شەمس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 15 ئايەت
مەنىسى: قۇياش. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇياش بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (91-سۈرە شەمس، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا
    قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى

    قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن

  2. (91-سۈرە شەمس، 2-ئايەت)
    وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
    قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى

    قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن

  3. (91-سۈرە شەمس، 3-ئايەت)
    وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
    قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى

    قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن

  4. (91-سۈرە شەمس، 4-ئايەت)
    وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا
    قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى

    قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن

  5. (91-سۈرە شەمس، 5-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا
    ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى

    ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن

  6. (91-سۈرە شەمس، 6-ئايەت)
    وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا
    زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى

    زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن

  7. (91-سۈرە شەمس، 7-ئايەت)
    وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا
    نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى

    روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان زات بىلەن

  8. (91-سۈرە شەمس، 8-ئايەت)
    وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا
    نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى

    ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى

  9. (91-سۈرە شەمس، 9-ئايەت)
    فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا
    نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ

    روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ

  10. (91-سۈرە شەمس، 10-ئايەت)
    قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا
    نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ

    نەپسىنى كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ

  11. (91-سۈرە شەمس، 11-ئايەت)
    وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا
    سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى

    سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىنكار قىلدى

  12. (91-سۈرە شەمس، 12-ئايەت)
    كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا
    ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى

    ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئالدىرىغاندا

  13. (91-سۈرە شەمس، 13-ئايەت)
    إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا
    ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى

    ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى - سالىھ ئەلەيھىسسالام- ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى

  14. (91-سۈرە شەمس، 14-ئايەت)
    فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
    ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى

    لېكىن ئۇلار سالىھ پەيغەمبەرنى يالغانچى قىلىپ، تۆگىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، ئۇ يەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى

  15. (91-سۈرە شەمس، 15-ئايەت)
    فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا
    ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ

    ئاللاھ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ