مۇھەممەد سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 38 ئايەتمەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: جىھاد ھەققىدە بايانلار بار. بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ أَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىر بولغان ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ چوقۇم بىكار قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ، ئاجىز - ئورۇقلارغا خەير - ساخاۋەت قىلىش، تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارغا ئىئانە قىلىش... دېگەندەك ياخشى ئىشلىرىنى ئاللاھ چوقۇم بىكار قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَآمَنُوا بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ وَهُوَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ـ قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت بولغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا - قۇرئان ئۇلارنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەقتۇر - ئىمان كەلتۈرگەنلەر بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھ كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھ مۇھەممەدكە نازىل قىلغان ھەقىقەتكە (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دۇنيادا ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ھاكىمىيەت بېرىدۇ، تەلەپكە لايىق دىندارلىق قىلغىلى نېسىپ قىلىدۇ، قۇللۇقتىن ۋە قورقۇنچتىن ساقلايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا اتَّبَعُوا الْبَاطِلَ وَأَنَّ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّبَعُوا الْحَقَّ مِنْ رَبِّهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ لِلنَّاسِ أَمْثَالَهُمْ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىرلار باتىلغا (يەنى شەيتانغا) ئەگەشتى، مۆمىنلەر بولسا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشتى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىرلار باتىلغا ئەگەشتى، مۇئمىنلار بولسا، رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت - قۇرئان - غا ئەگەشتى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كافىرلار باتىلغا ئەگەشتى. مۇئمىنلار رەببىدىن كەلگەن ھەقكە ئەگەشتى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىنسانلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ كافىرلارغا ئۇ جازانى، مۇمىنلارغا ئۇ مۇكاپاتنى بېرىشى، كافىرلار ئازغۇنلۇقتا قالغانلىقى. مۇئمىنلار توغرا يولنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە ئاللاھ ياخشى ئىشلارنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ مۇئمىن بولۇشىنى شەرت قىلغان، شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنى بويىچە ئىمانى بولمىغان كافىرلارنىڭ ۋە لايىق رەۋىشتە ئىمانى بولمىغان مۇنافىقلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ مەسىلىنى بىرقانچە ئايەتتە تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ كافىرلارنىڭ بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئەھۋال ۋە ئاقىۋەتلىرىنى ئىنسانلارغا ئىبرەت ئېلىشلىرى، شۇنداقلا مۇئمىنلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېنىق بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّىٰ إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّىٰ تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَنْ يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ
سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر كۇففارلارغا -جەڭ مەيدانىدا- ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغاندا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خالىساڭلار ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىماقچى، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئەسلا زايا قىلىۋەتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، — ئەنەس ئالىم
(4-6) ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە دەلىل بولىدىغان شەكىلدە ياراتقان، ئىنسانلارنى ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ھەقنى (ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنى) تونۇپ يېتەلەيدىغان قابىلىيەتتە ياراتقان ۋە ئۇلارغا ئۇ ھەقكە بويسۇنۇش بويسۇنماسلىق توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئاندىن بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاشلا ھەقكە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان. بەزىلەر ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مەزكۇر تاللاش ئىختىيارىنى ياخشى يولنى تاللاشقا ئىشلىتىپ مۇئمىن، بەزىلەر يامان يولنى تاللاشقا ئىشلىتىپ كافىر بولىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانلار جەمئىيىتى مۇئمىنلار ۋە كافىرلار دەپ ئىككى پىرقىدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق كۈرەش بولۇپ تۇرۇشى تەبىئىيدۇر، چۈنكى مۇئمىنلار ياخشىلىق قىلىدۇ، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ. كافىرلار يامانلىق قىلىدۇ، يامانلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە يامانلىققا دەۋەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇئمىنلار كافىرلار بىلەن تۆۋەندىكى ئۇرۇشلارنى قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ: 1) دىنىي ئەركىنلىككە قارشى تۇرغان زالىم كافىرلارغا قارشى ئۇرۇش، يەنى مۇسۇلمانلارنى ئىسلامىي ھاياتتىن ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتىن، ئىنسانلارنى ئىسلام يولىغا كىرىشتىن توسقان زالىملارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش. 2) تاجاۋۇزچى كافىرلارغا قارشى ئۇرۇش، يەنى ۋەتەننى ئىشغالدىن ساقلاش ياكى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش. 3) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىرەر زالىم كافىرنىڭ زۇلمى ئاستىدا قالغان مەزلۇملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش. 4) تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزغان كافىرلارغا قارشى قىلىنغان ئۇرۇش. ئەسكەرتىش: مۇئمىنلار ئىچكى ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئىچكى ئۇرۇشنى بېسقتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ ئۇرۇش مۇئمىنلار ئۆز ئارا قىلىدىغان ئۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ھۆكمى پەرقلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا، ئەنە شۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرىنى قىلغان چاغلىرىدا. ئۇرۇش ئەسناسىدا ۋە ئۇرۇش تۈگىگەندە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ، ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە : كافىرلار بىلەن جەڭ مەيدانىدا توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئۇلاردىن كۆپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئەسىرگە ئېلىپ مەزمۇت باغلاڭلار، چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇرۇشنى بۇ شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرغاندىن ئەسىرگە ئېلىنغان كافىرلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىديە ئېلىپ (مۇئەييەن مىقداردا مال ئېلىپ ياكى كافىرلارنىڭ قولىدىكى مۇئمىن ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە) قويۇپ بېرىڭلار. ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختاپ تىنچلىق ھاكىم بولغانغا قەدەر كافىرلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىدۇر . ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇماستىن ئۇلاردىن ئۆزى بىۋاسىتە ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار بىلەن سىناش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن (شەھىد)لەرگە كەلسەك، ئۇلار جان ئۈزگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى يېڭى بىر ھايات بىلەن تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا جەننەتتە ئۇلارغا تۈرلۈك رىزىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ناھايىتى سۆيۈنىدۇ. قىيامەت كۈنى بولسا، ئۇلارنى باشقا مۇئمىنلارنىڭ قاتارىدا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئىنساننىڭ قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان، مەۋجۇت قۇللۇقنى بولسا تۆۋەندىكى يوللار بىلەن تۈگەتكەن: 1) دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى باي مۇئمىنلاردىن يىغقان زاكاتتىن بىر فوند ئاجرىتىپ، ئۇنى قۇل - چۆرىلەرنى ئازاد قىلىشقا ئىشلىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن، 2) سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان، 3) قەسىمىدە تۇرمىغانلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان، 4) ئايالىنى زىھار قىلغۇچىلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان، 5) خالىغان چۆرىلەرنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن، 6) خالىغان قۇل - چۆرىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن ھۆرلۈككە ئېرىشىش توختامى تۈزۈشكە رۇخسەت بەرگەن، 7) قۇل ئازاد قىلىشنى ۋە قۇل ئازاد قىلىشقا ياردەملىشىشنى تەقۋادارلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى قىلغان، 8) قۇل - چۆرىلەرگە ۋە ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان. قۇل - چۆرىلەرگە قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئۇلارنى ئازاد قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ
ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى يېقىندا ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ — ئەنەس ئالىم
-
وَيُدْخِلُهُمُ الْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ
ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۈلارنى ئۇلارغا تۇنۇشتۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئۇلارنى، ئۇلارغا تونۇتقان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تَنْصُرُوا اللَّهَ يَنْصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدىمىڭلارنى بەرقارار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ[1]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش، بولۇپمۇ ئاللاھ يولىدا لايىق رەۋىشتە ئۇرۇش قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق بولساڭلار ئاللاھ دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، زەپەر نېسىپ قىلىدۇ، زېمىندا ھاكىمىيەت بېرىدۇ، دىنىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە خاتىرجەم ھايات بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى زايا قىلىۋېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلار ھالاك بولىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(8-9) كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ، تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم قىلىش، ياخشى يوللارغا پۇل - مال چىقىم قىلىش ۋە پېقىر - مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش... دېگەندەك ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب – يەنى قۇرئان - نى يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ دَمَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۖ وَلِلْكَافِرِينَ أَمْثَالُهَا
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. كاپىرلىرىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. بۇ كاپىرلارمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتتى. بۇ كافىرلارغىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
(10-11) ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن كافىرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىمىدىمۇ؟ ئاللاھ بۇرۇنقى كافىرلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغان. ئاللاھ بۇ كافىرلارنىمۇ يېقىندا ھالاك قىلىدۇ، مۇئمىنلارنى قۇتقۇزىدۇ، چۈنكى ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ھامىيىسىدۇر، كافىرلارنىڭ ھامىيىسى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ مَوْلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَأَنَّ الْكَافِرِينَ لَا مَوْلَىٰ لَهُمْ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر، كافىرلارنىڭ قوغدىغۇچىسى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا يَتَمَتَّعُونَ وَيَأْكُلُونَ كَمَا تَأْكُلُ الْأَنْعَامُ وَالنَّارُ مَثْوًى لَهُمْ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىر بولغانلار بولسا - ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن - بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كافىرلار بولسا، دۇنيادا بەھرىمەن بولىدۇ، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يېگەندەك يەيدۇ. دوزاخ ئۇلارنىڭ جايى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى، قىيامەت كۈنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارغا كىرگۈزىدۇ. كافىرلار بولسا، دۇنيا نېمەتلىرىدىن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولىدۇ، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يېگەندەك يەيدۇ؛ ئاقىۋەتلىرىنى ئويلىمايدۇ، قورساقلىرىدىن باشقا غېمى يوق ھالەتتە ياشايدۇ، ئاخىرەتتە دوزاخ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك جايى بولىدۇ. «ئىمان كەلتۈرۈش» - ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى، ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «ياخشى ئەمەللەر» - ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى قىلىشقا بۇيرۇغان، تەرغىب قىلغان ۋە ئۆگەتكەن ئىشلاردۇر. «باغلار» - دۇنيادا ھەق ئۈستىدە ياشىغانلارنىڭ ئاخىرەتتە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغان يېرى بولغان «جەننەت»تىكى باغ ۋە باغچىلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ياخشىلارنىڭ ئاخىرەتتىكى يۇرتى بىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك باغلار بار. قۇرئان كەرىمدە بىرلىك شەكىلدە كەلگەن «جەننەت»، ئەنە شۇ يۇرتنى، كۆپلۈك شەكىلدە كەلگەن «جەننەتلەر» ئەنە شۇ باغلارنى ئىپادىلەيدۇ. «ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر» - جەننەتتىكى دەرەخلەر ۋە سارايلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە سۇ، يېڭى سۈت، سۈزمە ھەسەل ۋە لەزەتلىك مەي ئۆستەڭلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كافىرلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يېگەندەك يەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، كافىرلار بىلەن ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاقىۋەتنى ئويلىماستىن ۋاقىتلىق زوقلىنىشقىلا بېرىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولسا كافىرلارنى ھەقىقەتنى چۈشەنمەسلىك، كۆرمەسلىك ۋە ئاڭلىماسلىقتا، شۇنداقلا باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كافىرلارنىڭ بۇ ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەككى، تەقلىد قىلىش ۋە چۈشەنمەسلىك، ئاقىۋەتنى ئويلىماسلىق ۋە ۋاقىتلىق زوققا بېرىلىش قاتارلىقلاردا ئۇ ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھايۋانلارنىڭ كافىرلاردىن ئۈستۈن يەرلىرىگە كەلسەك، ئۇ ھايۋانلار ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئىگىسى يېتىلىگەن يەرگە ماڭىدۇ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىيدۇ، بىر قېتىم سېپىلغان تۆشۈكتىن قاچىدۇ، يايلاق ۋە قوتانلىرىنى تېپىپ كېلەلەيدۇ. مۇشرىكلارچۇ؟ ئۇلار ياراتقۇچىسى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولغان ئاللاھقا بويسۇنمايدۇ، ئاللاھنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ باشلىغان يولغا كىرمەيدۇ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىمايدۇ، كەلگەن يېرىنى، بارىدىغان يېرىنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِنْ قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سېنى ھەيدەپ چىقارغان يۇرتتىن كۈچلۈك نۇرغۇن يۇرتلار بار ئىدى، بىز ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان يۇرتلار بار ئىدى، ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى سېنى ھەيدەپ چىقارغان يۇرت - مەككە ئاھالىسىدىن كۈچلۈك ئىدى، بىز ئۇ ئاھالىلەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلار ئازابىمىزغا دۇچار بولغاندا ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؛ ئۇلارنى ئازابتىن ساقلايدىغان ياكى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ كَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
رەببى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم، ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان ئادەم بىلەن يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەملەر ئوخشاش بولامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يوقتىن ياراتقانلىقىنى، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقانلىقىنى ۋە ھېكمىتى بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى لايىق رەۋىشتە بىلگەن، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئاساسلىنىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىشىغا لايىق بولغان ئادەم بىلەن، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلىنى چىرايلىق كۆرگەن، شۇنداقلا نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟ ياق، ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئۇ ئىككى تۈرلۈك ئادەمنىڭ بىرى روھى تىرىك، ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىدا ماڭىدىغان، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان مۇئمىندۇر. يەنە بىرى روھىنى ئۆلتۈرگەن، كۇفرى ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا تېڭىرقايدىغان، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان كافىردۇر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىرى ۋە ئۇ دۇنيادىكى ئاقىۋەتلىرى ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە رەببى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، مۇنداق تەقۋادارلار، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ قىزىقلىقىدىن ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئىچىدە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببىدىن مەغپىرەت بار. بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلغان، قايناق سۇ ئۈچەيلىرىنى پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، دۇنيادا تەقۋادار بولۇپ ياشىغانلارنى ئاخىرەتتە جەننەت باغلىرى بىلەن مۇكاپالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ باغلاردا بۇلاقلارنىڭ ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ باشلىرىدا بولىدىغانلىقىنى، ئارزۇلىرىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە مەڭگۈ قېلىپ ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دۇنيادا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ياشىغانلارنى بولسا، ئاخىرەتتە دوزاخققا مەھكۇم قىلىپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ (15 -) ئايەتتە جەننەتتىكى ئەنە شۇ ئۆستەڭلەردە ئېقىپ تۇرىدىغان ئىچىملىكلەرنى بايان قىلىدۇ، جەننەتتىكى پۈتمەس - تۈگىمەس نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار بىلەن دوزاختىكى مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولغان كافىرلارنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلغان جەننەتتە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى بار. ئۇ تەقۋادارلار قىيامەت كۈنى ئۇ جەننەتكە كىرىپ ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدۇ. ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ تۈرلۈك ئازابلارنى مەڭگۈ چېكىدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ياق، ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: «لەززەت بېغىشلايدىغان مەي» - باشنى ئاغرىتمايدىغان ۋە مەست قىلمايدىغان، ئەكسىچە پەقەت كەيپ ئاتا قىلىدىغان مەي دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە : «بايا ئۇ - مۇھەممەد - نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەر ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! كافىرلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ساڭا قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان چاغلىرىدا ئىلىم بېرىلگەنلەرگە: «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار يېگەندەك يەيدىغان، قورساقلىرىدىن باشقا غېمى يوق مەزكۇر كافىرلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار سېنىڭ سورۇنۇڭغا ھازىر بولىدۇ، سەن يەتكۈزگەن ئايەتلەرنى ۋە قىلغان نەسىھەتلەرنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغاندەك كۆرۈنىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىققان چاغلىرىدا، سورۇنۇڭغا ھازىر بولغان ئەھلى ئىلىم ساھابىلىرىڭگە سېنى ۋە نەسىھەتلىرىڭنى مەسخىرە قىلىپ: «مۇھەممەد بايا نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە سېنىڭ يېنىڭدىن نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ھالدا قايتقان مۇنافىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْوَاهُمْ
ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھىدايىتىنى ئاللاھ زىيادە قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھىدايەت تاپقانلار بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تەقۋالىقىنى ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
سەن دەۋەت قىلغان يولنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەقۋالىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. دىللىرىنى ئىمان نۇرى بىلەن دائىم يورۇتۇپ تۇرىدۇ. كافىر بىلەن مۇئمىن باراۋەر بولمىغاندەك، مۇنافىق بىلەن مۇئمىنمۇ باراۋەر بولمايدۇ. ئەسلىدە مۇنافىقلار كافىرلارنىڭ يالغانچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارغا سالىدىغان زىيىنى كافىرلارنىڭ زىيانلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭلاشقا مۇنافىقلار قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار پەقەت قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - كۈتۈۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىگە قىيامەت كەلگەندە ۋەز - نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ — ئەنەس ئالىم
تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە قىيامەتنىڭ شۇنچە روشەن دەلىللىرىگە قايىل بولمىغان ئۇ كافىرلار ۋە ئۇ مۇنافىقلار ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايىم بولۇشىنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ ئىمان كەلتۈرمىگەن بۇ تەرسالار قىيامەتنىڭ ئۆزى كەلگەندە ئىمان كەلتۈرىدۇ، لېكىن ئۇ چاغدىكى ئىماننىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى» - قىيامەت قايىم بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرنى، كائىناتتا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى ئەنە شۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ
بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارنى ۋە جايىڭلارنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن، ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلارنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ، ئۇ كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى تەۋھىد ۋە ياخشى ئەمەل، جازاغا يولۇقۇشنىڭ سەۋەبى بولسا شېرىك ۋە ئاسىيلىقتۇر، شۇڭا سەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن، يەنى تەۋھىد ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭنى ۋە ئەر - ئايال مۇئمىنلارنى كەچۈرۈپ ئۆز پاناھىغا ئېلىشىنى تىلىگىن، ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ پۈتكۈل ئىش - ھەرىكىتىڭلارنى، ھال - ئەھۋالىڭلارنى، تۇرۇۋاتقان يېرىڭلارنى ۋە بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ مُحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا الْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇئمىنلار : «نېمىشقا بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ھۆكۈملىرى ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۆلۈم ئۇلارغا تېخىمۇ ئەۋلادۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلار: «كاشكى، بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان بولسا!» دەيدۇ. لېكىن مەزمۇنى ئىخچام ۋە ئېنىق بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۇرۇش زىكىر قىلىنسا، سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنى ساڭا ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش، — ئەنەس ئالىم
(20-22) ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلار، ئاللاھنىڭ غازاتقا ئەمر قىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ غازاتقا قاتنىشىش بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىپ «كاشكى، بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان بولسا!» دەيدۇ، ئاندىن مەزمۇنى ئىخچام ۋە ئېنىق بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ ئۇ سۈرىدە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش زىكىر قىلىنسا، سەن قەلبلىرىدە مۇنافىقلىق كېسىلى بولغان ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ۋە سەمىمىيلىك ئىپادىلەشتۇر. ئۇرۇش قارار قىلىنغاندا ۋە ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇپ، ئۇرۇشقا قاتناشسا ۋە قولىدىن كەلگىنىچە غەيرەت كۆرسەتسە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغان بولاتتى. ئى مۇنافىقلار! سىلەر ئەگەر ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بولۇپمۇ غازاتتىن ئايرىلىپ قالساڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ قويۇسىلەر، شۇنداققۇ! چۈنكى ھەققانىيەتتىن ئايرىلغان كىشىنىڭ زۇلۇم قىلىشى تۇرغان گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىلەر جاھىلىيەتتە قىلغان ئىشلاردۇر؛ سىلەر ئىلگىرى ئاجىزلارنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش، قىزلىرىڭلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلاتتىڭلار، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە رىئايە قىلمايتتىڭلار، ئەمدى ئالدىڭلاردا ئىككى يول بار: يا ئېغىزىڭلاردا ئىزھار قىلغان ئىسلامغا تولۇق كىرىپ نىجاتلىققا ئېرىشىش، ياكى بۇرۇنقى ھالىتىڭلارغا قايتىپ ھالاك بولۇش. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ الْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىتائەت ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشتۇر، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىتائەت قىلىش ۋە چىرايلىق سۆز قىلىش ئىدى. ئۇرۇش قارار قىلىنغاندا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. — ئەنەس ئالىم
-
فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ تَوَلَّيْتُمْ أَنْ تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ
سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
دېمەك سىلەر ھوقۇققا ئېگە بولساڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇناپىقلار! دېمەككى، سىلەر ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىسىلەر! — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى گاس قىلدى، كۆزلىرىنى كور قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلىپ، قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە قەدەم باسقان مۇنافىقلار، ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ قۇلاقلىرىنى مەنىۋى جەھەتتىن گاس، كۆزلىرىنى مەنىۋى كور قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار قۇلاقلىرى ئاڭلىغان راست سۆزلەردىن، كۆزلىرى كۆرگەن دەلىللەردىن پايدىلىنالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى ئاللاھ ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پېچەت، كۆزلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بولۇپ ئۇلارنى ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن توسىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بۇ ھالىتى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار نېمە ئۈچۈن ھەقتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، نېمە ئۈچۈن تەرسالىق قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن سەمىمىي بولمايدۇ؟! ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنمىدىمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە قۇلۇپلار بار، شۇڭلاشقا ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنمىدى، ئەگەر قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنسە ئىدى مۇنافىقلىق قىلمىغان، ئەكسىچە قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە بويسۇنغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلغان بولاتتى، چۈنكى قۇرئان لەۋزىنىڭ مۆجىزىلىكى ۋە مەنىسىنىڭ بىرلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ ارْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى ۙ الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَىٰ لَهُمْ
توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزلىرىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلارغا كەلسەك، شەيتان ئۇلارغا خاتالىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قۇرۇق خىياللار بىلەن تىندۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، توغرا يول ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن كەينىگە يېنىۋالغانلارنى شەيتان كۈشكۈرتتى ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بەردى. — ئەنەس ئالىم
(25-28) بىزنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلغانلىقىمىزنى ۋە مۇھەممەدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا ئۇ دەۋەت قىلغان يولنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن كۇفرىغا قايتقان مۇرتەدلەر شەيتاننىڭ كۈشكۈرتۈشىگە ئالدانغان ۋە شەيتانغا ئۈمىد باغلىغان ئادەملەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن شەيتانغا ئالدىنىپ مۇرتەد بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرگەن كافىرلار بىلەن مەخپىي ھالدا ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئۆزلىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ۋە ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتىشىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى قاتتىق جازالايدۇ. ئۇ مۇرتەدلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەھۋالى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت، پەرىشتىلەر ئۇلارنى يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ۋاپات قىلدۇرغان چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؛ ئۇلار ئۇ چاغدا قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ مۇرتەدلەر ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلۈمى ئەسناسىدا ئەنە شۇ قوپال مۇئامىلىگە يولۇقىدۇ ۋە ئۆلۈمىدىن كېيىنلا ئازابلىنىشقا باشلايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذِينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ ۖ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ
بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ تەئەلا بولسا، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرگەنلەرگە: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
فَكَيْفَ إِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلَائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ
(ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا -ئۇلارنىڭ ھالى- قانداق بولىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەرىشتىلەر ئۇلارنى يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ۋاپات قىلدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن نەرسىگە ئەگەشتى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَنْ لَنْ يُخْرِجَ اللَّهُ أَضْغَانَهُمْ
دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ياكى دىللىرىدا كېسەل بار - مۇناپىقلار - ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى قەلبلىرىدە كېسەل بارلار، ئاللاھ بىزنىڭ ئاداۋەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقارمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
قەلبلىرىدە مۇنافىقلىق كېسىلى بولغان ئۇ كىشىلەر، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرگە، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ساقلىغان ئاداۋەتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارمايدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار مۇشۇنداق ئويلايدۇ، لېكىن خاتا ئويلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ مۇئمىنلارنى ئېغىر ئىشلارغا ئەمر قىلىش ئارقىلىق سادىقلار بىلەن ساختىپەزلەرنى ئايرىدۇ - دە، مۇنافىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى خەلقىئالەم ئالدىدا چىتقا يېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ مۇنافىقلارنى ۋەھىي نازىل قىلىش بىلەنمۇ ئاشكارا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُمْ بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر خالىغان بولساق، ئۇ مۇنافىقلارنى ساڭا كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇلارنى سېيماسىدىن تونۇيتتۇڭ. شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنى سۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن تونۇيسەن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇ مۇنافىقلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ساڭا ئەلۋەتتە كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇ چاغدا ئۇلارنى بىز قويغان بەلگىلىرىدىن تونۇغان بولاتتىڭ. سەن ھازىر ئۇلارنى ياپتا گەپلىرى، يالغان گەپلىرى ۋە ئۆزلىرىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىدىن تونۇيسەن. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، يېقىندا ئىتائەتكارلىرىڭغا مۇكاپات، گۇناھكارلىرىڭغا جازا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنْكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ
بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر — مۇھەممەد سالىھ
بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن -ئاللاھنىڭ يولىدا- جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە -جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى بىلگەنگە، خەۋەرلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانغا قەدەر سىنايمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرنى ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى بىلگەنگە، بىزگە ئىتائەت قىلغان ياكى ئاسىيلىق قىلغان خەۋەرلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانغا قەدەر غازاتتا سىنايمىز. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە مۇئمىنلار بىلەن مۇنافىقلارنىڭ ئەھۋالىدىكى ئوخشاش كۆرۈنۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلاشما ھاياتقا خاتىمە بېرىشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى، ھېكمىتىنىڭ بۇنى مۇئمىنلارغا (شۇ مۇنافىق، شۇ مۇئمىن دېگەن شەكىلدە) ئۇلارنى كۆرسىتىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى ئېغىر ئىشلارغا، بولۇپمۇ غازاتقا بۇيرۇش بىلەن بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى مۇئمىنلارنىڭ سادىقلىرىنى ساختىپەزلىرىدىن ۋە راستچىللىرىنى يالغانچىلىرىدىن ئايرىماستىن ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىش ئىلاھىي ھېكمەتكە خىلاپتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ ئايرىشنى مۇئمىنلارغا مۇنافىقلارنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن قىلىشمۇ ئىلاھىي ھېكمەتكە خىلاپتۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئايرىش مۇئمىنلارنى مۇشەققەتلىك ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە زىممىلىرىگە ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلەش بىلەن بولىدۇ. دەرۋەقە ئىلاھىي ئادالەت، مۇكاپاتنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىنغان ياخشى ئىشقا بېرىلىشىنىڭ، ئىلاھىي جازانىڭمۇ ئەمەلىيەتتە قىلىنغان يامان ئىشقا بېرىلىشىنىڭ لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَىٰ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە توغرا يول ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا قارشى تۇرغانلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەۋەت قىلغان يولنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن تەرسالىق قىلىپ ئۇ ئەلچىگە قارشى چىققان كافىر، مۇنافىق ۋە ئەھلى كىتابتىن ئىبارەت بارلىق كافىرلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىغا قىلغان سىيلە - رەھىم، ياخشى يوللارغا قىلغان ئىئانە ۋە پېقىر - مىسكىنلەرگە قىلغان ياردەم... قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئەمەل قىلىڭلار. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەۋەت قىلغان يولغا كىرىپ ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دىندارلىق قىلىڭلار، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن كافىر پېتى ئۆلگەن كىشىلەرگە ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلماستىن كافىر پېتى ئۆلگەن كىشىلەرنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى ناھايىتى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا تَهِنُوا وَتَدْعُوا إِلَى السَّلْمِ وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ وَاللَّهُ مَعَكُمْ وَلَنْ يَتِرَكُمْ أَعْمَالَكُمْ
(كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، سىلەر غالىپتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ ئۈچۈن بوشاپ قالماڭلار، سىلەر غالىپتۇرۇپ -كاپىرلارنى- سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ كېمەيتىۋەتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇڭا بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ھالبۇكى، سىلەر ئۈستۈنسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى غازاتقا چاقىرسا چىقىڭلار ۋە جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئېلىشىشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار، سىلەر جەڭ مەيدانىدا ئۈستۈنلۈك قازانغان ۋە دۈشمىنىڭلار سىلەردىن قورقۇۋاتقان ئەسنادا ئۇلارنى سۈلھىگە چاقىرماڭلار، ئەكسىچە ئۇلارنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەنگە قەدەر قىرىپ تاشلاڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى ھەرگىزمۇ كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بەزى شارائىتلاردا دۈشمەن بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈشكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت بۇنىڭغا رۇخسەت بېرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھۇدەيبىييە»دە مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈشى ۋە كېيىنكى يىلى ھەرەم مەسجىدىنىڭ يېنىدا بەزى مۇشرىك قەبىلىلەر بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈشى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (ئاللاھ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت بىر ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، -ئاللاھ- سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى سورىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇن ۋە بىھۇدە مەشغۇلاتتىنلا ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ ۋە سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(36-37) ئى ئىنسانلار! بۇ دۇنيا ھاياتى كافىرلار ئۈچۈن ئويۇن - تاماشا قىلىش ۋە بىھۇدە مەشغۇلاتتىنلا ئىبارەتتۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادىكى ھاياتىڭلارنى ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىل بويسۇنۇش بىلەن ئۆتكۈزسەڭلار ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ، ئۇ دۇنيادا ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئازغىنە قىسمىنى سەدىقە ۋە زاكات سۈپىتىدۇ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشىڭلارنى قەتئىي رەۋىشتە تەلەپ قىلسا ئىدى بېخىللىق قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتى؛ سىلەر ئۇ تەقدىردە ئىسلامغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلايتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ بۇ ئاجىزلىق تەرىپىڭلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن مېلىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەردىن تەلەپ قىلىپ بۇ ئاجىزلىق تەرىپىڭلارنى ئاشكارىلىمىدى. دەرۋەقە ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى (ئىش - ھەرىكىتى)، يا ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدىغان ۋاقىتلىق كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئاقىۋىتى جەننەت بولىدىغان تىرىشچانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسانغا بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ياشاش مۇددىتى (ئۆمۈر) يامانلار ئۈچۈن ئويناش ۋە بىھۇدە مەشغۇلات، ياخشىلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىق ئىش - پائالىيەتلەر پۇرسىتىدۇر. مەسىلە ناھايىتى ئېنىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ يَسْأَلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا وَيُخْرِجْ أَضْغَانَكُمْ
ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تەلەپ قىلسا، بېخىللىق قىلىسىلەر ۋە ئۇ سىلەرنىڭ ئاداۋىتىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ ۖ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ
سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر شۇنداق كىشىلەرسلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلارغا ئىتىياجلىق ئەمەس، سىلەر بولساڭلار موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، لېكىن سىلەردىن بەزىلەر بېخىللىق قىلىدۇ. كىم بېخىللىق قىلسا، ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ غەنىيدۇر، سىلەر موھتاجسىلەر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاگاھ بولۇڭلار، سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، غازات ۋە باشقا ياخشى يوللار ئۈچۈن پۇل - مال سەرپ قىلىشقا دەۋەت قىلىنىسىلەر، بەزىلىرىڭلار بېخىللىق قىلىپ بەرمەيسىلەر، بەرمىگەنلەر ئۆزى زىيان تارتىدۇ، چۈنكى بېخىللىق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئىلتىپاتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ تائەت - ئىبادەت، سەدىقە، زاكات ۋە ئىئانەڭلارغا موھتاج ئەمەس، ئەكسىچە سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئىلتىپاتى ۋە ئىنايىتىگە موھتاجسىلەر. ئەگەر ئاللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتساڭلار، ئۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش گەدەنكەش ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا ئىتائەتكار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى