ئەھزاب سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 73 ئايەت
مەنىسى: قوشۇنلار. ئاتىلىش سەۋەبى: مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپ-توپ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان (9~27- ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ اتَّقِ اللَّهَ وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى (داۋاملاشتۇرغىن)، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن، كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبىي! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن؛ ئىبادەتلىرىڭنى ۋە دەۋەت پائالىيىتىڭنى ئەينەن داۋاملاشتۇرغىن. كافىرلارنىڭ ۋە مۇنافىقلارنىڭ ھېچبىر تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغىن، ھېچبىر پىكرىگە قوشۇلمىغىن ۋە ھېچبىر تەلىپىگە بويسۇنمىغىن. شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى: ئاللاھ ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ساڭا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ ئىچىدە نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ساقلىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ قىلغان ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر؛ ئاللاھنىڭ سۆزى راست، ھۆكمى ئادىل ۋە پىلانى پۇختىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كافىر ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتتە ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا ۋە ئۇلارغا قاتتىق قول بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. دېمەككى، مۇئمىننىڭ كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. مەككە دەۋرىدىكىدەك ئاجىز چاغدا سەۋر قىلىش، مەدىنە دەۋرىدىكىدەك ئازادىچىلىككە ئېرىشكەن چاغدا جىھاد قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش كېرەك. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: جىھادنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسمى يەككە ئەمەس، ئەكسىچە سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ئىشلارنىڭ بېشىدىكىلەرنىڭ كېڭەش ئارقىلىق ماقۇللىغان قارارى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم؛ ھەر كىشى ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ئىشنى لايىقىدا ئورۇندىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن دۆلەت بەك مۇھىم. «جىھاد» كەڭ دائىرىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۆتكەن بەزى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
    ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان نەرسە -قۇرئان- غا ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبىي! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ۋەھىي بويىچە ئىش قىلغىن، كافىر ۋە مۇنافىقلارنىڭ پوپوزىلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن، سۆزلىرىگە ئېتىبار قىلمىغىن، تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمىگىن. ئاللاھ سېنىڭ ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كافىر ۋە مۇنافىقلارنىڭ قىلمىشلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەممىڭلاردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابنى ئالىدۇ ۋە نەتىجىسىنى بېرىدۇ: ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (33-سۈرە ئەھزاب، 3-ئايەت) ئاللاھقا ئىشىنىش
    وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
    (ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبىي! ئاللاھقا تايانغىن، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن. ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر؛ ئاللاھ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ نەتىجىنى ئۆزىگە تاپشۇرغان ۋە ئۆزىگە تايانغان بەندىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، زىيانكەشلىكىدىن قوغدايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ ۚ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ ۚ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ ۖ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ
    ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار[1] قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق سۆزنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇ توغرا يولغا باشلايد — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب قىلمىدى. شۇنىڭدەك، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى[1] سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى. ئۇ سىلەرنىڭ ئېغىزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب بار قىلمىدى، ھەر كىشىنىڭ بىر قەلبى بولىدۇ، بىر قەلبكە پەقەت بىر ئېتىقاد سىغىدۇ. تەقۋادارلىق - قەلبكە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن قورقۇش ئېتىقادىنى ۋە ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ياشاشتۇر، چۈنكى باشقا ئەزالار قەلبكە بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئېتىقاد ئورۇنلاشقان قەلب ۋۇجۇدنى توغرا يولغا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، شۇنداقلا تەقۋادارلىق ھەقىقىي مەنىدە نامايان بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر كىشىنىڭ ئىچىدە بىر قەلب بولىدۇ، بىر قەلبتە يا ئىمان يا كۇفرى بولىدۇ، قەلبىدە ئىمان بولغان كىشى ئۆزىنىڭ شەخسىي، ئائىلىۋى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىسلامغا توغرىلاپ ياشايدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەر «زىھار» قىلغان ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى، ئاللاھ بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنىمۇ ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى؛ سىلەردىن بىرى ئايالىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن» دېسە، ئۇ ئايال ئۇ كىشىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالمايدۇ. بىر كىشى بىر بالىنى بېقىۋالسا ئۇ بالا ئۇ كىشىنىڭ بالىسى بولۇپ قالمايدۇ. بىرىڭلارنىڭ ئۆز ئايالىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش» دېيىشى ۋە بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشى ئېغىزىڭلاردىكى قۇرۇق سۆزدۇر، ئىناۋەتسىزدۇر، ھەقىقىتى يوقتۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ، راستنى ئېيتىدۇ، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر ئۆزۈڭلار ئېيتقان سۆزلەرنى ۋە ئۆزۈڭلار قىلغان دەۋالارنى تاشلاپ ئاللاھ ئېيتقان سۆزنى تۇتۇڭلار، ئاللاھ باشلىغان يولغا كىرىڭلار. زىھار- لۇغەتتە دۈمبە دېگەن بولىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن» دېيىشى تالاقنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىناتتى. ئاللاھ تائالا بۇ شەكىلدىكى تالاقنى قىلغانلارنى ئەيىبلەش ۋە ئۇلارغا جازا بەلگىلەش ئارقىلىق مەزكۇر تالاق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ ۚ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ ۚ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَٰكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىغا مەنسۇپ قىلىڭلار[2]. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلاردۇر. سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئاتىلىرىغا مەنسۇپ قىلىڭلار، يەنى بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارغا ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلار بولىدۇ، ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقىلارغا مەنسۇپ قىلساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئاتىلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى قەستەن باشقىلارغا مەنسۇپ قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ سەۋەنلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قەستەن قىلغان گۇناھىڭلارغا تەۋبە قىلساڭلار قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭ زاتتۇر. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بېقىۋالغان بالا ھېچبىر جەھەتتە بېقىۋالغۇچىنىڭ بالىسى ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋالغان بالا بالاغەتكە يەتكەندە بېقىۋالغۇچىلارغا نامەھرەم بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئارىسىدا مىراسخورلۇق ھوقۇقى پەيدا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بالا بېقىۋالغۇچىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا رىئايە قىلىشى لازىم: 1) بالىنىڭ نوپۇس دەپتىرىگە ۋە كىملىك كارتىسىغا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى يازدۇرۇشلىرى ۋە رەسمىيەتلەردە ئىشلىتىشلىرى لازىم. مەسىلەن: بالىنىڭ ئىسمى «ئەھمەد»، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاتىسىنىڭ ئىسمى «ياسىن»، بېقىۋالغان ئاتىسىنىڭ ئىسمى «قۇربان» بولسا، ئۇ بالىنى «ئەھمەد ياسىن» دېيىش، نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىك كارتىسىغا شۇنداق يازدۇرۇش ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەردە شۇنداق ئىپادىلەش لازىم. 2) بالىنى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بولسا، مەيلى بېقىۋالغانلار بولسۇن، مەيلى باشقىلار بولسۇن بالىنى شۇنداق ئاتاش كېرەك. 3) بالا بالاغەتكە يەتكەن ھامان يېتىپ ـ قوپىدىغان يېرىنىڭ ئايرىم بولۇشى، قىز بولسا بېقىۋالغان ئاتىسى بىلەن، ئوغۇل بولسا بېقىۋالغان ئانىسى بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. يۇقىرىدىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ۋە شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئەھۋال ئاستىدا بىرەر يېتىم بالىنى بېقىۋىلىپ، ئۇنىڭغا مىھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر. بىر قانچە ئايەتتە بۇ ەسىلە تەكىتلەنگەن. ئەسكەرتىش: قەلبىگە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن قورقۇش ئېتىقادىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ياشاش ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلىقتۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ھۆكۈملەرنى، خۇسۇسەن، «زىھار» ۋە بېقىۋالغان بالا ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى دادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىش، كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر، ئاللاھقا تايانغانلىقنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ ۗ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ إِلَّا أَنْ تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُمْ مَعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
    پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    پەيغەمبەر مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ ئەۋلادۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلاردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن تېخىمۇ ئەۋلادۇر، لېكىن دوستلىرىڭلارغا يوللۇق رەۋىشتە ۋەسىيەت قىلساڭلار ئۇ باشقا، بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ نەبىي مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر[3]. ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇرۇق -تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە مۇئمىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر. يېقىنلىرىڭلارغا قىلىدىغان ياخشىلىقىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا[4]. بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ پەيغەمبەر مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر؛ مۇئمىنلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان يېقىنلىقىدىن بۇ پەيغەمبەرنىڭ مۇئمىنلارغا بولغان يېقىنلىقى تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر. مەسىلەن: مۇئمىنلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بەزى بىھۇدە ئىشلارغا بۇيرۇشى، بەزى ياخشى ئىشلاردىن توسۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ پەيغەمبەر مۇئمىنلارنى پەقەت ياخشىلىققا ۋە ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن توسىدۇ. چۈنكى ئۇ «مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر». شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ ئۇنىڭ دەۋىتىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىشى، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ئاتىشى، ئۆز سۆزلىرىنى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىدا قويماسلىقى ۋە ئۇنىڭ جېنىنى ئۆز جانلىرىدىن ئەزىز بىلىشى كېرەك. بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى بولسا، ھۆرمەتتە ۋە نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقىدا مۇئمىنلارنىڭ ئانىلىرىدۇر؛ مۇئمىنلار بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى ئۆز ئانىلىرىنىڭ ئورىنىدا كۆرۈشى، شۇنداقلا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئىززەتلىشى لازىم، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك، تەنە - ھاقارەت، سۆكۈش، تىللاش قاتارلىق ناشايان سۆزلەرنى ئېيتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەربىر ئايالى بىر مۇئمىن ئۈچۈن ئۆز ئانىسىنىڭ ئورنىدىدۇر. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى مۇئمىنلار ئۈچۈن ھۆرمەت قىلىش لازىملىقىدا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقىدا ئۆز ئانىلىرىنىڭ ئورنىدىدۇر، ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئانىلىرى ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆزىنى توغقان ئايال ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولغانلارنى پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ سورىشى لازىملىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇ ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇرۇق - تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە مۇئمىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر؛ مىراسخورلۇقتا ئىمانى قېرىنداشلىق ۋە مۇھاجىرلىق ئەمەس، ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساس قىلىنىشى لازىم، لېكىن ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا يېقىن - يورۇقلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىشقا بولىدۇ. بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (33-سۈرە ئەھزاب، 7-ئايەت) مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە)
    وَإِذْ أَخَذْنَا مِنَ النَّبِيِّينَ مِيثَاقَهُمْ وَمِنْكَ وَمِنْ نُوحٍ وَإِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۖ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىيسادىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىسادىنمۇ، ئۇلاردىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۆز ۋاقتىدا نەبىيلەردىن ئەھدە ئالدۇق. سەندىنمۇ، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسالاردىنمۇ ئەھدە ئالدۇق. شۇنداق، بىز ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بارلىق پەيغەمبەرلەردىن تەقۋادار بولۇش توغرىسىدا ئەھدە ئالدۇق. سەندىنمۇ، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسالاردىنمۇ بۇ توغرىدا ئەھدە ئالدۇق. شۇنداق، بىز ئۇ پەيغەمبەرلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئەسكەرتىش: پەيغەمبەرلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا ئىنسانلارغا ئەلچىىلىكنى يەتكۈزۈش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش، ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ ئۇ يولدا ئالدى سەپتە مېڭىشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە ئىشىنىشىنى ۋە بىر - بىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (33-سۈرە ئەھزاب، 8-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب ھەق
    لِيَسْأَلَ الصَّادِقِينَ عَنْ صِدْقِهِمْ ۚ وَأَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
    ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەردىن پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى سورايدۇ)، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بۇنى راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سوراش ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

    بىز قىيامەت كۈنى ياخشىلاردىن ھېساب سوراش، يامانلارنى ئازابلاش ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلاردىن ئەنە شۇنداق ئەھدە ئالدۇق. بىز كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنى مۇكاپاتقا ياكى ئازابقا لايىق بولۇشلىرى ئۈچۈن، ئۇلار مۇشۇ دۇنيادىكى چاغدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ توغرا — خاتانى تونۇتۇش لازىمدۇر، پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق توغرا - خاتانى تونۇغاندىن كېيىن توغرىنى تاللىغانلار مۇكاپاتقا، خاتانى تاللىغانلار ئازابقا لايىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَاءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن -پەرىشتىلەر- نى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا قوشۇن كەلگەن ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بوران ۋە سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇراتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! تەقۋادارلىقنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماڭلار ۋە شۇنى ياد ئېتىڭلاركى: ئاللاھ ئۈستۈڭلارغا قوشۇنلار كەلگەندە سىلەرگە نېمەت ئاتا قىلدى ۋە ئىلتىپات قىلدى: ئۆز ۋاقتىدا ئەتراپىڭلاردىكى كۇفۇر قوشۇنلىرى بىرلىشىپ سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن، سىلەر ياشاۋاتقان مەدىنىگە يېقىن جايغا كەلگەن ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاتتىق بوران ۋە سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالغان ئىدۇق. ئاللاھ سىلەرنىڭ خالىس نىيىتىڭلارنى ۋە قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئۇلارغا قارشى تۇرغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ تۇراتتى، بۇ سەۋەبتىن سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن، لېكىن «مۇئمىنلار كۆرمىگەن قوشۇنلار»، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىشلىرى ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەرىشتە جامائەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ قېتىم (ئەھزاب غازىتى ئەسناسىدا) مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس پەرىشتە ئەۋەتكەندەك، ئىلگىرى «بەدر غازىتى»تىدىمۇ ئەۋەتكەن. ئاللاھ تائالا بۇ خىل قوشۇنلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن مەككىدىن چىقىش ئەسناسىدىمۇ ئەۋەتكەن. كېيىن «ھۇنەين غازىتى» ئەسناسىدىمۇ ئەۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (33-سۈرە ئەھزاب، 10-ئايەت) پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى
    إِذْ جَاءُوكُمْ مِنْ فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنْكُمْ وَإِذْ زَاغَتِ الْأَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوبُ الْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِاللَّهِ الظُّنُونَا
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ -ھۇجۇم قىلىپ- كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ۋە ئاستىڭلاردىن ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇ ۋاقىتتا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان ئىدى، ئاللاھ ھەققىدە ھەر تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىتتىپاقداش قوشۇنلار سىلەرگە تۇرغان يېرىڭلارنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىن ۋە ئاستىن تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلاتتى، سىلەر دەھشەتتىن كۆزۈڭلار چەكچىيىپ كەتكەن، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان ئىدى، سىلەر ئۇ ئەسنادا قوشۇنلارنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ نۇسرەت ۋەدىسى ھەققىدە ھەر تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار؛ كۆڭلۈڭلارغا «ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇق، ئاللاھ بىزنى تاشلىۋىتىدىغان، دىنىغا ياردەم بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ...» دېگەندەك تۈرلۈك بولمىغۇر خىياللار كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (33-سۈرە ئەھزاب، 11-ئايەت) ئىلاھىي سىناق ئىمان سىناقلىرى
    هُنَالِكَ ابْتُلِيَ الْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا زِلْزَالًا شَدِيدًا
    بۇ يەردە مۆمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ يەردە مۇئمىنلار سىنالغان ۋە قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ يەردە مۇئمىنلار سىنالغان ئىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتۈلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    بىرلەشكەن قوشۇنلار ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان ئۇ جايدا ئاللاھ مۇئمىنلارنى سىنىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتتى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئىمانىدا سادىقلار بىلەن ساختىلارنى ئايرىشى ئۈچۈن ئىدى . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (33-سۈرە ئەھزاب، 12-ئايەت) شەكسىز ئىتىقاد مۇناپىقلىق
    وَإِذْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ إِلَّا غُرُورًا
    ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا مۇنافىقلار ۋە قەلبلىرىدە كېسەل بارلار: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە قۇرۇق ۋەدە قىلغان ئىكەن» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شۇنىمۇ ياد ئېتىڭلاركى: سىلەر ئەڭ قىيىن ئەھۋال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان چېغىڭلاردا، مۇنافىقلار ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەر: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزنى ئالداش ئۈچۈن، بىزگە نۇسرەت، غەلىبە ۋە زەپەر ۋەدىسى بەرگەن ئىكەن، يالغان ۋەدىگە ئىشىنىپ بۇ يەرگە چىقىپتىمىز، تۈگىشىدىغان بولدۇق!» دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى سىلەرنىڭ غەم - قايغۇڭلارنى قاتمۇقات زىيادە قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (33-سۈرە ئەھزاب، 13-ئايەت) جۈرئەت مۇناپىقلىق
    وَإِذْ قَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ يَا أَهْلَ يَثْرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمْ فَارْجِعُوا ۚ وَيَسْتَأْذِنُ فَرِيقٌ مِنْهُمُ النَّبِيَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوْرَةٌ وَمَا هِيَ بِعَوْرَةٍ ۖ إِنْ يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارًا
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!» دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا» دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى، بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!» دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا» دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ: «ئى يەسرىبلىكلەر! تۇرغىنىڭلارنىڭ پايدىسى يوق، قايتىڭلار» دېگەن ئىدى. ئۇلاردىن بىر پىرقە بولسا: «ئۆيلىرىمىز ھىمايىسىز» دېيىشىپ نەبىيدىن رۇخسەت سورايتتى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ھىمايىسىز ئەمەس، لېكىن ئۇلار قېچىشنىلا ئىرادە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شۇنىمۇ ياد ئېتىڭلاركى: مۇنافىقلاردىن ۋە ئىمانى ئاجىزلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر جەڭگاھتىكى مۇئمىنلارغا: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرغىنىڭلارنىڭ پايدىسى يوق، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان جەڭنى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، شۇڭلاشقا ئۆيلىرىڭلارغا قايتىڭلار» دېگەن ئىدى، ئۇ مۇنافىق ۋە ئىمانى ئاجىزلاردىن بىر پىرقە بولسا: «ئۆيلىرىمىز ھىمايىسىز، قوغداش ئۈچۈن بىز قايتىپ كەتمىسەك بولمايدۇ» دېيىشىپ، كېتىشلىرى ئۈچۈن پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورايتتى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ھىمايىسىز ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇ يالغان ئۆزرە بىلەن جەڭگاھتىن تىكىۋېتىشنىلا ئويلايتتى. ئەسكەرتىش: ئۇلارنىڭ «ئى مەدىنىلىكلەر!» دېمەستىن، مەدىنىنى كونا ئىسمى بىلەن ئاتاپ جەڭگاھتىكىلەرگە «ئى يەسرىبلىكلەر!» دېيىشى، دەھشەتتىن دىللىرىدىكى ئىماننىڭ ۋە ئىمانىي قېرىنداشلىقنىڭ يوقالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئاۋۋالقى ھالىتىگە قايتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (33-سۈرە ئەھزاب، 14-ئايەت) مۇناپىقلىق ۋەسۋەسە
    وَلَوْ دُخِلَتْ عَلَيْهِمْ مِنْ أَقْطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُوا الْفِتْنَةَ لَآتَوْهَا وَمَا تَلَبَّثُوا بِهَا إِلَّا يَسِيرًا
    ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەدىنىنىڭ ھەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنىپ، ئۇلاردىن فىتنە[5] تەلەپ قىلىنسا ئىدى، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئىشقا كىرىشكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئۇ ئىتتىپاقداش قوشۇنلار مەدىنىنىڭ ھەر تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، ئۇلاردىن مۇرتەت بولۇشنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئىشقا كىرىشكەن بولاتتى؛ دۈشمەننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ دەرھال ئىسلامدىن يانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. وَلَقَدْ كَانُوا عَاهَدُوا اللَّهَ مِنْ قَبْلُ لَا يُوَلُّونَ الْأَدْبَارَ ۚ وَكَانَ عَهْدُ اللَّهِ مَسْئُولًا
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئىلگىرى ئاللاھقا (جەڭدە) چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسى سورىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا -جەڭدە- چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى «ئارقىمىزنى قىلىپ قاچمايمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىنىڭ ھېسابى چوقۇم سورىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ھالبۇكى، جەڭگاھتىن قاچماقچى بولغان ئۇ ئادەملەر، بۇ جەڭگە چىقىشتىن ئىلگىرى جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن ئاداققىچە ئېلىشىش ۋە ئارقىسىنى قىلىپ قاچماسلىق توغرىسىدا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىنىڭ ھېسابى سورىلاتتى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى لازىم ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. قُلْ لَنْ يَنْفَعَكُمُ الْفِرَارُ إِنْ فَرَرْتُمْ مِنَ الْمَوْتِ أَوِ الْقَتْلِ وَإِذًا لَا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلًا
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر -دۇنيادىن- ئازغىنا بەھرىمەن بولالايسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆلۈشتىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، بۇ قېچىشنىڭ سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ. قاچساڭلار ئازغىنە زامان بەھرىمەن قىلىنىسىلەر[6]». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆيلىرىگە كېتىش توغرۇلۇق باھانە كۆرسىتىپ سەندىن رۇخسەت سورىغان ۋە جەڭ مەيدانىدىن قاچماقچى بولغان ئۇ ئادەملەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئېيتقىن: «ئەگەر جەڭگاھتىن قېچىش بىلەن بۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىشتىن ياكى دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قاچماقچى بولساڭلار، بۇ قېچىشنىڭ سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۆلۈمدىن قېچىش ئۆمۈرنى ئۇزارتمايدۇ. ناۋادا سىلەر بۇ قېتىم قېچىپ ئۆلمەي قالغان تەقدىردە ئاللاھ سىلەرنى قىسقا زامان بەھرىمەن قىلىدۇ، ئازغىنە مۇددەت ياشىشىڭلارغا رۇخسەت قىلىدۇ، ئاندىن يەنە ئۆلۈپ كېتىسىلەر، چۈنكى سىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلار چەكلىك بولۇپ ئۇ ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن توشىدۇ، سىلەر ئۈچۈن ئۆلۈم قاچقىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. قُلْ مَنْ ذَا الَّذِي يَعْصِمُكُمْ مِنَ اللَّهِ إِنْ أَرَادَ بِكُمْ سُوءًا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا (كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىق ئىرادە قىلسا ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر رەھمەت ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا كىم توسالغۇ بولالايدۇ؟». ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيمۇ، ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى سىلەردىن ھېچكىم توسىيالمايدۇ. مەسىلەن: ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىق ئىرادە قىلسا، سىلەرنى ئۇ يامانلىقتىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟ ھېچكىم ساقلاپ قالالمايدۇ. ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر رەھمەت ئىرادە قىلسا، ئۇ رەھمەتنى سىلەردىن ھېچكىم قايتۇرۇۋېتەلەيدۇ؟ ھېچكىم قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ؛ كائىناتتىكى ئىشلارنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى خالىغىنىچە باشقۇرىدۇ». ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھىمايىچىمۇ تاپالمايدۇ، ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ؛ ئۇلارنى يامانلىقلاردىن ئاللاھ قوغدايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ ئاللاھقا سەمىمىيلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشى، ئىخلاس بىلەن بەندىچىلىك قىلىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (33-سۈرە ئەھزاب، 18-ئايەت) جۈرئەت مۇناپىقلىق
    قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الْمُعَوِّقِينَ مِنْكُمْ وَالْقَائِلِينَ لِإِخْوَانِهِمْ هَلُمَّ إِلَيْنَا ۖ وَلَا يَأْتُونَ الْبَأْسَ إِلَّا قَلِيلًا
    ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى باشقىلارنى (جىھادتىن) توسقۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا (مۇھەممەدنى ۋە ساھابىلىرىنى تەرك ئېتىپ) بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىڭلار دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتنىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئىچىڭلاردىن باشقىلارنى -جىھادتىن- توسقۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا بىزنىڭ «قېشىمىزغا كېلىڭلار» دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار جەڭگە ئاندا ـ ساندا قاتنىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاراڭلاردىكى توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا: «بىزگە قېتىلىڭلار» دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشقا بەك ئاز قاتنىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى جەڭدىن قاچماقچى بولغانلار! ئاللاھ ئىچىڭلاردىن باشقىلارنى غازاتقا چىقىشتىن توسقانلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىن تۇغقان، دوست ۋە يېقىنلىرىغا: «بېرى كېلىڭلار، بىزگە قېتىلىڭلار، مۇھەممەدنى تەرك ئېتىڭلار، بىز سىلەرنىڭ مۇھەممەدكە ئەگىشىپ ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەنە شۇنداق توسقۇنلۇق قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇنافىقلىقىنىڭ چېنىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ھېس قىلسا رىياكارلىق قىلىپ ئاندا - ساندا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (33-سۈرە ئەھزاب، 19-ئايەت) ئاچكۆزلۈك جۈرئەت مۇناپىقلىق
    أَشِحَّةً عَلَيْكُمْ ۖ فَإِذَا جَاءَ الْخَوْفُ رَأَيْتَهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ تَدُورُ أَعْيُنُهُمْ كَالَّذِي يُغْشَىٰ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَإِذَا ذَهَبَ الْخَوْفُ سَلَقُوكُمْ بِأَلْسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى الْخَيْرِ ۚ أُولَٰئِكَ لَمْ يُؤْمِنُوا فَأَحْبَطَ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
    ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سىلەرگە قارىتا بېخىلدۇر، ئەگەر -ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن- خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇرۇشقا قانتاشسا سىلەرگە قىزغانچۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇرۇش ئەسناسىدا خەۋپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ساڭا خۇددى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. خەۋپ كەتكەندە بولسا، ئۇلار مالغا ئاچ كۆزلۈك قىلىشىپ سىلەرنى نەشتەردەك تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئەنە شۇلار ئىمان ئېيتمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئۇلارنىڭ ئالامىتى شۇكى. ئۇلار خاتىرجەم چاغدا سىلەرگە بېخىللىق قىلىدۇ؛ ياخشى ئىشلاردا سىلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ، ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلمايدۇ، ئاجىزلىرىڭلارغا ئىئانە، پېقىرلىرىڭلارغا ساخاۋەت قىلمايدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى بىرەر خەۋپ - خەتەر مەيدانغا كەلگەندە ھودۇقۇپ كەتكەنلىكتىن خۇددى سەكراتقا چۈشكەن ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ ساڭا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار خەۋپ - خەتەر يوقالغاندا بولسا سىلەرنى نەشتەردەك تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ، يەنە بېخىللىق قىلىدۇ، ئاچ كۆزلۈك قىلىدۇ. ئەنە شۇلار گەرچە ئىمان ئىزھار قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئىمان كەلتۈرمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىش ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (33-سۈرە ئەھزاب، 20-ئايەت) جىھاد جۈرئەت مۇناپىقلىق
    يَحْسَبُونَ الْأَحْزَابَ لَمْ يَذْهَبُوا ۖ وَإِنْ يَأْتِ الْأَحْزَابُ يَوَدُّوا لَوْ أَنَّهُمْ بَادُونَ فِي الْأَعْرَابِ يَسْأَلُونَ عَنْ أَنْبَائِكُمْ ۖ وَلَوْ كَانُوا فِيكُمْ مَا قَاتَلُوا إِلَّا قَلِيلًا
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (قاتتىق قورققانلىقتىن) ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (قىردا) ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، (قورققانلىقتىن) جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتناشقان بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار ئەئرابىيلار -قىر ئەرەبلىرى- نىڭ يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ تىنچ يېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئۇرۇش ۋاقتىدا ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، جەڭگە ئاندا ـ ساندا قاتناشقان بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىرلەشكەن قوشۇننى كەتمىدى دەپ ئويلايتتى. ئەگەر بىرلەشكەن قوشۇن يەنە كەلسە ئىدى، ئۇلار سەھرادا سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى شۇ يەردە سوراپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسا ئىدى، بەك ئاز ئۇرۇشاتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ قورقۇنچاقلار بەك قورقۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىتتىپاقداش قوشۇنلار ئاللاھنىڭ مەغلۇپ قىلىشى بىلەن مەدىنىدىن كەتكەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇلارنىڭ كەتمىگەنلىكىنى ئويلايدۇ؛ مەدىنىنى ھازىرمۇ مۇھاسىرە قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇنلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە قايتا كەلسە ئىدى، ئۇ قورقۇنچاقلار بۇ نۆۋەت سىلەر بىلەن بىللە جەڭگاھقا كەلمەستىن سەھرادا سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى كەلگەن - كەتكەنلەردىن سوراپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان بولاتتى. ناۋادا ئۇ قورقۇنچاقلار بۇ قېتىممۇ جەڭگاھتا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسا ئىدى، سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بەك ئاز ئۇرۇشقان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (33-سۈرە ئەھزاب، 21-ئايەت) ئىمان زىكىر رەسۇلغا ئەگىشىش
    لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا
    سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ـ ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەرگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! خۇسۇسەن ئى جەڭگاھتىن قاچماقچى بولغانلار! ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى (مۇھەممەد) سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر؛ ئەگەر ئاللاھنىڭ ئەجر ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشىغا ئىشىنىدىغان ۋە ئاللاھنى ھەر ئەھۋالىڭلاردا زىكىر قىلىدىغان كىشىلەر بولساڭلار بۇ ئەلچىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلىڭلار. بۇ ئەلچى «ئەھزاب غازىتى»دا مۇئمىنلارنى جەڭگە چاقىردى، ئۆزىمۇ جېنىنى تىكىپ جەڭ مەيدانىغا چىقتى ۋە ئاداققىچە سەۋر قىلىپ تۇردى. جەڭگاھتا بۇ ئەلچى بىلەن بىللە سەۋر قىلىپ تۇرغانلار ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ۋە قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىشىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەردۇر. «ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش» - دىلىدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، غەزىپى، ئازابى، رازىلىقى، ۋە رەھمىتى قاتارلىقلارنى ئەسلەپ تۇرۇش، تىلىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر ئېيتىش، پۇت - قول، ئەزالىرىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت «ئەھزاب غازىتى» ئەسناسىدا يالغاندىن ئۆزە بايان قىلىپ جەڭگاھتىن قاچماقچى بولغانلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن نازىل بولغان بولسىمۇ، بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى قىيامەتكە قەدەر بارلىق مۇئمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (33-سۈرە ئەھزاب، 22-ئايەت) شەكسىز ئىتىقاد ئىمان ھەق
    وَلَمَّا رَأَى الْمُؤْمِنُونَ الْأَحْزَابَ قَالُوا هَٰذَا مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَصَدَقَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ ۚ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّا إِيمَانًا وَتَسْلِيمًا
    مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلار ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ۋە بويسۇنۇشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار بىرلەشكەن قوشۇنلارنى كۆرگەندە: «بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەلۋەتتە توغرا ئېيتىدۇ» دېدى. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئاللاھقا تەسلىم بولۇش روھىنى كۈچەيتتى. — ئەنەس ئالىم

    ھەقىقىي مۇئمىنلار ئىتتىپاقداش قوشۇنلارنى كۆرگەندە، مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىمانى ئاجىزلارنىڭ ئەكسىچە: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە باشتا قاتتىق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىپ ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتسەك نۇسرەتكە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلغان، مانا بۇ ئۇ قىيىنچىلىقتۇر، بۇنىڭغا سەۋر قىلساق چوقۇم نۇسرەتكە ئېرىشىمىز، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەلۋەتتە راست ئېيتىدۇ» دېدى. بۇ قىيىن ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش روھىنى كۈچەيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (33-سۈرە ئەھزاب، 23-ئايەت) شېھىتلىك سەۋر ئىمان
    مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ قَضَىٰ نَحْبَهُ وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْتَظِرُ ۖ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا
    مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ شېھىت بولدى، بەزىسى شېھىت بولۇشنى كۈتكمەكتە، ئۇلار ئەھدىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە سادىق بولغان ئەرلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى جېنىنى پىدا قىلدى، بەزىسى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ ھەقىقىي مۇئمىنلاردىن، جەڭ مەيدانىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئاداققىچە تۇرۇپ جەڭ قىلىش توغرۇلۇق ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە سادىق بولغان ئەرلەر بار؛ ئۇلارنىڭ بەزىسى جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىتلىك ماقامىغا يەتتى، بەزىسى ياخشىلىق (شېھىتلىك ياكى زەپەر) كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. لِيَجْزِيَ اللَّهُ الصَّادِقِينَ بِصِدْقِهِمْ وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ إِنْ شَاءَ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى خالىسا ئازابلايدۇ ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ راستچىللارغا راستچىللىقىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشى، مۇنافىقلارنى خالىسا ئازابلىشى ياكى ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قىيىن ئەھۋال ۋە قورقۇنچقا دۇچ قىلىشى، ئەھدىسىدە تۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش، ئەھدىسىنى بۇزغان مۇنافىقلارنى خالىسا ئازابلاش خالىسا تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلىش ۋە تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭ زاتتۇر؛ تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، رھمىتىگە نائىل قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئەھدىسنى بۇزغانلار بۇنىڭدىن كېيىن سەمىمىي تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، مۇنافىقلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَرَدَّ اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا خَيْرًا ۚ وَكَفَى اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ الْقِتَالَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزًا
    ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ كاپىرلارنى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ ئۇرۇشتا مۇئمىنلارغا كۇپايە قىلدى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كافىرلارنى ئاچچىقلىرى بىلەن قايتۇرۇۋەتتى، ئۇلار ھېچبىر ياخشىلىققا ئېرىشەلمىدى. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ئۇرۇشۇش قىلىشتىن ساقلىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە قارشى بىرلىشىپ مەدىنىنى قورشىغان ئۇ كافىر قوشۇنلارنى ئاچچىقلىرى چىقمىغان ۋە مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەن ھالەتتە قايتۇرۇۋەتتى؛ ئۇلار مۇئمىنلارغا بولغان غەزەپ ۋە نەپرىتى بېسىقماستىن، كۆزلىگەن غەلىبە ۋە غەنىيمەتكە ئېرىشەلمەستىن قايتىپ كەتتى. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىدى؛ ئۇ كافىرلارغا ئۆزى تېتىدى، مۇئمىنلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ھاجەت قويمىدى. ئاللاھ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، قۇدرەت ۋە سەلتەنەتتە تەڭدىشى يوقتۇر. ئەھزاب غازىتى بۇ، مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدا، ھىجرەتنىڭ 5 - يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ يەتتىنچى كۈنى (مىلادىيە 627 - يىلى بىرىنچى مارتتا) باشلىنىپ، زۇلقەئدە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادىيە 627 - يىلى 24 - مارتتا) ئاخىرلاشقان ۋە مەدىنە شەھىرى، ئەتراپقا كولانغان خەندەكلەر بىلەن مۇداپىئە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن «خەندەك غازىتى» دەپمۇ ئاتالغان غازات بولۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن، مەدىنىكى ئەرەب ۋە يەھۇدىي قەبىلىلىرى بىلەن بىر ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ئىدى. بۇ ئەھدىنامىدە يەھۇدىيلارنىڭ جان، مال ۋە دىن ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىنسا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىر دۈشمىنى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشمەسلىكى لازىملىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. «بەنى قەينۇقا» ۋە «بەنى نەزىر» يەھۇدىيلىرى بۇ ئەھدىنامىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى (مىلادىيە 624 - يىلى) بەنى قەينۇقانى، ھىجرەتنىڭ تۆتىنچى يىلى (مىلادىيە 625 - يىلى) بەنى نەزىرنى سۈرگۈن قىلغان ئىدى. مەدىنىدە يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن بەنى قۇرەيزە قالغان ئىدى. سۈرگۈندىن كېيىن خەيبەرگە يەرلەشكەن يەھۇدىيلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋالغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشىنىپ، مۇسۇلمانلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئېلىشىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرى مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچمايدۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر پىلان تۈزۈپ چىقىدۇ. ئۇلار بۇ پىلان بويىچە ئۆزلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن يىگىرمە كىشىلىك بىر ھەيئەت تەشكىللەپ مەككىگە ئەۋەتىدۇ، بۇ ھەيئەت مەككىگە كېلىپ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ ھەقتە ئۇلارغا ئەھدە بېرىدۇ. قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن بۇ يەھۇدىي ھەيئەت ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى چوڭ قەبىلىلەردىن بىرى بولغان «غەتەفان قەبىلىسى»گە بېرىپ، ئۇلارغىمۇ مەزكۇر تەكلىپنى سۇنىدۇ، ئۇلارمۇ بۇ يەھۇدىي ھەيئەتكە ئىجابىي جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن بۇ ھەيئەت باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىگىمۇ بېرىپ بۇ تەكلىپنى سۇنىدۇ، كۆپلىگەن قەبىلە ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. نەتىجىدە يەھۇدىيلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى قوشۇن تەشكىللەش پىلانىدا مۇۋەپپەق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇب تەرەپتىن، قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىلەن «كىنانە» ۋە «تىھامە» قەبىلىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ئەبۇ سۇفياننىڭ قوماندانلىقىدا چىقىدۇ، ئۇلار يولدا «سەلىم» قەبىلىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شەرق تەرەپتىن «غەتەفان» قەبىلىسىنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ھارىس ئىبنى ئەۋفنىڭ قوماندانلىقىدا ۋە باشقا بىرقانچە قەبىلە ئۆزلىرى بەلگىلىگەن كىشىلەرنىڭ قوماندالىقىدا چىقىدۇ. بۇ قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ۋەدىشلەشكەن جايغا، ۋەدىلەشكەن كۈندە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن مەدىنىگە قاراپ ماڭىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدىنئالا ئەۋەتكەن مەخسۇس خادىملىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ۋە دەرھال يۇقىرى مەسلىھەت كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىپ مەدىنىنى مۇداپىئە قىلىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى، يىغىندا سەلمان فارىسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەدىنە چۆرىسىگە خەندەك كولاش ھەققىدىكى تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنى خەندەك كولاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مەزكۇر ئىتتىپاقداش قوشۇنلار مەدىنىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن خەندەكنى پىلانلانغان بويىچە پۈتكۈزۈپ بولغان ئىدى. قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن، غەتەفان ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مەدىنىگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە بىر ۋادىغا چۈشىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە ۋەدە قىلغان ئەھۋال» دەيدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئاللاھقا بويسۇنۇش روھىنى كۈچەيتىدۇ. مۇنافىقلار ۋە ئىمان ئاجىزلار بولسا: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزنى ئالداش ئۈچۈن نۇسرەت ۋە غەلىبە ۋەدە قىلغان ئىكەن» دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم دېگەن ساھابىسىنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ئۈچ مىڭ كىشىلىك مۇسۇلمان قوشۇن بىلەن چىقىدۇ ۋە «سەلئى تېغى»نى ئارقىسىغا، خەندەكنى ئالدىغا ئېلىپ تاغنىڭ ئېتىكىگە ئورۇنلىشىدۇ، تاغ ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە خۇددى بىر سېپىلنىڭ رولىنى ئالىدۇ. كولانغان خەندەك مۇسۇلمان قوشۇن بىلەن كافىرلار قوشۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. كافىرلار قوشۇنلىرى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەدىنىگە بېسىپ كىرمەكچى بولىدۇ، لېكىن مەدىنە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەڭ خەندەكنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق جىلە بولىدۇ ۋە بىرەر ئاجىز نۇقتا تېپىپ ئۇ يەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن خەندەكنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغىلى تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار بولسا، ئۇ كافىرلارنىڭ ئايلىنىشلىرىنى كۆزىتىپ يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغانلارغا ئوق ئاتىدۇ. بىر چاغدا قۇرەيشنىڭ ئاتلىق قىسمىدىن بىر توپ چېرىك خەندەكنىڭ تار بىر يېرىنى تېپىپ ئۇ يەردىن ئۆتىدۇ ۋە خەندەك بىلەن «سەلئى تېغى»نىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتلىرى بىلەن ئايلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەسنادا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن بىر جامائە بىلەن بېرىپ خەندەكنىڭ ئۇلار ئۆتكەن يېرىنى ئېتىۋېتىدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇ يەردىن ئۆتكەن ئاتلىق چېرىكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جەسۇر چېرىك بولغان ئەمرى ئىبنى ئەبد مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىشىشقا (مەيدانغا چۈشۈپ كۈچ سېنىشىشقا) چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوبۇل قىلىپ مەيدانغا چۈشىدۇ ۋە بىر مۇددەت ئېلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قالغانلىرى قاچىدۇ. كافىرلار قوشۇنلىرى خەندەكتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان قوشۇننىڭ خەندەكنى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇداپىئە قىلىشى، يېقىنلاشقانلارنى ئوققا تۇتۇشى ۋە جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ھەر قېتىملىق ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىرقانچە كۈن ئەنە شۇنداق داۋاملىشىدۇ؛ بىر - بىرىگە ئوق ئېتىش ۋە كۈچ سېنىشىش بىلەن چەكلىنىدۇ. ئوق ئېتىشىش جەريانىدا مۇسۇلمانلاردىن ئالتە كىشى شېھىت بولىدۇ، كافىرلاردىن ئون كىشى ئۆلىدۇ ۋە بىر - ئىككى كىشى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلار جەڭ مەيدانىدا ئەنە شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەسنادا، ئىلگىرى سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن «بەنى نەزىر» قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب مۇسۇلمانلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا شارائىت تەييارلاش ئۈچۈن، ئەھدىنامىگە رىئايە قىلىپ مەدىنىدە ياشاۋتقان «بەنى قۇرەيزە» قەبىلىسىگە كېلىدۇ ۋە قەبىلىنىڭ رەئسى كەئب ئىبنى ئەسەدنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ. كەئب مەزكۇر ئەھدىنامىگە سادىق قېلىش ئۈچۈن ھۇيەي ئىبنى ئەختەبكە باشتا ئىشىكىنى ئاچقىلى ئۇنىمايدۇ، لېكىن ھۇيەينىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئاخىرى ئىشىكىنى ئاچىدۇ، ھۇيەي ئۇنىڭغا: «ئى كەئب! مەن قۇرەيشنىڭ ۋە غەتەفاننىڭ مۆتىۋەرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ‹ئۇھۇد›نىڭ يېنىدىكى بىر ۋادىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، ئۇلار مۇھەممەدنى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى تەلتۆكۈس يوق قىلىۋەتكىنىمىزگە قەدەر بىز بىلەن بىللە جەڭ قىلىش توغرىسىدا ماڭا ئەھدە بەردى» دەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نامىنى تىلىغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ناۋادا ئۇلار مۇھەممەدنى يېڭەلمەستىن قايتىپ كەتكەن تەقدىردە مەن سېنىڭ قورغىنىڭغا كىرىپ تۇرىمەن، ساڭا نېمە بولسا مېنىڭ بالىلىرىمغىمۇ شۇ بولسۇن» دېگەن مەزمۇندا ئەھدە بېرىدۇ، كەئب ھۇيەينىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ماڭا رەسۋايىجاھان بولۇش تەكلىپىنى ئېلىپ كېلىپسەن، ئىسىت ساڭا! مېنى مۇھەممەد بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىمگە رىئايە قىلغىلى قويغىن، چۈنكى مەن مۇھەممەدتىن سەمىمىيلىك ۋە ۋاپادارلىقتىن باشقا بىر نەرسە كۆرمىدىم» دەيدۇ. ھۇيەي كەئبنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ھىيلە ــ نەيرەڭلەرنى قىلىپ ئاخىرى كەئبنى قايىل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەئب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىسىنى بۇزىدۇ ۋە قەبىلىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كافىرلار بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭگە قېتىلىدۇ. بۇ ھادىسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەڭ ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ: ئالدىدا ئىتتىپاقداش قوشۇنلار، ئارقىسىدا ئەھدىسنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى؛ ئۆزلىرى ئىتتىپاقداش قوشۇنلار بىلەن جەڭگاھتا ئېلىشىۋاتقان، ئارقىسىدا خوتۇن - بالىلىرى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىغا يېقىن جايدا ھىمايىسىز تۇرۇۋاتقان. مانا بۇ ۋاقىتا مۇسۇلمانلار قوشۇنى قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ ۋە ناھايىتى قىيىن ئاھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا ھەقىقىي مۇئمىنلار بىلەن مۇنافىقلار ئايرىلىدۇ. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ غەم - ئەندىشىسى يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋە دەرد - ئەلىمى ئىچىگە پاتماي تۇرغان بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! خۇش خەۋەر، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە سۆيۈنىڭلار» دەيدۇ. ئاندىن خوتۇن - بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن مەدىنىگە بىر مۇھاپىزەتچى قىسىم يوللايدۇ. ئاندىن غەتەفان قەبىلىسىنىڭ ئىككى رەئىسى بولغان ئۇيەينە ئىبنى ھىسىن بىلەن ھارىس ئىبنى ئەۋفكە قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشلىرى ئۈچۈن، مەدىنە مېۋىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بېرىشنى ۋە يالغۇز قالغان قۇرەيشكە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىشنى ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىدا خەزرەج قەبىلىسىنىڭ رەئىسى سەئد ئىبنى ئۇبادە ۋە ئەۋس قەبىلىسىنىڭ رەئىسى سەئد ئىبنى مۇئازغا مەسلىھەت سالىدۇ، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر بۇ ئېيتقانلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولسا، باش ئۈستىگە، پەرمانبەردارمىز، ناۋادا بۇ ئۆزلىرى بىزنى ئويلاپ قىلماقچى بولغان ئىش بولسا بۇنىڭغا ھاجەت يوق. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ۋە ئۇلار مۇشرىك ئىدۇق، بۇتلارغا چوقۇناتتۇق، ئۇلار بىزنىڭ ماللىرىمىزنى يا زىياپىتىمىزگە قاتنىشىپ ياكى پۇلغا سېتىۋېلىپ يېيەلەيتتى. ئەمدى ئاللاھ بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ۋە ئۆزلىرى بىلەن ئەزىز قىلغان چاغدا ئۇلارغا ماللىرىمىزنى بېرەمدۇق؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارغا قىلىچىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەيمىز»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى سەئدنىڭ پىكرىنى توغرا تاپىدۇ ۋە: «بۇ، مەن سىلەر ئۈچۈن قىلىشنى ئويلىغان ئىش ئىدى، ئەرەبلەرنىڭ بىرلىشىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم» دەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن غەتەفان قەبىلىسىنىڭ قوشۇنى ئىچىدىن (بەنى ئەشجەئـ قەبىلىسىنىڭ رەئىسى) نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد دېگەن كىشى مۇسۇلمان بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ ۋە: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئىسلامنى قوبۇل قىلدىم، قەۋمىم مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلمەيدۇ، ماڭا خالىغىنىمنى ئېيتىش توغرىسىدا رۇخسەت بەرسىلە» دەيدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىگە رۇخسەت بېرىدۇ ۋە: «جەڭ دېگەن ھىيلە - نەيرەڭ بىلەن بولىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى دەرھال ئۆزىنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى دوستلىرى بولغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئۇلارغا سادىق دوست ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «قۇرەيشلىكلەر ۋە غەتەفانلىقلار سىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار يېقىندا ئۆز يۇرتىغا كېتىدۇ، ماۋۇ شەھەر سىلەرنىڭ شەھىرىڭلار، مال - مۈلۈك ۋە خوتۇن - بالىلىرىڭلار بۇ شەھەردە، سىلەر بۇ شەھەرنى تاشلاپ باشقا يەرگە كېتەلمەيسىلەر، قۇرەيشلىكلەر ۋە غەتەفانلىقلار قايتىپ كەتسە سىلەر بۇ شەھەردە قالىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سىلەردىن ئىنتىقام ئالىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر ئۇلاردىن ئۇرۇشنى ۋە مۇھاسىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئەھدە بېرىشىنى ۋە بۇنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قۇريشنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى سىلەرگە گۆرۈگە قويۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار»، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار: «ئى نۇئەيم! ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟» دەيدۇ، نۇئەيم: «ئۇلاردىن گۆرۈ ئالمىساڭلار ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ مۇھەممەدكە قارشى ئۇرۇش قىلماڭلار» دەيدۇ، ئۇلار: «توغرا مەسلىھەت بەردىڭىز» دەيدۇ. ئۇ كىشى ئاندىن ئىتتىپاقداش قوشۇنلارنىڭ قارارگاھىغا بېرىپ قۇرەيشلىكلەرگە: «يەھۇدىيلار مۇھەممەد بىلەن پۈتۈشكەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى، ئۇلار سىلەردىن بىرقانچە كىشىنى گۆرۈگە ئېلىپ ئۇلارنى مۇھەممەدكە بەرمەكچى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە قارشى دوستلۇق ئورناتماقچى، ئۇلار بۇ ھەقتە مۇھەممەد بىلەن كېلىشتى، شۇڭلاشقا ئۇلار گۆرۈ تەلەپ قىلىپ سىلەرگە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ناۋادا ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى كېلىپ سىلەردىن گۆرۈ تەلەپ قىلسا بەرمەڭلار» دەيدۇ، ئاندىن غەتەفانلىقلارغىمۇ ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيشلىكلەر ۋە غەتەفانلىقلار بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلرىغا: «بىزنىڭ چىداپ تۇرغۇچىلىكىمىز قالمىدى، مۇھەممەدكە ھۇجۇم قىلىشىمىز ئۈچۈن كېلىپ يېنىمىزدا تۇرۇڭلار ۋە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلايلى» دەپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ، يەھۇدىيلار بۇلارغا: «بىزگە بىرقانچە ئادەمنى گۆرۈگە قويمىساڭلار سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ مۇھەممەدكە قارشى ئۇرۇش قىلمايمىز» دەپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىلىرى خەۋەرلەرنى ئېلىپ قارارگاھلىرىغا كەلگەندە قۇرەيشلىكلەر بىلەن غەتەفانلىقلار: «ۋەللاھى، نۇئەيم راست ئېيتقان ئىكەن» دەيدۇ ۋە ھەر ئىككى قەبىلە مەنسۇپلىرى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىغا: «بىز سىلەرگە ھېچكىمنى گۆرۈگە قويمايمىز، بىز بىلەن بىللە چىقىڭلار مۇھەممەدكە ھۇجۇم قىلايلى» دەپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ، بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى بۇ تەلەپنى ئاڭلاپ: «ۋەللاھى، نۇئەيم راست ئېيتىپتىكەن» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوشۇنلار بىر - بىرىنى تاشلىۋېتىدۇ، سەپلەر بۇزۇلىدۇ، ئىرادىلەر بوشايدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ئەسنادا بىر تەرەپتىن قولىدىن كەلگەن پىداكارلىقنى قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھقا: «ئى ئاللاھ! ئەيىبلىرىمىزنى يۆگىگىن، قورقۇنچلىرىمىزنى خاتىرجەملىككە ئۆزگەرتىپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇ كافىرلار قوشۇنلىرىغا مۇنداق دۇئايىبەت قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! ئى كىتابنى نازىل قىلغان ۋە ھېسابنى تېز ئالدىغان ئاللاھ! ئۇ قوشۇنلارنى مەغلۇپ قىلغىن، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىن، ئۇلارغا قورقۇنچ سالغىن». ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، سوغۇق بىر كېچىدە ئۇ قوشۇنلارغا قاتتىق بوران ئەۋەتىدۇ، بوران ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يىقىۋېتىدۇ، قازانلىرىنى ئۆرۈۋېتىدۇ، چېدىرلىرىنىڭ تانىلىرىنى قۇمۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەرىشتىلەردىن بىر قوشۇن ئەۋەتىدۇ، پەرىشتە قوشۇن ئۇ كافىر قوشۇنلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ قىلىشىغا ھاجەت قويماستىن ئۇ قوشۇنلارنى ئۆزى ئەنە شۇنداق مەغلۇپ قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ كېچىدە ھۇزەيفە ئىبنى يەمان دېگەن ساھابىسىنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ ساھابە بېرىپ ئۇلارنىڭ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە قايتىپ بۇ خەۋەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن ئەتىگىنى قوشۇنى بىلەن مەدىنىگە قايتىدۇ. نەتىجىدە كافىرلار قوشۇنلىرى مەدىنىنى بىر ئاي ئەتراپىدا مۇھاسىرە قىلىپ، ئاخىرى ھېچبىر مەقسىتىگە يېتەلمەستىن قايتىپ كېتىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. وَأَنْزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُمْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا
    ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى) قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئۇلارنىڭ) بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قۇرغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئىتتىپاقداش قوشۇنلار كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ، «ئەھزاب غازىتى» ئەسناسىدا سىلەرگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بەرگەن ئەھلى كىتاب (بەنى قۇرەيزە قەبىلىسى)نى قوغدانغان ئىستىھكاملىرىدىن چۈشۈرۈپ سىرتقا چىقاردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولدى، سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈردۈڭلار ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَمْ تَطَئُوهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
    ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە (تېخى) سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە تېخى سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ خورمىلىق باغلىرىغا، ئېتىزلىقلىرىغا، تۇرالغۇ جايلىرىغا ۋە باشقا پۈتۈن مال - مۈلۈكلىرىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنى سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ئىگە قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. «بەنى قۇرەيزە غازىتى»نىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: «ئەھزاب غازىتى» ئەسناسىدا «بەنى قۇرەيزە» يەھۇدىيلىرى ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىسىنى بۇزۇپ، ئىتتىپاقداش قوشۇنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. ئىتتىپاقداش قوشۇنلار مەغلۇپ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوشۇنى بىلەن قايتىپ مەدىنىگە كېلىدۇ ۋە شۇ كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بەنى قۇرەيزىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرتىپ، بەنى قۇرەيزە رايونىغا يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى جاكارلاشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ساۋۇتىنى كىيىدۇ، قوراللىرىنى ئالىدۇ، ئېتىغا مىنىدۇ ۋە مەدىنىگە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ قوشۇنى بىلەن بەنى قۇرەيزە سېپىللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىنى بىر - بىرلەپ چاقىرىپ ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار دەۋەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ نۆۋەت ئۇلارنى ئىستىھكاملىرىدىن چۈشۈپ تەسلىم بولۇشقا چاقىرىدۇ، ئۇلار بۇ تەكلىپنىمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلىنىدۇ؛ بەنى قۇرەيزە ئوق ۋە تاش ئاتىدۇ، مۇسۇلمانلار قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇھاسىرە قىلىدۇ. مۇھاسىرە 25 كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. مۇسۇلمان قوشۇننىڭ ئۈچ مىڭ پىيادە ۋە ئوتتۇز ئالتە ئاتلىق قىسىمدىن تەركىب تاپقانلىقى، بەنى قۇرەيزە جەڭچىلىرىنىڭ بولسا ئالتە - يەتتە يۈز ئەتراپىدا ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. مۇنافىقىلار بەنى قۇرەيزە مەنسۇپلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا تەسلىم بولماسلىققا ئۈندەيدۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ، لېكىن مۇنافىقلار لەۋزىدە تۇرمايدۇ. بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى ۋە مۇنافىقلارنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، (ئۆز ۋاقتىدا بەنى نەزىر قىلغاندەك) مال - مۈلۈك ۋە قورال - ياراغلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى بىرەر تۆگە يۈكى نەرسە - كېرەك ئېلىپ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىش تەكلىپىنى سۇنىدۇ، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا شەرتسىز تەسلىم بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. 25 كۈن داۋاملاشقان قانلىق ئېلىشىشتىن كېيىن بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئىستىھكاملىرىدىن چىقىپ تەسلىم بولۇشقا ۋە مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «مېنىڭ ھۆكمىمنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەيدۇ، ئۇلار ئۇنىمايدۇ، «ئۇنداقتا، سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەيدۇ، ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ، چۈنكى سەئد ئىبنى مۇئاز جاھىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەئد ئىبنى مۇئازنى چاقىرتىپ (چۈنكى سەئد ئىبنى مۇئاز ئەھزاب غازىتىدا يارىلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم غازاتقا چىقماي مەدىنىدە قالغان ئىدى) ئۇلار ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، سەئد بېرىدىغان ھۆكمىگە رازى بولىدىغانلىغا دائىر، ئەۋس بىلەن بەنى قۇرەيزەدىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەققىدە: «ئەرلىرى ئۆلتۈرۈلسۇن، خوتۇن - بالىلىرى ئەسىرگە ئېلىنسۇن، مال - مۈلۈكلىرى مۇجاھىدلارغا تەقسىم قىلىنسۇن» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەئدنىڭ بۇ ھۆكمىنى قەتئىيلەشتۈرۈپ: «ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلدىڭ» دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەئدنىڭ بۇ ھۆكمىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنى تۇتۇپ قاماققا ئالىدۇ، ئاندىن مەدىنىنىڭ بازىرىدا ئۇلار ئۈچۈن خەندەك كولاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى گۇرۇپپا - گۇرۇپپا ھالىتىدە كەلتۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ۋە جەسەتلىرىنى خەندەككە تاشلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «بەنى نەزىر قەبىلىسى»نىڭ رەئىسى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب ۋە «بەنى قۇرەيزە قەبىلىسى»نىڭ رەئىسى كەئب ئىبنى ئەسەدمۇ بار ئىدى. ھۇيەي ئىبنى ئەختەب «ئەھزاب غازىتى» ئەسناسىدا كەئب ئىبنى ئەسەدكە بەرگەن ئەھدىسى بويىچە، ئىتتىپاقداش قوشۇنلارنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن بەنى قۇرەيزە سېپىللىرىنىڭ ئىچىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ ئىككى كاتتىباشمۇ بەنى قۇرەيزە ئەرلىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ناھايىتى ئادىل ئىدى، چۈنكى بەنى قۇرەيزە «ئەھزاب غازىتى» ئەسناسىدا ئەھدىسنى بۇزۇپ ئىتتىپاقداش قوشۇنلارغا قېتىلغاندىن سىرت، مۇسۇلمانلارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىش ئۈچۈن مىڭ بەش يۈز قىلىچ، ئىككى مىڭ نەيزە، ئۈچ يۈز ساۋۇت، بەش يۈز دۇبۇلغا ۋە قالقان يىغقان ئىدى. مۇسۇلمانلار بۇ قوراللارنى ئۇلارنىڭ يۇرتىنى فەتھى قىلغاندا غەنىيمەت ئالىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەنى قۇرەيزەنىڭ ئەرلىرىنى ئەنە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى بەشكە بۆلۈپ بىرىنى «دۆلەت خەزىنىسى - بەيتۇلمال»غا ئېلىپ قالىدۇ، قالغان تۆت قىسمىنى مۇجاھىدلارغا تەقسىم قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ يارىسى يامان بولۇپ قېلىپ ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ إِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيْنَ أُمَتِّعْكُنَّ وَأُسَرِّحْكُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
    . ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر دۇنيا تېرىكچىلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا ئېيتقىن: «ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، كېلىڭلار سىلەرگە مەنپەئەتلەنگۈدەك بىر نەرسە بېرەي ۋە سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي. — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبىي! سەندىن ئارتۇقچە تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئالاھىدە مۇئامىلە تەلەپ قىلغان ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى: «ئى خوتۇنلار! ئەگەر سىلەر تائەت - ئىبادەتكە مەشغۇل بولۇشتىن باياشات تۇرمۇشنى ئەلا بىلسەڭلار ۋە ئۇنداق تۇرمۇشتا ياشاشنى ئۈستۈن كۆرسەڭلار، كېلىڭلار مەن سىلەرگە تالاق قىلىنغان ئاياللارغا تالاق قىلغان ئەرلىرى بېرىدىغان نەرسە (مۇتئە)نى بېرىپ سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي؛ ياخشىلىق بىلەن ئاجرىشىپ كېتەيلى، سىلەرمۇ خاپا بولماڭلار، مەنمۇ خاپا بولماي، چۈنكى مېنىڭ ئەمرىمدە تۇرساڭلار ئۇ ئارزۇيۇڭلارغا يېتەلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. وَإِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالدَّارَ الْآخِرَةَ فَإِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْمُحْسِنَاتِ مِنْكُنَّ أَجْرًا عَظِيمًا
    ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى تەييار قىلدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا كاتتا ئەجىر تەييارلىدى». — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، غورىگىل تۇرمۇشقا قانائەت قىلىپ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا كاتتا ئەجر تەييارلىدى، ياخشى ئىش ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلماقتۇر». ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئەھزاب» ۋە «بەنى قۇرەيزە» غازاتلىرىدا زەپەر قازانغاندىن كېيىن، ئاياللىرى ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە كەڭتاشا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىشىنى ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلى رەنجىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئىككى ئايەتنى نازىل قىلىپ، ئۇ ئاياللارغا مەۋجۇت تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى پەيغەمبىرىدىن ئايرىلىپ كېتىش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئۆزلىرىگە، يا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەتتە «كاتتا مۇكاپات» بىلەن مۇكاپاتلىنىشنى ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ كېتىشنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى تاللاشنىڭ بىرىنچىسىنى تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ مَنْ يَأْتِ مِنْكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ يُضَاعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
    ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم

    «ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم قەبىھلىكى ئاشكارا بىرەر گۇناھنى قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى، ئۇ گۇناھنى قىلغان ئادەتتىكى ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابتىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئازابىنى كۆپەيتىش ئاللاھقا بەك ئاساندۇر. چۈنكى ئاللاھقا تەس كېلىدىغان ھېچقانداق ئىش يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ كىم ياخشى ئىش قىلسا مۇكاپات، كىم يامان ئىش قىلسا جازا بېرىدۇ، ھېچكىمنىڭ ئېتىبارى ۋە ئابرۇيىغا قارىمايدۇ. بەندىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر، كىم ئەڭ تەقۋادار بولسا ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتنى شۇ كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَمَنْ يَقْنُتْ مِنْكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُؤْتِهَا أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا
    سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجرىنى ئىككى قېتىم بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    سىلەردىن كىم ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلسا، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلانسا ۋە ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سالسا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنسا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە باشقۇرىشىنى قوبۇل قىلسا، پەرز ئەمەللەرنى قىلغاندىن سىرت كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەپلە ئەمەل قىلسا، بىز ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغانلىرىڭلارغا ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىمىز، بىز ئۇنىڭغا جەننەتتە ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق. ئەسكەرتىش: گۇناھنىڭ جازاسى گۇناھنى قىلغۇچىنىڭ مەرتىۋىسىگە قارىتا بولىدۇ: بىرەر گۇناھنى بىلمەستىن قىلغان ئادەم بىلەن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان ئادەمنىڭ جازاسى پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇشرىكلارغا ئاز بولسىمۇ مايىل بولغان تەقدىردە، ئۇنى قاتمۇقات ئازابلايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ناۋادا ئۆزى دېمىگەن بىرەر سۆزنى «ئاللاھ دېدى» دەپ تۆھمەت قىلسا، ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى (جان تومۇرىنى ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى) بىلدۈرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىمۇ ئادەتتىكى ئائىلە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بۇ يەردە (30 - ئايەتتە) ئۇ ئائىلىنىڭ بىرەر مەنسۇبى گۇناھ قىلغان تەقدىردە، ئۇنى قاتمۇقات ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، (31 - ئايەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا
    ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇدىغان بولساڭلار يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، بولمىسا دىلىدا نىفاق بار ئادەم تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، كۆرسەتمىگە ئۇيغۇن سۆزلەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر تەقۋادار بولسڭلارا، نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار، بولمىسا قەلبىدە كېسەل بار كىشى تەمەدە بولۇپ قالىدۇ. لايىقىدا گەپ قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەر پەزىلەت ۋە ھۆرمەتتە باشقا ئاياللارنىڭ بىرىدەك ئەمەسسىلەر؛ سىلەر باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن قورقساڭلار، يات ئەرلەر بىلەن گەپلەشكەن چېغىڭلاردا سۆزنى ناز بىلەن قىلماڭلار. يات ئەرلەرگە ناز بىلەن گەپ قىلساڭلار، كۆڭلى مايماق ئادەملەر تەمەدە بولۇپ قالىدۇ. شەك - شۈبھىدىن خالىي، ئادەتتىكى بويىچە گەپ قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا
    ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاياللىرىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئى نەبىينىڭ ئائىلىسى! ئاللاھ سىلەرنى گۇناھ ۋە يامانلىقلاردىن تازىلاپ، پاك - پاكىز ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار؛ زۆرۈرىيەتسىز سىرتقا چىقماڭلار. ناۋادا بىرەر ئېھتىياجىڭلارنى قامداش ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بىلەن سىرتقا چىقساڭلار، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاياللىرىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار؛ سىرتتا گۈزەل يەرلىرىڭلارنى مەلۇم قىلماڭلار، زىننەتلىرىڭلارنى ئاشكارا قىلماڭلار. نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئى نەبىينىڭ ئائىلىسى! ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئەمر - پەرمانلارنى چۈشۈرۈش بىلەن سىلەرنىڭ ھۆرمىتىڭلارنى ساقلاشنى ئىرادە قىلىدۇ، سىلەرنىڭ گۇناھ ۋە يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇپ ، پاك - پاكىز ھالەتتە ياشىشىڭلارنى ئىرادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
    ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) دىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆيلىرىڭلاردا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەتنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى ۋە مەخپىيەتلىكلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ نەبىي ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇۋاتىدۇ ۋە ئۇ ئايەتلەرنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. سىلەر ئۇ ئايەتلەرنى ۋە ئۇ ھېكمەتنى ئېسىڭلارغا ئېلىپ ساقلاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ھەقىقىتىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ھەر ئىش، ھەر سۆز ۋە ھەر نىيەتتىن خەۋاداردۇر، ئۇنداقتا، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، دىققەت قىلىڭلار». بۇ (30 ~ 34 -) ئايەتلەر ئۆزىنىڭ مەنىلىرىنى ئىپادىلىگەندىن باشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تۆۋەندىكى پەزىلەتلىرىگىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ: 1) مۇئمىنلارنىڭ ئانىلىرى بولۇش، 2) ئاللاھ تائالانىڭ بىۋاسىتە خىتاب قىلىشىغا لايىق بولۇش، 3) ياخشىلىقىغا ئىككى قېتىم ئەجر ئېلىش ۋە جەننەتتە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىش، 4) باشقا ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلىنىش، 5) ئۆيلىرىنىڭ ۋەھىي نازىل بولىدىغان ۋە ئۆگىتىلىدىغان مەركەز بولۇشى، 6) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە ئەڭ كۆپ بولۇشقا نائىل بولۇش. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ وَالْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْقَانِتِينَ وَالْقَانِتَاتِ وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ وَالصَّابِرِينَ وَالصَّابِرَاتِ وَالْخَاشِعِينَ وَالْخَاشِعَاتِ وَالْمُتَصَدِّقِينَ وَالْمُتَصَدِّقَاتِ وَالصَّائِمِينَ وَالصَّائِمَاتِ وَالْحَافِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَالْحَافِظَاتِ وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
    مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھتىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھتىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، ئىتائەتچان ئەرلەر ۋە ئىتائەتچان ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋرچان ئەرلەر ۋە سەۋرچان ئاياللارغا، ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئىپپەتلىرىنى ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (31 - ئايەتتە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن «ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا چىن كۆڭۈلدىن ئىتائەت قىلغان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان»لارغا ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ئېسىل رىزىق تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 34 - ئايەتكىچە بۇنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىدۇ. 35 - ئايەتتە بولسا، مۇئمىنلارنىڭ ئون سۈپىتىنى بايان قىلىپ، ئۇ ئون سۈپەتنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئەر - ئاياللارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سۈپەتلەر تۆۋەندىكىچە: 1) مۇسۇلمان بولۇش. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە شەرتسىز بويسۇنۇش، بۇيرۇقىغا چىن يۈرەكتىن ئىتائەت قىلىش ۋە نەسىھەتىگە ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى (36 -) ئايەتتە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرىسىدا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھېچبىر مۇئمىننىڭ ئۇ ھۆكۈمگە بويسۇنۇشتىن باشقا تاللىشى بولالمايدىغانلىقى بايان قىلىنىپ بۇ مەسىلە تەكىتلىنىدۇ. 2) مۇئمىن بولۇش. بۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھ ئىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشىنىشنى، ئىشەنچ قىلىشنى، بۇ ئىشىنىش ۋە ئىشەنچىنى دىلغا مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى «ئىمان - إيمان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەقىقەت دەپ بىلمەك (ئىشەنمەك)، سۆزىنىڭ راستلىقىغا ۋە ھۆكمىنىڭ ئادىللىقىغا ئىشەنچ قىلماق دېمەكتۇر. 3) ئاللاھقا ئىتائەتكار بولۇش. بۇ، ئاللاھ بۇيرۇغان ۋە تەرغىب قىلغان ئىشلارنى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىش، ئاللاھ توسقان ۋە مەنئى قىلغان ئىشلاردىن ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ ساقلىنىش ۋە بۇ ئىككى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق «ئىتائەتكار» دېگەن سۈپەت بىلەن ياشاش دېمەكتۇر. 4) راستچىل بولۇش. بۇ، نىيەتنىڭ خالىس، سۆزنىڭ توغرا ۋە ئەمەلنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنى راستچىللارغا راستچىللىقىنىڭ پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەننەت باغچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئەر - ئايال مۇئمىنلارنىڭ بۇ سۈپىتىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا بۇ سۈپەتنىڭ باشقا سۈپەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانىلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. 5) سەۋرچان بولۇش. بۇ، تائەت - ئىبادەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا، دەۋەت پائالىيىنىڭ مۇشەققەتلىرىگە، مۇسىبەتنىڭ دەرد - ئەلەملىرىگە، نەپسنى يىغىشنىڭ تەسلىكىگە ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۈشكۈللۈكلىرىگە چىداپ ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 6) ئاللاھقا ئېھتىرام قىلىش. بۇ، ئاللاھتىن ئەيمىنىش، ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ۋە ئاللاھقا تەزىم قىلىش دېگەن بولۇپ، بىرەر ياخشى ئىشنىڭ ۋاقتى كەلسە ئاللاھتىن ئەيمىنىپ ئۇ ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىش، بىرەر يامان ئىشنىڭ شارائىتى تېپىلىپ ئۇ ئىشنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاللاھتىن ئەيمىنىپ ئۇ ئىشتىن يېنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. 7) سەدىقە بېرىش. بۇ، پەرز زاكات، نەپلە سەدىقە، خالىس ئىئانە ۋە باشقا بارلىق خەير - ساخاۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسى «سەدىقە - صدقة» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 8) روزا تۇتۇش. بۇ، پەرز ۋە نەپلە روزالارنى تۇتۇشنى ئىپادىلەيدۇ. روزا تۇتۇش نەپسنى تەربىيىلەپ، ئۇنى تەقۋالىققا كۆندۈرىدۇ. تەقۋالىق بولسا، ياخشى ئەمەلنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ شەرتىدۇر. 9) ئىپپەتنى ساقلاش. بۇ، ئۆزىنىڭ جىنسىي پاكلىقىنى ھارامدىن ساقلاش دېگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ئەر - ئايال مۇئمىنلارنى ئالاھىدە بۇيرۇغان ۋە بۇنىڭ قىيامەت كۈنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ بىر سۈپىتىنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. 10) ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش. بۇ، دىلىدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، غەزىپى، ئازابى، رازىلىقى ۋە رەھمىتى قاتارلىقلارنى ئەسلەپ تۇرۇش، تىلىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر ئېيتىش، پۇت - قول، ئەزالىرىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بۇ ئون سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئەر - ئايال مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى بۈيۈك مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بۇ ئون سۈپەتنى «ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش»تا جەملەپ، بۇ ئەر - ئايال مۇئمىنلارغا ئاتا قىلىدىغان مەغپىرەتنىڭ ۋە بۈيۈك مۇكاپاتنىڭ دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (33-سۈرە ئەھزاب، 36-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ئاللاھقا ئىتائەت
    وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا
    ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلارنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق - ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم بىلدۈرۈپ ئايەت نازىل قىلغان ۋە ئۇ ئايەتنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق ئۇ ئايەتكە خلاپ ھۆكۈمنى تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يەتكۈزگەن ئۇ ھۆكۈمنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلمايدىكەن، ئۇ ھۆكۈمگە سەمىمىيلىك بىلەن بويسۇنمايدىكەن ۋە دادىللىق بىلەن ئىجرا قىلمايدىكەن، ئۇ كىشى توغرا يولدىن ئوچۇق - ئاشكارا شەكىلدە ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئۆزۈڭ ئوقۇغان ۋە يەتكۈزگەن ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىگە ئەستايىدىل بويسۇنۇشىڭ ۋە ئۇنى دادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشىڭ لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَاهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
    ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ئىنئام قىلغان، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن» دېگەن ئىدىڭ، بۇنى دېگەن چېغىڭدا ئاللاھ يېقىندا ئاشكارا قىلىدىغان ئىشنى ئىچىڭدە يوشۇراتتىڭ، ئىنسانلاردىن قورقاتتىڭ، ئەسلىدە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ لازىم ئىدى. زەيد ئايالىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ ياخشىلىق قىلغان، سەن تەربىيەلەپ ۋە ئازاد قىلىپ ياخشىلىق قىلغان كىشى (زەيد ئىبنى ھارىسە)گە: «ئايالىڭ زەينەبنى قويۇپ بەرمىگىن، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن؛ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياشاشقا سەۋر قىلغىن» دېگەن ئىدىڭ، سەن بۇ گەپلەرنى زەيدكە دېگەن چېغىڭدا ئاللاھ يېقىندا ئاشكارا قىلىدىغان ئىشنى (ئۇ كىشىنىڭ ئۇ ئايالدىن يېقىندا ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە سېنىڭ مۇئمىنلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ئۇ ئايال بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىڭنى) ئىچىڭدە يوشۇراتتىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىشى، ئېتىراز قىلىشى ۋە قارشى چىقىشىدىن قورقاتتىڭ، ئەسلىدە سېنىڭ بۇ ئىشقا بۇيرۇغان ئاللاھتىن قورقۇشىڭ لازىم ئىدى؛ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى دادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشىڭ كېرەك ئىدى. كېيىن زەيد ئۇ ئايالنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندە، يەنى زەيد زەينەبتىن ئاجرىشىپ، زەينەبنىڭ ئىددىتى توشۇپ زەيد بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىغاندا، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ۋە مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق؛ بۇ ئىشنى ئۇ باتىل ئادەتنى يوق قىلىشتا سېنىڭ ئۈلگە بولۇشۇڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. مَا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ ۖ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَقْدُورًا
    ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەبىي ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئاللاھ پەرز قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ، گۇناھكار بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر؛ بۇرۇن ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھ بۇيرۇغان ۋە رۇخسەت قىلغان بىرەر ئىشنى قىلىشتىن تارتىنغىنى، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلغىنى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنگىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر. ئى مۇھەممەد! بۇ سەۋەبتىن سەن بېقىۋېلىپ تەربىيەلىگەن بالاڭ ۋە ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلۇڭ زەيدنىڭ قويۇۋەتكەن ئايالى زەينەب بىلەن ئۆيلەنسەڭ ھېچ گۇناھكار بولمايسەن. بۇ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن مۇباھ قىلىنغان ۋە جارى بولۇپ كەلگەن ئىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. الَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَالَاتِ اللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا اللَّهَ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
    ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللاھ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزگەن، ئاللاھتىنلا قورققان ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدىغانلاردۇر، ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇ پەيغەمبەرلەر، ئۇممەتلىرىگە ئاللاھ نازىل قىلىپ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان ئەمر - پەرمانلارنى دادىللىق بىلەن يەتكۈزىدىغان، ھەر سۆز ۋە ھەر ئىشىدا پەقەت ئاللاھتىنلا قورقىدىغان، ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان كىشىلەر ئىدى. شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى: بەندىلەرنىڭ نىيەت، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېسابىنى پەقەت ئاللاھ ئالىدۇ، شۇڭلاشقا سەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك ئاللاھتىنلا قورققىن، ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغىن. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ نېمە دېيىشىگە پەرۋا قىلمىغىن، خۇسۇسەن ئاسراندىڭ زەيدنىڭ كونا خوتۇنى زەينەب بىلەن ئۆيلىنىشنى ئىنسانلارنىڭ نېمە دېيىشىگە پەرۋا قىلماستىن ئورۇندىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. مَا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِنْ رِجَالِكُمْ وَلَٰكِنْ رَسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
    مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس) — مۇھەممەد سالىھ

    مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىر ى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن ھېچكىمنىڭ، خۇسۇسەن زەيدنىڭ ھەقىقىي ئاتىسى ئەمەس، ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى ئۇنىڭغا زەيدنىڭ قويۇۋەتكەن ئايالىنى ئېلىش ھارام بولغان بولاتتى، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلانى قىلىشتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى، خۇسۇسەن بەندىلىرىنىڭ پۈتكۈل ئەھۋالىنى تولۇق بىلىدۇ، بەندىلىرىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى يولغا قويىدۇ، زىيانلىق بولغان ئىشلارنى چەكلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر سۆزى راست، ھەر ئىشى مۇكەممەل ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر. ئاللاھنىڭ كەڭ ئىلمى ۋە چوڭقۇر ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەندىسى مۇھەممەدنى ئاخىرقى پەيغەمبىرى قىلىپ تاللىدى ۋە بېقىۋىلنغان بالىنىڭ ئەمەلىيەتتە بېقىۋالغۇچىنىڭ بالىسى بولمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا بۇ ئىشتا ئۇنى ئۈلگە قىلدى، شۇڭلاشقا سىلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇڭلار، ھۆكمىگە ئىتائەت قىلىڭلار. زەيد ۋە زەينەبنىڭ كىملىكلىرى: 1) زەيد، قۇرئان كەرىمدە (بۇ سۈرىنىڭ 37 - ئايىتىدە) ئىسمى زىكىر قىلىنغان بىرلا ساھابە بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى «ئەبۇ ئۇسامە زەيد ئىبنى ھارىسە ئىبنى شۇرەھبىل (شۇراھبىلمۇ دېيىلىدۇ) كەلبىي»دۇر. ئۇنىڭ ئەسلى يەمەننىڭ «كەلب» قەبىلىسىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئون ياش كىچىك بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالا قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، جاھىلىيەتتە ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا «زىد ئىبنى مۇھەممەد - مۇھەممەدنىڭ ئوغلى زەيد» دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن مەدىنىدە بۇ (33 -) سۈرە ئەھزابنىڭ 4 - ۋە 5 - ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۆز ئاتىسى «ھارىسە»نىڭ ئىسمى بىلەن «زەيد ئىبنى ھارىسە - ھارىسەنىڭ ئوغلى زەيد» دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن «رەسۇلۇللاھنىڭ دوستى (ھىببىر رەسۇل - حب الرسول)» دېگەن لەقەم بىلەن تونۇلىدۇ. بۇ ساھابىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تۆۋەندىكىچە: زەيد جاھىلىيەت دەۋرىدە تېخى كىچىك بالا چېغىدا، ئانىسى «سۇئدا» بىلەن بىللە «مەئن» قەبىلىسىدىكى تۇغقانلىرىنى يوقلىغىلى كېتىۋاتقاندا، يولدا «بەنى قەين» قەبىلىسىنىڭ بەزى مەنسۇپلىرى تۇتۇپ ئېلىپ قاچىدۇ ۋە مەككىدە بىر بازاردا «ھەزرىتى خەدىجە»نىڭ جىيەنى «ھەكىم ئىبنى ھىزام»غا قۇل سۈپىتىدە ساتىدۇ، ھەكىم ئبنى ھىزام ئۇنى بازاردىن ئېلىپ كېلىپ ھاممىسى ھەزرىتى خەدىجىگە، ھەزرىتى خەدىجە مۇھەممەد ئەيلەيھىسسالامغا (ياتلىق بولغان چېغىدا) ھەدىيە قىلىدۇ. كېيىن يەمەننىڭ «كەلب» قەبىلىسىدىن مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر زەيدنى كۆرۈپ تونۇيدۇ، زەيد ئۇلارنى تونۇيدۇ، ئۇ ھاجىلار يۇرتىغا قايتقاندا زەيدنى مەككىدە كۆرگەنلىكلىنى، تۇرۇۋاتقان يېرىنى ۋە كىمنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى زەيدنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەيدنىڭ ئاتىسى ھارىسە ۋە تاغىسى كەئب زەيدنىڭ فىديىسىنى ئېلىپ مەككىگە كېلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدۇ ۋە زەيدنى فىديىسىنى ئېلىپ قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زەيدنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭغا خالىسا يېنىدا قېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، خالىسا ئاتىسى ۋە تاغىسى بىلەن بىللە كېتىش توغرىسىدا ئىختىيار بېرىدۇ، زەيد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قېلىشنى تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن زەيدنىڭ ئاتىسى ۋە تاغىسى ئۇنىڭ قېلىشىغا رازى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. بۇ ھادىسىدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زەيدنى كەئبىگە تۇتاش بولغان «ھىجىر»گە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە: «ئى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار! شاھىت بولۇڭلار، زەيد مېنىڭ ئوغلۇمدۇر، ئۇ ماڭا ۋارىس بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋارىس بولىمەن» دەيدۇ ۋە ئۇنى ئازاد قىلغانلقىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زەيد جاھىلىيەتتىكى ئادەت بويىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بولىدۇ ۋە «زەيد ئىبنى مۇھەممەد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن زەيد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمايدۇ ۋە ئۇ پەيغەمبەر بولغاندا تۇنجى بولۇپ ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ بىرى بولىدۇ، ھەتتا بەزى رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ ئەرلەردىن تۇنجى بولۇپ ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «تائىف»كە قىلغان سەپىرىدە زەيدنى بىللە ئېلىپ چىقىدۇ، تائىفلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماي، ئۇنى شەھەردىن قوغلاپ چىقارغاندا، زەيد ئۇلار ئاتقان تاشلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەگمىسۇن دەپ ئۆز ۋۇجۇدىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قالقان قىلىدۇ ۋە يارىدار بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زەيدكە دەسلەپتە مەككىدە ئۆزىنىڭ ئىنىكئانىسى ۋە ئازاد قىلىۋەتكەن چۆرىسى ھەبەشىستانلىق «ئۇممۇ ئەيمەن»نى ئېلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئايالدىن ئوغلى «ئۇسامە» تۇغۇلىدۇ ۋە زەيد بۇ ئايالدىن ئايرىلىپ كتېىدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاتا تەرەپتىن ھاممىسى «ئۇمەيمە بىنتى ئابدىلمۇتتەلىب»نىڭ قىزى «زەينەب بىنتى جەھش»نى ئېلىپ بېرىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك بۇ سۈرىنىڭ 4 - ۋە 5 - ئايەتلىرى نازىل قىلىنىپ بېقىۋېلىش بىلەن ھەقىقىي ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتى مەيدانغا كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئاسراندى بالىلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش لازىملىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، زەيد «زەيد ئىبنى مۇھەممەد» دەپ ئاتالمايدۇ، ئەكسىچە ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن «زەيد ئىبنى ھارىسە» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دوستى دېگەن مەنىدە «ھىببۇ رەسىلىللاھ - حب رسول الله» دېگەن لەقەم بىلەن تونۇلىدۇ. زەيد ھىجرەتنىڭ بەشىنچى يىلى «ئەھزاب غازىتى»دىن كېيىن ئايالى زەينەب بىنتى جەھشنى قويۇۋېتىدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يەنە بىر ھاممىسى «بەيزا بىنتى ئابدىلمۇتتەلىب»نىڭ قىزى «ئۇممۇ كۇلسۇم بىنتى ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيت»نى ئېلىپ بېرىدۇ، زەيدنىڭ بۇ ئايالدىن «زەيد ئىبنى زەيد» ۋە «رۇقىييە» دېگەن بالىلىرى تۇغۇلىدۇ، زەيد بۇ ئايالنىمۇ قويۇۋېتىدۇ، زەيد بۇنىڭدىن كېيىن « دۇررە بىنتى ئەبى لەھەب»نى ئالىدۇ، ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىپ، زۇبەيرنىڭ ھەمشىرىسى «ھىند بىنتى ئەۋۋام»نى ئالىدۇ. زەيد «بەدر»، «ئۇھۇد»، «خەندەك - ئەھزاب» غازاتلىرىغا، «ھۇدەيبىىيە سەپىرى»گە ۋە خەيبەرنىڭ فەتھىگە قېتىلىدۇ. «بەدر غەلىبىسى»نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى «قەسۋا»غا مىنىپ مەدىنىگە يەتكۈزىدۇ. «خەندەك غازىتى»دا مۇھاجىرلار قىسمىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستا ئوقچى ئىكەنلىكى رىۋيەت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نۇرغۇنلىغان قوشۇننى ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ئەۋەتكەن. مەسىلەن: «قەرەدە»، «جەمۇم»، «ئىيس»، «تەرف»، «ھىسما - بەنى جۇزۇم»، «ئۇممى قىرفە - بەنى فەزارە»، «بىرىنچى ۋادىل قۇرا»، «مەديەن» ۋە «ئىككىنچى ۋادىل قۇرا» قوشۇنلىرىنى ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ئەۋەتكەن. «مۇئتە غازىتى»دىمۇ بايراقنى ئۇنىڭغا بەرگەن ۋە ئۇنى قوشۇننىڭ باش قوماندانى قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، «ئەھزاب —خەندەك غازىتى» ئەسناسىدا ئىتتىپاقداش قوشۇنلارغا يەتتە يۈز كىشىلىك قوشۇن بىلەن قېتىلغان «بەنى سۇلەيم قەبىلىسى»نى جازالاش ئۈچۈن، زەيدنى «جەمۇم»غا ئەۋەتكەن، زەيد ئۆز قومانلىقىدىكى قوشۇن بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كەلگەن؛ كۆپ ساندا ئەسىر ۋە غەنىيمەت قولغا كەلتۈرگەن. زەيد ئىبنى ھارىسە ھىجرەتنىڭ سەككىزىنچى يىلى 55 يېشىدا مۇئتە غازىتىدا شېھىت بولغان. 2) زەينەب، ئەسلى ئىسمى «بەررە» بولۇپ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى «زەينەب» دەپ ئاتىغان. ئۇ «بەنى ئەسەد قەبىلىسى»دىن «جەھش» دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئانىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا تەرەپتىن ھاممىسى «ئۇمەيمە بىنتى ئابدىل مۇتتەلىب»تۇر. ئۇ مەككىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپى بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ۋە ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى زەيد ئىبنى ھارىسەگە ياتلىق بولغان بولۇپ زەيد مەدىنىدە ئۇنى قويۇۋېتىدۇ. ھىجرەتنىڭ بەشىنچى يىلى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مۇئمىنلارنىڭ ئانىلىرى» قاتارىغا قوشۇلىدۇ. ئۇ ھىجرەتنىڭ يىگىرمىنچى يىلى 53 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى قۇرئاندا ئوچۇق ئۆتمەيدۇ، لېكىن زەيد ئىبنى ھارىسە قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالغان ئايال شۇ زەينەب بولغانلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتتىكى (مۇشۇ سۈرە ‹ئەھزاب›نىڭ 37 - ئايىتىدىكى) ئىككى ئالماش ئۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ناھايىتى ئېنىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (33-سۈرە ئەھزاب، 41-ئايەت) زىكىر
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ نى كۆپ ياد قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار؛ دىلىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، غەزىپى، ئازابى، رازىلىقى ۋە رەھمىتى قاتارلىقلارنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار، تىلىڭلاردا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار، ياخشىلىققا بۇيرۇڭلار، يامانلىقتىن توسۇڭلار، پۇت - قول، ئەزالىرىڭلاردا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
    ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە ۋە ئاخىرىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار؛ ئاللاھنىڭ ھەرقانداق ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى كۈن بويى دىلىڭلاردا ئەسلەڭلار، تىلىڭلاردا ئىپادىلەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشقا ئالدىراڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. هُوَ الَّذِي يُصَلِّي عَلَيْكُمْ وَمَلَائِكَتُهُ لِيُخْرِجَكُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَكَانَ بِالْمُؤْمِنِينَ رَحِيمًا
    ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۇئمىنلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە رەھمەت تىلەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى كۇفرى ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت، ئىلتىپات ۋە ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، مەغپىرەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئالاھىدە رەھمىتى مۇئمىنلارغا خاستۇر. شۇڭلاشقا سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئىنايەتلىرىگە ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە لايىق بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار؛ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (33-سۈرە ئەھزاب، 44-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي مۇكاپات
    تَحِيَّتُهُمْ يَوْمَ يَلْقَوْنَهُ سَلَامٌ ۚ وَأَعَدَّ لَهُمْ أَجْرًا كَرِيمًا
    ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن يوللىنىدىغان سالام، (سىلەرگە) ئامانلىق بولسۇن (دېگەن سۆزدىن ئىبارەت)، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە «سالام» سۆزى بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ كىشىلەر قىيامەت كۈنى سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ؛ ئۇلارغا ئاللاھ سالام قىلىدۇ، پەرىشتىلەر سالام قىلىدۇ ۋە ئۇلار ئۆزئارا سالام قىلىشىپ بىر - بىرىنى تەبرىكلەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتتە ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
    ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! بىز سېنى گۇۋاھچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    (45-46) ئى نەبىي! بىز سېنى ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەنگەنلەرنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەش سۈپىتىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) گۇۋاھلىق بەرگۈچى. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بويىچە ھەقنى يەتكۈزۈپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ مۇئمىنلىقىغا، ئىنكار قىلغانلارنىڭ كافىرلىقىغا شاھىت بولۇشىنى، بۇرۇنقى ئىلاھىي كىتابلاردىكى ھەقنىڭ ھەق، ئىنسانلار قوشقان باتىلنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىم بىلەن شاھىت بولغۇچى ئىكەنلىكىنى، قىيامەت كۈنى ئۈممتىنىڭ باشقا پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ قەۋملىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىغا گۋاھلىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 2) خۇش خەۋەر بەرگۈچى. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلارغا، دۇنيادا بەختلىك ھاياتقا، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . 3) ئاگاھلاندۇرغۇچى. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى دۇنيادا بەختسىزلىككە، ئاخىرەتتە دوزاخقا دۇچار بولىدىغانلىقىنىڭ شۇم خەۋىرىنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . 4) ئاللاھنىڭ رۇخسەت بېرىشى، بۇيرۇشى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇرئان كەرىم بىلەن توغرا يولغا دەۋەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 5) نۇرلۇق چىراغ. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈش، ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇش بىلەن ئىنسانلارغا توغرا يولنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىشتە خۇددى قاراڭغۇلۇقتا ئەتراپنى ئېنىق يورۇتۇپ تۇرغان چىراغقا ئوخشايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىم «پارلاق نۇر» ھالىتىدە نازىل قىلىنغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنە شۇ پارلاق نۇر بولغان قۇرئان كەرىمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەنلىكى، ئۆگەتكەنلىكى ۋە ھاياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانلارغا قاراڭغۇلۇقتا چاقناپ تۇرغان چىراغ يولنى كۆرسەتكەندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن شەكىللەنگەن پەيغەمبەرلىك ھاياتىمۇ خۇددى چاقناپ تۇرغان چىراغ بولغان؛ ئۇ گۇمراھلىق ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مەنىۋى چىراغدۇر. ئايەتنىڭ «نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق» دېگەن مەنىدىكى قىسمى بۇنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بارلىق جاھان ئەھلى ئۈچۈن ئىلاھىي رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَدَاعِيًا إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجًا مُنِيرًا
    ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە سېنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىگە دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنى يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم

  47. وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ بِأَنَّ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ فَضْلًا كَبِيرًا
    مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئېھسانىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلارغا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئېھسانى بارلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بۈيۈك پەزل بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئىنسانلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ دەۋىتىڭ ئالدىدا ئىككىگە ئايرىلىدۇ : بىرى ساڭا ئىشەنگەنلەر، يەنە بىرى سېنى ئىنكار قىلغانلار. سەن ئىشەنگەنلەرگە رەھمىتىم، جەننىتىم ۋە بۈيۈك ئىلتىپاتىمغا ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ وَدَعْ أَذَاهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
    كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا قىلغان) ئازار ـ كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن (ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن)، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ ئازار - كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغىن، ۋەكىللىككە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ ۋە مۇنافىقلىق قىلىپ ئىمان ئىزھار قىلغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنىڭ ھېچبىر تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغىن، ھېچبىر پىكرىگە قوشۇلمىغىن ۋە ھېچبىر تەلىپىگە بويسۇنمىغىن. ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە تەنە - ھاقارەتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن، ھەر ئىىشڭدا بولۇپمۇ ۋەزىپەڭنى ئورۇنداشتا ئاللاھقا تايانغىن، قولۇڭدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ئاللاھ سەن ئۈچۈن يېتەرلىك ھىمايىچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (33-سۈرە ئەھزاب، 49-ئايەت) تالاق (ئاجرىشىش)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَكَحْتُمُ الْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَيْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّونَهَا ۖ فَمَتِّعُوهُنَّ وَسَرِّحُوهُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۆمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتماسلىقى كېرەك، ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر مۇئمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتۇش مەجبۇرىيىتى يوقتۇر، ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىن ئەرلەر! مۇئمىن ئاياللارنى ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى بىر يەردە بولماستىن تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇشىغا كېرەك يوق. ئۇلارغا مەنپەئەتلەنگۈدەك نەرسە بېرىڭلار ۋە ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىن ئەرلەر! مۇئمىن ئاياللار بىلەن نىكاھ توختىمى تۈزۈشۈپ، ئۇلارنى ئەمرىڭلارغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئاجرىشىپ كەتسەڭلار، ئۇلارغا ئىددەت تۇتقۇزۇش ھوقۇقۇڭلار بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. بۇ تەقدىردە ئۇلارغا ئۆزۈڭلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ مەنپەئەتلەنگۈدەك مال - مۈلۈك بېرىڭلار (كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم، بىر مىقدار پۇل، بىرەر زىننەت بۇيۇمى دېگەندەك نەرسە بېرىڭلار) ۋە ئۇلارنى ئۆيۈڭلاردىن چىرايلىقچە چىقىرىۋېتىڭلار؛ بارىدىغان يېرىگىچە يول كىراسى ۋە ئوزۇق - تۈلۈك بېرىڭلار، شۇنداقلا خاتىرجەم بېرىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىڭلار. بۇ توغرىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق: 1) نىكاھتىن ئىلگىرى ئايالنىڭ تويلۇقى بەلگىلەنگەن بولسا، ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇش بىلەن ئەرنىڭ بەلگىلەنگەن تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى ئايالىغا بېرىشى لازىم، نىكاھتىن ئىلگىرى تويلۇق بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇش بىلەن ئەرنىڭ ئۇ ئايالغا تويلۇقىنى بېكىتىپ، بېكىتىلگەن تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بېرىشى پەرز بولىدۇ. بۇ تەقدىردە بۇ ئايالنىڭ ئۇ ئەر ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇشى كېرەك، 2) ئەگەر ئەر، ئايالىنى بىر يەردە بولماي ۋە تويلۇق بېكىتمەي تۇرۇپ قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ ئۇ ئايالغا مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بىر نەرسە بېرىشى لازىم، 3) ناۋادا ئەر ئايالىنى بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە تويلۇق بېكىتكەندىن كېيىن قويۇۋەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئەرنىڭ بېكىتىلگەن تويلۇقنىڭ يېرىمىنى ئايالغا بېرىشى لازىم. بۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شەكىلدە تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. تالاق ۋە ئىددەت توغرىسىدا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 228 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ اللَّاتِي هَاجَرْنَ مَعَكَ وَامْرَأَةً مُؤْمِنَةً إِنْ وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنْ أَرَادَ النَّبِيُّ أَنْ يَسْتَنْكِحَهَا خَالِصَةً لَكَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ ئېگە بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۇئمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەرمۇ ئۇنى ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۇئمىنلارغا ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا -ھالال قىلدۇق-، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن -سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق-، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان غەنىيمەتلەردىن سەن ئىگە بولغان چۆرىنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى، ئۆزىنى نەبىيگە ھەدىيە قىلغان ۋە نەبىي نىكاھىغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا ھالالدۇر. بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بۇنى قىيىنچىلىق تارتماسلىقىڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە تۆت تۈرلۈك ئايالنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خۇسۇسىي شەكىلدە ھالال قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: 1) ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى ساڭا ھالال قىلدۇق؛ مەھرىنى ئالدىن بېرىپ ئۆيلىنىش ۋە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سەن ئۈچۈن ھالالدۇر. 2) ئاللاھ ساڭا ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان غەنىيمەتلەردىن سەن ئىگە بولغان چۆرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق، بۇنداق چۆرە بىلەن بىر يەردە بولۇش سەن ئۈچۈن ھالالدۇر. 3) ئاتا تەرەپتىن ۋە ئانا تەرەپتىن تاغا - ھاممىلىرىڭنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق؛ ئاتاڭ ۋە ئاناڭ تەرىپىدىن سەن بىلەن بىر نەۋرە كېلىدىغان ۋە سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان ئاياللارنى نىكاھىڭغا ئېلىش ساڭا ھالالدۇر. 4) ئۆزىنى ساڭا ھەدىيە قىلغان ۋە سەن نىكاھىڭغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق؛ ناۋادا بىرەر مۇئمىنە ئۆزىنى ساڭا ھەدىيە قىلسا ۋە سەن ئۇنى نىكاھىڭغا ئېلىشنى خالىساڭ، بۇ ئايالنى نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈملەر مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا خاستۇر. بۇ قوشۇمچە جۈملە يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەرنى تەكىتلەيدۇ. بۇ تەكىت مۇنداق شەكىلدە: ئا) ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلار نىكاھىغا ئالماقچى بولغان خوتۇنلارغا تويلۇقلىرىنى پۈتۈشمەستىن نىكاھىغا ئالسا ۋە تويلۇقلىرىنى بەرمەستىن ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولسا بولىدۇ، لېكىن بۇ سەن ئۈچۈن بولمايدۇ. ئالدىنقى (49 -) ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بۇ مەسىلە بايان قىلىندى. ئە) ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا چۆرىلەرنى ئېلىشنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئازاد ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا قۇربى يەتمەسلىكى شەرت. بۇ ھەقتە 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 5 ~ 6 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ب) ئى مۇھەممەد! باشقا مۇئمىنلار ئۆزلىرى بىلەن ئاتا تەرەپتىن ياكى ئانا تەرەپتىن بىر نەۋرە كېلىدىغان ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشنىڭ جائىزلىقىدا، ئۇ ئاياللارنىڭ ئۇ ئەرلەر بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، لېكىن بۇ ھىجرەت سەن ئۈچۈن شەرتتۇر. پ) ئى مۇھەممەد! بىر مۇئمىنە بىر مۇئمىنغا ئۆزىنى ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ؛ تويلۇق بەدىلىگە ياتلىق بولۇشى لازىم، لېكىن بىرەر مۇئمىنە ساڭا ئۆزىنى ھەدىيە قىلسا ۋە سەن ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىشنى خالىساڭ، ئۇ مۇئمىنەنى نىكاھىڭغا ئېلىش ساڭا ھالالدۇر. ئايەتنىڭ داۋامىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز؛ مۇئمىنلار نىكاھ توغرۇلۇق ھازىرغىچە بەلگىلەنگەن ھۆكۈملەر بويىچە نىكاھلانسا بولىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھۆكۈملەر ساڭا خاس بولۇپ مۇئمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بىز بۇ ھۆكۈملەرنى ساڭا خاس قىلىپ بەلگىلىشىمىز سېنىڭ مەزكۇر ئاياللاردىن خالىغىنىڭنى نىكاھىڭغا ئېلىشتا چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىڭ ۋە نىكاھىڭدا تۇتۇشتا ئۆزۈڭنى قىيىنچىلىقتا ھېس قىلماسلىقىڭ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭدۇر؛ خالىغان بەندىسىگە خالىغان نەرسىنى مۇباھ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. تُرْجِي مَنْ تَشَاءُ مِنْهُنَّ وَتُؤْوِي إِلَيْكَ مَنْ تَشَاءُ ۖ وَمَنِ ابْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَا آتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
    ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر - جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى كېچىكتۈرۈپ، خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ گۇناھكار بولمايسەن. بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، غەمكىن بولماسلىقىغا ۋە ھەممىسىنىڭ سېنىڭ بەرگىنىڭگە رازى بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ ئاياللاردىن خالىغىنىڭنى نىكاھىڭغا ئېلىشنى كېچىكتۈرۈپ، خالىغىنىڭنى نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، نىكاھىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭدىن ئايرىلىپ بىر يەردە بولماي تۇرساڭ، خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ ھېچ گۇناھكار بولمايسەن. ئاللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى سېنىڭ خاھىشىڭغا قويۇشى ئۇ ئاياللارنىڭ رازى بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا ۋە ھەممىسىنىڭ سېنىڭ تەسەررۇپۇڭغا رازى بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ھەر ئىشنى ئاللاھ بەرگەن ئىختىيار بىلەن قىلغانلىقىڭنى بىلىدۇ - دە، سېنىڭ تەسەررۇپۇڭدىن نارازى بولمايدۇ. ئاللاھ قەلبىڭلاردىكى سىرلارنى بىلىدۇ؛ نىيەت ۋە تۇيغۇلىرىڭلارنى توغرىلاڭلار، دىققەت قىلىڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، خاتالاشقانلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. لَا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاءُ مِنْ بَعْدُ وَلَا أَنْ تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ رَقِيبًا
    (ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاياللىرىڭنى قويۇۋېتىپ ئۇلارنى ئەمرىڭگە ئېلىش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇندىن كېيىن يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلىشىڭمۇ ھالال ئەمەس. پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ - باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ - ساڭا ھالال بولمايدۇ. قول ئاستىڭدىكى مۇستەسنا. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللار ساڭا ھالال بولمايدۇ؛ ئەمرىڭدىكى ئاياللارنى قويۇپ بېرىپ ئورنىغا باشقىسىنى ئالماشتۇرۇشىڭمۇ ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى بۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. لېكىن قول ئاستىڭدىكى چۆرە ساڭا ھالال بولىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا كۆڭۈللىرىگە ياققان ئاياللاردىن ھەممىسىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش شەرتى بىلەن تۆتكىچە نىكاھىغا ئېلىشنىڭ جائىزلىقىنى ۋە ئادىل بولالماسلىقىدىن قورققانلارغا بىر ئايالنى ئېلىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (50 -) ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەخسۇس ھالال قىلىنغان ئاياللارنى بايان قىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايەتلەر نازىل بولغاندا سەۋدە بىنتى زەمئە، ئائىشە بىنتى ئەبى بەكر سىددىق، ھەفسە بىنتى ئۆمەر، ئۇممۇ سەلەمە (ھىند بىنتى ئەبى ئۇمەييە)، زەينەب بىنتى جەھش، (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي!) قاتارلىق بەش ئايالى بار ئىدى، كېيىن «بەنى مۇستەلىق (مۇرەيسىئـ)غازىتى» ئەسىرەلىرىدىن جۇۋەيرىييە بىنتى ھارىسنى ۋە «بەنى قۇرەيزە غازىتى»ئەسىرەلىرىدىن سەفىييە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەبنى ئازاد قىلىپ ئاندىن نىكاھىغا ئالغان. بۇ ئىككى ئايال مۇسۇلمان بولۇپ «مۇئمىنلارنىڭ ئانلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرە (ئەھزاب)نىڭ 28 - ۋە 29 - ئايەتلىرىنى نازىل قىلىپ ئۇلارغا دۇنيا مەنپەئەتىنى ياكى ئاخىرەت مۇكاپاتىنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەندە، بۇ ئاياللار ئاخىرەت مۇكاپاتىنى تاللىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نىكاھىدا تۇتۇش ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىپ ئورنىغا باشقا ئاياللار بىلەن ئۆيلەنمەسلىك ھەققىدە تەلىمات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئەمرىدىكى ئاياللارنى نىكاھىدا تۇتقان، لېكىن ھجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى مەيمۇنە بىنتى ھارىس ئۆزىنى ھەدىيە قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئۆيلەنگەن، ئەينى يىلى ھەبەسىشتاندا ئېرىدىن تۇل قالغان ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى ئەبى سۇفيان بىلەنمۇ ئۆيلەنگەن، ئاندىن مىسر پادىشاھى «مۇقەۋقىس» ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتكەن «مارىيە» بىلەن بىر يەردە بولغان ۋە مارىيە قورساق كۆتۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋاق چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلى «ئىبراھىم»نى تۇغقان. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رەيھانە دېگەن چۆرىسى بىلەنمۇ بىر يەردە بولغان. دېمەككى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نىكاھىدىكى ئاياللارنى قويۇپ بەرمەسلىك شەرتى بىلەن 50 - ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن خالىغىنىنى خالىغان چېغىدا نىكاھىغا ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ چۆرىسى بىلەن بىر يەردە بولۇش ھالال قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتَ النَّبِيِّ إِلَّا أَنْ يُؤْذَنَ لَكُمْ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيْرَ نَاظِرِينَ إِنَاهُ وَلَٰكِنْ إِذَا دُعِيتُمْ فَادْخُلُوا فَإِذَا طَعِمْتُمْ فَانْتَشِرُوا وَلَا مُسْتَأْنِسِينَ لِحَدِيثٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ يُؤْذِي النَّبِيَّ فَيَسْتَحْيِي مِنْكُمْ ۖ وَاللَّهُ لَا يَسْتَحْيِي مِنَ الْحَقِّ ۚ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ ۚ وَمَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُؤْذُوا رَسُولَ اللَّهِ وَلَا أَنْ تَنْكِحُوا أَزْوَاجَهُ مِنْ بَعْدِهِ أَبَدًا ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ عِنْدَ اللَّهِ عَظِيمًا
    ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلىپ كىرسەڭلار، تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، ئۇنداق قىلىشىڭلار پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ ئەمما پەيغەمبەر بۇنى ئېيتىشقا سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەقتىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ پاكتۇر، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار توغرا ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىشىڭلار ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! نەبىينىڭ ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىرىلماستىن كىرىپ، تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار. لېكىن چاقىرىلغان چېغىڭلاردا كىرىڭلار، تاماقنى يەپ بولۇپ دەرھال تارقاپ كېتىڭلار. پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالماڭلار. بۇ نەبىيگە ئەزىيەت بېرىدۇ، ئۇ سىلەرگە بىر نەرسە دېيىشتىن تارتىنىدۇ، لېكىن ئاللاھ ھەقنى سۆزلەشتىن تارتىنمايدۇ. ئەگەر سىلەر نەبىينىڭ ئاياللىرىدىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار، ئۇنى پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەزىيەت بېرىشىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلار قەتئىي توغرا بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، لېكىن پەيغەمبەر سىلەرنى تاماققا چاقىرىپ ئىجازەت بەرگەندە ۋاقتىدا كىرىڭلار، تاماق پىشقان ۋە داستىخانغا قويۇلغانلىقىنى بىلىپ بولۇپ كىرىڭلار، بۇرۇن كىرىپ تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، پەيغەمبەر چاقىرغان ۋاقىتتا كىرىڭلار ۋە تاماقنى يەپ بولۇپ دەرھال چىقىپ تارقاپ كېتىڭلار، تاماقتىن كېيىن ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالماڭلار. نەبىينىڭ ئۆيىگە ئىجازەتسىز كىرىش، ئىجازەت بېرىلگەن تەقدىردىمۇ بۇرۇن كىرىش ۋە تاماقتىن كېيىن ئۇزۇن ئولتۇرۇش نەبىيگە ئەزىيەت بېرىدۇ؛ پەيغەمبەر ۋە ئائىلىسى بۇ ئىشلاردىن سىقىلىدۇ، بىئارام بولىدۇ ۋە بىئەپلىك ھېس قىلىدۇ. پەيغەمبەر سىلەرگە چىقىپ كېتىشىڭلار توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشتىن تارتىنىدۇ، لېكىن ئاللاھ ھەقنى سۆزلەشتىن تارتىنمايدۇ؛ سىلەرگە ئەنە شۇنداق ئەدەپ - ئەخلاقلارنى ئۆگىتىدۇ. ئى مۇئمىلار! ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىرەر نەرسە - كېرەك سورىماقچى بولساڭلار، ئۇ نەرسىنى سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراڭلار. ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيىگە ئىجازەتسىز كىرمەسلىك، ئىجازەت بېرىلگەندە ۋاقتىدا كىرىش، كىرگەندە پاراڭلىشىپ ئولتۇرماسلىق، تاماقنى يەپ بولۇپ دەرھال چىقىپ كېتىش ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىرەر نەرسە - كېرەك سورىماقچى بولغاندا تارتىپ قويۇلغان پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراش قاتارلىق ئىشلار، سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى شەيتان ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلايدۇ ۋە بولمىغۇر خىياللاردىن پاك تۇتىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى تەرەپنى باشقىلارنىڭ شەك - شۈبھىلىرىدىن ۋە گۇمانلىرىدىن يىراق تۇتىدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھايات چاغدا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىشىڭلار ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلار قەتئىي توغرا بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھايات چاغدا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىش ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرى بىلەن ئۆيلىنىش ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى سىلەرنىڭ ئانىلىرىڭلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. إِنْ تُبْدُوا شَيْئًا أَوْ تُخْفُوهُ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
    بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يا (دىلىڭلاردا) يوشۇرساڭلارمۇ (ئاللاھ ھامان بىلىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىر نەرسىنى مەيلى ئاشكارىلاڭلار ياكى يۇشۇرۇڭلار بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر بىرەر نەرسىنى ئاشكارا قىلىساڭلارمۇ ياكى يوشۇرساڭلارمۇ ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر بىرەر ئىشنى ئاشكارا ھالدا قىلساڭلارمۇ، يوشۇرۇن ھالدا قىلساڭلارمۇ ئاللاھ ھەر ئىككىسىنى ئوخشاشلا بىلىپ تۇرىدۇ. جۈملىدىن سىلەر پەيغەمبەرنى رەنجىتىدىغان بىرەر سۆزنى ئاشكارا ئېيتساڭلار ياكى ئۇنى رەنجىتىدىغان بىرەر ئىشنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكسەڭلار ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ سىلەر ئۈچۈن يوشۇرۇن بولغان نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (33-سۈرە ئەھزاب، 55-ئايەت) نىكاھ ئاللاھتىن قورقۇش
    لَا جُنَاحَ عَلَيْهِنَّ فِي آبَائِهِنَّ وَلَا أَبْنَائِهِنَّ وَلَا إِخْوَانِهِنَّ وَلَا أَبْنَاءِ إِخْوَانِهِنَّ وَلَا أَبْنَاءِ أَخَوَاتِهِنَّ وَلَا نِسَائِهِنَّ وَلَا مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ ۗ وَاتَّقِينَ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدًا
    ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۆمىن ئاياللار بىلەن، قۇل، چۆرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۇئمىن ئاياللار بىلەن، قۇل، چۆرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، -ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!- ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەبىنىڭ ئاياللىرىغا ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئاياللىرى ۋە قول - چۆرىلىرىدە گۇناھ يوقتۇر[7]. ئى مۇئمىن ئاياللار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، جىيەن ئوغۇللىرى (ئاكا - ئۇكا ۋە ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇللىرى)، مۇئمىن ئاياللار ۋە قۇل - چۆرىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشسە، ئارىسىدا پەردە يوق ھالەتتە گەپلەشسە گۇناھكار بولمايدۇ. ئى ئاياللار! ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەرلەردىن باشقا ئەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەڭلار، گەپلەشكەن چېغىڭلاردا ئاراڭلاردا پەردە بولسۇن، شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى: ئاللاھ ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن سىلەرنىڭ ھەر قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، دىققەت قىلىڭلار، ئاللاھ بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ياشاڭلار. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى 24 - سۈرە (نۇر)نىڭ 31 - ئايىتىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشىشىدۇ. دېمەككى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بۇ چەكلىمىنى ئومۇمىي مۇئمىن ئاياللارنىڭ قاتارىدىمۇ قويغان، بۇ ئايەتتە ئۇلارغا ئالاھىدە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئەسكەرتىش: ئاتا ۋە ئانا تەرەپتىن تاغىلارنى «ئاتىلار» ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى «ئاتا - أب» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە تاغىلار ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. (33-سۈرە ئەھزاب، 56-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى سالاۋات
    إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ ۚ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
    ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇ نەبىيگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەپ تۇرىدۇ. ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە تولۇق تەسلىم بولۇڭلار[8]. — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇ نەبىيگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەپ تۇرىدۇ. ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا سالام يوللاڭلار. بۇ ئايەتتە رەھمەت قىلىش ۋە رەھمەت تىلەش مەنىسىدىكى كەلىمە «سالات - صلاة» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن پېئىللاردۇر. بۇ كەلىمىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ئىگىسىگە (فائىلىغا) قاراپ ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن: ئىگىسى ئاللاھ تائالا بولغاندا مەنىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلماق، ئۇنى ماختىماق، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ، ئىگىسى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار بولغاندا ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەنە شۇ ئىلتىپاتلارنى تىلىمەك دېگەن بولىدۇ. «سالام يوللاش»قا كەلسەك، بىر كىشىنىڭ ئۆز يېنىدىكى كىشىگە سالام قىلىشى ئۇنىڭدىن تىنچ - ئامانلىقىنى سورىغانلىقى، يېنىدا بولمىغان كىشىگە سالام يوللىشى بولسا ئۆزىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ئۇنىڭغا خەۋەر قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ تىنچ - ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغانلىقى مەنىسىدە بولىدۇ. مۇئمىنلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ مەنىلەردە سالام يوللىشىنىڭ مەنىسى بولمايدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن تىنچ - ئامانلىق سوراش، تىنچ - ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ئىزھار قىلىشنىڭ كېرىكى ۋە ئەھمىيىتى يوقتۇر. شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سالام يوللىشىنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن روھانىي ئالەمدە ياخشى نام، ئۈستۈن دەرىجە ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىشىنى تىلىگەنلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئاللاھ بۇ پەيغەمبەر (مۇھەممەد)كە رەھمەت ياغدۇرۇپ تۇرماقتىدۇر، پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنى ماختىماقتىدۇر، روھانىي ئالەمدە ئۇنىڭ شەنىنى كۆتۈرمەكتىدۇر. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئۈستۈن دەرىجە ۋە ئالىي ماقام تىلەپ تۇرماقتىدۇر. ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ بۇ پەيغەمبەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئۈستۈن دەرىجە ۋە ئالىي ماقام تىلەڭلار، روھانىي ئالەمدە ئۇنىڭغا ياخشى نام ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا دۇرۇت ئوقۇغانلىق ۋە سالام يوللىغانلىقنىڭ مەنىسى. ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا ئەنە شۇ ئىلتىپاتلارنى تىلىگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى بۇ ئىككى ئىشقا بۇيرۇيدۇ. مۇئمىنلار بۇ ئىككى بۇيرۇقنى ھەر كۈن نامازلىرىنىڭ ئاخىرىدا «ئەتتەھىيياتۇ...»، «ئاللاھۇممە سەللىئەلا...» ۋە «ئاللاھۇممە بارىكئەلا...»لارنى ئوقۇش بىلەن ئورۇندىماقتا، چۈنكى بۇ ئىلاھىي ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىجراسىنى بۇ شەكىلدە ئۆگەتكەن. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ۋە ئاڭلىغان مۇئمىنلارمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇت ۋە سالام يوللايدۇ. بۇ ھەقتىمۇ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا نامازدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇغانلىق ۋە سالام يوللىغانلىق ھەرگىزمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بىرەر نەرسە تىلىگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە ئىلتىپات تىلىگەنلىكتۇر، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىقتۇر. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ناماز، نامازخاننىڭ ئاللاھقا تەزىم قىلىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز ئاجىزلىقىنى ئىقرار قىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. نامازنىڭ شەكىل، قىرائەت ۋە زىكىر تەسبىھلىرىدە بۇ مەنىلەر تېپىلىدۇ. مەسىلەن: نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھە ئوقۇلۇشى شەرت قىلىنغان، فاتىھە ئاللاھقا ھەمدۇسانا، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھقا ئەھدە بېرىش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رۇكۇئـ - سەجدەنىڭ شەكلى ئاللاھقا تەزىم قىلغانلىقنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ، ئوقۇلغان تەسبىھلەر بۇ مەنىلەرنى تەكىتلەيدۇ. نامازنىڭ ئاخىرى، باشتا ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى يېڭىلاش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئەتتەھىيياتۇ...»، دۇرۇتلار ۋە دۇئانىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلغان ھەر كىشى بۇنى چۈشىنەلەيدۇ. ئەسلىدە نامازنىڭ ئاخىرىدىكى بۇ تەرتىپ مۇئمىنغا ئادەتتىكى چاغلاردا دۇئا قىلىشنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، باشتا پەيغەمبەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ئۈستۈن دەرىجە تىلەش، ئاندىن ئۆزىگە ۋە باشقا مۇئمىنلارغا ياخشىلىق تىلەش، چۈنكى بۇ پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر، ئۇز جانلىرىدىنمۇ ئەزىزدۇر، بۇ سەۋەبتىن ھەر مۇئمىننىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن ئىلگىرى ئۇ پەيغەمبەرگە ياخشىلىق تىلىشى لازىمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (33-سۈرە ئەھزاب، 57-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب رەسۇلنى قوللاش
    إِنَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُهِينًا
    ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتكەنلەرگە ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

    بىرەر يامان ئىشنى قىلىش ياكى بىرەر ناشايان سۆزنى ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتكەنلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ۋە خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ؛ ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، شېرىك كەلتۈرۈش، بالا مەنسۇپ قىلىش. مۇنافىقلىق قىلىش ۋە تۆھمەت قىلىش ئاللاھنى رەنجىتكەنلىك بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى تىللاش، ھاقارەت قىلىش، كەمسىتىش، مەنسىتمەسلىك، ئۇنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ ھۆرمىتىگە چېقىلىش، شان - شەرىپىگە تەنە قىلىش ئۇنى رەنجىتكەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك رەنجىتىش گۇناھىنى قىلغانلار دۇنيا - ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە يولۇقىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (33-سۈرە ئەھزاب، 58-ئايەت) يالغانچىلىق تۆۋە-ئىستىغپار
    وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
    مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلار ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار شۇ بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى، ئۇلار قىلمىغان ئىشلار بىلەن قارىلاپ رەنجىتكەنلەر بولسا، بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋېلىشقان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مۇئمىن ئەرلەرنى ۋە مۇئمىن ئاياللارنى، ئۇلار قىلمىغان بىرەر ئىش بىلەن ياكى ئۇلار ئېيتمىغان بىرەر سۆز بىلەن قارىلاپ رەنجىتكەنلەر، ئۇلارغا ھەقىقەتەن بوھتان چاپلىغان بولىدۇ ۋە قەبىھلىكى ئاشكارا گۇناھنى قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى: پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك دەپ تۇنۇلۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ رەنجىتىلمەسلىكىگە ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: ئۇلار سىرتقا چىقماقچى بولسا پۈركەنچىلىرى بىلەن بەدەنلىرىنى ئورىۋالسۇن، ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن ۋە تۈگمىلىرىنى ئېتىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرسۇن، باشلىرىغا چوڭ ياغلىقلىرىنى ئارتىپ ئەتراپىنى تۆۋەن تەرىپىگە قويۇۋېتىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنلىرىنى يۆگىسۇن. بۇ شەكىلدە يۆگىنىش، ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىىدن تونۇلۇپ رەنجىتىلمەسلىكىگە ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭدۇر، ئاللاھ يامان يولدىن يانغان بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ياخشى يولدا ماڭغان بەندىلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت قىلىدۇ. «پۈركەنجىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «جىلباب - جِلْبَاب»نىڭ كۆپلۈكى «جلابىب - جلابيب» بولۇپ، جىلباب لۇغەتتە خىمار (ياغلىق)دىن كەڭ، رىدادىن كىچىك بىر تۈرلۈك كىيىم، بەدەننىڭ ھەممىنى يۆگەيدىغان كىيىم، كۆڭلەك، پۈركەنجە، يېپىنچا، باش بىلەن كۆكسىنى يۆگەيدىغان كىيىم، ياغلىق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، يەنى «جىلباب» دېگەن سۆز ئەرەبچىدە ئەخمەت، زەينەب دېگەندەك خۇسۇسىي ئىسىم بولماستىن، ئەكسىچە ئەر كىشى، ئايال كىشى دېگەندەك ئومۇمىي ئىسىمدۇر. شۇڭلاشقا مىللەت، ئىرق ۋە تەۋەلىك ئايرىماستىن ھەر ئايال «مەرئە - مرأة»، ھەر ئەر «رەجۇل - رجل» دېيىلگەندەك، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەرقانداق مىللەتكە مەنسۇپ ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىمىمۇ «جىلباب» دېيىلىدۇ. بۇنى، شۇ ئايال ياشاۋاتقان ئىقلىم ياكى شۇ رايوننىڭ شارائىتى ۋە ياكى شۇ ئايالنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بەلگىلەيدۇ، مۇھىمى قانداق كىيىم كىيىش ئەمەس، ئەكسىچە بەدەننىڭ يۆگىلىشىدۇر. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى يۆگەشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن شەكىل توغرۇلۇق بىرەر بەلگىلىمە قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۆگەش، بەدەننى باشتىن - ئاخىر يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىمنى كىيىش ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، بويۇننىڭ ئاستى قىسمىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىمنى كىيىش بىلەن بىرگە باشقا ئايرىم بىر ياغلىق ئارتىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْمُرْجِفُونَ فِي الْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَا إِلَّا قَلِيلًا
    ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار قىلمىشلىرىدىن يانمىسا، -ئى مۇھەممەد- ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىتلا تۇرالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر مۇنافىقلار، قەلبىدە كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يامان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلار قىلمىشلىرىدىن توختىمىسا سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرالايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىشتىن، پاسىقلار ئەخلاقسىزلىق قىلىشتىن ۋە ئىغۋاچىلار پىتنە - پاساتچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت يامان قىلمىشلىرى بىلەن ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا ئەزىيەت قىلىشتىن توختىمىسا، بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالىمىز، سېنى ئۇلارنى جازالاشقا بۇيرۇيمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەدىنىدە پەقەت ئازغىنە ۋاقىت سەن بىلەن قوشنا بولۇپ تۇرالايدۇ؛ بىز سېنى ئۇلارنى جازالاشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن سەن ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىسەن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلىسەن، مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايسەن، نەتىجىدە سەن ياشاۋاتقان شەھەر «مەدىنە» ئۇلارغا تار كېلىدۇ ۋە ئۇلار بېسىمغا چىدىماي شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. «مۇنافىقلار» - كافىرلارنىڭ يالغانچىلىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 8 ~ 20 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. «قەلبىدە كېسەل بارلار» ئىمانى ئاجىز، ئىسلامنىڭ توغرىلىقى دىلىغا مۇستەھكەم ئورۇنلاشمىغان، بۇ سەۋەبتىن مۇنافىقلارنىڭ ھىيلە- نەيرەڭ ۋە پىتنە - پاساتلىرىغا ئالدىنىپ مۇئمىنلارغا زىيان سېلىشتا مۇنافىقلاردىن قېلىشمايدىغان گۇرۇھتۇر. «يالغان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلار»غا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئەسلىدە ئەنە شۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ بىر تۈركۈمىدۇر. مۇنافىقلار مۇئمىنلارغا قارشى مەخپىي ھالدا ھىيلە - نەيرەڭ قىلىش، سۈيىقەست پىلانلاش ۋە مۇسىبەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ، قەلبىدە كېسەل بار ئادەملەر ئۇلارنىڭ گۇپپاڭچىلىقىنى قىلىدۇ، مەنپەئەت ۋە زوقىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇئمىن ئاياللارغا يامان كۆز بىلەن قارايدۇ ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئىككى تائىپىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر غازاتقا كەتكەن قوشۇنلار ھەققىدە «مەغلۇپ بولۇپتۇ، يېڭىلىپ كېتىپتۇ، ھەممىسى ئۆلۈپتۇ...» دېگەندەك يالغان - ياۋىداق خەۋەرلەرنى تارقىتىپ مۇئمىنلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى ۋە بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىدۇ، ئۇلارنى قورقۇنچ ۋە دەھشەتكە چۈشۈرىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار مۇئمىنلار جەمئىيىتىنى لەرزىگە سالىدۇ. «مۇرجىفۇنە - مرجفون» كەلىسىنىڭ تىترەتمەك، تەۋرەتمەك، سىلكىمەك، لەرزىگە سالماق دېگەن سۆز تومۇرى «مەسدەر)دىن تۈرلەنگەن كۆپلۈك ئېنىق سۈپەتداش بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە مۇنافىقىلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. (33-سۈرە ئەھزاب، 61-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    مَلْعُونِينَ ۖ أَيْنَمَا ثُقِفُوا أُخِذُوا وَقُتِّلُوا تَقْتِيلًا
    ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تېپىلغان يەردە تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سېنى مۇئمىنلار بىلەن مەزكۇر ئۈچ تائىپىگە قارشى كۈشكۈرتكەن چاغدا، ئۇلار ئۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە مەدىنىدە لەنەتگەردى بولۇپ ياشايدۇ، مۇئمىنلار ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ؛ ئۇلارنى قارغايدۇ، چەتكە قاقىدۇ ۋە يەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇئمىنلارنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ ئەندىشە بىلەن ياشايدۇ، مۇئمىنلارنى كۆرگەن يەردە ئۇلارغا كۆرۈنمەسلىككە تىرىشىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنداق قېچىپ يۈرۈپ جازالىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، مۇئمىنلار تەرىپىدىن تېپىلغان يەردە تۇتۇلىدۇ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ، مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۆزلىرى ئۆلتۈرۈپ تاشلىنىدۇ، تەلتۆكۈس يوق قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن مەزكۇر مۇنافىق تائىپىلىرى مۇئمىنلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ۋە يالغان خەۋەر تارقىتىشتىن توختىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ جازا ئىجرا قىلىنمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. (33-سۈرە ئەھزاب، 62-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم توغرا يول
    سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
    بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن يامان قىلمىشلىرىدىن توختىمىسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا جازالايدىغان كىشىنى مۇسەللەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر؛ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە خائىنلىق قىلغانلارغا ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرلەرنى جازالاش ئۈچۈن ۋەزىپىلەندۈرگەن، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇ مۇنافىقلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن. ئاللاھنىڭ بۇ قانۇنى قىيامەتكە قەدەر ئۆزگەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. (33-سۈرە ئەھزاب، 63-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى ئاللاھنىڭ ئىلمى
    يَسْأَلُكَ النَّاسُ عَنِ السَّاعَةِ ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
    كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن، قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ مەلۇماتى پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلار سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ». سەن نەدىن بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىندا قايىم بولۇشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار قىيامەتنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلار سېنى سىناش ئۈچۈن، سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ؛ مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىيلار ساڭا «قىيامەت قاچان قايىم بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ؛ ئاللاھ قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەن، جۈملىدىن ماڭىمۇ بىلدۈرمىگەن، شۇڭلاشقا مەن ۋە باشقا ھېچكىم ئۇ توغرىدا بىرەر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس». ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ قىيامەتنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ توغرىدا پەيغەمبەردىن سوئال سوراشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، لېكىن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. إِنَّ اللَّهَ لَعَنَ الْكَافِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمْ سَعِيرًا
    ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

    (64-65) مۇنافىقلارنىڭ جازاسى، دۇۇنيادىكى جازا بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئەسلىي جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى بۇ ئەسلىي جازاسىنى چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ كافىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى، شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ زىددى بولغان ئىنسانلار قانداق ئىسىم بىلەن ئاتالسا ئاتالسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «كافىرلار» دېگەن ئومۇمىي ئىسىمدا بىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قىيامەت كۈنى مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاختا جەم قىلىدۇ. مۇنافىقلارنى كافىرلارنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئازابتىن ساقلايدىغان بىرەر ھىمايىچىمۇ ئازبنى قايتۇرۇۋېتىدىغان بىرەر ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ، نەتىجىدە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈلۈك ۋە قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (33-سۈرە ئەھزاب، 65-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق (ئۇلارنى قوغدايدىغان) دوست ۋە (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمچى تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق دوست ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ، ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  66. (33-سۈرە ئەھزاب، 66-ئايەت) ھىساب قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان
    يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ يَقُولُونَ يَا لَيْتَنَا أَطَعْنَا اللَّهَ وَأَطَعْنَا الرَّسُولَا
    دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلگەن كۈندە مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» — ئەنەس ئالىم

    (66-68) قىيامەت كۈنى ئۇ كافىرلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلار ھەسرەت - نادامەت چېكىپ: «كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ساڭا كۇفرىلىق قىلىشتا ۋە پەيغەمبىرىڭگە ئاسىيلىق قىلىشتا ئۇلۇغلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق؛ ئۇلار نېمە دېسە تەكشۈرمەستىن شەرتسىز قوبۇل قىلىپتۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ. رەببىمىز! ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرى كۇفرىلىق قىلغانلىقى ۋە بىزنى ئازدۇرغانلىقى ئۈچۈن، سەن ئۇلارنى ئىككى ھەسسە ئازاب بىلەن ئازابلىغىن، ئۇلارنى رەھمىتىڭدىن تامامەن مەھرۇم قىلغىن!». ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى ھەر ئىنسان، خۇسۇسەن ئاللاھقا بويسۇنمىغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشمىگەن ئىنسانلار بۇ دۇنيادىكى چېغىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە: «كاشكى...» دەپ ھەسرەت - نادامىتىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. (33-سۈرە ئەھزاب، 67-ئايەت) ھىساب ئادالەتسىزلىك ئازغۇنلۇق
    وَقَالُوا رَبَّنَا إِنَّا أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَاءَنَا فَأَضَلُّونَا السَّبِيلَا
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئۇلۇغلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق. ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ. — ئەنەس ئالىم

  68. (33-سۈرە ئەھزاب، 68-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب
    رَبَّنَا آتِهِمْ ضِعْفَيْنِ مِنَ الْعَذَابِ وَالْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِيرًا
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن، ئۇلارنى چوڭ لەنەت بىلەن لەنەتلىگىن». — ئەنەس ئالىم

  69. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا ۚ وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! مۇساغا ئەزىيەت قىلغانلاردەك بولماڭلار. ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاقلىغان. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! بىرەر يامان قىلىقنى قىلىش ياكى بىرەر ناشايان سۆزنى ئېيتىش بىلەن ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى (مۇھەممەد)گە ئەزىيەت قىلماڭلار، ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا ئەزىيەت قىلغان بەنى ئىسرائىلدەك بولماڭلار؛ بەنى ئىسرائىل بولمىغۇر تەلەپلەرنى قويۇش، كەلسە - كەلمەس سوئاللارنى سوراش ۋە مەسخىرە قىلىش... قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئەلچىسى مۇساغا ئەزىيەت قىلغان، ئاللاھ ئەلچىسى مۇسانى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاقلىغان ئىدى، چۈنكى مۇسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ئىدى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىدى. سىلەر ئەنە شۇ بەنى ئىسرائىلدەك بولماڭلار. بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ئەزىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) «بىز ئاللاھنى ئاشكارا كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز»، 2) «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تائامغا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن»، 3) «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟»، 4) «بىزگە ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسەتكىن!»، 5) «سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئۇرۇش قىلغىن، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى»، 6) «بىزگە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن». مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ مەسخىرە، بولمىغۇر تەلەپ ۋە ناشايان سۆزلىرىدىن ھەقىقەتەن رەنجىگەن ئىدى، ئاللاھ ئۇنى بەنى ئىسرائىل قىلغان تۆھمەتلەردىن ئاقلىدى؛ ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقلىق، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مەسىلەن: مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنى كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇغاندا ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دەپ ئۇنى ئەخمەقلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قويغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ ئاخىرى ئۇلارغا مۇئەييەن سۈپەتتىكى كالىنى بوغۇزلاتقۇزدى ۋە مۆجىزە كۆرسىتىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخمەق بولمىغانلىقىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھەربىر بولمىغۇر تەلەپ قويغاندا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھەقسىزلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنى قويغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقى، شۇنداقلا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: بەزى تەپسىرلەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ئەزىيەتلىرى ئىچىدە، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پاھىشە قىلىش، قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ۋە ۋۇجۇدىدا بىر ئەيىبنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەزىيەت قىلغانلىقىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر توغرا بولغان تەقدىردە ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ بۇ تۆھمەتلىرىدىنمۇ ئاقلىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. (33-سۈرە ئەھزاب، 70-ئايەت) ياخشى سۆز ھەق ئاللاھتىن قورقۇش
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە توغرا گەپ قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن يېنىڭلار، ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، گەپ قىلماقچى بولساڭلار توغرا گەپ قىلىڭلار؛ ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار، ھەققانىيەتنى ئېيتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (33-سۈرە ئەھزاب، 71-ئايەت) تەقۋادارلىق ئاللاھقا ئىتائەت
    يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا
    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا، چوقۇم كاتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىدۇ، ئارزۇيۇڭلارغا يەتكۈزىدۇ، يولۇڭلاردا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرىدۇ ۋە سىلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، شۇنى بىلىڭلاركى، كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى چوقۇم كاتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ مۇئمىنلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىدۇ ۋە چىرايلىق نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى (72 - ۋە 73 -) ئايەتتە بۇ ئىلاھىي تەكلىپنىڭ مۇھىملىقى، قوبۇل قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى، قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىپ ئىنسانلارغا مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (33-سۈرە ئەھزاب، 72-ئايەت) خەلىپە نادانلىق
    إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ ۖ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭدىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن چېكىندى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن زالىمدۇر، جاھىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بىز يۇقىرىدىكى تەكلىپلەرنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇ تەكلىپلەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن چېكىندى ۋە ئۇ تەكلىپلەرنى ئورۇندىيالماسلىقتىن قورقتى. ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇ تەكلىپلەرگە ئەمەل قىلمىدى، بۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلماقتىدۇر، نادانلىق قىلماقتىدۇر، يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلمەسكە سالماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. لِيُعَذِّبَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ وَيَتُوبَ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    (مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى بولسا ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ، ئاللاھنىڭ مۇنافىق ئەرلەرنى ۋە مۇنافىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭدەك، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بۇ ئەركىنلىكنى بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ سۇنۇشى، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياماننى تاللاپ ئىلاھىي تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ئازابلىشى، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياخشىنى تاللاپ ئىلاھىي تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ياماننى تاشلاپ تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرىدۇ، ياخشى يولدا ماڭغانلارغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ ۋە ياخشى مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭدۇر. بۇ، كائىناتنىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىنى تەمسىلىي بىر شەكىلدە بايان قىلىدىغان ئايەتتۇر. بۇ يەردىكى ئامانەت - ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكىنىڭ بېرىلىشىنى ۋە ياخشىنى قىلىش، ياماندىن ساقلىنىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بۇ ئەركىنلىكنىڭ ئاسمانلار، زېمىن ۋە تاغلاردا يوقلىقىنى، ئىنسانلاردا بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر. يەنى ئاسمانلار، زېمىن ۋە تاغلارنىڭ يامانلىق قىلىش ئەركىنلىكى يوق. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ، ئىنسانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى قىيامەتكە قەدەر ئورۇنداپ تۇرىدۇ، بۇ ۋەزىپىسىدە ئەسلا بوشاپ قالمايدۇ. ئىنسانلاردا بۇ ئەركىنلىك بار. ئىنسانلار بۇ ئەركىنلىكىنى ياخشىنى تاللاشقا ئىشلەتسە توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ ئەركىنلىكىنى ياماننى تاللاشتا ئىشلىتىپ نەتىجىدە زالىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بۇزۇقلۇقنىڭ زىيىنىنى شۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى تارتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان يەتكۈزگەن نادانلار بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ ٤١﴾ «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41. ئەگەر ئاسمان، زېمىن ۋە تاغلارنىڭ ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئەركىنلىكى بىلەن ياماننى تاللاپ گۇناھ قىلغان بولسا، نەتىجىدە مەيدانغا كېلىدىغان بۇزۇقلۇقنىڭ زىيىنىنى ئۇلار (ئاسمانلار، زېمىن ۋە تاغلار) لا تارتمايتتى، ئەكسىچە بۇنىڭ زىيىنىنى بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات تارتاتتى، ھەتتا يەر يۈزى جانلىقلار ياشىيالمايدىغان ھالەتكە كېلەتتى. شۇڭا مېھرىبان ئاللاھ گۇناھ قىلسا زىيىنىنى ئۆزىلا تارتىدىغان ئىنسانغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن ۋە ئۇنى ياخشىغا بويرۇپ ياماندىن توسقان، گۇناھ قىلسا زىيىنىنى پۈتۈن مەخلۇقات تارتىدىغان ئاسمان، زېمىن ۋە تاغلارغا ئۇنداق ئەركىنلىك بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ ياراتقان. ئاسمان - زېمىننىڭ ئىتائەتتىن باشقىسىنى ئىختىيار قىلالمايدىغان ھالەتتە يارىتىلغانلىقىنى مۇنۇ ئايەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ﴿ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِيَ دُخَانٞ فَقَالَ لَهَا وَلِلۡأَرۡضِ ٱئۡتِيَا طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا قَالَتَآ أَتَيۡنَا طَآئِعِينَ ١١﴾ «ئاللاھ ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: ‹ئىختىيارىي كەلدۇق› دېدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى