيتان مۇئمىنلەرنى غەمكىن قىلىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ پىچىرلىشىشقا ئۈندەيدۇ، لېكىن بۇنداق پىچىرلىشىش ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا مۇنافىقلارنىڭ پىچىرلىشىشىغا پەرۋا قىلماڭلار، ئاللاھقىلا تايىنىڭلار؛ قولۇڭلاردىن كەلگەن غەيرەتنى كۆرسىتىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار. «پىچىرلىشىش» - مەخپىي پاراڭلىشىش، يوشۇرۇن سۆھبەتلىشىش، قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ گەپلىشىش، كۇسۇلدىشىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. پىچىرلىشىش، خەير - ساخاۋەتكە دەۋەت قىلىش ياكى ياخشى ئىشقا بۇيرۇش ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن بولمىغاندا يامانلىق پىلانلاش، سۇخەنچىلىك قىلىش، غەيۋەت - شىكايەت قىلىش ۋە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق يامان ئىشلار ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە يامان ئىشلار ھەققىدە مەخپىي سۆزلىشىشنى ئەيىبلەيدۇ ۋە چەكلەيدۇ، ياخشى ئىشلار ھەققىدە مەخپىي سۆزلىشىشكە ئەمر قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قِيلَ لَكُمْ تَفَسَّحُوا فِي الْمَجَالِسِ فَافْسَحُوا يَفْسَحِ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَإِذَا قِيلَ انْشُزُوا فَانْشُزُوا يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە كەڭرىلىك بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە سورۇنلاردا: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! سىلەر بىرەر سورۇنغا ياكى بىرەر مەيدانغا يىغىلغان چېغىڭلاردا، بىرەيلەن سىلەردىن باشقىلارغا ئورۇن چىقىرىپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ باشقىلارغا ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كەڭ ئورۇن بېرىدۇ. ناۋادا بىرەيلەن سىلەردىن باشقىلارغا پەيغەمبەرنىڭ ھۇزۇرىدىن قايتىپ كېتىش، باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش، غازاتقا مېڭىش، ناماز ئۆتەش،... دېگەندەك بىرەر ئىش ئۈچۈن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئەجر ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن ئىمانىدا سادىق بولغانلارنىڭ ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتۈرىدۇ؛ دۇنيادا نۇسرەت، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ سىلەر لايىق رەۋىشتە ئىماننى، كېرەكلىك ئىلىمنى ۋە كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئەمەلنى بىرلەشتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (58-سۈرە مۇجادىلە، 12-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار دۇئا سەدىقە
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَاجَيْتُمُ الرَّسُولَ فَقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَةً ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۚ فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىساڭلار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ ئاندىن سۆزلىشىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! بىرەر ئىشىڭلار ھەققىدە رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۆزئارا مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن بىرەر يوقسۇلغا سەدىقە بېرىۋېتىپ ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۆزئارا مەخپىي سۆزلىشىڭلار، مۇڭدىشىڭلار، سىردىشىڭلار. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۆزئارا مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقە بېرىشىڭلار رەسۇلۇللاھقا ھۆرمەت، يوقسۇللارغا ياخشىلىق، سەمىمىيىتىڭلارنى ئىپادىلەش ۋە نەپسىڭلارنى پاكلاش بولىدۇ. ئەگەر رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۆزئارا مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولۇپ، ئالدىن سەدىقە بېرىدىغانغا بىر نەرسە تاپالمىساڭلار سەدىقە بەرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، قادىر بولالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ بىلەن سەدىقە بەرمەستىن مەخپىي سۆزلەشسەڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، بۇ تەقدىردە ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ، سىلەرگە مەرھەمەت قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭ زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (58-سۈرە مۇجادىلە، 13-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار پەرز ناماز زاكات
    أَأَشْفَقْتُمْ أَنْ تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَاتٍ ۚ فَإِذْ لَمْ تَفْعَلُوا وَتَابَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
    سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن (كەمبەغەل بولۇپ قالىمىز) دەپ قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ئاللاھ تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار ۋە ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى، ئەمدى نامازنى تەلەپكە لايىق ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەرنى بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئۇ ھالدا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى يوقسۇللارغا سەدىقىلەرنى بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ قورقتۇڭلار، شۇنداققۇ! ئەمدى سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقە بەرمىسەڭلار - ئەمەلىيەتتىمۇ ئاللاھ سىلەرنى بۇ خىل سەدىقىنى بېرىشتىن ئەپۇ قىلدى -، بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشنى، پەرز زاكاتنى بېرىشنى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر؛ يېقىندا سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ، بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ تَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَا مِنْهُمْ وَيَحْلِفُونَ عَلَى الْكَذِبِ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
    ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ (يەنى يەھۇدىيلارغىمۇ) مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (14-15) ئى مۇھەممەد! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋم - يەھۇدىيلارنى دوست تۇتقان مۇنافىقلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ھالىغا قارىمىدىڭمۇ؟ ئەلۋەتتە قارىدىڭ، قاراۋاتىسەن، كۆرۈۋاتىسەن. ئۇلار يەھۇدىيلارغا دوستلۇق، سىلەرگە ئىمان ئىزھار قىلىدۇ. ئەنە شۇ مۇنافىقلار ئىمان ئىزھار قىلغان چاغلىرىدا سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمگە دوستلۇق ئىزھار قىلغان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ قاتارىدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مۇئمىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلىقىغا دائىر يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇ مۇنافىقلار يالغانچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارغا يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ سېنى ۋە مۇئمىنلەرنى يامان كۆرۈشى، يەھۇدىيلارنى دوست تۇتۇشى ناھايىتى قەبىھ ۋە غايەت يامان ئىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (58-سۈرە مۇجادىلە، 15-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب مۇناپىقلىق
    أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلارغا ئاللاھ قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم

  16. (58-سۈرە مۇجادىلە، 16-ئايەت) مۇناپىقلىق قەسەم ئازغۇنلۇق
    اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ فَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
    ئۇلار (يالغان) قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

    (16-17) ئۇ مۇنافىقلار يالغان قەسەملىرى بىلەن جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالدى ۋە ئۆزلىرىنى يوشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغانلار ئۇلارغا ئالداندى ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن يىراقلاشتى. ئەنە شۇ مۇنافىقلار قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ ۋە خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە دوزاختىكى تۈرلۈك ئازابلارنى مەڭگۈ چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى (ئۇلارغا ئاخىرەتتە بولىدىغان) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىر نەرسىنى ھەرگىز دەپئى قىلالمايدۇ، ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  18. (58-سۈرە مۇجادىلە، 18-ئايەت) تىرىلىش يالغانچىلىق مۇناپىقلىق
    يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيَحْلِفُونَ لَهُ كَمَا يَحْلِفُونَ لَكُمْ ۖ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْكَاذِبُونَ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا «بىز مۇسۇلمانمىز» دەپ يالغاندىن) سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ، ئۇلار بۇ قەسەمنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر نەرسە ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ئاگاھ بۇلۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز دەپ ئويلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ئۇ مۇنافىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار ئۇ چاغدا ھازىر سىلەرگە «بىز مۇئمىن» دەپ قەسەم قىلغاندەك، ئاللاھقا «بىز مۇشرىك ئەمەس» دەپ قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ئۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىچكەن قەسىمىنىڭ پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەر ئىككى ئالەمدە قىلغان قەسەملىرىدە يالغانچىدۇر، قەسەملىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشى خاتادۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. اسْتَحْوَذَ عَلَيْهِمُ الشَّيْطَانُ فَأَنْسَاهُمْ ذِكْرَ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ حِزْبُ الشَّيْطَانِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ الشَّيْطَانِ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلدى، (شەيتان) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلغان بولۇپ، شەيتان ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەيتان ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ گۇرۇھىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، شەيتاننىڭ گۇرۇھى ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    شەيتان ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشنى، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشنى ئۇنتۇلدۇردى؛ ئۇلار شەيتانغا ئالدىنىپ كەيپ - ساپاغا چۆمدى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتكە پاتتى. ئەنە شۇ مۇنافىقلار شەيتاننىڭ قوشۇنى ۋە گۇرۇھىدۇر. بىلىڭلاركى: شەيتاننىڭ گۇرۇھى شەيتانغا ئەگىشىش بىلەن ئۆزلىرىنى دوزاخقا لايىق قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەقىقىي زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (58-سۈرە مۇجادىلە، 20-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ أُولَٰئِكَ فِي الْأَذَلِّينَ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىغانلار ئەڭ خار بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (20-21) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىغانلار ئەڭ خار بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ؛ دۇنيادا ئۆلتۈرۈلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ: «مەن چوقۇم غالىب كېلىمەن، ئەلچىلىرىممۇ غالىب كېلىدۇ، ئاللاھ تەڭداشسىز قۇدرەت، يېڭىلمەيدىغان كۈچ ئىگىسىدۇر» دەپ يازدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. كَتَبَ اللَّهُ لَأَغْلِبَنَّ أَنَا وَرُسُلِي ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
    ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ : «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «مەن چوقۇم غالىب كېلىمەن، ئەلچىلىرىممۇ غالىب كېلىدۇ» دەپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

  22. لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ ۚ أُولَٰئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ ۖ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ أُولَٰئِكَ حِزْبُ اللَّهِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى _ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ _ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى ـ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ـ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلغان كىشىلەرنى - بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ياكى بالىلىرى ياكى قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ۋە ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ - دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ قەلبلىرىدە ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلارنى ئۆز تەرىپىدىن بولغان روھ بىلەن كۈچەيتتى، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولىدۇ[3]. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ گۇرۇھىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان قەۋم، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلغان كىشىلەرنى، بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ياكى بالىلىرى ياكى قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ۋە ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ دوست تۇتمايدۇ، چۈنكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلغانلارنى دوست تۇتۇش بىر قەلبتە جەم بولمايدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇ مەيدانى ئېنىق، مۇھەببەت - نەپرىتى كەسكىن قەۋمنىڭ قەلبلىرىدە ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلارغا كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇلار ئۇ باغچىلاردا مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ گۇرۇھىدۇر، بىلىڭلاركى: ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر؛ دۇنيادا نۇسرەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن رازى بولۇشى - ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلىشى ۋە ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن رازى بولۇشى ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە ۋە ئاللاھنىڭ رازى بولغانلىقىغا سۆيۈنۈشىدىن ئىبارەتتۇر. مۇرادىغا يېتىش - جەننەتتە ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام، مىسلىسىز خۇشاللىق قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىش بولۇپ، بۇ ھەقتە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە ۋە 22 - سۈرە (ھەج)نىڭ 23 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى