قارىئە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەتمەنىسى: چەككۈچى. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇرقۇنچلۇقى بىلەن دىللارنى چېكىدىغان قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْقَارِعَةُ
قىيامەت — مۇھەممەد سالىھ
(يۈرەكلەرگە) دەھشەت سالغۇچى. — تەرجىمە ھەيئىتى
قارىئە![1] — ئەنەس ئالىم
«قارىئە» - بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنىش بىلەن باشلىنىدىغان قىيامەتنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى: يۈرەكلەرنى قورقۇنچ ۋە دەھشىتى بىلەن ئۇرغۇچى دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا الْقَارِعَةُ
قىيامەت نېمىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ دەھشەت سالغۇچى نېمىدۇر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
قارىئە نېمىدۇر؟ — ئەنەس ئالىم
ئادەتتە جاۋاب تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سوراق قوشۇمچىسىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ئىككىنچى شەخسنى (خىتاب قىلىنغان كىشىنى) قىيامەت ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زېھنىنى ئۇلارغا تەييارلاشتۇر. «قارىئە»نى ئۈچىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا ئوچۇق ئىسىم ھالىتىدە تەكرارلاش «قارىئە - قىيامەت»نىڭ قورقۇنچ ۋە دەھشىتىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْقَارِعَةُ
قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ دەھشەت سالغۇچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
قارىئە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
«قارىئە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟». بۇ ئىپادىمۇ «قارىئە - قىيامەت»نىڭ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ يَكُونُ النَّاسُ كَالْفَرَاشِ الْمَبْثُوثِ
شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر) شۇ كۈندە ئىنسانلار تارقىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ قالىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىش بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئەتراپقا قارايدۇ، ئاندىن مەسئۇل پەرىشتە پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆز يولباشچىسى بىلەن مەھشەرگاھقا چاقىرىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئىنسانلار گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ ۋە توپ - توپ ھالدا مەھشەرگاھقا ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئىنسانلار تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىپ گۇرۇھلارغا ئايرىلىش ئەسناسىدا تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن مەھشەرگاھقا ئېلىپ مېڭىلغاندا يېيىلىپ كەتكەن چېكەتكىلەردەك يېيىلىپ، چاقىرىلغان تەرەپكە ئۇدۇل ماڭىدۇ. بۇ ئەسنادا ھەر ئادەمنىڭ يېنىدا ئىككىدىن پەرىشتە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ يېتەكچىسى، يەنە بىرى گۇۋاھچىسىدۇر بۇ ئايەت ئەنە شۇ باسقۇچنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ
تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
تاغلار ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
تاغلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەر خىل رەڭدە، ئاق ۋە قىزىل يوللۇق، قاپقارا قىلىپ يارىتىلغان. قىيامەت كۈنى ئۇ تاغلار قوزغىلىدۇ، كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ ۋە سورۇۋېتىلىدۇ. سورۇۋېتىلىشتىن ئىلگىرى ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك ھالەتكە كېلىدۇ: پارچىلىرى ناھايىتى يەڭگىل، رەڭلىك ۋە ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار ھالەتتە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ
تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ياخشىلىقى ئېغىر كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، — تەرجىمە ھەيئىتى
كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى مىزاندا ئېغىر كېلىدىكەن، — ئەنەس ئالىم
(6-7) قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئىلاھىي مىزاندا تارتىلىشى ھەق بولۇپ، قىلىنغان ئەمەل بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى كەلتۈرۈپ مىزاندا تارتىدۇ. مىزاندا ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر كەلگەنلەر «باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ». بۇ ئىپادە ئۇنىڭ «مۇرادىغا يېتىش»ىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى 7 - سۈرە (ئەئراف)نىڭ 8 - ئايىتى بىلەن 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 102 - ئايىتىدە مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەرنىڭ مۇرادىغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، بۇ يەردە (7 - ئايەتتە) «باياشاتچىلىق ئىچىدە بولىدۇ»غانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، «مۇرادىغا يېتىش» - ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىپ، مەڭگۈ بەختكە چۆمۈشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ
تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ (جەننەتتىكى) كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ياخشىلىقى يېنىك كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، — تەرجىمە ھەيئىتى
كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى مىزاندا يېنىك كېلىدىكەن، — ئەنەس ئالىم
(8-9) ياخشىلىقلىرى مىزاندا يەڭگىل كەلگەنلەر دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىدۇ. بۇ ئىپادە ئۇنىڭ «ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش»ىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى 7 - سۈرە (ئەئراف)نىڭ، 9 - ئايىتى بىلەن 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 103 - ئايىتىدە مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەرنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ يەردە (9 - ئايەتتە) «ئۇنىڭ جايى ھاۋىيەدۇر» دېيىلىدۇ. «ھاۋىيە» - دوزاخ دېمەكتۇر. بۇنى 11 - ئايەت بايان قىلىدۇ. دېمەككى، «ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش» - ئۆزىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىش دېمەكتۇر. «ئۇنىڭ جايى دوزاخ»نىڭ مەنىسى، ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇ جايى دوزاخ بولىدۇ دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ جايى ھاۋىيەدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ
ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھاۋىيە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
(10-11) «ھاۋىيە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟». بۇ ئىپادە دوزاخنىڭ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «ئوت» دوزاخ ئوتىدۇر، «ھارارىتى قاتتىق» بولۇشى ئاللاھنىڭ ئوتى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نَارٌ حَامِيَةٌ
ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ قىزىق ئوتتۇر. — ئەنەس ئالىم