ئەھقاف سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 35 ئايەتمەنىسى: جاي ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەھقافتىكى ئاد قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
ھا، مىم — مۇھەممەد سالىھ
ھا، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى
ھا، مىم. — ئەنەس ئالىم
ھا، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
(بۇ قۇرئان) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قۇرئان، غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! بۇ قۇرئان، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ پۇختا تۈزۈپ نازىل قىلغان كىتابتۇر، شۇڭلاشقا بۇ قۇرئان ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولۇپ بارلىق جىنلار ۋە ئىنسانلار بىرلىشىپمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن بىرەر ئېۋەن تاپالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئادىل، نەسىھەتلىرى توغرا، قىسسەلىرى ئەمەلىيەت ۋە خەۋەرلىرى راستتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ قۇرئان ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھى كىتابلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنداقلا ئۇ كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان (مەنسۇخ قىلىدىغان)، نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان يېگانە كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا ۋە مۇئەييەن مۇددەت بىلەن ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بىلەن ياراتتۇق. كافىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە. — ئەنەس ئالىم
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق، بىز ئۇلارنى نىشانسىز، سەۋەبسىز ۋە ھېكمەتسىز ياراتمىدۇق، ئەكسىچە بىز ئۇلارنى ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈش شارائىتى ھازىرلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش، ئاندىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشىغا بۇيرۇش ۋە ياماندىن توسۇش، ئاندىن ئۆز ئىختىيارى ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياراتتۇق. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇئەييەن مۇددەت بەلگىلەپ ياراتتۇق. ئەمەلىيەت ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەقىقەتكە كۆز يومغان بۇ كافىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەتتىن ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىدىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر؛ بۇ ھەقتە قىلىنغان نەسىھەتلەرگە قۇلاق يوپۇرماقتا، بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋاسىزلىق قىلماقتىدۇر. دەرۋەقە ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلارغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىغانلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز، شۇنداقلا يەككە يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ ۖ ائْتُونِي بِكِتَابٍ مِنْ قَبْلِ هَٰذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِنْ عِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى بولمىسا ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار[1] توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىرەر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىرەر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىۋاتقان، ئىلتىجا قىلىۋاتقان ۋە يېلىنىپ - يالۋۇرۇۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا ئۇلارنىڭ زېمىندىن نېمە ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېقىڭلار، قېنى! ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىرەر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇ قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىرەر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار بۇنى قىلىڭلار». ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «مەبۇدلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مۇناسىۋەت ئالماشلىرىدىن بىرى بولغان «ما» بولۇپ، بۇ كەلىمە ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئەقىلسىزلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇ «ما» بۇ ئايەتتە ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن «خەلەقۇ» ۋە «لەھۇم»دىكى ئالماشلارنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى مەنىسىدىن بىرى بولغان ئەقىللىقلەرنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئالماش ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەردە ئۇ «ما»نىڭ مەنىسىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئۆز بۇتلىرىنى ۋە خىيالىي ئۇلۇغلىرىنى ئەقىللىق دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىنى تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَنْ لَا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَنْ دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ
ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە يالۋۇرغانلاردىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى ئۇلار يالۋۇرغان نەرسىلەر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن بىخەۋەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنى قويۇپ، ھېچبىر زامان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەم ئەڭ ئازغۇن ئادەمدۇر. ئۇ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ياكى دۇئا قىلغۇچىلاردىن يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ
(قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلار -ھېساب بېرىش ئۈچۈن- توپلانغان چاغدا، ئۇلار يالۋۇرغان نەرسىلەر ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۇلار تەرىپىدىن يالۋۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلار ھەشىر قىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ، ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگە توپلانغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇ مۇشرىكلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بۇلارنىڭ ئىبادەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: 47 - ئايەتتىكى «مەبۇدلار»، 5 - ۋە 6 - ئايەتلەردىكى «كىشىلەر» چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى، بولۇپمۇ ئۇلار ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىۋاتقان روھلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى (5 - ۋە 6 -) ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالادىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش شېرىكتۇر. يەنى رىزىق، شىپالىق، ھىدايەت، شاپائەت، ئىلىم… قاتارلىقلارغا ئوخشاش، ئاللاھدىن غەيرىي بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان بۇتلاردىن، ئەنبىيا ۋە ئەۋلىيالارنىڭ روھلىرىدىن ياكى ئۇلۇغ دەپ قارالغان بىرەر خىيالىي كىشىنىڭ روھىدىن مەدەت تىلەش، ئۇنى ئۆزىگە شېپى قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. شۇڭلاشقا تۆۋەندىكى ئىشلار شېرىك ھېسابلىنىدۇ: 1) بىر - بىرى بىلەن خوشلاشقاندا: «ئۇلۇغلىرىمىزغا ئامانەت، پىرىمگە تاپشۇردۇم، ئەۋلىيالار يار-يۆلەك بولغاي، غوجام يۆلىگەي، خىزىر مەدەتكار بولغاي» ديىش، 2) بېشىغا كۈن چۈشكەندە «داد پىرىم، يا پىرىم مەدەت، پىر دەستىگىر، مەدەت يا جەيلانىي…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش، 3) ياتقان ـ قوپقان، چىققان - چۈشكەن، ئولتۇرغان-تۇرغان چاغلىرىدا «پىرىم، يا پىرىم، مەدەت يا غەۋس، غەۋسىلئەزەم ئەلمەدەت، مەدەت يا رەسۇلەللاھ» دېيىش، 4) بىرەر بالا - مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياكى بىرەر ئارزۇ - ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن مازار - ماشايىخلارغا بېرىش، ئۇلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىش، قۇربانلىق قىلىش، تاۋاپ قىلىش. 5) يامانلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ياكى كەلمەسلىكى ئۈچۈن، بەزىدە ياخشىلىقنىڭ ھاسىل بولۇشى ياكى داۋاملىشىشى ئۈچۈن «ئەۋلىيا» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان غىيابىي ئىسىملارغا تېۋىنىش، «قۇتۇبلىرىم شەھەر سىلەرگە ئامانەت، چىلتەنلىرىم ياردەم قىلغايسىلەر» دېيىش . بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىدا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆپ بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇ شېرىكنىڭ سەۋەبى، ئىلتىجا ۋە يېلىنىپ - يالۋۇرۇش، ئۆتۈنۈش، تىلەك تىلەش دېگەن مەنىلەردىكى «دۇئا» كەلمىسىگە، چوقۇنۇش، ئىبادەت قىلىش دېگەن مەنىدىكى «ئىبادەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بېرىش ۋە شۇنداق چۈشىنىشتۇر، ئاندىن يۇقىرىدىكى دۇئا - تىلەكلەرنى «ئىبادەت» ھېسابلىماسلىقتۇر. شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى: ھەر دۇئا ئىبادەتتۇر، لېكىن ھەر ئىبادەت دۇئا ئەمەستۇر. دۇئاغا ئىبادەت مەنىسىنى بېرىش، دۇئا ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى ئىبادەت ھېسابلىماسلىق جاھالەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كاپىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى قۇرئاننى) باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، نانكورلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق ئۈچۈن: «بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(7-8) ئۇ ئەڭ ئازغۇن كىشىلەرگە بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز يەتكۈزۈلسە، ئۇ كافىرلار تەرسالىق قىلىپ ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق توغرىسىدا: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى، ھەتتا ئۇلار قۇرئان ھەققىدە «سېھىر» دېيىشتىنمۇ يامان سۆزنى قىلىپ: «مۇھەممەد ‹قۇرئان› دەپ ئوقۇۋاتقان سۆزلەرنى ئۆزى ئىچىدىن توقۇپ چىقىپ ئاللاھقا نىسبەت بەردى» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «ئەگەر مەن بۇ قۇرئاننى ئۆزۈم ئويدۇرۇپ چىققان بولسام ۋە: ‹ئاللاھنىڭ سۆزى› دەپ سىلەرگە يەتكۈزگەن بولسام، ئۇ تەقدىردە ئاللاھ مېنى ئازاب ئەۋەتىپ جازالايدۇ، سىلەر ئۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچبىر نەرسىنى مەندىن قايتۇرۇۋېتەلمەيسىلەر. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدا قىلىۋاتقان بۇ تۆھمەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ؛ ئايەتلەر توغرىسىدىكى ئىنكار، مەسخىرە ۋە تەنە - ھاقارەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ناشايان سۆزلىرىڭلار سەۋەبلىك سىلەرنى ۋاقتى كەلگەندە جازالايدۇ. ئاللاھ مېنىڭ راست ئېيتىۋاتقانلىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىڭلارغا يېتەرلىك گۇۋاھتۇر. ئاللاھ لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلىدۇ، گۇناھكارلارغا مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنى دەرھال جازالىمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر مۆھلەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە لايىق بولۇڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَلَا تَمْلِكُونَ لِي مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ ۖ كَفَىٰ بِهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۖ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بولمىسا ئۇلار قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقتى» دەۋاتامدۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر قۇرئاننى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، سىلەر ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى مەندىن دەپئى قىلالمايسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدا قىلىۋاتقان تۆھمەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يېتەرلىك شاھىتتۇر. ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
-
(46-سۈرە ئەھقاف، 9-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەلچى ۋە ئاخىرقى نەبىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرقُلْ مَا كُنْتُ بِدْعًا مِنَ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىي بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «مەن تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن ۋە ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرىغا ئېيتقىنكى: «مېنىڭ ئەلچىلىكىمنى ئىنكار قىلىشىڭلارغا ھېچقانداق سەۋەب يوق، چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئەمەسمەن، ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىمۇ ئەلچىلەر ئەۋەتكەن، شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ ھازىر مېنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتىشىگە ھەيران قېلىشىڭلار ئورۇنسىز. مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ دۇنيادا بېشىمغا كېلىدىغان ھادىسىلەرنى بىلمەيمەن، سىلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىڭلارنىمۇ بىلمەيمەن. مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. ۋەزىپەم كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن روشەن دەلىللەر بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَكَفَرْتُمْ بِهِ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ مِثْلِهِ فَآمَنَ وَاسْتَكْبَرْتُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
يەنە ئېيتقىنكى: «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى قۇرئاننىڭ بىر ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلغان بولساڭلارچۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقان بولسا، سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ ئىمان ئېيتمىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرىغا يەنە ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان مەن ئېيتقاندەك راستتىنلا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب بولسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئوخشىشىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرگەن بولسا، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن بولساڭلار، سىلەر بۇ تەقدىردە ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟ ئاللاھ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى توغرا يول تېپىشقا ھەرگىزمۇ مۇيەسسەر قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ». «ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى» - ئۇلارنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز كىتابى تەۋراتقا ئىشەنگەن، ئاندىن تەرۋاتتىكى ھەقىقەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش، ئاللاھقا ھېساب بېرىش... قاتارلىق ئۆزگەرمەس ئاساسلىرىنى قۇرئاندا كۆرۈپ قۇرئانغىمۇ ئىشەنگەن كىشىدۇر. ئەسكەرتىش: ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە ئاھالىسىگە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى يەتكۈزسە، ئۇلارنىڭ تەرسالىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ۋە يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەر ھەققىدە ناشايان سۆزلەرنى قىلغان؛ ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە، «سېھىرگەر، كاززاپ، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم»، ئۇنىڭغا نازىل بولغان ئايەتلەر ھەققىدە، «ئويدۇرما، سېھىر، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەن تۆھمەتلەرنى قىلغان. ئاللاھ تائالا بىرقانچە قېتىم ئايەت نازىل قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى ۋە تەرسالىقىغا سەۋر قىلىشقا، دەۋەت پائالىيىتىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەقنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بېرىدۇ ۋە تەسەللى بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. بۇ 7 ~ 10 - ئايەتلەر ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى ۋە بېشارەت، تەرسا مۇشرىكلارغا ئاگاھلاندۇرش ۋە شۇم خەۋەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەردىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا لَوْ كَانَ خَيْرًا مَا سَبَقُونَا إِلَيْهِ ۚ وَإِذْ لَمْ يَهْتَدُوا بِهِ فَسَيَقُولُونَ هَٰذَا إِفْكٌ قَدِيمٌ
كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئەگەر (قۇرئان بىلەن ئىسلام دىنى) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار (يەنى ئاجىز مۇسۇلمانلار) ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دېدى، ئۇلار قۇرئان بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقلىرى ئۈچۈن، «بۇ قەدىمقى ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «ئەگەر قۇرئان ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دېدى، ئۇلار قۇرئان بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقلىرى ئۈچۈن، «بۇ قەدىمقى ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار مۇئمىنلار توغرۇلۇق: «ئەگەر قۇرئان ياخشى نەرسە بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلىشتا بىزدىن ئۆتۈپ كېتەلمەيتتى» دېدى. ئۇلار قۇرئان بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقى ئۈچۈن: «بۇ قەدىم ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
كافىرلار مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىپ ئۇلار توغرۇلۇق: «ئەگەر مۇھەممەد ‹قۇرئان› دەپ يەتكۈزۈۋاتقان سۆزلەر ياخشى نەرسە بولسا ئىدى، بىز ئۇ نەرسىنى شۇ ئاجىز، پېقىر ۋە ئېتىبارسىز كىشىلەردىن بۇرۇن قوبۇل قىلغان بولاتتۇق، چۈنكى بىز ھەر دائىم ياخشى نەرىسىگە لايىقدۇرمىز» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلىكى، شۇنداقلا نىجاتلىق يولىنى تېپىشقا مۇيەسسەر بولمغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان ھەققىدە: «بۇ بۇرۇنقىلار ئويدۇرغان بىر ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ. ئەسكەرتىش: كافىرلارنىڭ خاتا كەتكەن يېرى، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى مۇشۇ دۇنياغا ئوخشىتىپ چۈشىنىۋېلىشىدۇر؛ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىگە بىرەر سىناق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە بېرىلگەن مال، مۈلۈك، مەرتىۋە، مەنسەپ، ۋە يۈز - ئابرۇي... قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىگە بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ «زۇۋۇلىسىنىڭ چوڭ ئۈزۈلگەن»لىكى ئۈچۈن ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئاخىرەتتىمۇ ئىشلارنىڭ ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە ئالدىنىدۇ ۋە پېقىر - مىسكىن، ئاجىز - ئورۇقلارنىڭ بەختسىز يارىتىلغانلىقىغا، شۇنداقلا نېمەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى «تەتۈر پېشانە، كاج تەلەي،...» دەپ ئۆزلىرىچە كەمسىتىدۇ، «ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ قالسا، بىز بۇ دۇنيادىكىگە ئوخشاش يەنە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىمىز» دەپ بىلجىرلايدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئەنە شۇ كافىرلارنىڭ بۇ ئىچكى دۇنياسىنى بايان قىلىدۇ، بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە مەرتىۋە - مەنسەپ بېرىلىشىنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَٰذَا كِتَابٌ مُصَدِّقٌ لِسَانًا عَرَبِيًّا لِيُنْذِرَ الَّذِينَ ظَلَمُوا وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى -تەۋرات- ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى بىر كىتابتۇر، تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇنى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى رەھبەر ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ قۇرئان ئۇنى تەستىقلىغۇچى ئەرەبچە كىتابتۇر، نازىل قىلىنىشى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى تەۋراتنى ئىنسانلارغا نىجاتلىققا ئېرىشىش يولىنى كۆرسەتكۈچى ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قىلىپ نازىل قىلغان ئىدى. ھازىر ئۇ تەۋارتنى تەستىقلايدىغان بۇ قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدى. بۇ قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، تائەت - ئىبادەت بىلەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
«پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
«رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا قورقۇش يوقتۇر ۋە ئۇلار قايغۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغانلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(13-14) ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، شۇنداقلا بۇ ئىمانىنى توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىش بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن كىشىلەر، ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قورقمايدۇ، ئۆتمۈشى ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ دۇنيادا جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئۇنىڭدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە قىلمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتى بولۇش ئۈچۈن جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا ۖ وَحَمْلُهُ وَفِصَالُهُ ثَلَاثُونَ شَهْرًا ۚ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَبَلَغَ أَرْبَعِينَ سَنَةً قَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَصْلِحْ لِي فِي ذُرِّيَّتِي ۖ إِنِّي تُبْتُ إِلَيْكَ وَإِنِّي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ بوۋاق ئۆسۈپ كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، ئۇ : «رەببىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن، مەن ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى مۇشەققەت بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى ۋە مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنى قورساقتا كۆتۈرۈش ۋە ئەمچەكتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر. ئاندىن ئۇ كامالەتكە يېتىپ قېرىق يېشىغا بارغاندا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن، نەسلىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن. مەن راستىنلا ساڭا يۆنەلدىم ۋە مەن ساڭا تەسلىم بولغۇچىلاردىنمەن». — ئەنەس ئالىم
(15-16) بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ھاياتى بويىچە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى، ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش جەريانىدا ۋە ئۇنى تۇغۇش ئەسناسىدا كۆپ مۇشەققەت تارتتى، ئانىسىنىڭ ئۇنى قورسىقىدا كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى ئېمىتىپ ئەمچەكتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئانىسىغا بەكرەك ياخشىلىق قىلىشى لازىم. بىزنىڭ بۇ تاپشۇرۇقىمىزنى قۇلىقىدا تۇتقان ئىنسان ئاتا - ئانىسىغا ئۆمۈر بويى ياخشىلىق قىلىدۇ؛ ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ، تاكى ئۇ ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتا ھېچ سۇسلۇق قىلماستىن چوڭ بولۇپ جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن ۋە قىرىق يېشىغا بارغاندا ئۇ ياخىشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇنۇ دۇئانىمۇ قىلىدۇ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم - ئاللاھ! مېنى، ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە ۋە ئاتا - ئانامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقىمۇ مۇۋەپپەق قىلغىن، مەن ئۈچۈن نەسلىمنى ياخشى ئادەملەر قىلىپ بەرگىن؛ ياخشى ئادەم بولۇش ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئومۇملاشسۇن، يارەب! مەن بارلىق گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىپ ساڭا يۆنەلدىم، مەن سېنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىڭغا بويسۇنغۇچىلاردىن بىرىمەن، يارەب!». بىز ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ئەڭ ياخشى ئەمەل ھالىتىدە قوبۇل قىلىمىز، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشىنى، ئۇلارغا ۋە ئەۋلادىغا ياخشى دۇئالارنى قىلىشىنى قوبۇل قىلىمىز، ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كەچۈرىمىز. ئۇلار ئاخىرەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن راست ۋەدىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَنَتَجَاوَزُ عَنْ سَيِّئَاتِهِمْ فِي أَصْحَابِ الْجَنَّةِ ۖ وَعْدَ الصِّدْقِ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار جەننەتتە بولىدۇ، بۇ، ئۇلارغا قىلىنىپ كەلگەن راست ۋەدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مانا بۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز ئۇلاردىن ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قوبۇل قىلىمىز، يامانلىقلىرىنى كەچۈرىمىز. ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن راست ۋەدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِي قَالَ لِوَالِدَيْهِ أُفٍّ لَكُمَا أَتَعِدَانِنِي أَنْ أُخْرَجَ وَقَدْ خَلَتِ الْقُرُونُ مِنْ قَبْلِي وَهُمَا يَسْتَغِيثَانِ اللَّهَ وَيْلَكَ آمِنْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَيَقُولُ مَا هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
بەزى ئادەم (يەنى ئاتا ـ ئانىسى ئىمانغا دەۋەت قىلغان فاجىر بالا): «ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، (مەندىن ئىلگىرى) نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى (ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بەزى ئادەم : ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى -ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق-» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئاتا - ئانىسىغا: «ۋاي - ۋۇي، سىلەر مېنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرەمدىن چىقىرىلىدىغانلىقىمدىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر؟ ھالبۇكى، مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەر ئۆتتىغۇ!» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ئىسىت ساڭا! ئىمان ئېيتقىن. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرى، خالاس» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(17-18) لېكىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئاتا - ئانىسى ئۇنى تەۋھىدكە ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشكە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلسا، ئۇ بىئارام بولۇپ ئاتا - ئانىسىغا: «ۋاي - ۋۇي، ئوش، قويۇڭلار ئۇنداق گەپلەرنى! سىلەر مېنى، ئۆلگىنىمدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرەمدىن چىقىرىلىدىغانلىقىمدىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر؟ مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەر دۇنياغا كېلىپ ياشىدى ۋە ئۆلۈپ كەتتى، ئۇلاردىن ھېچكىمنىڭ تىرىلىپ قەبرىسىدىن چىققىنى يوق!» دەيدۇ، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ بۇ كۇفۇر گەپنى قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ ئاللاھقا پەرياد قىلىدۇ ۋە ئۇ كافىر بالىسىغا: «ئىسىت ساڭا! ئىمان كەلتۈرگىن. ئاللاھنىڭ قىيامەتنى قايىم قىلىش ۋە ئۇ كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈش ھەققىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەيدۇ، ئۇ نائەھلىي بالا كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: «بۇ دېگەنلىرىڭلار خۇراپات، بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردىنلا ئىبارەت» دەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ نەسىھەتىگە ئەنە شۇنداق سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن كىشىلەر جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئازغۇن ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا يولنى تاللاش بىلەن زىيان تارتقۇچىلار بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (ئاللاھنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە سۆز ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇنداقلار ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن جىن ۋە ئىنسان ئۇممەتلىرى قاتارىدا ئازاب ئىچىدە بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۖ وَلِيُوَفِّيَهُمْ أَعْمَالَهُمْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
(مۆمىنلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم ـ زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەممە ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرى بولىدۇ: ياخشى ئەمەللەرگە جەننەتتە يۇقىرى دەرىجىلەر، يامان ئەمەللەرگە دوزاختا تۆۋەن قەۋەتلەر بېرىلىدۇ. رەببىڭ ئۇلارغا قىلچە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ؛ ھېچكىمنىڭ يامان ئەمىلىنى زىيادە قىلىپ قويمايدۇ، ھېچكىمنىڭ ياخشى ئەمىلىنى كېمەيتىپ قويمايدۇ، ئەكسىچە ھەر كىشىگە ئۆز ئەمىلىنىڭ بەدىلىنى بېرىدۇ: ياخشى ئەمەلگە ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپات، يامان قىلمىشقا ئۆز ئادالىتى بىلەن جازا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمُ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا فَالْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَفْسُقُونَ
كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە : «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا ياخشى نەرسىلىرىڭلارنى تۈگەتتىڭلار، دۇنيادا ئۇلار بىلەن كەيپ - ساپا سۈردۈڭلار. ئەمدى بۈگۈن سىلەر خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە يولدىن چىقتىڭلار». — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر ئاللاھ ئاتا قىلغان ياخشى نەرسىلىرىڭلارنى دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا تۈگەتتىڭلار، ئۇلاردىن بۇ ھاياتىڭلارغا ھېچ نەرسە قويماستىن ھەممىدىن دۇنيادا بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ كەيپ - ساپا سۈرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇ ھاياتىڭلارنى ئۇنتۇدۇڭلار. سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە تائەت - ئىبادەتتىن باش تارتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنْذَرَ قَوْمَهُ بِالْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ النُّذُرُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
(ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسەسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئادنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف -دېگەن يەر- دىكى قەۋمىنى ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئادنىڭ قېرىندىشىنى زىكىر قىلغىن[2]. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئۆتتى. ئۇ ئۇلارغا: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاد قەۋمىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بولغان ئەلچىمىز ھۇدنى زىكىر قىلغىن؛ ئۇنىڭ قىسسەسىنى ياد ئەتكىن، قەۋمىڭگە ئەسلەتكىن: ھۇد ئۆز ۋاقتىدا قۇم بارخانلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قەۋمى «ئاد»قا، شېرىك ۋە زۇلۇمدىن يانمىسا ئاللاھنىڭ ئازابىغا يولۇقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بىز ھۇدتىن ئىلگىرىمۇ ھۇدتىن كېيىنمۇ ئاد قەۋمىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەلچىلىرىمىز ئۆز قەۋملىرىنى شېرىكنىڭ ۋە زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەلچىمىز ھۇدمۇ ئۆز قەۋمى ئادقا: «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنماڭلار؛ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يېنىپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلىڭلار، چۈنكى بۇنداق كېتىۋەرسەڭلار ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشىدۇ، مەن بۇنىڭدىن قورقۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَأْفِكَنَا عَنْ آلِهَتِنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «سەن بۇ يالغان سۆزلىرىڭ بىلەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ھازىرلا كەلتۈرگىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئاد قەۋمى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر ھۇدنىڭ نەسىھەتىگە : «سەن بۇ يالغان سۆزلىرىڭ بىلەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ سەن بىزنى، ئۆز ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ سېنىڭ ئىلاھىڭغا چوقۇنمىساق ئازابقا يولۇقىدىغانلىقىمىز بىلەن بىزنى تەھدىت قىلىۋاتىسەن، ئەگەر سەن بۇ سۆزۈڭدە راستچىل بولىدىغان بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ھازىرلا كەلتۈرگىن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَأُبَلِّغُكُمْ مَا أُرْسِلْتُ بِهِ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋەلېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ: «ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ: «ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ماڭا تاپشۇرۇلغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. لېكىن مېنىڭچە سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ھۇد ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە: «مەن سىلەرگە ئازاب كەلتۈرەلمەيمەن، ئازابنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ ۋە كەلتۈرۈش ۋاقتىنىمۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بۇنى مەن بىلمەيمەن. مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن، ۋەزىپەم ئاللاھ سىلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىلاھىي ئەمر - پەرمانلارنى سىلەرگە يەتكۈزۈشتۇر. لېكىن مېنىڭچە سىلەر بىلىمسىز قەۋمسىلەر، شۇڭلاشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاگاھلاندۇرش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا هَٰذَا عَارِضٌ مُمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا اسْتَعْجَلْتُمْ بِهِ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى، ھۇد بولسا: «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئازابنى، ئۆزلىرىنىڭ ۋادىلىرىغا قاراپ كېلىۋاتقان كەڭ بۇلۇت ھالىتىدە كۆرۈپ، «بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياق، ئۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر: ئەلەملىك ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالغان شامالدۇر. — ئەنەس ئالىم
(24-25) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئازابنى ئۇلارغا بۇلۇت شەكلىدە ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇ ئازابنى ئۆزلىرىنىڭ ۋادىلىرىغا قاراپ كېلىۋاتقان كەڭ بۇلۇت ھالىتىدە كۆرۈپ: «بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت» دېدى؛ ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى يامغۇر ياغماي سۇسىز قالغانلىقى ئۈچۈن ئازاب بۇلۇتىنى يامغۇر بۇلۇتى دەپ ئويلاپ: يامغۇر ياغىدىغان بولدى» دەپ خۇشال بولۇشقان ئىدى. ھۇد ئۇلارغا: «ياق، ئۇ بۇلۇت ئەمەس، ئەكسىچە سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر: ئەلەملىك ئازاب ئېلىپ كەلگەن شامالدۇر. ئۇ شامال ئۆزىنى ئەۋەتكەن ئىگىسى - ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شامال كېلىپ ئۇلارنى باستى ۋە يەتتە كېچە سەككىز كۈندۈز داۋاملىشىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلۋەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىگىسىز قالغان تۇرالغۇلىرى قالدى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيْءٍ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا لَا يُرَىٰ إِلَّا مَسَاكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ»، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەر نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ مَكَّنَّاهُمْ فِيمَا إِنْ مَكَّنَّاكُمْ فِيهِ وَجَعَلْنَا لَهُمْ سَمْعًا وَأَبْصَارًا وَأَفْئِدَةً فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ سَمْعُهُمْ وَلَا أَبْصَارُهُمْ وَلَا أَفْئِدَتُهُمْ مِنْ شَيْءٍ إِذْ كَانُوا يَجْحَدُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـ مال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئاللاھنى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلارنى سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەردۇق. ئۇلارغا ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلدۇق. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! بىز ئۇ ئاد قەۋمىگە، سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەردۇق؛ ئۇلار سىلەردىن باي ۋە سىلەردىن قاۋۇل كىشىلەر ئىدى، ئەسكىرىي كۈچى ئارتۇق، تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى ۋە ھۈنەر - سەنئەتتە ئۈستۈن قەۋم ئىدى. بىز ئۇلارغا ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇلار ئۇ قابىلىيەتلىرىنى لايىق رەۋىشتە ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەلچىمىز ھۇدقا قارشى چىقتى، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، شۇنداقلا جازالىنىشقا تېگىشلىك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابقا دۇچار قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا مَا حَوْلَكُمْ مِنَ الْقُرَىٰ وَصَرَّفْنَا الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
(ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مەككە ئاھالىسى!- بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەردىن نۇرۇغۇنلىرىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مەككە ئاھالىسى! بىز سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنى قايتسۇن دەپ ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
(27-28) ئى مەككە ئاھالىسى! بىز سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلىرىمىزگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق، ئاد قەۋمى ئۇلارنىڭ پەقەتلا بىرىدۇر، بىز ئۆز ۋاقتىدا شىمال تەرىپىڭلاردىكى رايونلاردا ياشايدىغان سەمۇد قەۋمى، ئەيكەلىكلەر ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قەۋم... قاتارلىقلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدۇق. بىز ئۇلارغا كۇفرىلىقتىن يېنىپ ھەقىقەتكە قايتىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىمىز ئارقىلىق ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلغان ئىدۇق، لېكىن ئۇلار مۆھلەتنىڭ ئاخىرىغىچە توغرا يولغا كەلمەي جازالىنىشقا تېگىشلىك بولدى - دە، ھالاك بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ: «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دەپ بىزنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئازابىمىز كەلگەندە نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ نېمىشقا ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىنى ئۇ ئېغىر كۈنىدە قۇتقۇزمىدى؟ ئۇ مەبۇدلار ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئۇلارغا ياردەم قىلسا بولاتتى، لېكىن ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىگە چوقۇغانلارغا پايدا يەتكۈزۈشكە، چوقۇنمىغانلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلار ھالاك قىلىنغان ئۇ قەۋملەرنى ياردەمگە موھتاج كۈنلىرىدە ياردەمسىز قويدى. دېمەككى، ئۇلارنىڭ: «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن سۆزى ئۇلار توقۇپ چىققان ئويدۇرما ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتاندۇر. ئاد قەۋمى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى «ئەھقاف» دېگەن جايدا (ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت ئارىسىغا جايلاشقان قۇم بارخانلىرى رايونىدا) ياشايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھۇد ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئەسكىرىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچىگە تايىنىپ، جىسمانىي كۈچى، ماددىي مەدەنىيىتى ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان، ھەتتا ئۇنىڭغا خىلمۇخل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ جەڭ ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەرسا مۇستەبىت كاتتىباشلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشكەن، ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلغان ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دەپ، ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك گۇناھقا پاتقان. شۇنىڭ بىلەن ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى ياردەم تىلەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغان، ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارغا يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قاتتىق بوران ئەۋەتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ قُرْبَانًا آلِهَةً ۖ بَلْ ضَلُّوا عَنْهُمْ ۚ وَذَٰلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
(ئۇلارغا ئازاب كەلگەندە) ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن قىلىدۇ، دەپ ئاللاھتىن باشقا تۇتقان مەبۇدلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى غايىب بولدى، بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دېگەن سۆزى) ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە (ئاللاھقا) چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن ئىلاھ قىلىۋالغان نەرسىلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرى، نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇ ئىلاھلار ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ئۇ سۆز، ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسى ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ صَرَفْنَا إِلَيْكَ نَفَرًا مِنَ الْجِنِّ يَسْتَمِعُونَ الْقُرْآنَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوا أَنْصِتُوا ۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوْا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ مُنْذِرِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا بىر ـ بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر توپ جىننى قۇرئاننى ئاڭلىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىغا ھازىر بولغان چاغلىرىدا بىر - بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ئاخىرلاشقاندا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بىز سەن قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا بىر توپ جىننى سېنىڭ يېنىڭغا قۇرئاننى ئاڭلاشقا ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ جىنلار يېنىڭغا كېلىپ قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىغا ھازىر بولغان چاغلىرىدا بىر - بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار، قۇرئاننى ئاڭلاڭلار» دېيىشتى، سەن قۇرئان ئوقۇشنى توختاتقاندا، ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بولۇپ قايتىشتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى سەندىن ئاڭلىغان ئايەتلەر بىلەن ئۆز جامائەسىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن تېز قايتىپ كەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا يَا قَوْمَنَا إِنَّا سَمِعْنَا كِتَابًا أُنْزِلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٍ مُسْتَقِيمٍ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ھەقىقەتكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى تىڭشىدۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىمىز! بىز مۇسادىن كېيىن نازىل قىلىنغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان، ھەقكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى ئاڭلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
(30-32) ئۇ جىنلار قەۋمىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىمىز! بىز مۇسادىن كېيىن نازىل قىلىنغان بىر كىتابنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىدۇق، ئۇ كىتاب ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان، ھەقىقەتكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتاب ئىكەن؛ بىز ئۇ كىتابقا ۋە ئۇ كىتابنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈردۇق. ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىدىغان ئۇ پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قىينىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسى بولغان ئۇ پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈپ ئەگەشمەيدىكەن، ئۇ كىشى زېمىندا ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئۇنى ئازابتىن ساقلايدىغان دوست ۋە ياردەمچى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلار ئاشكارا ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ كەتكەن بولىدۇ». ئەسكەرتىش: ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدىغان «بەزى گۇناھلار» - باشقا بىرەر بەندىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە بىرەر بەندىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن باشقا گۇناھلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىن تەۋبە قىلغان بەندىنىڭ بۇ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. لېكىن قىلىنغان گۇناھ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىش بولۇش بىلەن بىرگە (ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، تىللاش، ئۇرۇش... دېگەندەك) باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىمۇ شەكىللەندۈرسە، بۇ تەقدىردە تەۋبە قىلغۇچى زىيانلانغۇچىغا شۇ زىياننى تۆلەپ بەرمىگىچە بۇ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمايدۇ. بۇ يەردىكى «بەزى» كەلىمىسى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەزكۇر جىنلارنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇ سورۇندا بارلىقىنى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ بىلدۈرگەن. ئاندىن جىن سۈرىنى نازىل قىلىپ بۇ ئەھۋالنى باشقىلارغا بىلدۈرىشكە بۇيرۇغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنلارغىمۇ پەيغەمبەر قىلىنغانلىقىغا بۇ ئايەت، 72 - سۈرە (جىن) ۋە 55 - سۈرە (رەھمان) ناھايىتى ئېنىق دالالەت قىلىدۇ. مۇشرىكلار، چوقۇنۇشقا ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكى (تەۋھىد)، قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى قاتارلىق ئۈچ ھەقىقەتكە قارشى ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ ئۈچ ھەقىقەتنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. 33 ~ 35 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندرۇىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا نىجاتلىقنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا قَوْمَنَا أَجِيبُوا دَاعِيَ اللَّهِ وَآمِنُوا بِهِ يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُجِرْكُمْ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
«ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
«ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ گۇناھلارنىڭ بىر قىسمىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَنْ لَا يُجِبْ دَاعِيَ اللَّهِ فَلَيْسَ بِمُعْجِزٍ فِي الْأَرْضِ وَلَيْسَ لَهُ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءُ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
كىمكى ئاللاھقا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا (ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھقا چاقىرغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئەنە شۇلار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، بىلسۇنكى ئۇ زېمىندا ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيلىرى بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر». — ئەنەس ئالىم
-
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلَمْ يَعْيَ بِخَلْقِهِنَّ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ ۚ بَلَىٰ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ئۇلارنى يارىتىش بىلەن چارچاپ قالمىغان ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنى يارىتىش بىلەن چارچاپ قالمىغان زاتتۇر، مۇشرىكلار مانا بۇ ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدۇ. بىر نەرسىنى يوقتىن يارىتىش، ئۇ نەرسىنى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن زوردۇر. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ ئەنە شۇ زور ئىشنى قىلدى، ئەمدى قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئاسان ئىشنى قىلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ جاۋاب: ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئاسان، تەس دەپ بىرەر ئىش يوق. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدىغان ئىلىم ۋە قۇدرەتكە ئىگىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۖ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ؟ » (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارغا): «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە ئۇلارغا: «بۇ راست ئەمەسمۇ؟ » دېيىلىدۇ ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، دەيدۇ، ئاللاھ ئېيتىدۇ : «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا: «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولغان ئىدىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت كۈنى كافىرلار دوزاخ ئوتىغا توغرىلىنىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا: «قايتا تىرىلىش ھەق ۋە راست ئەمەسمىكەن؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان، ئەجىلىمىز توشقاندا جېنىمىزنى ئېلىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بۈگۈن قايتا تىرىلدۈرۈپ بۇ ئازابقا مەھكۇم قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ۋە راست ئىكەن» دەيدۇ، ئاللاھ: «ئۇنداقتا، سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەمدى دوزاخنىڭ ئىچىدىكى تۈرلۈك ئازابلارنى مەڭگۈ چېكىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِلْ لَهُمْ ۚ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِنْ نَهَارٍ ۚ بَلَاغٌ ۚ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الْفَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇڭلاشقا سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، -دۇنيادا- گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ بىر تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! شۇڭا ئاللاھنىڭ ئىرادىلىك ئەلچىلىرى سەۋر قىلغاندەك سەنمۇ سەۋر قىلغىن، كافىرلار ئۈچۈن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغىن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى كۆرىدىغان كۈنى دۇنيادا خۇددى كۈندۈزنىڭ ئاز بىر ۋاقتىدىلا تۇرغاندەك بولىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتۇر. فاسىق قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئۆتمۈشتە پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئەسلىي جازاسىغا دۇچار قىلىمىز، شۇڭلاشقا سەن قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەت، ھاقارەت ۋە قارشىلىق قىلىشلىرىغا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ، تارىختا ئۆتكەن ئىرادىلىك ئەلچىلىرى ئۆز قەۋملىرىنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغاندەك سەنمۇ قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن، كافىرلار ئۈچۈن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغىن، ئۇ ئازاب ئۇلارغا چوقۇم كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن كۈنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا خۇددى كۈندۈزنىڭ ئاز بىر قىسمىدىلا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇ قۇرئان، خۇسۇسەن بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان ھەقىقەتلەر سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇقتۇرۇشتۇر، مۇكەممەل نەسىھەتتۇر. ئاللاھ توغرا يولدىن باش تارتقان گەدەنكەش قەۋمدىن باشقىسىنى ھالاك قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى