بۇرۇج سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 22 ئايەتمەنىسى: ئاسمان بۇرۇجلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْبُرُوجِ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇرجلىرى بولغان ئاسمان بىلەن، — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە، «بۇرج - برج»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «بۇرۇج - بروج» كەلىمىسى تۆت يەردە ئۆتىدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ سۆز تومۇرىدا ئېگىزلەش، كۆتۈرۈلۈش، ئاشكارا بولۇش، ئېچىلىش دېگەن مەنىلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن 24 - سۈرە (نۇر)نىڭ 60 - ئايىتىدىكى «مۇتەبەررىجات - متبرجات»، 33 - سۈرە (ئەھزاب)نىڭ 33 - ئايىتىدىكى «تەبەررۇج - تبرج» دېگەن كەلىمىلەر بۇ تۈپ مەنىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزاھلىنىدۇ. ئەمما «بۇرج - برج» كەلىمىسى ئىسىم بولغاندا مەنىسى «قورغان، قەلئە، ئىستىھكام، ساراي، راۋاق، قەلئە ئۈستىدىكى مۇنار» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 78 - ئايىتىدىكى «بۇرۇج»قا بۇ مەنىلەردىن بىرى بېرىلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى ۋە باشقا ئىككى ئايەتتىكى «بۇرۇج - بروج» كەلىمىلىرى بولسا، «ئاسماندىكى بۇرجلار» مەنىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاسترونومىيىلىك مەنە ئىپادىلەيدۇ. ئۇ مەنىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: زېمىندا تۇرۇپ كۆزەتكەن كىشى ئۈچۈن ئاسمان جىسىملىرى ئىككى تۈرلۈك كۆرۈنىدۇ: بىرى تۇرغۇن (مۇقىم تۇرىدىغان) جىسىملار، يەنە بىرى ھەرىكەتلىك (ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان) جىسىملار. قۇياش ئاسماندىكى ھەرىكەتلىك جىسىملارنىڭ ئىچىدە زېمىنغا ئەڭ يېقىن (150 مىليون كىلومېتىر) بولغان پلانېتىدۇر. ئۇ ئۆز سىستېمىسىدىكى باشقا پلانېتىلار بىلەن ئۆز ئوربىتىسىدا بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئۇ بۇ ئايلىنىش جەريانىدا 12 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز رايونىدىن ئۆتىدۇ. بۇ 12 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ھەر بىرى بىر بۇرج بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: قوزا، ئۇي، قوشكېزەك، قىسقۇچپاقا (سەرەتان)، شىر (ئەسەد)، سۇنبۇلە (قىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، مىزان، ئەقرەب (چايان)، يا، ئوغلاق، سوغا، بېلىق. قۇياش بۇ 12 بۇرجتىن ھەر بىرىنىڭ يېنىدىن بىر ئايدا ئۆتۈپ بولىدۇ. ئۇلاردىن ھەر ئۈچنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە بىر پەسىل ھاسىل بولىدۇ. قۇياش ئاخىرقى بۇرجنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ يەنە باشقا قايتىدۇ. كونا ۋە يېڭى تەپسىرلەردىكى «12 بۇرج، 12 قەسىر، 12 يۇلتۇز، 12 مەنزىل» دېگەن ئىپادىلەر ئەنە شۇ 12 بۇرجنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْيَوْمِ الْمَوْعُودِ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن، — ئەنەس ئالىم
(2-3) «ۋەدە قىلىنغان كۈن» قىيامەت كۈنىدۇر. «شاھىد» ئېنىق سۈپەتداش، «مەشھۇد» مەجھۇل سۈپەتداشتۇر. بۇ ئىككى سۈپەتداشنىڭ سۆز تومۇرى (مەسدىرى) شۇھۇد ياكى شاھادەت بولۇش ئېھتىمالى بار. قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى تۈپ سۆزدىن كېلىپ چىققان كەلىمىلەر كۆپتۇر. مەسىلەن: 2 - سۈرە (بەقەرە)، 185 - ئايەتتىكى شەھىدە «شھد» شۇھۇد سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن. 41 - سۈرە (فۇسسىلەت)، 20 - ئايەتتىكى شەھىدە «شھد» شاھادەت سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن. شۇھۇد- ھازىر بولماق، قاتناشماق، پەيدا بولماق، مەۋجۇت بولماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. شاھادەت- گۇۋاھچى بولماق، گۇۋاھلىق بەرمەك دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «شاھىد» ۋە «مەشھۇد» ئەگەر «شۇھۇد»تىن تۈرلەنگەن بولسا، «شاھىد»نىڭ مەنىسى قىيامەت مەيدانىغا ھازىر بولغان خالايىق، «مەشھۇد»نىڭ مەنىسى قىيامەت دېگەن بولىدۇ. دەرۋەقە، 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 103 - ئايىتىدە قىيامەت كۈنى «يەۋمى مەشھۇد - يوم مشھود» دەپ ئاتالغان. بۇ تەقدىردە قىيامەت كۈنى بۇ سۈرىنىڭ 2 - ئايىتىدە ۋەدە قىلىنغان كۈن دېگەن مەنىدە «يەۋمى مەۋئۇد - يوم موعود»، ئاندىن بۇ (3 - ) ئايەتتە ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈن دېگەن مەنىدە «يەۋمى مەشھۇد - يوم مشهود» دەپ ئاتالغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى سۈپەتداش «شاھادەت» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولسا، «شاھىد»نىڭ مەنىسى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، «مەشھۇد»نىڭ مەنىسى گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى دېگەن بولۇپ، «شاھىد - شاهد» پەيغەمبەرلەر، «مەشھۇد - مشهود» ئۈممەتلەر بولغان بولىدۇ. 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 41 - ئايىتى، 16 - سۈرە (نەھل)نىڭ 89 - ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَشَاهِدٍ وَمَشْهُودٍ
-
قُتِلَ أَصْحَابُ الْأُخْدُودِ
ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4 — مۇھەممەد سالىھ
ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئورەكنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت قىلىندى، — ئەنەس ئالىم
«ئورەكنىڭ ئىگىلىرى» توغرىسىدا تەپسىرلەردە پەرقلىق بىرقانچە رىۋايەت زىكىر قىلىنسىمۇ، بەزى تەپسىر ۋە تارىخ كىتابلىرىدا بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان رىۋايەتتە بۇ ھادىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ھىميەر پادىشاھلىقىنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 110 - يىل بىلەن مىلادىدىن كېيىنكى 525 - يىللىرى ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن) ئاخىرقى پادىشاھى «زۇنەۋاس (يۇسۇف ئىبنى شۇراھبىل)» مىلادىيە 523 - يىلى، بۇتپەرەسلىكنى تاشلاپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان نەجران (سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە يەمەن بىلەن چېگرىداش بولغان بىر رايون) ئاھالىسىنى دىنىدىن يېنىپ ئۆزىنىڭ دىنى بولغان يەھۇدىي دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلار بۇ دەۋەتنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زۇنەۋاس بىر كۈنى ئادەملىرىنى ئورەك كولاشقا ۋە ئىچىنى ھەر تۈرلۈك يېقىلغۇلار بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ئاھالىنى يىغىپ دىنىدىن يانغانلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، دىنىدىن يانمىغانلارنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنداقلا دىنىدىن يانمىغانلارنى ئوتقا تاشلاشقا ۋە باشقا شەكىللەردە ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە بىر كۈن ئىچىدە 20000 (يىگىرمە مىڭ) ئەتراپىدا كىشىنى شېھىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھادىسىنى ئاڭلىغان ھەبەشىستان پادىشاھى «نەجاشى» قوشۇن باشلاپ كېلىپ زۇنەۋاس بىلەن ئۇرۇشىدۇ ۋە ئۇنى يېڭىدۇ. زۇنەۋاس ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ ئېتىنى دېڭىزغا ھەيدەيدۇ ۋە دېڭىزدا غەرق بولۇپ ئۆلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
النَّارِ ذَاتِ الْوَقُودِ
ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تۇتۇشتۇرغانلارغا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئورەكتە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت بار ئىدى. — ئەنەس ئالىم
«يېقىلغۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «ۋەقۇد - وقود»دۇر. بۇ كەلىمە باشقا يەنە ئۈچ ئايەتتە بۇ مەنىسى بىلەن ئۆتىدۇ. بۇ يەردە ئوتنى «يېقىلغۇسى بولغان ئوت» دەپ سۈپەتلەش، ئوتنىڭ نەقەدەر شىددەتلىك ئوت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ھالدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ، — ئەنەس ئالىم
(6-7) ئۇلار ئوتنىڭ چۆرىسىدە قويۇلغان مەخسۇس تەختلەردە، مۇئمىنلەرنىڭ ئوتقا تاشلىنىشى، ئازاب چېكىشى ۋە قىيا - چىيالار قاتارلىق دەھشەتنى كۆرۈش ئۈچۈن ئولتۇراتتى. بۇ ئۇلارنىڭ رەھىمسىزلىك ۋە زالىملىقتا ھەددىدىن ئېشىپ يەتكەن ئاخىرقى سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدۇ: ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋاتقان، ئوت كۆيۈۋاتقان قورقۇنچلۇق ئورەككە ئىنسان ئىنساننى تاشلاۋاتقان، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت تاشلانغانلارنى يالماپ يۇتۇۋاتقان، ئۇ زالىملار بۇنىڭدىن زوقلىنىۋاتقان، مەنزىرە بۇنىڭدىن ئىبارەت. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلارغا سالغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرەتتى. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا نَقَمُوا مِنْهُمْ إِلَّا أَنْ يُؤْمِنُوا بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار مۇئمىنلاردىن پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇئمىنلاردىن ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالاتتى. — ئەنەس ئالىم
تارىخ بويىچە ھەر تۈرلۈك زۇلۇمغا مۇپتىلا بولغان مۇئمىنلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق بولغان. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان سېھىرگەرلەردىن فىرئەۋننىڭ نەپرەت قىلىشى، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلەردىن نەپرەت قىلىشى بۇنىڭ مىساللىرىدۇر. «ئەزىز - العزيز» ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىدىن بولۇپ، مەنىسى، كۈچلۈك، غالىب، قەدىرلىك، يېڭىلمەس، ئۇلۇغ دېگەنلەردىن ئىبارەت. «ھەمىد - الحميد» ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىدىن بولۇپ، مەنىسى قىلغان ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان، مۇكەممەل قىلىدىغان، ھەر ئىشىدا مەدھىيە ۋە ھەمدۇسانالارغا لايىق بولغۇچى دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىردىنبىر پادىشاھى بولغان، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم
زالىملار مۇئمىنلەردىن نەپرەت قىلىدۇ، لېكىن ئاللاھ مۇئمىنلەردىن رازى بولىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان، توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغان ۋە ھېچبىر زامان بەلنى قويۇۋەتمىگەن مۇئمىنلەرنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەڭداشسىز قۇدرەت، مۇتلەق ھاكىمىيەت ۋە چەكسىز ئىلىم ئىگىسىدۇر. سىنىقىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىۋاتقان مۇئمىننىڭ دىلىدىكى ئىخلاسنى، تىلىدىكى ساداقەتنى ۋە پۇت - قول ئەزالىرىدىكى ئىتائەتنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. زالىمنىڭ دىلىدىكى نەپرەتنى، تىلىدىكى يالغاننى ۋە پۇت - قول ئەزالىرىدىكى زۇلۇمنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە، سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇئمىنلەرگە نۇسرىتىنى ئاتا قىلىپ قۇتقۇزىدۇ. زالىملارنى بولسا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى قىيناپ، ئاندىن تەۋبە قىلمىغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار، ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
بۇ سۈرىنىڭ 4 ~ 10 - ئايەتلىرىدە بۇ ۋەقەگە ئورۇن بېرىلگەن بولسىمۇ، ۋەقە يۈز بەرگەن تارىخ، ماكان ۋە زالىملارنىڭ كىملىكى بايان قىلىنمىغان. مۇھىم بولغىنى قىسسەنىڭ ئىبرەت ئېلىنىدىغان تەرىپىدۇر. دەرۋەقە، بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان مۇئمىن شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەزەلدىن تارتىپ بار ئىش بولۇپ قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. باتىل تەرەپدارلىرى ۋاقىتلىق غەلىبە قازانغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئاخىرقى غەلىبە ھەق تەرەپدارلىرىغا مەنسۇپ. لېكىن ھەق تەرەپدارلىرىنىڭ ھېچبىر تەھدىتكە بويۇن ئەگمەسلىكى، ھېچبىر ئىسكەنجىدىن قورقماسلىقى، ھېچبىر بەدەلنى تۆلەشتىن يانماسلىقى، شۇنداقلا ئۆزىنى ۋە ئىلكىدىكى ھەر نەرسىسىنى ھەق يولىدا پىدا قىلىشى كېرەك. چۈنكى زەخمەتسىز زەپەر، غەيرەتسىز غەنىيمەت ۋە جاپاسىز ھالاۋەت يوق. ئىلاھىي ئىمتىھان ئاخىرقى نەپەسكىچە داۋاملىشىدۇ. ھەقىقىي زەپەر بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھايات سەرمايىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىكى ئەبەدىي سائادىتىنى قازانغانلارغا ئائىتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْكَبِيرُ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئىچىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. بۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ۋەدە قىلىنغاندەك قۇرئان كەرىمدە بەك كۆپ ئايەتتە، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا جەننەت ۋەدە قىلىنىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بايان قىلىنىدۇ. يەنى ئىمان - ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشىنىشتۇر. ياخشى ئەمەل - ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ توسقان ئىشلارنى قىلماسلىقتۇر. 33 - سۈرە (ئەھزاب)نىڭ 35 - ئايىتىدە قىلىشقا تېگشىلىك بەزى ئىشلار ياخشىلارنىڭ سۈپەتلىرى ھالىتىدە بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم قۇرئان كەرىمنى (مەنىسىنى چۈشەنگەن ھالدا) دىققەت بىلەن ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ جازالىشى بەك قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 25 - ئايىتىدىن 99 - ئايىتىگىچە نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋملىرى دۇچار بولغان جازالارنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى فىرئەۋننىڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكَذَٰلِكَ أَخۡذُ رَبِّكَ إِذَآ أَخَذَ ٱلۡقُرَىٰ وَهِيَ ظَٰلِمَةٌۚ إِنَّ أَخۡذَهُۥٓ أَلِيمٞ شَدِيدٌ﴾ - «رەببىڭ، ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى جازالىغاندا ئەنە شۇنداق جازالايدۇ. ئۇنىڭ جازالىشى بەك ئەلەملىك، بەك قاتتىق بولىدۇ». دېمەككى، ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، لېكىن ئەسلا جازاسىز قويمايدۇ. بۇ (12 -) ئايەتتىمۇ بىلدۈرۈلگەندەك، ئاللاھنىڭ جازالىشى بەك قاتتىقتۇر، پىلانى ھەقىقەتەن پۇختىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّهُ هُوَ يُبْدِئُ وَيُعِيدُ
ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئاللاھ ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ دەسلىپىدە بار قىلىدۇ ۋە قايتا بار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
پەقەت ئاللاھ تائالا خالىغان نەرسىسىنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنى ئەجىلى توشۇپ يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى خالىغان چېغىدا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الْغَفُورُ الْوَدُودُ
ئاللاھ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر، — ئەنەس ئالىم
«مەغپىرەت قىلغۇچى - الغفور» ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىدىن بولۇپ، مەنىسى تەۋبە قىلغان گۇناھكارنى كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى ھىمايىسىگە ئېلىپ نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگۈچى دېگەن بولىدۇ. «دوست تۇتقۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئاللاھ تائالانىڭ «ۋەدۇد - الودود» دېگەن چىرايلىق ئىسمىدۇر. بۇ كەلىمىنىڭ سۆز تومۇرى پاك سۆيگۈ مەنىسىدىكى «ۋۇدد - الوُدّ»دۇر. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى، تەقۋادارلارنى، تەۋبە قىلغۇچىلارنى، سەۋر قىلغۇچىلارنى، تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى، ئۆزىنى پاكلىغۇچىلارنى، ئادىل بولغۇچىلارنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنالاردەك سەپ بولۇپ ئۇرۇشقۇچىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ «ۋەدۇد - الوَدُوْدُ» دېگەن چىرايلىق ئىسمى ئۇلارغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەرھەمەت، نۇسرەت ۋە ئىنئام سۈپىتىدە ئۇلارغا يانىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذُو الْعَرْشِ الْمَجِيدُ
ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ، ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەرشىنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەرشنىڭ ئىگىسى» ئىكەنلىكى توغرىسىدا 7 - سۈرە (ئەئراف)نىڭ 54 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. «ناھايىتى ئۇلۇغ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مەجىد - المَجِيْدُ»دۇر. بۇ كەلىمە بۇ ئايەتتە ۋە 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 73 - ئايىتىدە، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن، بۇ سۈرىنىڭ 21 - ئايىتىدە ۋە 50 - سۈرە (قاف)نىڭ 1 - ئايىتىدە قۇرئان كەرىم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كەلىمىنىڭ سۆز تومۇرى ئىززەت، ھۆرمەت، شەرەپ، ئېسىللىك، ئۇلۇغلۇق دېگەن مەنىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان «مەجد - مجد»دۇر. بۇ كەلىمە ئاللاھ تائالانىڭ چىرايلىق ئىسمى بولۇپ كەلگەندىمۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەندىمۇ مەنىسى، ھېچبىر جەھەتتە تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوق دېگەن بولىدۇ، «ناھايىتى ئۇلۇغ» بۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىرادە قىلغىنىنى قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ياخشى كۆرۈش ۋە رازى بولۇش مەنىسىدىكى ئىرادىسى، يەنە بىرى قارار بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىش مەنىسىدىكى ئىرادىسى. ئاللاھ تائالا بۇزغۇنچىنى ۋە بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بەندىلىرىنىڭ كۇفرىلىق قىلىشىغا رازى بولمايدۇ، يەنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈش ۋە رازى بولۇش مەنىسىدە ئىرادە قىلغىنىنى بەزىدە ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ مەنىدىكى ئىرادىسىگە خىلاپ ئىرادىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچى ۋە كافىر مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا قارار بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىش مەنىسىدە بىرەر نەرسىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن «بول» دەيدۇ، ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردە ئىرادە قىلغان نەرسىسى، «فەئئالۇن - فعال» دېگەن مۇبالىغە سۈپەتداشنىڭ تولدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 36 - سۈرە (ياسىن)نىڭ 82 - ئايىتىدىكى ئىرادىسىگە ئوخشاش قارار بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىش مەنىسىدىكى ئىرادىسىدۇر. ئەرەبچىدە «قىلغۇچى» دېگەن مەنىنى «فائىل - فاعل» دېگەن كەلىمە، «كۆپ قىلغۇچى، نۇقسانسىز قىلغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى «فەئئال - فعّال» دېگەن كەلىمە ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى «فائىل» ئېنىق سۈپەتداش، «فەئئال» مۇبالىغە سۈپەتداشتۇر. بۇ مۇبالىغە سۈپەتداشنىڭ بۇ يەردىكى ئىگىسى (فائىلى) ئاللاھ تائالا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم ساندىكى ھەم سۈپەتتىكى مۇبالىغەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساندىكى مۇبالىغە كۆپلۈك، سۈپەتتىكى مۇبالىغە مۇكەممەللىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْجُنُودِ
(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا لەشكەرلەرنىڭ قىسسىسى كەلدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ساڭا قوشۇنلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلەرگە تەسەللىي بېرىش ۋە ئەبۇ جەھىل باشچىلىقىدىكى زالىملارغا تەنبىھ بېرىش ئۈچۈن، شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر ھەق يولىدىكىلەرگە ئۈلگە كۆرسىتىش، باتىل يولىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ سۈرىنىڭ 4 - ئايىتىدىن 10 - ئايىتىگىچە بولغان 6 ئايەتتە «ئەسھابى ئۇخدۇد» قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا يەنە ئىككى زالىم قەۋمنىڭ قىسسەسىگە دىققەت تارتىش ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپكە يول كۆرسەتمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِرْعَوْنَ وَثَمُودَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋننىڭ ۋە سەمۇدنىڭ. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن- مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مىسىر پادىشاھى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئەسكىرىي كۈچىگە تايىنىپ، ئاسارىتىدىكى خەلقكە تۈرلۈك زۇلۇملارنى قىلغان، ھەتتا ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان بىر زومىگەر ئىدى. ئاللاھ تائالا ھەقكە ۋە ئاسارىتىدىكى بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ ھەر ئىككى دەۋەتنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. ئاقىۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋە قوشۇنىنى ھالاك قىلغان، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە قەۋمىنى قۇتقۇزغان. سەمۇد - ئۆز ۋاقتىدا ھىجاز بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ھىجر» دېگەن شەھەردە ياشايدىغان قەدىمىي بىر قەۋمدۇر. ھىجر كۈنىمىزدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ ۋە «مەدائىن سالىھ» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ 15 - سۈرىسى ئەنە شۇ ئىسىم بىلەن «سۈرە ھىجر» دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، قوشۇنى بىلەن «تەبۇك غازىتى»غا كېتىۋېتىپ ئۇ يەردىن ئۆتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا سەمۇد قەۋمىگە سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، ماددىي مەدەنىيىتىگە ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا قاتتىق قارشى چىققان، ھەتتا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بولغان تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلغان، سالىھ ئەلەيھىسالامنى ۋە مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزغان. فىرئەۋن خانىدانى، سەمۇد قەۋمى ۋە ئۇخدۇدنىڭ (ئورەك) ئىگىلىرى ھەقكە قارشى تۇرۇش، مۇئمىنلەرگە زۇلۇم قىلىش ۋە سىياسىي، ئەسكىرىي ئىقتىسادىي كۈچلىرىگە ئالدىنىش قاتارلىقلاردا بىر - بىرىگە ئوخشىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈچ قىسسە بۇ سۈرىدە زىكىر قىلىنغان. 89 - سۈرە (فەجر)نىڭ 9 ~ 13 - ئايەتلىرىدە سەمۇد بىلەن فىرئەۋن قىسسەسىنىڭ بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي تَكْذِيبٍ
(قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەكسىچە، كاپىر بولغانلار داۋاملىق يالغانغا چىقارماقتا — تەرجىمە ھەيئىتى
بەلكى كافىرلار راستنى يالغان دېيىشىۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ يەردىكى كافىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن بارلىق كافىرلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كافىرلار ئورەكنىڭ ئىگىلىرى، فىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ ئىمان ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، قۇرئاننى يالغان دېيىشنى داۋاملاشتۇرماقتىدۇر. خۇددى بىر نەرسە بىر نەرسىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ شۇڭغۇپ كەتكەندەك، خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئېغىزى ئېتىلگەندىن كېيىن خالتا قورشاپ تۇرغان نەرسىدەك، ئۇلار قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتكەن، قۇرئاننى ئىنكار قىلىش ئۇلارنى قورشىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۇ قورشاۋنىڭ ئىچىدىن چىقىپ قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىش ساھەسىگە كەلمىگەن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كافىرلارنىڭ يەھۇدىيلىرى ۋە ناسارالىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇغان تۇرۇقلۇق ئىمان ئېيتمىغان. ئۇممىيلىرى (نادانلىرى) بولسا تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ۋە بىر قىسىم شەرتلەرنى قويۇپ ئىمان ئېيتمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ مِنْ وَرَائِهِمْ مُحِيطٌ
ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرماقتىدۇر، ئۇلارنى دۇنيادا بىر قىسىم ئازابلار بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ، تەۋبە قىلمىسا ئاخىرەتتە ئەبەدىي ئازابقا مەھكۇم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ هُوَ قُرْآنٌ مَجِيدٌ
بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياق ئۇنداق ئەمەس! ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بەلكى ئۇ[3] ئۇلۇغ قۇرئاندۇر، — ئەنەس ئالىم
ئۇلار يالغان دەۋاتقان نەرسە «ناھايىتى ئۇلۇغ قۇرئاندۇر». ئاللاھ تائالا بۇ يەردە قۇرئاننىڭ «ناھايىتى ئۇلۇغ» كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ مۆجىزە كىتاب ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشسىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ھېچبىرى تەرىپىدىن باتىل يېقىنلىشالمايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن توغرا يول رەھبىرى ۋە پارلاق نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئايەتتىكى «ناھايىتى ئۇلۇغ»لۇقنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي لَوْحٍ مَحْفُوظٍ
بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
لەۋھى مەھپۇزدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
لۇغەتتە «لەۋھ - لوح» تاختا، «مەھفۇز - محفوظ» ساقلانغۇچى دېگەن بولۇپ، «لەۋھى مەھفۇز - لوح محفوظ» ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاساسىي كىتابنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ «لەۋھى مەھفۇز»نى 13 - سۈرە (رەئد)نىڭ 39 - ئايىتىدە ئانا كىتاب، ئاساسىي كىتاب دېگەن مەنىدە «ئۇممۇل كىتاب - أم الكتاب»، 56 - سۈرە (ۋاقىئە)نىڭ 78 - ئايىتىدە ساقلانغۇچى كىتاب دېگەن مەنىدە «كىتابى مەكنۇن - كتاب مكنون» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنىسىنى، 56 - سۈرە (ۋاقىئە)نىڭ 75 - ئايىتىدىن 80 - ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەر بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى