شەمس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 15 ئايەت
مەنىسى: قۇياش. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇياش بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (91-سۈرە شەمس، 1-ئايەت) ساماۋىي ئالامەتلەر قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا
    قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياش ۋە ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ياراتقان ئايەتلىرىدىن يەتتىسى بىلەن، ئىنسان بىلەن ۋە ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى پاكلىغان كىشىنىڭ مۇرادىغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى بۇلغىغان كىشىنىڭ مۇرادىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ، مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى ۋە ئۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىنچىسى قۇياشتۇر. قۇياش ئۆزىنىڭ ھەجمى، ھەرىكىتى، يولى، ئۆز ئىچىگە ئالغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلار بىلەن بىر ئايەتتۇر. ئىككىنچى ئايەت قۇياشنىڭ نۇرىدۇر. بۇ، قۇياشنىڭ ھەرىكىتى نەتىجەسىدە ھاسىل بولغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقتۇر. ئەسلىدە قۇياشنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئايرىم بىر ئايەتتۇر، بۇ ھەرىكەتتىن ھاسىل بولغان نۇر ئايرىم بىر ئايەتتۇر، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نەمرۇدقا بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغان. بۇ نۇر ھاسىل بولۇش جەھەتتىن بىر ئايەتتۇر، كائىناتنى يورۇتۇش ۋە ئىسسىتىش جەھەتتىن بۈيۈك بىر نېمەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەم قىلىشى ئۇلاردىكى ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە يەتكۈزىۋاتقان پايدىلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (91-سۈرە شەمس، 2-ئايەت) ساماۋىي ئالامەتلەر قەسەملەر
    وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
    قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    ئاي، ئايرىم بىر ئايەتتۇر، ئۇنىڭ قۇياشقا ئەگىشىشى ئايرىم بىر ئايەتتۇر. چۈنكى بۇ ئەگىشىش ئىنتايىن ئىنچىكە بىر نىزام بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. قۇياش ئۆز ئوربىتىسىدا توختىماي ماڭىدۇ، ئاي ئۆز ئوربىتىسىدا قۇياشقا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. قۇياش توختاپ ئايغا يېقىنلاشمايدۇ. بۇ ئايەت قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇساپە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن ئىنتايىن ئىنچىكە بىر نىزام بارلىقى، قۇياشنىڭ ئالدىن، ئاينىڭ ئارقىدىن ماڭىدىغانلىقى، ئاينىڭ قۇياشتىن كەلگەن نۇرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەقىقەتلەرگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردە قۇياشقا ئەگەشكەن ئاي بىلەن قەسەم قىلىشى ئەنە شۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى، زۆرۈرلۈكىنى ۋە ھەر بىرىنىڭ بىرەر بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (91-سۈرە شەمس، 3-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
    قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياشنى ئاشكارا قىلغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (3-4) كېچە بىلەن كۈندۈز ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەردىن ئىككى ئايەت ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئىككى نېمەتتۇر. كۈندۈزنىڭ قۇياشنى ئاشكارا قىلىشى كۈندۈزنىڭ قۇياشنى كۆرسىتىشىنى، كېچىنىڭ قۇياشنى يۆگىشى كېچىنىڭ قۇياشنى يوشۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى يەر شارى قۇياشنىڭ ئەتراپىدا بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ تۆت پەسىلنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۆز ئوقىدا 24 سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىپ كېچە - كۈندۈزنى ھاسىل قىلىدۇ. يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ئەسنادا ئۇنىڭ بىر قىسمى قۇياشنىڭ ئۇدۇلىدا، يەنە بىر قىسمى قۇياش چۈشىدىغان تەرەپنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ. يەر شارىنىڭ قۇياشنىڭ ئۇدۇلىدا بولغان ۋە قۇياشقا يېقىن بولغان قىسمىدا كۈندۈز، قۇياشقا يىراق ۋە ئارقا تەرەپتە بولغان قىسمىدا كېچە بولىدۇ. كۈندۈز بولغان يەرلەردە قۇياش كۆرۈنىدۇ، كېچە بولغان يەرلەردە قۇياش كۆرۈنمەيدۇ. دېمەككى، كائىناتتا قۇياش، ئاي، يەر شارى، كېچە ۋە كۈندۈز بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇتتۇر، ئاي ۋە يەر شارى قۇياشنى، كېچە ۋە كۈندۈز يەر شارىنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ، قۇياش يەر شارىنىڭ كۈندۈز بولغان قىسمىدىلا كۆرۈنىدۇ، كۈندۈزنىڭ قۇياشنى ئاشكارا قىلىشى، كېچىنىڭ قۇياشنى يۆگىشى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (91-سۈرە شەمس، 4-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا
    قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياشنى يۆگىگەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  5. وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا
    ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمان ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (5-6) ئاسماننىڭ بىنا قىلىنىشىنىڭ ۋە زېمىننىڭ يېيىلىشىنىڭ جەريانى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاسمان بىلەن زېمىن دەسلەپتە بىر پۈتۈن ھالەتتە يارىتىلغان، ئىككىسى بىر پارچە گاز توپى ھالىتىدە ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇ توپنى ئايرىدى (پارتلاتتى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ توپ پارچىلىنىپ، بىر تەرەپتە ئاسمان ۋە ئاسمان جىسىملىرى شەكىللەنگەن پارچىلار، يەنە بىر تەرەپتە زېمىن شەكىللەنگەن پارچىلار مەيدانغا كەلدى. 2) ئاندىن زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتتى، يەنە ئىككى كۈندە ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ سىستېما ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بەلگىلىدى. بۇ جەمئىي تۆت كۈن بولدى. 3) ئاندىن ئاسمانغا يۆنەلدى، ئاسمان بۇ ئەسنادا تۇمان (گاز) ھالىتىدە ئىدى. ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى. يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە دەرھال بويسۇندى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئاسماننى ئىككى كۈندە يەتتە قەۋەت ئاسمان قىلىپ ئايرىدى، ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى بىلدۈردى ۋە بىرىنچى قەۋەت ئاسماننى چىراغلار (يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر) بىلەن زىننەتلىدى. 4) ئاندىن زېمىننى ئۇزاتتى، يايدى، كېڭەيتتى ۋە تۆشەك سالغاندەك سالدى. بۇ ئايەت بۇ يېيىشنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (91-سۈرە شەمس، 6-ئايەت) زېمىن ۋە تاغلار قەسەملەر
    وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا
    زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىن ۋە ئۇنى يايغان زات بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  7. (91-سۈرە شەمس، 7-ئايەت) روھ ۋە نەپس قەسەملەر
    وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا
    نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان زات بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەفس ۋە ئۇنى بېجىرىم قىلغان زات بىلەن قەسەمكى- — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردە «كىشى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «نەفس - نفس»تۇر. بۇ كەلىمە بۇ يەردە «كىشى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەرگىچە، ياراتقان ئايەتلىرىدىن يەتتىسى بىلەن قەسەم قىلغاندىن كېيىن «نەفس» بىلەن قەسەم قىلىشى ئۇ «نەفس»نىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە دالالەت قىلىدىغان ھالەتتىكى «نەفس» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەكىلدىكى «نەفس» بەدەن، روھ ۋە پۈتۈن ئىنسانىي قابىلىيەتلەردىن تەركىب تاپقان «كىشى»دۇر. بۇ مەنىنى «بېجىرىم ياراتماق» ئىپادىسىمۇ تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿سَنُرِيهِمۡ ءَايَٰتِنَا فِي ٱلۡأٓفَاقِ وَفِيٓ أَنفُسِهِمۡ ... ٥٣﴾ - «بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز»، ﴿وَفِي ٱلۡأَرۡضِ ءَايَٰتٞ لِّلۡمُوقِنِينَ ٢٠ وَفِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ ٢١﴾ - «جەزمەن ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن زېمىندا ئايەتلەر بار. ئۆزۈڭلاردىمۇ ئايەتلەر بار. كۆرمەمسىلەر؟» دەيدۇ. بۇ ئايەتلەردىمۇ «ئۆزۈڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «نەفس» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «ئەنفۇس - أنفس »دۇر. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى (قۇدرىتى، ئىلمى ۋە ھېكمىتىنىڭ دەلىللىرى) ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ گەۋدىلىرى، ماھىيىتى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىدە بولغاندەك، ئىنسانلارنىڭ جىسىملىرى، روھلىرى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىدىمۇ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا
    نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ زات نەفسكە فۇجۇرىنى[1] ۋە تەقۋالىقىنى ئىلھام قىلدى-، — ئەنەس ئالىم

    «ئىلھام»- كۆڭۈلگە سېلىش دېمەكتۇر. «ئاللاھ تائالانىڭ كىشىگە توغرا يولدىن چىقىشىنى ۋە تەقۋالىقىنى ئىلھام قىلىشى»نىڭ مەنىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: 1) ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ياخشى بىلەن ياماننى ۋە پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى سىڭدۈرگەن. بۇ ئايەت بۇ مەنىسى بىلەن ئىلگىرىكى ئايەتتە ئۆتكەن «بېجىرىم يارىتىش»نى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئىنسان يارىتىلىشتا تەبىئىتىگە ئۆزلەشكەن بۇ قابىلىيىتى بىلەن پايدىلىق نەرسىلەرگە مايىل بولىدۇ، زىيانلىق نەرسىلەردىن قاچىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان تۇغۇلۇپلا ئانىسىنى ئېمىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاستى ھۆل بولۇپ قالسا يىغلاپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بۇ قابىلىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھاياتى بويىچە توغرا - خاتانى ۋە پايدا - زىياننى ئايرىيالايدۇ. جۈملىدىن پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغان ھەقنى تونۇيدۇ. 2) ئاللاھ تائالا تەقۋادارلىقنىڭ ياخشى ئىش، گۇناھكارلىقنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئىنساننىڭ كۆڭلىگە سېلىپ تۇرىدۇ. بىر ئىنسان تەقۋادارلىق قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئوچۇقلۇق، يورۇقلۇق، رىغبەت ۋە ئىچكى ھۇزۇر پەيدا بولىدۇ. بىر ئىنسان گۇناھ قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ كۆڭلىگە غەشلىك، غۇۋالىق، قاراڭغۇلۇق ۋە بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ. قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۆڭۈلگە ئاۋۋالقىسىدا خۇشاللىق، كېيىنكىسىدە ئىچ پۇشۇقى ئورۇنلىشىدۇ. مانا بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىلھامىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (91-سۈرە شەمس، 9-ئايەت) تەقۋادارلىق قەلبىنى پاكلاش
    فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا
    نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەفسىنى پاكلىغان كىشى ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مۇرادىغا يېتىش- ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىش دېگەن بولۇپ، بۇ توغرىدا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. «ئۆزىنى پاكلىماق»- كۇفرى، شېرىك، گۇناھ قاتارلىق كىرلەردىن ئۆزىنى پاكلاش ۋە پاك تۇتۇش بىلەن بىرگە، پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا
    نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    نەپسىنى كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەفسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «بۇلغىغان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «دەسسا - دَسَّا» دېگەن پېئىلدۇر. بۇ پېئىلنىڭ ئەسلى «دەسسەسە - دسَّسَ» بولۇپ، ئاخىرقى ھەرپى (ئۈچىنچى سىن) ئەلىفكە ئۆزگەرگەن. ئەرەبچىدە مۇشۇنداق قائىدە بار. بۇ پېئىلنىڭ ئەسلى مەنىسى - سۇيىقەست قىلماق، يوشۇرماق، مەخپىي تۇتماق، كۆممەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. 16 - سۈرە (نەھل)نىڭ 59 - ئايىتىدىكى «قىزىنى توپىغا كۆممەك» مەنىسىدىكى پېئىل بىلەن بۇ پېئىلنىڭ تۈپ يىلتىزى بىردۇر. «ئۆزىنى پاكلاش» - باتىل ئېتىقاد، يالغان سۆز، ناچار ئىللەت ۋە يامان ئىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىپ، دىلىغا توغرا ئېتىقادنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تىلىغا راست سۆزنى جارى قىلدۇرۇش ۋە پۇت - قول ئەزالىرىنى ياخشى ئەمەللەرگە كۆندۈرۈش بىلەن بولغاندەك، «ئۆزىنى بۇلغاش» - ئۆزىنى كۇفۇر، شېرىك، خۇراپات، بىدئەت ۋە گۇناھ قاتارلىق كىر - قاسماقلار بىلەن پاسكىنا قىلىش، يامانلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇش، خاتالىقلارغا كۆمۈش، ياخشى ئىشلاردىن يىراقلىشىش بىلەن ئادەملىك پەزىلەتلىرىنى يوقىتىش ۋە ئىنسانلىق قابىلىيەتلىرىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. «ئۆزىنى بۇلغىغان كىشى چوقۇم قۇرۇق قول قالىدۇ» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى «جەننەت نېمەتلىرىدىن قۇرۇق قالىدۇ ۋە دوزاخقا كىرىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ» دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا
    سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن راستنى يالغان دېدى. — ئەنەس ئالىم

    سەمۇد، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان خەلق ئىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى دەپ ئىشەنمىگەن ۋە: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ بىرەر مۆجىزە كەلتۈرگىن» دېگەن ئىدى، ئاللاھ تائالا سالىھ ئەلەيھىسسالامغا: ﴿إِنَّا مُرۡسِلُواْ ٱلنَّاقَةِ فِتۡنَةٗ لَّهُمۡ فَٱرۡتَقِبۡهُمۡ وَٱصۡطَبِرۡ ٢٧﴾ - «بىز ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، سەن كۈتۈپ تۇرغىن ۋە سەۋر قىلغىن» دېدى ۋە ئۇ تۆگىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھىڭلار يوق، سىلەرگە رەببىڭلاردىن مۆجىزە كەلدى. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتكەن چىشى تۆگىسى، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەرگە ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ»، «بۇ تۆگىنىڭ سۇ ئىچىش نۆۋىتى بار، سىلەرنىڭمۇ سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بار. تۆگىگە يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى سىلەرگە يېتىدۇ». «سۇ سىلەر بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا نۆۋەتلەشتۈرۈلدى، ھەر كىم ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە سۇنىڭ يېنىغا ھازىر بولسۇن». ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارغا سۇنى تۆگە بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئىچىش ئېغىر كەلدى - دە، تۆگىنى ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۆزئارا قارارلاشتۇردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا
    ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئالدىرىغاندا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئېتىلىپ چىقتى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار تۆگىنى ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن ئارىلىرىدىن بىر كىشىنى بەلگىلىدى ۋە ئۇنى چاقىرىپ بۇ ئىشقا ئۈندىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەتبەخت تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا
    ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى - سالىھ ئەلەيھىسسالام- ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىچىش ھەققىگە چېقىلماڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىچىش ھەققىگە چېقىلماڭلار!» دېدى، لېكىن ئۇ بەتبەخت سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلماستىن تۆگىنى ئۆلتۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
    ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئۇلار سالىھ پەيغەمبەرنى يالغانچى قىلىپ، تۆگىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، ئۇ يەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېدى ۋە ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارغا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    تۆگىنى ئۇ بەتبەخت ئۆلتۈرسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى، كۈشكۈرتىشى ۋە رازىلىقى بىلەن ئۆلتۈرگەن بولغاچقا بۇ ئىشنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلغان بولدى. ئۇلار تۆگىنى بۇ شەكىلدە ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، «ئى سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن!» دېدى، سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «يۇرتۇڭلاردا ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇڭلار. بۇ يالغان چىقمايدىغان ۋەدىدۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇشايمان قىلدى، لېكىن كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۈستۈن تەرەپتىن قاتتىق ئاۋاز، ئاستىن تەرەپتىن زىلزىلە ئەۋەتتى - دە، ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى ۋە قوتاندىكى ئوت - خەستەك بولۇپ كەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا
    ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا صَٰلِحٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَمِنۡ خِزۡيِ يَوۡمِئِذٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ ٦٦﴾ - «ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن ھالاك بولۇشتىن ۋە ئۇ كۈننىڭ رەسۋاچىلىقىدىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر». بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلەر ئاللاھ تائالانىڭ سەمۇد قەۋمىدىن سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇپ، قالغانلارنى ھالاك قىلىۋېتىشتا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېمىشقا قورقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر، خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر، قىلمىشىدىن سورالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى