ئىنفىتار سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 19 ئايەتمەنىسى: يېرىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمان يېرىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە، قىيامەت قايىم بولغاندا ئاسماننىڭ يېرىلىدىغانلىقى پەرقلىق كەلىمىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: «ئىنفەتەرەت - انْفَطَرَتْ» (بۇ ئايەت)، «ئىنشەققەت - انْشَقَّتْ»، «فۇرىجەت - فُرِجَتْ». بۇ كەلىمىلەرنىڭ ھەممىسىگە «يېرىلغان» دېگەن مەنە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئەسلىدە يېرىلىشنىڭ پەرقلىق بىر شەكىلىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بۇ ئايەتتىكى يېرىلىش (ئىنفەتەرەت) يېرىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى (دەز كېتىشنى) ئىپادىلەيدۇ، 84 - سۈرە (ئىنشىقاق)نىڭ 1 - ئايىتىدىكى يېرىلىش (ئىنشەققەت) دەز يوغىناپ ئېچىلغاندىكى باسقۇچىنى (يېرىق ھاسىل بولغان ھالىتىنى) ئىپادىلەيدۇ. 77 - سۈرە (مۇرسەلات)نىڭ 9 - ئايىتىدىكى يېرىلىش (فۇرىجەت) يېرىقلارنىڭ ئارىسى تېخىمۇ يوغىنىغاندىكى باسقۇچىنى (ئىككى تەرەپ بىر - بىرىدىن ئايرىلغان ھالىتىنى) ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىلەر ئۆتكەن ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، قىيامەت قايىم بولغاندا ئاسماندا مەيدانغا كېلىدىغان ھادىسىلەر تۆۋەندىكىچە: ئاسمان دەز كېتىدۇ، يېرىلىدۇ، ئېچىلىدۇ (بۇنى يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىپادە كۆرسىتىدۇ) ۋە ئىشىكلەر ھاسىل بولىدۇ، ئاندىن كىتابنىڭ ۋاراقلىرى تۈرۈلگەندەك تۈرۈلۈپ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ قولىدا بولىدۇ ۋە باشقا شەكىلدە قايتا ئاسمانلار ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا يۇلتۇزلارنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى 77 - سۈرە (مۇرسەلات)نىڭ 8 - ئايىتى بىلەن 81 - سۈرە (تەكۋىر)نىڭ 2 - ئايىتىدە بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا پلانېتىلارنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان پلانېتىلارنىڭ ئارىلىرىدىكى تارتىش كۈچى بىكار قىلىنغانلىقتىن ھەممىسى ئۆز ئوربىتىلىرىدىن ئايرىلىپ، قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئەرەبچىدە «كەۋكەب - كوكب» پلانېتا، «نەجم - نجم» يۇلتۇز دېگەن بولىدۇ. «مۇرسەلات» ۋە «تەكۋىر» سۈرىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدىكى كەلىمە «نەجم - نجم»، بۇ ئايەتتىكى كەلىمە «كەۋكەب - كوكب»دۇر. بۇ ئىككى كەلىمە پەرقلىق ئىككى مەنە ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
دېڭىزلار ئېتىلىپ چىقىرىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
(3-4) بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا دېڭىزلار پارتلايدۇ ۋە لاۋۇلداپ كۆيىدۇ. ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىش بىلەن قەبرىلەر ئېچىلىدۇ ۋە ئىچىدىكى ئۆلۈكلەر تىرىلدۈرۈلۈپ تېشىغا چىقىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىكىلەر تاشقىرىغا چىقىرىلغاندا — تەرجىمە ھەيئىتى
قەبىرلەرنىڭ ئىچى تېشىغا قىلىنغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
-
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر ئادەم قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىنساننىڭ «ئالدىن ئەۋەتكەن نەرسىسى» ئۆزى بۇ دۇنيادا ھايات چېغىدا قىلغان ياخشى - يامان ئىشلىرىدۇر. «ئارقىسىدا قالدۇرغان نەرسىسى» بولسا، ئۆزى بۇ دۇنيادا ھايات چېغىدا يولغا قويغان ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىنمۇ جارى بولغان ياخشى - يامان ئىشلاردۇر. ھەر كىشىنىڭ ئاخىرەتكە ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنى بىلىشى توغرىسىدا 78 - سۈرە (نەبەئ)نىڭ 29 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە ۋە 81 - سۈرە (تەكۋىر)نىڭ 10 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسان! سېنى سېخىي رەببىڭگە قارشى نېمە ئالدىدى؟ — ئەنەس ئالىم
سېنى رەببىڭنىڭ كەرەمى چەكسىز دەپ ئالدىغان، شۇنداقلا رەببىڭگە قارشى تۇرۇشقا ئېلىپ بارغان نەرسە نېمە؟ سېنى بۇنىڭغا نېمە جاسارەتلەندۈردى. سەن ھورۇنلۇق قىلىۋاتامسەن ياكى رەببىڭنىڭ ئازابىنى سەل چاغلاۋاتامسەن ۋە ياكى رەببىڭنىڭ جازالىشىغا ئىشەنمەيۋاتامسەن؟ سەن شۇنچە نېمەتتىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق نېمىشقا تۇزكورلۇق قىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ سېنى ياراتتى، ئەزالىرىڭنى بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى، سېنى ياراتتى، بېجىرىم قىلدى، قامىتىڭنى تۈز قىلدى — ئەنەس ئالىم
(7-8) سەن ئەسلىدە يوق ئىدىڭ، رەببىڭ ئاللاھ سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىدا ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، پەرقلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتتى ۋە ئاخىرىدا سېنى بەدىنىڭ بېجىرىم، قامىتىڭ تىك، ئەزالىرىڭ تولۇق، شەكلىڭ گۈزەل، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيەتلىرىگە ئىگە ساغلام ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈردى. سەن يارىتىلىشتا ۋە ياشاشتا ئاللاھنىڭ كەرەمىگە نائىل بولدۇڭ. سېنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئەنە شۇنداق مۇكەممەل يارىتىپ، ساڭا ئۆز كەرەمى بىلەن سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلىۋاتقان رەببىڭگە قارشى تۇرۇشقا ئېلىپ بارغان نەرسە نېمە؟ سېنى نېمە ئالدىدى؟ شۇنى بىلىپ قويغىنكى: رەببىڭنىڭ كەرەمى ئاسىىيلىق قىلغۇچى بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوخشاش قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. توغرا، رەببىڭ ئاسىيلىق قىلساڭمۇ ساڭا بىر مۇددەت مۆھلەت بېرىدۇ، لېكىن ئاقىۋەت ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدۇ، ئىتائەت قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي أَيِّ صُورَةٍ مَا شَاءَ رَكَّبَكَ
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ سېنى خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئۆزى خالىغان شەكىلدە قوراشتۇردى. — ئەنەس ئالىم
-
كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِالدِّينِ
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار. بەلكى سىلەر كۈنىنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ كەرەمىگە ئالدانماڭلار! ئاللاھ ئۆز كەرەمى بىلەن سىلەرنى يوقتىن يارىتىپ، ھەر جەھەتتىن ئىنئام قىلغاندەك، ئۆز كەرەمى بىلەن ئاسىيلارنى جازالايدۇ، ئىتائەتكارلارنى مۇكاپاتلايدۇ، بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار! ئەسلىدە سىلەرنىڭ ئالدىنىشىڭلاردىكى سەۋەب دىننى ئىنكار قىلىشىڭلاردۇر، يەنى سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىشنى يالغان دەۋاتىسىلەر. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى يەتكۈزگەن دىننى يالغان دەۋاتىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنىۋاتىسىلەر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشىڭلارنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنى سەل چاغلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. «دىن» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا 1 - سۈرە (فاتىھە)نىڭ 4 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَافِظِينَ
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ھالبۇكى ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچىلەر بار. — ئەنەس ئالىم
(10-12) بۇلار بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى يېزىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ئىنساننىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ چوڭ - كىچىك پۈتكۈل قىلمىشىنى ۋە ھەر سۆزىنى يېزىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇ سۆز ۋە ئەمەللەر يېزىلغان كىتاب ئۆز ئىگىسىگە بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كِرَامًا كَاتِبِينَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، يېزىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ھۆرمەتلىكتۇر، يېزىپ تۇرغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلەر جەننەتتە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ياخشىلار نەئىمدە بولىدۇ[3]. — ئەنەس ئالىم
بۇ ياخشىلارنىڭ سۈپەتلىرى 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 177 - ئايىتىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، مۇكاپاتى ئەينى سۈرىنىڭ 5 - ئايىتىدە بىلدۈرۈلگەن. ئۇ بولسىمۇ «فەلاھ - فلاح»تۇر. فەلاھنىڭ مەنىسى ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق ۋە چەكسىز ئېھتىرام بولۇپ، بۇ يەردىكى «نېمەت» ئۇلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرىدا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. بۇ ياخشىلارنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرى ۋە ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان بەزى نېمەتلىرى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ
كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ۋە شەك ـ شۈبھىسىزكى، كاپىرلار دوزاختا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، يامانلار دوزاختا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئىككى پىرقە بولىدۇ، بىر پىرقە جەننەتكە، بىر پىرقە دوزاخقا كىرىدۇ. 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 177 - ئايىتىدە سۈپەتلىرى، 5 - ئايىتىدە مۇكاپاتى ۋە 76 - سۈرە (ئىنسان)نىڭ 5 ~ 22 - ئايەتلىرىدىمۇ بىر قىسىم سۈپەت ۋە مۇكاپاتى بايان قىلىنغان «ياخشىلار»نىڭ خىلاپى بولغان پىرقە «يامانلار»دۇر. بۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ خىلاپىدۇر. جازاسى بولسا، دوزاختۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ الدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنى ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(15-16) يامانلار ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاش ئەمەلىيلىشىدىغان كۈن بولغان قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ، دوزاختىن چىقالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر، شۇڭلاشقا دوزاختا مەڭگۈ كۆيۈپ ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَائِبِينَ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
سەن قىيامەت كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
جازا ۋە مۇكاپات كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە «سەن نەدىن بىلىسەن؟» دەپ تەرجىمە قىلىنغان جۈملە «ۋەما ئەدراكە - وَمَآ أَدۡرَىٰكَ»دۇر. بۇ جۈملىنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى: «ساڭا نېمە بىلدۈردى؟» دېگەن شەكىلدىدۇر. لېكىن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: «سېنىڭ ئىلمىڭ بۇنى بىلىشكە يەتمەيدۇ، سەن بۇنىڭ كاتتىلىقىنى قانداقمۇ بىلەلەيسەن؟ بۇ سېنىڭ ئىلىم دائىرەڭنىڭ سىرتىدا، بۇنى بىلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس، سەن نەدىن بىلىسەن؟» دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ جۈملىدىن مەقسەت ئىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇلۇغلۇقى، كاتتىلىقى ياكى دەھشىتى، خەتىرى، قىيىنلىقى، شۇنداقلا ئىككىنچى شەخسنىڭ بىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشتۇر. دەرۋەقە، بۇ ئۇسلۇب قۇرئان كەرىمدە 13 يەردە ئۆتىدۇ. ئۇلاردىن بەشى قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچلۇق، ئېغىر ۋە قىيىن كۈن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئۇلاردىن ئۈچى دوزاخنىڭ دەھشىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كېلىدۇ، بىرى قەدر كېچىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كېلىدۇ، بىرى مۇئمىنلەرنىڭ ئېشىشى كېرەك بولغان مەنىۋى داۋاننىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ، بىرى «تارىق» يۇلتۇزىنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئىككىسى ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلىدىغان ئىككى كىتابنىڭ ئەھمىيىتىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلىدىغان «ئىللىييۇن»، يەنە بىرى يامانلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلىدىغان «سىججىن»دۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ مَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
يەنە سەن قىيامەت كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق، جازا ۋە مۇكاپات كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى سوئال ئەينەن تەكرارلىنىپ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ دەھشىتىنىڭ، ئىنسان تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم دىققەت تارتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە ھېچبىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ، شۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقىلا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىم ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇ كۈنى ئەمر[4] پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئىككى جۈملە بىلەن بايان قىلىنىدۇ: 1) «ئۇ كۈندە ھېچكىم ھېچكىم ئۈچۈن ھېچ ئىشقا مالىك بولالمايدۇ»، 2) «ئۇ كۈندە ئەمر ئاللاھقا خاستۇر». يەنى قىيامەت كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە بىرەر پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ بىرەر يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈندە ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدىغان ئىشى بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتالمايدۇ، ياردەم قىلالمايدۇ، ئاتىنىڭ بالىغا، بالىنىڭ ئاتىغا بىرەر پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ كۈندىكى ئىشلارنى باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى پەقەت ئاللاھ ئۆزىلا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى