ھەدىد سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 29 ئايەتمەنىسى: تۆمۈر. ئاتىلىش سەۋەبى: تۆمۈرنىڭ خۇسۇسىيىتى بايان قىلىنغان (25-ئايەت)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، بولۇپمۇ بىرقانچە سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە كائىناتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ سۈرە (ھەدىد) ئەنە شۇ بىرىنچى ئايىتى «تەسبىھ» بىلەن باشلانغان سۈرىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: يەتتە ئاسمان ۋە ئۇلاردىكى پەرىشتىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلار، زېمىندىكى جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك نەرسىلەر، ھاۋادىكى قۇشلار، دېڭىزلاردىكى جانلىقلار... قاتارلىق بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ئاللاھقا تەزىم قىلدى، ئېھتىرام قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇردى. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر؛ قىلماقچى بولغان ئىشىنى پۇختا پىلانلاپ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىدۇ، ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسە ۋە قىلغان ھەر ئىش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىنىڭ چەكسىز، رەھمىتىنىڭ كەڭ ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر: ئۇلارنى يارىتىش، لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش، باشقۇرۇش، ئەجىلى توشقانلارنى يوق قىلىش، يېڭىسىنى يارىتىش... قاتارلىق ئىشلارنى پەقەتلا ئاللاھ قىلغان، ئاللاھ قىلىدۇ ۋە ئاللاھ قىلماقتىدۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى جان بېرىپ تىرىلدۈرىدۇ، خالىغىنىنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى يارىتىشقا ۋە ھەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە قادىردۇر. ئەسكەرتىش: مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەسبىھ ئېيتىشىنى ئىپادىلەيدىغان پېئىللارنىڭ ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسى زامانلارنى كۆرسىتىدىغان شەكىللەردە (گىرامماتىك فورمىلاردا) كېلىشى تەسبىھنىڭ ھېچبىر زامان توختاپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الْأَوَّلُ وَالْآخِرُ وَالظَّاهِرُ وَالْبَاطِنُ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر (يەنى ئۇ ھەممە نەرسە يوق ۋاقىتتىمۇ بار ئىدى، ھەممە نەرسە يوقالغاندىن كېيىنمۇ بار)، (ئاللاھ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، ئاشكارىدۇر ۋە مەخپىيدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاۋۋالدۇر، ئاخىردۇر، ئاشكارىدۇر، يوشۇرۇندۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ھەممە نەرسىدىن ئىلگىرى باردۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى يوقتىن ياراتقۇچى ۋە مەيدانغا كەلتۈرگۈچى زاتتۇر، شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ باشلىنىشى يوقتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسە يوقالغاندىن كېيىنمۇ باقىيدۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر بىلەن پەقەت ئاللاھلا سۈپەتلىنىدۇ؛ ئاللاھقا زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا ھېچ نەرسە ئوخشىمايدۇ، ئاللاھتىن غەيرىيمۇ سۈپەتلىنىدىغان بار بولۇش، بىلىش، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە كۈچى يېتىش... قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلى بىلەن، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا پەقەت ئاللاھ سۈپەتلىنىدۇ؛ مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولۇپ، ھېچ نەرسىنىڭ بار بولۇشى ئاللاھنىڭ بار بولۇشىغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىدە ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر، چۈنكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر نەرسە ئۆزىنى ئىجاد قىلغان ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاللاھنىڭ بارلىقىنى، بىرلىكىنى، كامالى قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مەخپىيدۇر، چۈنكى كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئەقىل ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۚ يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۖ وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن -ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە- ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلدى. ئاللاھ زېمىنغا كىرىۋاتقان ۋە زېمىندىن چىقىۋاتقان، ئاسماندىن چۈشۇۋاتقان ۋە ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ قەيەردە بولساڭلار سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈكسەلدى. ئاللاھ زېمىنغا سىڭىپ كەتكەن سۇلار، دەپنە قىلىنغان ئۆلۈكلەر، تېرىلغان ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار، كۆمۈلگەن خەزىنە ۋە جەسەتلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىققان ئۆسۈملۈكلەر، قۇدۇق ۋە بۇلاق سۇلىرى، تۈرلۈك مەدەنلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر، قار، مۆلدۈر، پەرىشتە ۋە كىتاب قاتارلىقلارنى، ئاسمانغا ئۆرلىگەن روھلار، پەرىشتىلەر ۋە بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى قاتارلىقلارنى بىلىدۇ. سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر؛ قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن سىلەرنى قورشاپ تۇرماقتىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر؛ ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، سىلەرنىڭ بارلىق گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت، پۈتكۈل ئەھۋال، ھەتتا كۆڭلۈڭلارغا كەلگەن خىياللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر؛ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، باشقۇرغۇچىسىدۇر، ھەر نەرسىگە لازىمەتلىك نەرسىنى بېرىپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ؛ ئاللاھ چەكسىز ئىرادە، ھەقىقىي سەلتەنەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى بولۇپ خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ خالىغىنىنى باي، خالىغىنىنى گاداي، خالىغىنىنى ئەزىز، خالىغىنىنى خار قىلىدۇ، جۈملىدىن خالىغان پەرىشتىنى ئەلچىسى بولۇشقا تاللاپ، ئۇنى ئىنسانلاردىن ئۆزى تاللىغان ئەلچىسىگە ئەۋەتىدۇ، خالىغان ئىنساننى ئەلچىلىككە تاللاپ ئۇنى خالىغان ئىنسانلارغا ئەۋەتىدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئېتىراز قىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئىنسان ئەلچىلىرىدىن، قىلغان دەۋەتلىرىگە ئىنسانلارنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ۋە ئىنسانلاردىن يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيگە ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىنى سوراش، ھېساب ئېلىش، شۇنداقلا ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلارنى پەقەت ئۆزىلا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۚ وَهُوَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ كېچىنى قىسقارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بىر مىقدار ۋاقىتنى كۈندۈزگە قوشۇپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى قىسقارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بىر مىقدار ۋاقىتنى كېچىگە قوشۇپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكى نىيەت ۋە سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: 4 ~ 6 - ئايەتلەر ناھايىتى ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز، پىلانى پۇختا ۋە رەھمىتى كەڭدۇر، شۇنداقلا يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَأَنْفِقُوا مِمَّا جَعَلَكُمْ مُسْتَخْلَفِينَ فِيهِ ۖ فَالَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَأَنْفَقُوا لَهُمْ أَجْرٌ كَبِيرٌ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئورۇن باسارلىرى قىلغان نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. سىلەردىن ئىشەنگەن ۋە چىقىم قىلغانلارغا كاتتا ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئەنە شۇنداق مەبۇدتۇر. ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىغا ئىشىنىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، قىيامەت كۈنى سىلەرنى يەنە ئاللاھ قايتا يارىتىپ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىڭلار ۋە ئەگىشىڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئاللاھ يولىدا سىلەرگە ئۈلگە بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى باشقۇرغۇچىسى قىلغان ماللاردىن ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلىڭلار. سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەن، ئاللاھ ئاتا قىلغان مال مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان كىشىلەر بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ؛ ئاللاھ دۇنيادا ئۇ كىشىلەرگە بەرگەن ماللىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ ساۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا لَكُمْ لَا تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ ۙ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ لِتُؤْمِنُوا بِرَبِّكُمْ وَقَدْ أَخَذَ مِيثَاقَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
(ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلساڭلار (ئىمانغا ئالدىراڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدىغان بولساڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھقا ئىشەنمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم
سىلەرنى ئاللاھقا ئىشىنىشتىن نېمە توسۇۋاتىدۇ؟ سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىشەنمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەرنى ئىگەڭلار - ئاللاھقا ئىشىنىشكە چاقىرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىقى، بىرلىكى ۋە يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر ئارقىلىق سىلەردىن ئىشىنىشڭلارغا مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى! ئەگەر ئىشىنىشنى ئىرادە قىلساڭلار ئىشىنىڭلار، چۈنكى دەۋەت بار، دەلىل بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ عَلَىٰ عَبْدِهِ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ لِيُخْرِجَكُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ بِكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
سىلەرنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئاللاھ بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى، ئاللاھ شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە مەرھەمەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئاللاھ بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى، ئاللاھ شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە مەرھەمەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلماقتىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ سىلەرنى زۇلمەتلەردىن كۇفرى ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلىۋاتقان زاتتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ئىنتايىن مەرھەمەتلىكتۇر، شۇڭلاشقا ئاللاھ كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىپ ياراتتى. ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ئۆزىنى (ئاللاھنى) تونۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئەقىل ئاتا قىلدى، ئىككىلى دونيادا بەخت - سائادەتكە يەتكۈزىدىغان يولنى تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كىتاب نازىل قىلدى، ئەلچى ئەۋەتتى. «قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا» چىقارغۇچى ئاللاھ تائالا، سەۋەبچىسى پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن «چىقىرىش» پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى) بەزى ئايەتلەردە «ئاللاھ»، بەزى ئايەتلەردە «پەيغەمبەر» بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى «چىقىرىش» پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى) «ئاللاھ» بولغاندا «ئىسناد (ئىگە - خەۋەر مۇناسىۋىتى)» ھەقىقىي، «پەيغەمبەر» بولغاندا «ئىسناد (ئىگە - خەۋەر مۇناسىۋىتى» مەجازىي (كۆچمە مەنىدە) بولغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا لَكُمْ أَلَّا تُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا يَسْتَوِي مِنْكُمْ مَنْ أَنْفَقَ مِنْ قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِنَ الَّذِينَ أَنْفَقُوا مِنْ بَعْدُ وَقَاتَلُوا ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار، (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل ـ مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر ـ بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا -پۇل ـ مال- سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى سىلەردىن پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار بىلەن- كى، ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ئۈستۈندۇر -، مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن نەپىقە قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسى باراۋەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يولىدا نېمىشقا مال چىقىم قىلمايسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىن فەتىھتىن ئىلگىرى مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلار، بۇنداق قىلمىغانلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى فەتىھتىن كېيىن مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈندۇر. ھەر بىرىگە ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
پۇل - مېلىڭلاردىن ئاللاھ يولىدا نېمىشقا چىقىم قىلمايسىلەر؟ چىقىم قىلىڭلار، پېقىر بولۇپ قېلىشتىن قورقماڭلار ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر، رىزقىڭلارغا ئاللاھ كېپىلدۇر، ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان پۇل - مېلىڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنى بىلىڭلاركى: ئىچىڭلاردىن مەككە فەتھ بولۇشتىن ئىلگىرى غازات ئۈچۈن مال چىقىم قىلغان ۋە غازاتقا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان كىشىلەر، ئۇنداق قىلمىغانلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى، مەككە فەتھ بولغاندىن كېيىن غازات ئۈچۈن مال چىقىم قىلغان ۋە غازاتقا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىق بولسىمۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر؛ ھەربىرىڭلارغا ئۆز قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ
كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھقا قەرزىي ھەسەن بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىل ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە، يەنى ئاللاھ بېرىدىغان ساۋابقا چىن دىلىدىن ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قاتمۇقات ساۋاب بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىل مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش جان تىكىشنى تەلەپ قىلغاندەك، مال چىقىم قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئايەتلەردە «مال بىلەن ۋە جان بىلەن جىھاد» بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ يولىدا - غازات ئۈچۈن مال بەرگەنلىك «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ ئالدىنقى ئايەتتە جىددىي پەيتلەردە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ۋە پۇل - مال چىقىم قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىشنىڭ «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇ ئىشقا تەرغىب قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىش مالنى زايە قىلغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا ئامانەت قىلغانلىقتۇر؛ پۇل - مېلىنى ئاللاھقا ئامانەت قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۇ مېلىنى مۇكەممەل، تولۇق ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن ھالەتتە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. چۈنكى قىيامەت كۈنى «ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توپلىنىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ تَرَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ يَسْعَىٰ نُورُهُمْ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ بُشْرَاكُمُ الْيَوْمَ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئۇ كۈندە مۆمىن ئەرلەرنى، مۆمىن ئاياللارنى كۆرۈسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتتۇر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرۈسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، ئۇلارغا: «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋاپپەقىيەتتۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ نۇرى ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ. ئۇلارغا: «بۈگۈن سىلەرگە خۇش خەۋەر: سىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ مەڭگۈ ياشايسىلەر. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
پۇل - مېلىنى ئاللاھ يولىدا چىن ئىخلاس بىلەن چىقىم قىلغان كىشى مەزكۇر مۇكاپاتقا، مۇئمىنلار جەننەتكە نۇر ئىچىدە يۈگۈرۈپ ماڭىدىغان كۈندە ئېرىشىدۇ، ئۇ كۈنى مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇ نۇرنىڭ يورۇقىدا بولىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە خۇش خەۋەر: سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا كىرىپ مەڭگۈ ياشايسىلەر ۋە ئۇ باغچىلاردىكى پۈتمەس - تۈگىمەس نېمەتلەردىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىسىلەر. دۇنيادا ئىشلەپ ئاللاھ تەرىپىدىن بۈگۈن بۇ باغچىلار بىلەن مۇكاپاتلىنىش ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقتۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ لِلَّذِينَ آمَنُوا انْظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِنْ نُورِكُمْ قِيلَ ارْجِعُوا وَرَاءَكُمْ فَالْتَمِسُوا نُورًا فَضُرِبَ بَيْنَهُمْ بِسُورٍ لَهُ بَابٌ بَاطِنُهُ فِيهِ الرَّحْمَةُ وَظَاهِرُهُ مِنْ قِبَلِهِ الْعَذَابُ
ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا دەرۋازىسى بولغان بىر سېپىل سوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا ئۇ مۇئمىنلارنى جەننەت تەرەپكە مېڭىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلار ماڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار ئۇ مۇئمىنلارغا: «بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى، پايدىلىنىۋالايلى!» دەيدۇ، مۇئمىنلار ياكى مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولۇپ مۇئمىنلار بولغان تەرىپىدە جەننەت، مۇنافىقلار قالغان تەرىپىدە دوزاخ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُنَادُونَهُمْ أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ وَلَٰكِنَّكُمْ فَتَنْتُمْ أَنْفُسَكُمْ وَتَرَبَّصْتُمْ وَارْتَبْتُمْ وَغَرَّتْكُمُ الْأَمَانِيُّ حَتَّىٰ جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ وَغَرَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ
ئۇلار مۆمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۆمىنلەر: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ، لېكىن ئۆزۈڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار، مۆمىنلەرگە بالايى ـ ئاپەتلەر كېلىشىنى) كۈتتۈڭلار، (ئىسلام دىنىدىن) شەكلەندىڭلار، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدىدى، تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى، شەيتان سىلەرنى ئاللاھنىڭ (ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى) بىلەن ئالدىدى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار مۇئمىنلارنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۇئمىنلار: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار، كۈتتۈڭلار ۋە شەكلەندىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر سىلەرنى قۇرۇق ئارزۇلار ئالدىدى. كۆپ ئازدۇرغۇچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھ ھەققىدىمۇ ئالدىدى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇنافىقلار مۇئمىنلارغا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. مۇئمىنلار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، بىللە ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلدىڭلار، بىزنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇشىمىزنى كۈتتۈڭلار، شۈبھىلەندىڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر قۇرۇق خىياللار ئالدىدى ۋە ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىدى. — ئەنەس ئالىم
(14-15) مۇنافىقلار سېپىلنىڭ ئارقىسىدىن مۇئمىنلارغا: «بىز دۇنيادا سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؛ نامازنى بىللە ئۆتىدۇق، جامائەتكە بىللى قېتىلدۇق، غازاتقا بىرلىكتە قاتناشتۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ!» دەپ نىدا قىلىدۇ. مۇئمىنلار ئۇلارغا مۇنداق دپ توۋلايدۇ: «شۇنداق، سىلەر دۇنيادا بىز بىلەن بىللە ئىدىڭلار؛ بىز بولغان ھەر سورۇن، بىز قاتناشقان ھەر پائالىيەتتە بىز بىلەن بىللە ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر مۇنافىقلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلدىڭلار، بىزنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇپ ھالاك بولۇشىمىزنى كۈتتۈڭلار، قىيامەتتىن ۋە قايتا تىرىلىشتىن شۈبھىلەندىڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر ‹ئاللاھ ئەپۇ قىلار، ئەتە - ئۆگۈن تەۋبە قىلارمىز» دېگەندەك قۇرۇق خىياللار ئالدىدى، شەيتان سىلەرنى ئەمەل قىلمىساڭلارمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن تەۋبىنى كېچىكتۈردۈڭلار، بۈگۈن سىلەردىنمۇ، سىلەرنىڭ كاتتىباشلىرىڭلار بولغان كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ، سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر؛ ئۆزۈڭلار دوزاخقا كىرىپ بىۋاسىتە ئازاب چېكىسىلەر، دوزاخ سىلەرگە لايىق جازادۇر، نېمىدېگەن يامان جايدۇر!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَالْيَوْمَ لَا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلَا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ مَأْوَاكُمُ النَّارُ ۖ هِيَ مَوْلَاكُمْ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ
بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. ئۇ سىلەرگە لايىقتۇر ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!». — ئەنەس ئالىم
-
أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە نازىل بولغان ھەقىقەت - قۇرئان- بىلەن ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولمىسۇنكى، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە قەلبلىرى ئېرىيدىغان، ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلار ئىدى. — ئەنەس ئالىم
مۇئمىنلار ئۈچۈن ئاللاھ زىكىر قىلىنسا ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى يەتكۈزۈلسە قەلبلىرى ئېرىيدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا يەنە ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن ۋە تولىسى يولدىن چىققان كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئەسلىدە مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا سۈر باسىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئاڭلىسا قورقۇپ بەدەنلىرى تىترەيدىغان، ئاللاھنىڭ خۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلىسا بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشايدىغان، شۇنداقلا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىلتىجا قىلىش روھى كۈچىيىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ مۇئمىنلار نېمىشقا شۇنداق ھەقىقىي مۇئمىن بولمايدۇ؟! نېمىشقا ئۇلارنىڭ دىللىرى، ئاللاھنىڭ نەسىھەتلىرىنى، ۋەدىلىرىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە يۇمشىمايدۇ؟! ئۇلار قاچانغىچە ئەھلى كىتابقا ئوخشايدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. بىز سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى بايان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ قاقاسلىشىپ كەتكەن يەرنى يامغۇر ياغدۇرۇپ جانلاندۇرىدۇ، بۇنى كۆرۈۋاتىسىلەر، كۈندىلىك ھاياتىڭلاردا تەجرىبە قىلىۋاتىسىلەر. بىز سىلەرگە ئەقلىنى ئىشلىتىپ چۈشەنسۇن، دىلى يۇمشىسۇن ۋە ئىتائەتمەنلىك روھى كۈچەيسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى بايان قىلدۇق؛ يولۇڭلارنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇھىم ئەمر - پەرمان، چىرايلىق نەسىھەت ۋە ئىبرەتلىك قىسسەلەرنى ئېنىق چۈشەندۇردۇق. ياغقان يامغۇرنى قوبۇل قىلغان يەر جانلىنىپ ئۆسۈملۈك ئۈندۈرگەندەك، نازىل بولغان ئايەتلەرنى قوبۇل قىلىپ دىللارمۇ جانلىنىپ يۇمشايدۇ، ئۆز ئىگىسىنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلار ئىبادەتتە تەقۋا، ئەخلاقتا گۈزەل، مۇئامىلىدە دۇرۇس، ئىلىمدە يۇقىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلغار كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ - دە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولىدۇ، چۈنكى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ
سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەرگۈچىلەر، ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل ـ مال سەرپ قىلغۇچىلارغا) ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل مۇكاپات باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلەرگە بەرگەن سەدىقىلىرى ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا ئېسىل ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
ماللىرىدىن موھتاجلارغا سەدىقە بەرگەن ئەر - ئايال مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى لايىق رەۋىشتە كۆزلەپ ۋە ئاللاھ ۋەدە قىلغان مۇكاپاتقا چىن دىلىدىن ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلغان ئەر - ئايال مۇئمىنلارغا، بەرگەن سەدىقە ۋە چىقىم قىلغان پۇل - ماللىرى نەچچە ھەسسىگە كۆپەيتىلىپ قايتۇرۇلىدۇ، ھەمدە ئۇلار قىيامەت كۈنى ناھايىتى ئېسىل مۇكاپاتقا (جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الصِّدِّيقُونَ ۖ وَالشُّهَدَاءُ عِنْدَ رَبِّهِمْ لَهُمْ أَجْرُهُمْ وَنُورُهُمْ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار ـ ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا سىددىقلاردۇر، شېھىتلەردۇر، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ساۋابقا ۋە نۇرغا ئىگە بولىدۇ، بىرنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ۋە يالغانغا چىقارغانلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا سىددىقلاردۇر ۋە شېھىتلەردۇر، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرى ۋە نۇرلىرى باردۇر، بىرنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ۋە يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر راستچىللاردۇر ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاھىتلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ۋە نۇرىغا ئېرىشىدۇ. كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشەنگەن كىشىلەر، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سىددىقلار ۋە شەھىدلەردۇر، ئۇلار ئۆزلىرى لايىق بولغان مۇكاپاتقا ۋە نۇرغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. «سىددىق» - پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قوبۇل قىلغان كىشى، «شەھىد - شَهِيد» - ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دىلى، تىلى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن، شۇنداقلا ھەق يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان كىشى ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا باشقا ئىنسانلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان كىشى دېمەكتۇر. بۇ يەردە ئىككىنچى مەنە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اعْلَمُوا أَنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَزِينَةٌ وَتَفَاخُرٌ بَيْنَكُمْ وَتَكَاثُرٌ فِي الْأَمْوَالِ وَالْأَوْلَادِ ۖ كَمَثَلِ غَيْثٍ أَعْجَبَ الْكُفَّارَ نَبَاتُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَكُونُ حُطَامًا ۖ وَفِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٌ ۚ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ
بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ - زىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر قېتىم يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇركى، ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ-دە ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى باردۇر. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەتلا ئالداتقۇچى بىر بەھرىمەن بولىدىغان نەرسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇندۇر، بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر، زىننەتلىنىشتۇر، ئۆزئاراڭلاردا پەخىرلىنىشتۇر، ماللارنى ۋە بالىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بەسلىشىشتۇر. بۇ ھايات يامغۇرغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈك دەسلەپتە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، كېيىن قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىمۇ بار. دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى سىناش ئۈچۈن زېمىندىكى نەرسىلەرنى زېمىننىڭ زىننىتى قىلدۇق . بىلىڭلاركى، ئۇلارغا ئالدىنىپ ياشاش ئويۇن ئويناشتۇر، غەپلەتكە چۆمۈپ بىھۇدە ئىشلارغا مەشغۇل بولۇشتۇر، تېشىڭلارنى پەردازلاشتۇر، جەددى - جەمەتىڭلارنىڭ ئېسىللىكى، پۇل - مېلىڭلارنىڭ ۋە بالا - چاقاڭلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىشتۇر. بۇ ھايات، يامغۇرنىڭ يېغىشى بىلەن ئۈنگەن، دەسلەپتە گۈزەللىكى بىلەن دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگەن، كېيىن قۇرۇپ سارغايغان، ئاندىن قاتتىقلىشىپ پارچىلانغان ۋە كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتكەن ئۆسۈملۈككە ئوخشايدۇ. بۇ دۇنيادا ئەنە شۇ ھاياتنى ئەلا بىلىپ ياشىغانلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەت ھاياتىنى ئەلا بىلىپ ياشىغانلار ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. بۇ دۇنيا ھاياتى، مايىل بولغان ۋە بېرىلگەنلەرنى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر. ئى ئىنسانلار! شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن ھەقىقىي ۋە ئەبەدىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتى بار. سىلەرگە بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ياشاش مۇددىتى (ئۆمرۈڭلار ) يامانلار ئۈچۈن ئويناش ۋە بىھۇدە مەشغۇلات، ياخشىلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىق ئىش - پائالىيەتلەر پۇرسىتىدۇر. ئەقلىنى ئىشلەتكەن ئىنسان! بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ئەنە شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ جەريانىغا ئوخشايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ يېقىندا بۇ دۇنيادىن باشقا بىر دۇنياغا كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تەييارلىق قىلىشى لازىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَابِقُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، (ئۇ) جەننەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىندەك كېلىدىغان ۋە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت، مۇشۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. ئەنە شۇ جەننەت ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ ئاللاھ ئۇنى ئۆزى لايىق كۆرگەن كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىگە كاتتا ئىلتىپات ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي أَنْفُسِكُمْ إِلَّا فِي كِتَابٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَبْرَأَهَا ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر — مۇھەممەد سالىھ
يەر يۈزىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە سىلەر ئۇچرىغان ھېچقانداق مۇسىبەت يوقتۇركى، بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن كىتابتا يېزىلغان بولمىسۇن. شۈبھىسىزكى بۇ، ئاللاھقا ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
زېمىندا ۋە سىلەردە يۈز بەرگەن ھەر ھادىسە بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن كىتابقا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! زېمىندا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، يانغىن ۋە سۇ ئاپەتلىرى... سىلەر يولۇققان كېسەللىك، ئۆلۈم - يېتىم ۋە باشقا مۇسىبەتلەر بىز كىتابقا يازغاندىن كېيىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلارنى ئالدى بىلەن كىتابقا يېزىش ئاندىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئاللاھقا بەك ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِكَيْلَا تَأْسَوْا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا بِمَا آتَاكُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
(ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق بولۇشى، قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(23-24) سىلەرنىڭ، قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز زېمىندا يۈز بەرگەن ۋە سىلەر يولۇققان مۇسىبەتلەرنى ئالدىن يازىدىغانلىقىمىزنى، ئاندىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە بىلدۈردۇق، شۇڭلاشقا قۇلۇڭلاردىن كەتكەن غەلىبە ۋە غەنىيمەت ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ھەسرەت چەكمەڭلار، ئېرىشكەن ئۇتۇقۇڭلار ئۈچۈن كۆرەڭلىمەڭلار، ئەكسىچە ھەر ئىشنى بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمىزنى بىلىپ ئۇتۇققا شۈكۈر، ئوڭۇشسىزلىققا سەۋر قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆزلىرى بېخىللىق قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ھاكاۋۇرلارنى، مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. كىم ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۆزى زىيان تارتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىبادىتىگە موھتاج ئەمەس، كائىناتتىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ ۗ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى (ئاللاھنىڭ يولىدا نەپىقە قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن (ئاللاھقا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى يۈز ئۆرۈسە، بىلسۇنكى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان كىشىلەردۇر. كىم يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنْزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ ۖ وَأَنْزَلْنَا الْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئاللاھ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ (قوراللارنى ئىشلىتىپ) ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش (مەلۇم قىلىش) ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى)، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، كىتابنى ۋە ئۆلچەمنى نازىل قىلدۇق، بۇنىڭدىكى مەخسەن ئىنسانلارنىڭ ئادالەتنى بەرپا قىلىشىدۇر. ۋە تۆمۈرنى چۈشۈردۇقكى، ئۇنىڭدا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، بۇنىڭدىكى مەخسەت ئاللاھ تەئەلانىڭ، ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئەلچىلىرىمىزنى روشەن دەلىللەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەر بىلەن كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىگە ۋە ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر[1]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۆتمۈشتە ئەلچىلىرىمىزنى مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا كىتابنى ۋە ئادالەت ئۆلچىمىنى نازىل قىلدۇق؛ پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارنى يەتكۈزىدۇ، ئۆگىتىدۇ ۋە ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئادالەتنى ئۆگىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ باشچىلىقىدا ئادالەتنى ھاكىم قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ، بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، تۆمۈردە ھەر خىل قورال - ياراغلارنى ياساپ، پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن كىتابلارغا قارشى تۇرغان، شۇنداقلا ئادالەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلماي زۇلۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلار زۇلۇمدىن ياندۇرۇلۇپ ئادالەتكە قايتۇرۇلىدۇ، تۆمۈردە يەنە تۈرلۈك (دېھقانچىلىق قوراللىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە سانائەت ماشىنىلىرىغا ئوخشىغان) ئەسۋاب - سايمانلارنى ياساپ ھاياتنىڭ زورلۇقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قورال - ياراغمۇ ياسىغىلى بولىدىغان تۆمۈرنى چۈشۈرۈشى ۋە ئۇرۇش قىلىشنى يولغا قويۇشى، ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپ دىنىغا ۋە ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا وَإِبْرَاهِيمَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ ۖ فَمِنْهُمْ مُهْتَدٍ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادىغا (ئاتا) قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئارىسىدا قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، تولىسى فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
جۈملىدىن بىز نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ نەسلى ئۇلاردىن كېيىن ئىككىگە ئايرىلدى؛ بىر قىسمى توغرا يولدا ماڭدى، تولىسى توغرا يولدىن چىقتى. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۆزىگە بېرىلگەن تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن توغرا يولنى ئەمەس باتىل يولنى تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى نۇھ بىلەن ئىبراھىم (ئۇلارغا سالام بولسۇن)نىڭ نەسلىگە بەرگەن بولسىمۇ، بۇنى نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە بەرگەن، چۈنكى ئىبراھىمنىڭ نەسلى ھەم نۇھنىڭ نەسلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. «ئىبراھىم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 63 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. 14 - سۈرە «ئىبراھىم سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. دەرۋەقە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزى پەيغەمبەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئىسمائىل ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى پەيغەمبەر قىلغان (ئۇلارغا سالام بولسۇن). بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى كىچىك ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن تاللىغان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن تاللىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ قَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِرُسُلِنَا وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ وَجَعَلْنَا فِي قُلُوبِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ابْتِغَاءَ رِضْوَانِ اللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا ۖ فَآتَيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا مِنْهُمْ أَجْرَهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى (تەركىدۇنيالىقنى) ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ لايىق دەرىجىدە رىئايەت قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا -ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچىلەرنىڭ كەينىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شەپقەت ۋە مەرھەمەت سالدۇق. ئۇلار پەيدا قىلغان راھىبلىققا كەلسەك، بىز ئۇنى ئۇلارغا پەرز قىلمىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا رىئايە قىلمىدى. بىز ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۇ ئىككى ئەلچىمىز نۇھ ۋە ئىبراھىمدىن كېيىن باشقا ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ھەممىسىنىڭ كەينىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئىيساغا ئىنجىلنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شەپقەت ۋە مەرھەمەت سالدۇق. ئۇلار پەيدا قىلغان راھىبلىققا (تەركىدۇنيالىققا) كەلسەك، بىز ئۇنى ئۇلارغا پەرز قىلمىدۇق، ئەكسىچە ئۇلار ئۇنى بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى كۆزلەپ ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلغان بۇ راھىبلىققا ئۆزلىرى لايىقىدا رىئايە قىلمىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىخلاسمەن مۇئمىنلارغا لايىق بولغان مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ تولىسى يولدىن چىقتى، تائەت - ئىبادەتتىن باش تارىتىپ يامان ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇ يولدىن چىققان ئادەملەرنى يېقىندا جازالايمىز. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىبادەتلەر ھېچكىمگە ئېغىر كەلمەيدۇ، ئۇلار: «ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىمىز» دەپ تەركىدۇنيالىقنى پەيدا قىلىشتى، كېيىن ئۆزلىرى پەيدا قىلغان بۇ ئىشقا ئۆزلىرى سەۋر قىلالماي ئىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتتى (ئەسلىنى بۇزدى) ياكى تەرك ئەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَآمِنُوا بِرَسُولِهِ يُؤْتِكُمْ كِفْلَيْنِ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيَجْعَلْ لَكُمْ نُورًا تَمْشُونَ بِهِ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئى (ئىيساغا) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتىدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كەلتۈرگەن ئىمانىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى نېسىۋە بېرىدۇ، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتىدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ ۋە خاتالىقىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ئۆز كىتابلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەن ۋە قۇرئان كەرىمگىمۇ ئىشەنگەن مۇئمىنلارغا ئىككى قېتىم مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ (28 -) ئايەتتە بولسا، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىچىدىن ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلتۈرگەن ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغان مۇئمىنلارغا رھمىتىدىن ئىككى نېسىۋە، نۇر ۋە مەغپىرەت ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِئَلَّا يَعْلَمَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَلَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَيْءٍ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَأَنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەسلىكلىرىنى، پەزلنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، (ئاللاھنىڭ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن (ئاللاھ شۇ سۆزنى قىلدى) — مۇھەممەد سالىھ
بىز بۇلارنى، ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەسلىكلىرىنى، پەزل - مەرھەمەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن -بايان قىلدۇق-. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، پەزل ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەنە شۇ مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلىشى، مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەسلىكلىرىنى ۋە ئىلتىپاتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. دېمەككى، ئەھلى كىتاب ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا شەرتنى ئورۇندىغانلار ئېرىشىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك ئىلتىپاتنىڭ ئىگىسىدۇر؛ ئۆزلىرىنىڭ كىتابىغا ۋە قۇرئانغا لايىقىدا ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ئىككى قېتىم مۇكاپات بېرىدۇ، ئۇممەتى مۇھەممەدتىن ئىمانىدا چىڭ تۇرغانلارغا ئىككى ھەسسە رەھمەت، نۇر ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى