نوھ سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 28 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ أَنْ أَنْذِرْ قَوْمَكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (1-4) ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا نۇھنى: «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئۇ ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئۆز قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ، قەۋمىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ۋەزىپەم سىلەرنى ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، شېرىك كەلتۈرۈش، ئاسىيلىق قىلىش قاتارلىق گۇناھلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، سىلەرنى تەۋھىدكە ۋە ئىتائەتكە دەۋەت قىلىشتۇر. ئى قەۋمىم! شېرىك كەلتۈرۈشتىن يېنىپ ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ مەن باشلىغان يولغا كىرىپ مەن بىلەن بىللە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى ئەجىلىڭلار توشقۇچىلىق ياشىتىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر ئەجىلىڭلار كەلگەندە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەن بولساڭلار دەرھال دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ ئىمان كەلتۈرگەن بولاتتىڭلار». ئەسكەرتىش: ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدىغان «بەزى گۇناھلار» - باشقا بىرەر بەندىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە بىرەر بەندىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن باشقا گۇناھنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىن تەۋبە قىلغان بەندىنىڭ بۇ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. لېكىن قىلىنغان گۇناھ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىش بولۇش بىلەن بىرگە (ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، تىللاش، ئۇرۇش... دېگەندەك) باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىمۇ شەكىللەندۈرسە، بۇ تەقدىردە تەۋبە قىلغۇچى زىيانلانغۇچىغا شۇ زىياننى تۆلەپ بەرمىگىچە بۇ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمايدۇ. بۇ يەردىكى «بەزى» كەلىمىسى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. — ئەنەس ئالىم

  3. أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

  4. (71-سۈرە نوھ، 4-ئايەت) ئۆلۈم تۆۋە-ئىستىغپار نوھ
    يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بېكىتكەن ئەجىلى كەلگەن چاغدا ئەجەل كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار». — ئەنەس ئالىم

  5. قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز ئىمانغا دەۋەت قىلدىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز دەۋەت قىلدىم. — ئەنەس ئالىم

    (5-20) نۇھ قەۋمىنى يىللارچە تەۋھىدكە ۋە ئادالەتكە دەۋەت قىلدى، قەۋمى بولسا ئۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىقتى، ھەتتا ئۇنىڭغا دەۋىتىنى توختاتمىغان تەقدىردە چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى، ئىش بۇ نۇقتىغا يەتكەندە نۇھ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتتى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! مەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز دەۋەت قىلدىم. لېكىن مەن ئۇلارنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغانسېرى ئۇلار ھەقىقەتتىن قاچتى، يىراقلاشتى. مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ قاچانىكى ھەقكە دەۋەت قىلسام، ئۇلار ئاۋازىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن باشلىرىنى كىيىملىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇردى، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى. مەن ئۇلارنى بەزى چاغدا ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم، بەزى چاغدا ئاشكارا دەۋەت قىلدىم، بەزى چاغدا يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم. ئۇلارغا ئېيتتىمكى: ‹ئۆزۈڭلارنى ياراتقان ئىگەڭلار - ئاللاھتىن گۇناھىڭلارغا مەغپىرەت تىلەڭلار؛ شېرىكتىن تەۋبە قىلىڭلار، تەۋھىدنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە يامان قىلمىشلىرىڭلار ئۈچۈن ئەپۇ تىلەڭلار، بىلىڭلاركى: ئۇ ئىگەڭلار تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر ۋە ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ئۇلاغا ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. شۇنداق قىلساڭلار، ئىگەڭلار - ئاللاھ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ، سىلەرگە تۈرلۈك مېۋىلەر يېتىشكەن باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، باغلىرىڭلارنىڭ ۋە يۇرتۇڭلارنىڭ ئىچىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھقا ئۆز لايىقىدا ئېھتىرام قىلمايۋاتىسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرنى تۇپراق، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، لەختە قان، تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈلمىگەن بىر چاينام گۆش... قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتتى. سىلەر ئاللاھنىڭ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىنىڭ ئۈستىدە ۋە بىر - بىرىگە ماس قىلىپ يارىتىشىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ئىچىدە ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلدى، قۇياشنى نۇر ۋە ئىسسىقلىق مەنبەسى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن يارىتىپ سىلەرنى ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈردى. ئەجىلىڭلار توشقاندا سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرۇپ يەنە زېمىنغا قايتۇرىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ زېمىندىن چىقىرىدۇ. ئاللاھ زېمىننىڭ يوللىرىدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىننى تۆشەككە ئوخشاش قىلىپ بەردى›». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا
    مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارغا پەقەت قېچىشنىلا زىيادە قىلدى. — ئەنەس ئالىم

  7. وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
    مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى ۋە كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇردى ۋە چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى. — ئەنەس ئالىم

  8. ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
    ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن مەن ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دەۋەت قىلدىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم. — ئەنەس ئالىم

  9. ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنْتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
    ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم. — ئەنەس ئالىم

  10. (71-سۈرە نوھ، 10-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار دۇئا نوھ
    فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
    (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتتىمكى: «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    دېدىمكى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  11. يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا
    ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  12. وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا
    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلەرنى ئېقىتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  13. مَا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّهِ وَقَارًا
    نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھقا ئۆز لايىقىدا ئېھتىرام قىلمايۋاتىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  14. وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا
    ھالبۇكى ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇ سىلەرنى تۈرلۈك باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتتى. — ئەنەس ئالىم

  15. أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
    سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ قانداق ياراتتى؟ — ئەنەس ئالىم

  16. وَجَعَلَ الْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًا وَجَعَلَ الشَّمْسَ سِرَاجًا
    ئاينى ئۇلاردا (يەنى دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا) نۇر قىلدى، قۇياشنى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاينى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نۇر قىلدى، كۈننى بولسا نۇر چاچقۇچى چىراغ قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ ئىچىدە ئاينى نۇر قىلدى، قۇياشنى چىراغ قىلدى. — ئەنەس ئالىم

  17. (71-سۈرە نوھ، 17-ئايەت) رىزىق ئىنساننىڭ يارىتىلىشى
    وَاللَّهُ أَنْبَتَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ نَبَاتًا
    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى (چۈنكى ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقان ئىدى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ئۆسۈملۈككە ئوخشاش ئۈندۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ئۆستۈردى. — ئەنەس ئالىم

  18. (71-سۈرە نوھ، 18-ئايەت) تىرىلىش ئۆلۈم
    ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًا
    ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى (ئۆلگەندىن كېيىن) زېمىنغا قايتۇرىدۇ (يەنى زېمىندا دەپنە قىلىنىسىلەر)، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى زېمىنغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن سىلەرنى زېمىندىن قايتا چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن سىلەرنى زېمىنغا قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرنى چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  19. وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ بِسَاطًا
    زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بىسات قىلىپ بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك قىلىپ بەردى. — ئەنەس ئالىم

  20. (71-سۈرە نوھ، 20-ئايەت) رىزىق زېمىن ۋە تاغلار
    لِتَسْلُكُوا مِنْهَا سُبُلًا فِجَاجًا
    زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى» — مۇھەممەد سالىھ

    كەڭرى يوللىرىدا كېزىپ ساياھەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن -بۇنى قىلىپ بەردى-» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنى، ئۇنىڭ كەڭ يوللىرىدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى». — ئەنەس ئالىم

  21. قَالَ نُوحٌ رَبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِي وَاتَّبَعُوا مَنْ لَمْ يَزِدْهُ مَالُهُ وَوَلَدُهُ إِلَّا خَسَارًا
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە ئەگەشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلى ۋە بالىچاقىسى ئۆزىگە پەقەت زىيانلا ئارتتۇرغان كىشىگە ئەگەشتى، — ئەنەس ئالىم

    (21-24) نۇھ قەۋمىنىڭ بويۇنتاۋلىقىنى ئاللاھقا شىكايەت قىلىپ ئېيتتى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! بۇ قەۋم ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەبىقىسى، مال - مۈلۈك ۋە بالىلىرىغا ئالدىنىپ سېنىڭ يولۇڭدىن چىققان، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتقان كاتتىباشلىرىغا ئەگەشتى، كاتتىباشلار ناھايىتى چوڭ ھىيلە - مىكىر قىلىپ تۆۋەن تەبىقىنى ئازدۇردى؛ ھەر تۈلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەرنى قىلىپ ۋە خىلمۇخىل پىتنە - ئېغۋالارنى تارقىتىپ ھەقىقەتكە قارشى چىقتى، تۆۋەن تەبىقىنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈردى. ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە: ‹ئىلاھلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار. بولۇپمۇ «ۋەد»نى، «سۇۋائـ»نى، «يەغۇس»نى، «يەئۇق«نى ۋە «نەسر» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار› دېدى، ئى ئىگەم - ئاللاھ! ئۇ كاتتىباشلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، ئى ئىگەم - ئاللاھ! سەن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۇ زالىملارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى زىيادە قىلغىن!». ئەسكەرتىش: «ۋەد، سۇۋائـ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسر»لەر ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بۇلار ئەسلىدە نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ بۇتلىرى ئىدى، كېيىن ئەرەبلەرگە يۆتكەلدى: ۋەد - دەۋمەتۇل جەندەلدىكى كەلب قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. سۇۋائـ - ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. يەغۇس باشتا مۇراد قەبىلىسىنىڭ، كېيىن سەبەئـ شەھرىنىڭ يېنىدىكى جۇرف دېگەن يەردە ياشايدىغان غۇتەيف قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. يەئۇق - ھەمدان قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. نەسر - ھىميەرنىڭ زىلكېلائـ خانىدانىنىڭ بۇتى بولدى. بۇ ئىسىملار ئەسلىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن بىر قىسىم ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىدى. ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن شەيتان ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگە: «ئۇلار ھايات چېغىدا ئولتۇرغان يەرلەرگە ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەڭلار ۋە ئۇ ھەيكەللەرنى ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتاڭلار» دەپ يول كۆرسەتتى. ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ ھەيكەللەرگە دەسلەپتە ھېچكىم چوقۇنمىدى، تاكى ئۇ ھەيكەللەرنى تىكلىگەنلەر ۋاپات بولغان ۋە ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇنتۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا چوقۇنۇلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (71-سۈرە نوھ، 22-ئايەت) مۇناپىقلىق شېرىك نوھ
    وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا
    ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار چوڭ ھىيلە تۈزدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ناھايىتى چوڭ ھىيلە - مىكىر قىلدى، — ئەنەس ئالىم

  23. (71-سۈرە نوھ، 23-ئايەت) شېرىك تاغۇت نوھ
    وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
    ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئىلاھلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار. بولۇپمۇ ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار» دېدى[1]، — ئەنەس ئالىم

  24. وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا ۖ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا
    ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، رەببىم! سەن ئۇ زالىملارغا ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!». — ئەنەس ئالىم

  25. مِمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْصَارًا
    ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن -توپان بىلەن- غەرق قىلىندى ئاندىن دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچىلەر تاپالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن سۇغا غەرق قىلىندى، ئوتقا كىرگۈزۈلدى، ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر تاپالمىدى. — ئەنەس ئالىم

    نۇھنىڭ قەۋمى كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش، گۇناھلارغا چۆمۈش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى چىقىشتىن ئىبارەت خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن توپان بالاسىغا دۇچار بولۇپ سۇغا غەرق قىلىندى، ئاندىن ئوتقا كىرگۈزۈلدى، ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر تاپالمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (71-سۈرە نوھ، 26-ئايەت) كاپىرلىق دۇئا نوھ
    وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! زېمىندا كافىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن! — ئەنەس ئالىم

    (26-28) نۇھ ئاللاھقا قىلغان دۇئاسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە بۇلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! زېمىندا بۇ كافىرلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى يولۇڭدىن چىقىرىدۇ، گۇناھكار ۋە تۇزكور بالىلارنىلا دۇنياغا كەلتۈرۈپ يېتىشتۈرىدۇ. ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە بۇلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ!! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ زىيىنىنى ئارتتۇرغىن، ئۇلارنى رەھمىتىڭدىن يىراق قىلغىن! ئۇلارنى دۇنيادا ھالاك قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلىغىن، يارەب!». نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ قىسسەنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق: ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى، قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن ئىدرىس ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋە ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى، بۇتپەرەس بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى 950 يىل بويىچە كېچە - كۈندۈز ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەقكە دەۋەت قىلغان، قەۋمى ئۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققان ۋە تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى قىلغان. لېكىن نۇھ ئەلەيھىسسالام سەۋر قىلغان، ھەقنى كەمتەرلىك بىلەن ۋە ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرگەن. قەۋمى بولسا، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن، مۇتەكەببىرلىك قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلمىغان، ھەتتا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن تەھدىت سالغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام 950 يىلدىن كېيىن، قەۋمىدىن ئىلگىرى ئىمان كەلتۈرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ۋەھىي ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن ئۆزىگە نۇسرەت، قەۋمىگە بالا تىلەپ دۇئا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى كېمە ياساشقا بۇيرۇغان، كېمىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئايالىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى، مۇئمىنلەرنى ۋە ھەر جانلىقتىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىرەر جۈپتىن ئېلىپ كېمىگە چىقىشقا بۇيرۇغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئەمر قىلغان بويىچە كېمىگە چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئاسماننىڭ دەرۋازلىرىنى ئېچىپ ناھايىتى ئۇلۇغ سۇ چۈشۈرگەن، زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى سۇ بىرلىشىپ كۇفرى ئەھلىنى ھالاك قىلغان، ئۇلار دەھشەتلىك سۇغا غەرق قىلىنغان، كېمىدىكىلەر قۇتۇلغان ۋە يەر يۈزىگە تارقالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەت نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى بىلەن داۋاملاشقان، شۇڭلاشقا نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىر پەيغەمبىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (71-سۈرە نوھ، 27-ئايەت) دۇئا ئازغۇنلۇق نوھ
    إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
    ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت ئەخلاقسىز ۋە كاپىر بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىسىنى تۇغمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  28. (71-سۈرە نوھ، 28-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار دۇئا نوھ
    رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
    پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!». — ئەنەس ئالىم