مۈلك سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 30 ئايەتمەنىسى: ئىگىدارچىلىق. ئاتىلىش سەۋەبى: پۈتۈن ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
(پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
پادىشاھلىق ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
پادىشاھلىق ئىلكىدە بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
كائىناتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ پادىشاھلىقىنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان ئاللاھ، زاتى، ئىسىم - سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا يەككە - يېگانىدۇر، ھەر نەرسە بار بولۇشتا ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئاللاھقا موھتاجدۇر، ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلىپ بارلىق مەخلۇقاتنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى يارىتىشقا ۋە ھەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ
سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قايسىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن، سىلەرنى يوقتىن ياراتتى ۋە مۇئەييەن ئەجەل بەلگىلىدى، شۇنداقلا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ سىلەرنى ئەجىلىڭلار توشقۇچىلىك ياشىشىڭلارنى، ئەجىلىڭلار توشقاندا ئۆلۈشىڭلارنى بەلگىلىدى، ھەر دائىم ئىلاھىي سىناق ئۈستىدە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن قاچان ئۆلىدىغانلىقىڭلارنى مەخپىي تۇتتى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى سىلەردىن ئالىدۇ، ئۇ چاغدا گۇناھكارلىرىڭلارغا جازا بېرىدۇ، تەۋبىكارلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ئىنئام ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ قۇدرىتى ئۇلۇغ، مەغپىرىتى كۆپ زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن ئاسمانلارغا تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. رەھماننىڭ يارىتىشىدا ھېچ تەرتىپسىزلىك كۆرمەيسەن. قاراپ باققىن، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن؟ — ئەنەس ئالىم
(3-4) ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ، بىر - بىرىگە ماس ھالەتتە ۋە ناھايىتى پۇختا شەكىلدە يوقتىن ياراتتى، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقۇچىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ناھايىتى ئىنچىكە ئىنتىزام بېكىتتى ۋە ئۇلارنى شۇ ئىنتىزام بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇردى. ئى ئىنسان! سەن چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ تەرتىپسىزلىك كۆرمەيسەن. قاراپ باققىن، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن؟ ياق! يەنە تەكرار - تەكرار قاراپ باققىن، كۆزۈڭ بىرەر نۇقسان تېپىشتىن ئۈمىد ئۈزىدۇ ۋە تالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنْقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ
ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن تەكرار - تەكرار قاراپ باققىن، كۆزۈڭ ساڭا ئۈمىدسىز ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَجَعَلْنَاهَا رُجُومًا لِلشَّيَاطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ السَّعِيرِ
(بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق، شەيتانلارغا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق، ئۇلارنى شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر قىلدۇق، ئۇ شەيتانلارغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىنى تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق، يۇلتۇزلارنى ئالەمى ئەرۋاھتىكى پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشقا ئۇرۇنغان شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر قىلدۇق؛ يۇلتۇزلارنى ئاسماننىڭ زىننىتى قىلىش بىلەن بىرگە ئاسمانغا يېقىنلاشقان شەيتانلارنى ھالاك قىلىش قورالى قىلدۇق. ئۇ شەيتانلارنىڭ جازاسى ئۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، بىز ئۇلارغا دوزاختا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىنىمۇ تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ
رەببىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىگە كافىر بولغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم
(6-9) دۇنيادىكى چېغىدا، ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگىسى - ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت! ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چېغىدا دوزاخنىڭ قايناپ چىقارغان خىرتىلدىشىنى ئاڭلايدۇ، دوزاخ قاتتىق ئاچچىقلىغانلىقتىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. قاچانىكى دوزاخقا بىر توپ كىشى تاشلانسا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمۇ؟ ئاللاھ تەرەپتىن سىلەرگە بىرەر ئەلچى كېلىپ سىلەرنى بۇ دوزاختىن ئاگاھلاندۇرمىغانمىدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «كەلمىگەن ئەمەس، بىزگە ئەلۋەتتە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن ۋە بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن بىز ئۇلارنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا: ‹ئاللاھنىڭ سىلەرگە ۋەھىي نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتىكى ئادەملەرسىلەر› دېگەن ئىدۇق» دەيدۇ. ئەسكەرتىش: ئەھلى دوزاخ گۇرۇھلىرى مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ھەيدىلىپ دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن چاغلىرىدىمۇ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: ««سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن، رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى يەتكۈزىدىغان ۋە سۆز - ھەرىكىتى بىلەن چۈشەندۈرىدىغان، سىلەرنى بۇ كۈندە قايتا تىرىلىپ قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىڭلاردىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار ئۇ پەرىشتىلەرگە ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ: «شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماي كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولدۇق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذَا أُلْقُوا فِيهَا سَمِعُوا لَهَا شَهِيقًا وَهِيَ تَفُورُ
ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇنىڭغا تاشلانغاندا ئۇنىڭ قايناپ چىقارغان خىرتىلدىشىنى ئاڭلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ ۖ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ
دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمىدى؟ » دەپ سورايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاچچىقىدىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. قاچانىكى ئۇنىڭغا بىر گۇرۇھ تاشلانسا، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا بَلَىٰ قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ
ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھىيدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا- دېدۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، شۈبھىسىزكى، بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، لېكىن بىز ئۇنى ئىنكار قىلدۇق ۋە : ‹ئاللاھنىڭ بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ھەئە، بىزگە ئەلۋەتتە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، لېكىن بىز يالغانچى دېگەن ۋە ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى، سىلەر بۈيۈك ئازغۇنلۇق ئىچىدىسىلەر دېگەن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ
ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئەگەر بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىغا قۇلاق سالغان ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە: «ئەگەر قۇلاق سالغان بولساق ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى قاتارىدا بولماسكەنمىز» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(10-11) قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلار دوزاخقا تاشلىنىپ بولغاندا، ئۇلار: «ئەگەر بىز دۇنيادىكى چېغىمىزدا كەلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالغان بولساق ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مۆجىزىلەر ۋە ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان بولساق، بۈگۈن بۇ يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى قاتارىدا بولماس ئىكەنمىز!» دەيدۇ. دېمەك، ئۇلار گۇناھىنى مانا مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ. دوزاخنىڭ يالقۇنلۇق ئوتىغا مەھكۇم بولغانلارغا لەنەت بولسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْ فَسُحْقًا لِأَصْحَابِ السَّعِيرِ
ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن! — مۇھەممەد سالىھ
نەتىجىدە ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى
دېمەك، ئۇلار گۇناھىنى مانا مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ. يوقالسۇن يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى! — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
رەببىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە بۈيۈك ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
دۇنيادىكى چاغلىرىدا كافىرلارنىڭ ئەكسىچە، ئۆزلىرىنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگىسى - ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلغانلارغا كەلسەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ئىنئام ۋە بۈيۈك مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَسِرُّوا قَوْلَكُمْ أَوِ اجْهَرُوا بِهِ ۖ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
سىلەر سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار (ئاللاھ ھامان ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر سۆزۈڭلارنى مەيلى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سۆزۈڭلارنى يوشۇرۇن قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار ئاللاھقا ئوخشاشتۇر[1]، چۈنكى ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(13-14) ئى ئىنسانلار! مەيلى سۆزۈڭلارنى يوشۇرۇن قىلىڭلار، مەيلى ئۈنلۈك قىلىڭلار ئاللاھقا ئوخشاش؛ ئاللاھ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر. بارلىق مەخلۇقاتنى، جۈملىدىن سىلەرنى ئۆز قۇدرىتى، ھېكمىتى ۋە ئىلمى بىلەن پىلانلاپ يوقتىن ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ! ئۇ زات سىلەرگە يوشۇرۇن بولغانلىرى ۋە پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ئىنچىكە ۋە نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەر نەرسە، ھەر ھادىسە ۋە ھەر ئەھۋالنى تولۇق بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مەخلۇقاتنى ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات تۇرسا! — ئەنەس ئالىم
-
هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ ۖ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، شۇنداق بولغانىكەن زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەرگە كۆنۈك ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇ ھالدا زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە ئۇ زات بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ زېمىننى يوقتىن يارىتىپ، ئۇنى سىلەرنىڭ زىرائەت تېرىش ۋە قۇرۇلۇش سېلىش ئارقىلىق پايدىلىنىشىڭلار، سەيلە - ساياھەت قىلىپ ئايلىنىشىڭلار، يېتىش، ئولتۇرۇش ۋە تۇرۇش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىشىڭلار قاتارلىق مەنپەئەتلىرىڭلارغا كۆنۈك بىر ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇنداقتا، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار ۋە ئاللاھ ئۇنىڭدىن چىقىرىپ بەرگەن رىزىقلاردىن يەڭلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى: سىلەر يېقىندا ئۆلىسىلەر، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر. ئاللاھ تائالا 6 ~ 11 - ئايەتلەردە كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 16 ~ 21 - ئايەتلەردە بولسا ئۇلارنى قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَأَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ
ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا يەر بىردىنلا قاتتىق تەۋرەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(16-17) ئى كافىرلار! كائىناتنىڭ مۇتلەق پادىشاھى بولغان ئاللاھنىڭ زېمىننى بىردىنلا قاتتىق تەۋرىتىپ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۈستۈڭلارغا ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟ بۇ ئىككى تۈرلۈك بالانىڭ بىرىگە يولۇققان چېغىڭلاردا، مېنىڭ كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، لېكىن ئۇ چاغدىكى بىلىشىڭلار ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ أَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ
ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى. (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر يالغانغا چىقارغان ئىدى، مېنى ئىنكار قىلىشنىڭ نەتىجىسى قانداق ئىكەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرىكى قەۋملەرمۇ ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمنى يالغانچىغا چىقىرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن ھەقنى ئىنكار قىلغان ئىدى، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟ بۇنى ھەممىسى كۆردى، بىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ
ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قارىمامدۇ؟ ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇچارقاناتلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايغان ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا پەقەتلا رەھمان تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار ھەقىقەتنىڭ شۇنچە ئوچۇق دەلىللىرىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ قانات ۋە ئىمكان بېرىشى بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتقان ئۇچارقاناتلارغا قارىمىدىمۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى بەزىدە كەرگەن ھالەتتە تۇرىدۇ، بەزىدە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا پەقەتلا چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۇ بىر ھەقىقەتكى: ئاللاھ ھەر نەرسىنى، ھەر ئەھۋالنى ۋە ھەر ئىشنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى يوقىتىۋەتمىگەن كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمىتىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ جُنْدٌ لَكُمْ يَنْصُرُكُمْ مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ ۚ إِنِ الْكَافِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ
سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
رەھماندىن باشقا سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان قوشۇنۇڭلار كىمدۇر؟ كافىرلار ئالدىنىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھقا قارشى سىلەرگە قايسى قوشۇنىڭلار ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىق ئىرادە قىلسا سىلەرنى قايسى تەرەپدارلىرىڭلار قوغدىيالايدۇ، قايسى جامائەڭلار قۇتقۇزالايدۇ؟ ھېچكىم، ھېچبىر تەرەپدار ۋە ھېچبىر جامائەڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىيالمايدۇ! سىلەرنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ساقلاۋاتىدۇ ۋە ئەجىلىڭلار توشقۇچىلىك سىلەرگە مۆھلەت بېرىدۇ. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق كافىرلار شەيتانلارغا ئالدىنىپ قۇرۇق ئارزۇلارغا بېرىلمەكتىدۇر، خام خىياللار ئىچىدە ئۈزمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ ۚ بَلْ لَجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ
ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر رەھمان بېرىۋاتقان رىزقىنى توختاتسا سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ بەلكى ئۇلار بويۇنتاۋلىق قىلىشتا ۋە ھەقتىن ئۈركۈشتە ئەزۋەيلىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئەگەر مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ! سىلەرگە بېرىۋاتقان رىزقىنى توختاتسا سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ھېچكىم رىزىق بېرەلمەيدۇ! بۇنى بىلىسىلەر شۇنداققۇ! ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئىبادەتنى ئۆزۈڭلارغا رىزىق بېرىۋاتقان ئاللاھقا قىلمايسىلەر؟ ئىبادەت قىلىنىشقا، سىلەرگە رىزىق بېرىۋاتقان ئەنە شۇ ئاللاھلا لايىقتۇر، لېكىن مۇشرىكلار ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلىشتا ۋە ھەقىقەتتىن ئۈركۈشتە ئەزۋەيلىمەكتىدۇر. ئاللاھ تائالا 6 ~ 21 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 22 ~ 30 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا خاتا يولدا كېتىۋاتقانلىقلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
زادى قايسى ئادەم توغرا يولدىمۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ؟ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
دۈم چۈشۈپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان كىشىنىڭ يولى بەكرەك توغرىمۇ ياكى توغرا يولدا تۈز ماڭىدىغان كىشىنىڭمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
دۈم چۈشۈپ يۈزىچە ئۆمىلەپ ماڭىدىغان كىشىنىڭ يولى بەكرەك توغرىمۇ ياكى توغرا يولدا قەددىنى رۇس تۇتۇپ ماڭىدىغان كىشىنىڭمۇ؟ بۇ ئىككى كىشىنىڭ قايسىسى ئېزىپ كەتمەي بارماقچى بولغان مەنزىلىگە بارالايدۇ؟ كافىر بىلەن مۇئمىن ئەنە شۇ ئىككى تۈرلۈك يولۇچىغا ئوخشايدۇ: كافىر جاھالەت ۋە ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەتراپىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ، يولىنى كۆرەلمەيدۇ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ، ئاخىرىدا ھالاك بولىدۇ. ئەمما مۇئمىن ماڭىدىغان يولىنى كۆرىدۇ، ئەتراپنى بىلىدۇ، مەنزىلىنى ئۇقىدۇ، ئاخىرىدا نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۖ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھمان سىلەرنى ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلغان زاتتۇر. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، سىلەرگە ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. بۇلار سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىپ قارار بېرىش قوراللىرىڭلار بولۇپ، ئاللاھ بۇلارنى سىلەرگە ھەقىقەتنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش، شۇنداقلا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى. لېكىن سىلەر بۇ قابىلىيەتلىرىڭلارنى يارىتىپ بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلمايۋاتىسىلەر؛ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرمەيۋاتىسىلەر، سەمىمىي ئىتائەت قىلمايۋاتىسىلەر. سىلەر ھەم تۇزكورلۇق قىلىۋاتىسىلەر ھەمدە قىيامەتنى، ھېسابنى ۋە دوزاخنى سەل چاغلاۋاتىسىلەر. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ قابىلىيەتلىرىڭلارنى يارىتىپ سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ لايىق بولغان يېرىڭلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھمان سىلەرنى كۆپەيتىپ زېمىنغا تارقاتقان زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «ئاللاھ تۇنجى ئاتا - ئاناڭلارنى بىۋاسىتە ياراتقان، ئاندىن سىلەرنى تەدرىجىي نەسىل قالدۇرۇش يولى بىلەن كۆپەيتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقان، سىلەرگە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغان ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدىغان زاتتۇر. ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئىبادەتتە ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(25-26) مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ جازاغا يولۇقىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ ۋە مەسخىرە قىلىپ مۇئمىنلەرگە: «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، سىلەر بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». دەرۋەقە تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكتە ئەزۋەيلىگەن كافىرلارغا، كافىرلارنىڭ بۇ دۇنيادا ئىلاھىي غەزەپكە يولۇقىدىغانلىقى ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە، ئۇ كافىرلار ھەددىدىن ئېشىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلەرگە، «سىلەر بىزنى، ئىمان كەلتۈرۈپ سېپىڭلارغا قوشۇلمىساق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىسىلەر. ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، قېنى!» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا ھەر قېتىم تېگىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «بۇ ھەقتىكى ئىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». — ئەنەس ئالىم
-
فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيئَتْ وُجُوهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَقِيلَ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَدَّعُونَ
ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى سەتلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «ئەنە شۇ سىلەر تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ، ئۇ چاغدا مۇشرىكلار ئازابنى ئۆزلىرىگە يېقىن ھالەتتە كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى سەتلىشىپ كېتىدۇ؛ قارىداپ كېتىدۇ، يۈزلىرىدە غەم - قايغۇ ۋە ھەسرەت - نادامەتنىڭ ئىپادىلىرى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇلارغا ئۇ ئەسنادا سىلكىشلەش ئۈچۈن: «ئەنە شۇ سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِيَ اللَّهُ وَمَنْ مَعِيَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَنْ يُجِيرُ الْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى كېچىكتۈرۈپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ مېنى ۋە مەن بىلەن بولغانلارنى ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ مېنى ۋە مەن بىلەن بىر يولدىكى كىشىلەرنى ھالاك قىلسا ياكى بىزگە مەرھەمەت قىلسا، كافىرلارنى ئەلەملىك ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار سېنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقۇپ ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ مېنى ۋە مەن بىلەن بىر يولدىكى كىشىلەرنى سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك ھالاك قىلسا ياكى بىزگە مەرھەمەت قىلىپ بىزنى ياشىتىشنى داۋاملاشتۇرسا، سەن كافىرلارنى ئەلەملىك ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟ بىز ئۆلۈپ بۇ دۇنيادىن كەتسەك، سىلەر بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشامسىلەر؟!» — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هُوَ الرَّحْمَٰنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھماندۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدۇق. كىمنىڭ ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئۆزۈڭنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى ئېلان قىلىپ ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەرھەمىتى چەكسىز ئىلاھ بولۇپ، بارلىق مەخلۇقاتقا، جۈملىدىن سىلەر بىلەن بىزگە چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىز ئەنە شۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭغىلا تاياندۇق؛ ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ ئاقىۋىتىمىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇق. سىلەر قايسىمىزنىڭ ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى قىيامەت قايىم بولغان چاغدا بىلىسىلەر؛ بۇ دۇنيادا كىمنىڭ توغرا يولدا ماڭغانلىقى، كىمنىڭ ئازغۇنلۇقتا تېڭىرقىغانلىقى ئۇ چاغدا ئاشكارا بولىدۇ» — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ
(ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سۈيىڭلار يەر ئاستىغا سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر سۈيۈڭلار سېڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر سىلەر ئۆز ئىلكىڭلاردا ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقان سۈيۈڭلار زېمىنغا سېڭىپ كەتسە ۋە سىلەر ئۇ سۇغا ئېرىشەلمىسەڭلار، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ ھېچكىم كەلتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ! پەقەتلا ئاللاھ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئاللاھ قار ۋە يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى زېمىندا توختىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئاللاھ ئۇ سۇلارنى يوق قىلىۋېتىشكە قادىردۇر، سىلەر بۇنى بىلىسىلەر. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلمايسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى