غاشىيە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 26 ئايەتمەنىسى: ھەممىنى ئوراپ ئالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: قورقۇنچ ھەممىنى ئوراپ ئالىدىغان قىيامەت ئەھۋاللىرى سۆزلەنگەن
-
(88-سۈرە غاشىيە، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەممىنى قورقۇنچقا سالىدىغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ [1].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 2-ئايەت)وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولىدۇ [2].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 3-ئايەت)عَامِلَةٌ نَاصِبَةٌ
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر
ئۇلار (دۇنيادا) گۇناھ قىلغان، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتىدىغان ئادەملەردۇر [3].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 4-ئايەت)تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
ئۇلار ئەڭ قىزىق دوزاخقا كىرىدۇ [4].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 5-ئايەت)تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
ئۇلارغا كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇۋېتىدىغان بۇلاق سۈيى ئىچكۈزۈلىدۇ[5].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 6-ئايەت)لَيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِنْ ضَرِيعٍ
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
ئۇلارغا يا ئوزۇق بولمايدىغان، يا قورساق تويغۇزمايدىغان ئاچچىق تىكەنلىك ئۆسۈملۈكتىن باشقا يېمەكلىك يوق [6-7].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 7-ئايەت)لَا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِنْ جُوعٍ
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
ئۇلارغا يا ئوزۇق بولمايدىغان، يا قورساق تويغۇزمايدىغان ئاچچىق تىكەنلىك ئۆسۈملۈكتىن باشقا يېمەكلىك يوق [6-7].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 8-ئايەت)وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاعِمَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىدە بەخت شادلىقى جىلۋىلىنىدۇ[8].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 9-ئايەت)لِسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر
ئۇلار بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىدىن رازى بولىدۇ [9].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 10-ئايەت)فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
ئالىي جەننەتتە تۇرىدۇ [10].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 11-ئايەت)لَا تَسْمَعُ فِيهَا لَاغِيَةً
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ [11].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 12-ئايەت)فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ [12].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 13-ئايەت)فِيهَا سُرُرٌ مَرْفُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت- رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار [13ـ16].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 14-ئايەت)وَأَكْوَابٌ مَوْضُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت- رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار [13ـ16].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 15-ئايەت)وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت- رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار [13ـ16].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 16-ئايەت)وَزَرَابِيُّ مَبْثُوثَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت- رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار [13ـ16].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 17-ئايەت)أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى
ئىنسانلار تۆگىلەرنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىغا، ئاسماننىڭ قانداق كۆتۈرۈلگەنلىكىگە، تاغلارنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكىگە، يەر يۈزىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە قاراپ باقمامدۇ؟ [17-20].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 18-ئايەت)وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى
ئىنسانلار تۆگىلەرنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىغا، ئاسماننىڭ قانداق كۆتۈرۈلگەنلىكىگە، تاغلارنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكىگە، يەر يۈزىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە قاراپ باقمامدۇ؟ [17-20].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 19-ئايەت)وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى
ئىنسانلار تۆگىلەرنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىغا، ئاسماننىڭ قانداق كۆتۈرۈلگەنلىكىگە، تاغلارنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكىگە، يەر يۈزىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە قاراپ باقمامدۇ؟ [17-20].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 20-ئايەت)وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
زېمىن قانداق يېيىتىلدى
ئىنسانلار تۆگىلەرنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىغا، ئاسماننىڭ قانداق كۆتۈرۈلگەنلىكىگە، تاغلارنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكىگە، يەر يۈزىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە قاراپ باقمامدۇ؟ [17-20].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 21-ئايەت)فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ
سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسەن [21].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 22-ئايەت)لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن
سەن ئۇلارنى مەجبۇرلىغۇچى ئەمەسسەن [22].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 23-ئايەت)إِلَّا مَنْ تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن
لېكىن كىمكى ۋەز ـ نەسىھەتتىن باش تارتىپ ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىكەن [23]،
-
(88-سۈرە غاشىيە، 24-ئايەت)فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ [24].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 25-ئايەت)إِنَّ إِلَيْنَا إِيَابَهُمْ
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
ئۇلار چوقۇم بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ [25].
-
(88-سۈرە غاشىيە، 26-ئايەت)ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُمْ
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر [26].