تەكۋىر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 29 ئايەتمەنىسى: ئۆچۈش (نۇرى). ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ
كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا
كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا [1]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 2-ئايەت)وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا [2]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 3-ئايەت)وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ
تاغلار گۇمران بولغان چاغدا
تاغلار غۇلاپ كۆچكەن چاغدا [3]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 4-ئايەت)وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا
بوغاز تۆگىلەرمۇ ئىگىسىز قالغان چاغدا [4]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 5-ئايەت)وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا [5]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 6-ئايەت)وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا [6]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 7-ئايەت)وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ
جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا
جان بىلەن تەن قوشۇلغان چاغدا [7]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 8-ئايەت)وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا [8ـ9]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 9-ئايەت)بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا [8ـ9]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 10-ئايەت)وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ
نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا
نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا [10]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 11-ئايەت)وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا
ئاسمان يۈزى ئېچىپ تاشلانغان چاغدا [11]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 12-ئايەت)وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا [12]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 13-ئايەت)وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا
جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا [13]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 14-ئايەت)عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ [14].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 15-ئايەت)فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنغۇچى سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن [15ـ16]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 16-ئايەت)الْجَوَارِ الْكُنَّسِ
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنغۇچى سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن [15ـ16]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 17-ئايەت)وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن
قاراڭغۇلۇقنى ئېلىپ كەلگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن [17]،
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 18-ئايەت)وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [18].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 19-ئايەت)إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر
قۇرئان ھەقىقەتەن ئىززەتلىك بىر ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن سۆزدۇر[19].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 20-ئايەت)ذِي قُوَّةٍ عِنْدَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ
ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر
ئۇ ئەلچى كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر [20].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 21-ئايەت)مُطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە ئۇ ئىشەنچلىكتۇر [21].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 22-ئايەت)وَمَا صَاحِبُكُمْ بِمَجْنُونٍ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) مەجنۇن ئەمەستۇر [22].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 23-ئايەت)وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى
ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقتا كۆردى [23].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 24-ئايەت)وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر
ئۇ غەيب (ۋەھيى)نى يەتكۈزۈشتە بېخىل ئەمەستۇر [24].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 25-ئايەت)وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر
قۇرئان قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر [25].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 26-ئايەت)وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ
قەيەرگە بارىسىلەر؟
شۇنداق تۇرسا، سىلەر قەيەرگە كېتىپ بارىسىلەر؟ [26].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 27-ئايەت)فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر
قۇرئان پۈتۈن ئەھلى جاھانغا پەقەتلا نەسىھەتتۇر [27].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 28-ئايەت)إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر
بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى توغرا يولدا بولۇشنى خالايدىغانلارغا نەسىھەتتۇر [28].
-
(81-سۈرە تەكۋىر، 29-ئايەت)لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ ئىرادە قىلغاندىلا، ئاندىن سىلەر توغرا يولدا بولۇشنى خالايسىلەر [29].