بەلەد سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 20 ئايەت
مەنىسى: شەھەر. ئاتىلىش سەۋەبى: مەككە شەھىرى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (90-سۈرە بەلەد، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَا أُقْسِمُ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
    بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن

    بۇ شەھەر - مەككە- بىلەن قەسەمكى

  2. (90-سۈرە بەلەد، 2-ئايەت)
    وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
    (ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر

    سەن بۇ شەھەردىسەن

  3. (90-سۈرە بەلەد، 3-ئايەت)
    وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ
    ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن

    ئاتا ۋە پەرزەنتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى

  4. (90-سۈرە بەلەد، 4-ئايەت)
    لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي كَبَدٍ
    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق

    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداشلىق قىلىپ ياراتتۇق

  5. (90-سۈرە بەلەد، 5-ئايەت)
    أَيَحْسَبُ أَنْ لَنْ يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
    ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟

    ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟

  6. (90-سۈرە بەلەد، 6-ئايەت)
    يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُبَدًا
    ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ

    ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ

  7. (90-سۈرە بەلەد، 7-ئايەت)
    أَيَحْسَبُ أَنْ لَمْ يَرَهُ أَحَدٌ
    ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟

    ئۇ ئۆزىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟

  8. (90-سۈرە بەلەد، 8-ئايەت)
    أَلَمْ نَجْعَلْ لَهُ عَيْنَيْنِ
    ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟

    ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز قىلمىدۇقمۇ؟

  9. (90-سۈرە بەلەد، 9-ئايەت)
    وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ
    ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟

    بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟

  10. (90-سۈرە بەلەد، 10-ئايەت)
    وَهَدَيْنَاهُ النَّجْدَيْنِ
    ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟

    ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟

  11. (90-سۈرە بەلەد، 11-ئايەت)
    فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ
    ئۇ داۋان ئاشمىدى

    ئۇ داۋان ئاشمىدى

  12. (90-سۈرە بەلەد، 12-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ
    داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟

    داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

  13. (90-سۈرە بەلەد، 13-ئايەت)
    فَكُّ رَقَبَةٍ
    (داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر

    ئۇ قۇل ئازاد قىلىشتۇر

  14. (90-سۈرە بەلەد، 14-ئايەت)
    أَوْ إِطْعَامٌ فِي يَوْمٍ ذِي مَسْغَبَةٍ
    ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر

    ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تاماق بېرىش

  15. (90-سۈرە بەلەد، 15-ئايەت)
    يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ
    ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر

    تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە

  16. (90-سۈرە بەلەد، 16-ئايەت)
    أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ
    ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر

    ياكى بولمىسا توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر

  17. (90-سۈرە بەلەد، 17-ئايەت)
    ثُمَّ كَانَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا بِالْمَرْحَمَةِ
    شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر

    شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولوشتۇر

  18. (90-سۈرە بەلەد، 18-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ
    ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر

    ئەنە شۇلار ئەمەل دەفتىرى ئوڭدىن بېرىلىدىغانلاردۇر

  19. (90-سۈرە بەلەد، 19-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا هُمْ أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر

  20. (90-سۈرە بەلەد، 20-ئايەت)
    عَلَيْهِمْ نَارٌ مُؤْصَدَةٌ
    ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ

    ئۇلارغا ھەر تەرىپى ئىتىۋېتىلگەن بىر دۇزاخ باردۇر