ئەئلا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 19 ئايەت
مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى
    ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەڭ ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلىغىن. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرى بار. ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئۇ ئىسىملارنىڭ بىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان ۋە ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ھالدا دۇئا قىلىش كېرەك. ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئاللاھنى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتاش، ئاللاھقا بىۋاسىتە دۇئا قىلماي باشقا بىرىنى شېپى كەلتۈرۈش، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى ئاللاھتىن غەيرىيدىن تىلەش، ئاللاھتىن غەيرىينى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بىلەن ئاتاش قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلىمىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆزى ئۆگەتكەن. جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھقا ئاللاھ ئۆگەتكەن بويىچە، بىرەر شەيئىنى ياكى بىرەر شەخسنى شېپى كەلتۈرمەستىن بىۋاسىتە دۇئا قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى ۋە ھېچ كىمنى تەڭ قىلماسلىق كېرەك. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلاشنىڭ باشقا بىرقانچە شەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن تىلغا جارى قىلىش (سۇبھانەللاھ، سۇبھانە رەببىيەلئەئلا، سۇبھانە رەببىيەلئەزىم دېگەنگە ئوخشاش). 2) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئويۇن - چاقچاق قىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تەلەپپۇز قىلماسلىق. 3) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىننەت ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك، مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسمىنى كىيىم - كېچەك، قاچا - قۇچىدەك نەرسىلەرگە نەقىشلىمەسلىك. 4) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى پاك بولمىغان جايلاردىن ساقلاش، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈزۈكىنى ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئېلىۋېتەتتى، چۈنكى ئۈزۈكتە ئاللاھنىڭ ئىسمى بار ئىدى. 5) ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان قەغەز - ۋاراقلارنى ئاياغ ئاستى بولۇپ قېلىشتىن ساقلاش. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ
    ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ يارىتىپ، شەكىل بەرگەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتتى ئاندىن بېجىرىم قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى ناھايىتى پۇختا، ئۆزىگە يارىشا چىرايلىق شەكىلدە ۋە مۆجىزە بولىدىغان ئالاھىدىلىكتە ياراتقان. شۇڭا كائىناتتىكى ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ ئۆزىگە يارىشىدىغان گۈزەللىكى، ياشاش شەكلى ۋە كائىناتتىكى رولى بىلەن ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىگە دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۇنداق ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَالَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ
    مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆلچەملىك قىلغان، ئاندىن يول كۆرسەت — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، ئۆلچىدى، ئاندىن توغرا يولنى كۆرسەتتى. — ئەنەس ئالىم

    ياراتقان ھەر نەرسىسىنىڭ ۋۇجۇدى، ئەزالىرى، تۈرى، جىنسى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئۈچۈن مۇئەييەن ئۆلچەم بەلگىلىدى، ئۇنىڭ ياشىشى ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە ياشاش شەكلى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى مۇئەييەن ئۆلچەمدە بار قىلدى، ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىش قابىلىيىتى يەرلەشتۈردى، ئۇ نەرسە يارىتىلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ياشاش يوللىرىنى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلھام قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَالَّذِي أَخْرَجَ الْمَرْعَىٰ
    ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرگەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، ئوتلاقنى چىقاردى، — ئەنەس ئالىم

    (4-5) «ئوتلاق» ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار يەيدىغان بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. 79 - سۈرە (نازىئات)نىڭ 31 - ۋە 33 - ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر دەسلەپتە كىچىك ئۈنىدۇ بارغانسېرى يوغىناپ گۈزەللىشىدۇ ۋە كۆركەملىشىدۇ. ئاندىن سارغىيىپ قۇرۇيدۇ، ئاندىن قارىيىپ قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلىنىدۇ ۋە كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيا ھاياتىنى ئۆسۈملۈككە ئوخشىتىپ چۈشەندۈرگەن ئايەتلىرىدە بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. فَجَعَلَهُ غُثَاءً أَحْوَىٰ
    ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇرغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنى قارامتۇل لۆجىگە ئايلاندۇردى. — ئەنەس ئالىم

  6. سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنْسَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز، ئاندىن سەن ئۇنتۇمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز. سەن ئۇنتۇمايسەن. — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى يادلاشقا بەك ئالدىرايتتى، ئۇنتۇپ قېلىشتىن قورقۇپ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ۋەھىينى تۇلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغۇچە تەكرارلاشقا باشلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا، ئايەتلەر ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ئەسنادا ئوقۇشقا ئالدىرىماسلىقى توغرىسىدا 75 - سۈرە (قىيامەت)نىڭ 16 ~ 19 - ئايەتلىرى ۋە بۇ 6 - ئايەت نازىل بولغان. بۇ ئايەتلەر بىلەن بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشتىن چەكلەنگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەھىينىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە ۋە بېشارەت بېرىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ خالىغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ خالىغان نەرسە مۇستەسنا. ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ھېچ نەرسە ئۇنتۇپ قالمىغان، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشىنى خالىمىغان. ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ئۇنتۇشىنى خالىسا ئىدى ئەلۋەتتە ئۇنتۇغان بولاتتى. بۇ ئىستىسنا ئۇنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقىنىڭ، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بىر ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. بۇ ئىستىسنانىڭ مەنىسى 17 - سۈرە (ئىسرا)نىڭ 86 - ئايىتىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر: ﴿وَلَئِن شِئۡنَا لَنَذۡهَبَنَّ بِٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِۦ عَلَيۡنَا وَكِيلًا﴾ - «خالىساق بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئېلىۋالىمىز. ئاندىن سەن بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايسەن». ئاللاھ پۈتۈن ئاشكارا - يوشۇرۇننى، جۈملىدىن سېنىڭ دىلىڭدىكى، ۋەھىينى يادلاشقا بولغان ھېرىسمەنلىكنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن جىبرىئىلنىڭ ئوقۇشىنى تۈگىتىپ بولغۇچىلىك ئالدىراپ ئۈنلۈك ئوقۇشىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئالدىرىمىغىن، جىبرىئىل بىلەن تەڭ ئوقۇمىغىن، بىز ساڭا قۇرئاننى يادلاتتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (87-سۈرە ئەئلا، 8-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى توغرا يول
    وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ
    سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە بىز سېنى ئاسانغا مۇۋەپپەق قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ساڭا ئەڭ ئاسان نەرسىنى مۇيەسسەر قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ساڭا قۇرئاننى بىز ئوقۇتۇپ ئۇنتۇمايدىغان قىلغىنىمىزدەك، بىز سېنى ئەڭ ئاساننى تاللايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈمىز. شۇنىڭ بىلەن سەن ھاياتىڭدا دىنىي بولسۇن، دۇنيالىق بولسۇن، ئەڭ ئاسان يولنى تاللايسەن ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسەن. بىز سېنى بۇ شەكىلدە ئەڭ ئاسانغا مۇيەسسەر قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. فَذَكِّرْ إِنْ نَفَعَتِ الذِّكْرَىٰ
    ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇڭا سەن ۋەز ـ نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا ئەگەر ئەسلىتىش پايدىلىق بولسا ئەسلەتكىن[1]. — ئەنەس ئالىم

    قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى بىر ئىسمى «زىكىر - ذكر»دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىش «تەزكىر، زىكرا - تذكير، ذكرى»، قۇرئان بىلەن قىلىنغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش «تەزەككۇر - تذكُّر» دېيىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ئەسلەتكىن»نىڭ مەنىسى قۇرئان ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن ئۇلارغا ۋەزىپىسىنى ئەسلەتكىن، ئۇلارغا قۇرئاندىكى ئىلىملەرنى ئۆگەتكىن دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. سَيَذَّكَّرُ مَنْ يَخْشَىٰ
    ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەيمىنىدىغان كىشى[2] ئەلۋەتتە ئەسلىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قۇرئاننىڭ تەقۋادارلارغا ھىدايەت بولۇشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. گەرچە قۇرئان بىلەن ھەر ئىنسانغا نەسىھەت قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭدىن پەقەت ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان ۋە ئاللاھتىن قورقىدىغانلار پايدىلىنىدۇ. قۇرئان نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەتتۇر، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مەلۇم كىشىلەرگىلا نەسىھەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (87-سۈرە ئەئلا، 11-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    وَيَتَجَنَّبُهَا الْأَشْقَى
    ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەتبەخت كىشى ئەسلىتىشتىن قاچىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نەسىھەت قىلىنغاندا ئىنسانلار ئىككىگە ئايرىلىدۇ: - بىرى دىققەت بىلەن ئاڭلايدىغان ۋە چۈشىنىدىغان، شۇنداقلا ئىمانى زىيادە بولىدىغان كىشىلەر. بۇلار 10 - ئايەتتىكى «ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان كىشى»لەردۇر. - يەنە بىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نەسىھەت قىلىنسا «يالغان» دەيدىغان، يۈز ئۆرۈيدىغان، ئىچى سىقىلىدىغان، قاچقىلى يەر تاپسا تىكىۋېتىدىغان، يولۋاستىن قاچقان ئىشەكتەك قاچىدىغان كىشىلەر. مانا بۇ «ئەڭ بەتبەخت كىشى»لەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (87-سۈرە ئەئلا، 12-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    الَّذِي يَصْلَى النَّارَ الْكُبْرَىٰ
    ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئەڭ چوڭ ئوتقا كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق كىشىكى، ئەڭ شىددەتلىك ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (12-13) «ئەڭ كاتتا ئوت» ئاللاھ تەرىپىدىن يېقىلغان، يۈرەكلەرگە يامىشىدىغان، بارغانچە ئۇلغىيىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە ۋەدە قىلىنغان دوزاخ ئوتىدۇر. «ئەڭ بەتبەخت» كىشى بۇ «ئەڭ بۈيۈك ئوت»قا كىرىپ يا ئۆلۈپ ئازابتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ ياكى ياشاپ راھەت كۆرەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (87-سۈرە ئەئلا، 13-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
    ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە ياشىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇ يەردە ئۆلمەيدۇ ۋە ياشىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  14. (87-سۈرە ئەئلا، 14-ئايەت) تەقۋادارلىق قەلبىنى پاكلاش
    قَدْ أَفْلَحَ مَنْ تَزَكَّىٰ
    (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    پاك بولغان ئادەم مەخسىتىگە يېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇنداق كىشى چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ: پاكلانغان ‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇرادىغا يېتىش- ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. پاكلىنىش - كۇفۇر، شېرىك، گۇناھ قاتارلىق كىرلەردىن ئۆزىنى پاكلاش ۋە پاك تۇتۇش بىلەن بىرگە، پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (87-سۈرە ئەئلا، 15-ئايەت) زىكىر پەرز ناماز
    وَذَكَرَ اسْمَ رَبِّهِ فَصَلَّىٰ
    ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە رەببىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئۆتىگەن ئادەم مەخسىتىگە يېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئۆتىگەن[3]. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ئەر - ئايال مۇئمىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ بىرىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. ناماز ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ئۆتىلىدۇ. «ئاللاھنىڭ ئىسىمىنى زىكىر قىلىش»- دىلى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ئويلاش ۋە چۈشىنىش، تىلى بىلەن سۆزلەش دېگەن بولۇپ، نامازنىڭ تېشىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتۇش، ئۇنتۇماسلىق ۋە تىلىغا جارى قىلىشقا بۇيرۇلغان جايلاردا تىلىغا جارى قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارىتا ياشاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى «ناماز ئۆتەش» بولسا، مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پەرز نامازلارنى كۆرسىتىدۇ. 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 9 - ئايىتى بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (87-سۈرە ئەئلا، 16-ئايەت) غەپلەت ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
    سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى سىلەر، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    (16-17) مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىشنىڭ يولى 14 - ۋە 15 - ئايەتلەردە ئەنە شۇنداق ئېنىق كۆرسىتىلگەن تۇرۇقلۇق سىلەر ئى ئىنسانلار! دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى كۆزلەۋاتىسىلەر، ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتىڭلارغا سەل قاراۋاتىسىلەر. بۇنداق قىلىش كافىرلارنىڭ ئادىتىدۇر، شۇنداقلا قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. بىلىڭلاركى، ئاخىرەت نېمەتلىرى ياخشىدۇر ۋە ئەبەدىيدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (87-سۈرە ئەئلا، 17-ئايەت) ھىساب ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
    ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى ئاخىرەت تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئاخىرەت ھاياتى ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر. — ئەنەس ئالىم

  18. إِنَّ هَٰذَا لَفِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
    بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇرۇنقى كىتابلاردا باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ ئاۋۋالقى سەھىپىلەردىدۇر: — ئەنەس ئالىم

    ﴿إِنَّ ٱلدِّينَ عِندَ ٱللَّهِ ٱلۡإِسۡلَٰمُۗ﴾ - «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئسلامدۇر». ئىسلام - ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا چىن يۈرەكتىن ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، تاغۇتتىن ساقلىنىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابلار ئەنە شۇ ئىسلامنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. قۇرئان كەرىم ئۇ كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسىدۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىسى نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ئىچىدە بولۇشى ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ سەھىپىلىرىدە بولۇشى تەبىئىيدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىشى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. صُحُفِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ
    بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنى ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىمنىڭ ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدە. — ئەنەس ئالىم

    مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب بېرىلگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككى پەيغەمبەر كىتاب بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئورۇن ئالىدۇ. 52 - سۈرە (نەجم)نىڭ 36 ~ 54 - ئايەتلىرى بىلەن بۇ سۈرىدە ئۇلارغا بېرىلگەن كىتابلارنىڭ سەھىپىلىرىدە (بەتلىرىدە) يېزىلغان ئىپادىلەرنىڭ بىر قىسمى بايان قىلىنىدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ۋەھىينىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى