سەجدە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 30 ئايەت
مەنىسى: سەجدە. ئاتىلىش سەۋەبى: بىر سەجدە ئايىتى بار (15-ئايەت)
  1. (32-سۈرە سەجدە، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الم
    ئەلىف، لام، مىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، مىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، مىم. — ئەنەس ئالىم

    ئەلىف، لام، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. تَنْزِيلُ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كىتاب -قۇرئان- ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىچىدە ھېچ شەك بولمىغان بۇ كىتاب ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىندى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ، پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسى بولغان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ كىتاب، ئەقلىنى ئىشلەتكەن كىشىنى بىزنىڭ كالامىمىز ئىكەنلىكىدە شەكلەندۈرىدىغان ھېچقانداق نەرسە ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، يەنى بۇ قۇرئان ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان كىشى ئۇنى ساڭا بىزنىڭ نازىل قىلغانلىقىمىزنى تونۇپ يېتىدۇ، ئەقلىنى ئىشلەتكەن كىشى بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك - شۈبھە قىلمايدۇ. شەك قىلغان، بىلىپ تۇرۇپ تەرسالىق قىلغان ياكى تەرسالارغا بىلمەستىن تەقلىد قىلغانلار مەنىۋى كورلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۚ بَلْ هُوَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
    مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئۇنى مۇھەممەد ئويدۇردى» دەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى ئۇ، رەببىڭدىن كەلگەن ھەق بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار توغرا يولغا كەلگەي! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قۇرئان ئەنە شۇنداق بىز نازىل قىلغان مۆجىزە كىتاب تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ‹قۇرئان› دەپ ئوقۇۋاتقان سۆزلەرنى ئۆزى ئىچىدىن توقۇپ چىقىپ ئاللاھقا نىسبەت بەردى» دەمدۇ؟ ئۇلار مۇشۇنداق ناشايان سۆزنى قىلامدۇ؟! ئۇلار يالغان ئېيتماقتىدۇر، چۈنكى قۇرئان سەندىن ئىلگىرى ھېچ ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى توغرا يولغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈن، سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە مەككە مۇشرىكلىرىغا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پەيغەمبەر كەلمىگەن ئىدى، شۇڭلاشقا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ يېقىن تارىختىكى ئاتا - بوۋىلىرى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇلمىغان قەۋم ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى مۇخاتەبلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئايەتتە ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئەرەبلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى، قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر، چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز زامانىدىكى كىشىلەرنى ۋە قىيامەتكە قەدەر قۇرئان يېتىپ بارغان كىشىلەرنى ئاگالاندۇرۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ مَا لَكُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە -ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە- قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق، پىكىر قىلىپ ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلگەن زاتتۇر[1]، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچى يوقتۇر. ئويلانمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشكە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈكسەلگەن زاتتۇر، يەنى ئاللاھ يارىتىشتا ۋە باشقۇرۇشتا شېرىكى يوق يەككە - يېگانە زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ ئىبادەتكە لايىق بولۇشتىمۇ شېرىكى يوق يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر. شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ھىمايە قىلغۇچىڭلار يوقتۇر؛ سىلەرنى قىيىنچىلىقتىن ئەنە شۇ ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى سىلەرمۇ ئېتىراپ قىلىسىلەر. شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئاللاھتىن باشقا شافائەتچىڭلارمۇ يوقتۇر؛ ئاللاھ سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن جازالىماقچى بولسا سىلەرنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە پاناھلىنىڭلار، ئاللاھ نازىل قىلغان بۇ كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈپ ئەمەل قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن ساقلىنىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ
    ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان مەخلۇقاتىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلاپ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلدەك بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ قۇدرىتى شۇنداق ئۇلۇغ زاتكى، زېمىندىكى مەخلۇقاتنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلاپ، ئۇ پىلاننى ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئاللاھ پىلانلىغان بويىچە ئىجرا قىلىنىپ نەتىجىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ. بۇ ئىشلار، ئۇزۇنلۇقى سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلدەك بولغان بىر كۈندە بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 22 - سۈرە (ھەج)نىڭ 47 - ئايىتىدە ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈننىڭ، ئىنسانلارنىڭ ھېسابىچە مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 70 - سۈرە (مەئارىج)نىڭ 4 - ئايىتىدە بولسا، پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىلنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل كېلىدىغان كۈندە يۈكسىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوقتۇر، چۈنكى ئاۋۋالقى ئىككى ئايەتتە بايان قىلىنغان كۈن، دۇنيانىڭ ئىشلىرى پىلانلىنىپ زېمىنغا چۈشۈرۈلىدىغان، ئاندىن ئۇ ئىشلارنىڭ دۇنيادا ئىجرا قىلىنىپ نەتىجىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ، مەئارىج سۈرىسىدىكى كۈن بولسا قىيامەت كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. ذَٰلِكَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
    ئۇ (ئاللاھ) يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر. (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاللاھ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر. بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر؛ ئىنسانلار ئۈچۈن غەيىب ۋە ئاشكارا ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەر، ئەھۋاللار ۋە ئىشلار ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئاشكارىدۇر، ئاللاھ ھەر ئىككىسىنى ئوخشاشلا كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ ۖ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنْسَانِ مِنْ طِينٍ
    ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق (يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق، جايىدا) ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى (يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) لايدىن ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى لايدىن ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى. — ئەنەس ئالىم

    (7-9) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە چىرايلىق شەكىلدە ۋە پۇختا قابىلىيەتتە ياراتتى، ئىنساننى لايدىن يارىتىشقا باشلىدى، ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن مەيدانغا كەلتۈردى، ئاندىن ئۇنىڭ لاي ھالىتىنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلەپ ئۇنى ئاخىرقى ھالىتىگە كەلتۈردى. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىپ قارار قىلىش قوراللىرى بولغان ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى بەردى، دىللارنى ئاتا قىلدى. ئەسلىدە سىلەرنىڭ بۇ قابىلىيەتلىرىڭلار بىلەن ئىلىم ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا ئىلىمگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىشىڭلار لازىم ئىدى، لېكىن سىلەر بەك ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر، ئۇنداق قىلماڭلار، لايىق رەۋىشتە شۈكۈر قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (32-سۈرە سەجدە، 8-ئايەت) ئىنساننىڭ يارىتىلىشى
    ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ
    اندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى (يەنى مەنىي) دىن ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى - بولغان مەنىي- دىن ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى. — ئەنەس ئالىم

  9. (32-سۈرە سەجدە، 9-ئايەت) ئىنساننىڭ ئىززىتى روھ ۋە نەپس
    ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ ۖ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۚ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
    ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى (يەنى جاننى كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ روھىدىن كىرگۈزدى. يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتىنى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر! — ئەنەس ئالىم

  10. وَقَالُوا أَإِذَا ضَلَلْنَا فِي الْأَرْضِ أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ ۚ بَلْ هُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ كَافِرُونَ
    ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن)، راستتىنلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن راستتىنلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ تۇپراقنىڭ ئىچىدە يوق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ. بەلكى ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە باشقىلارنى شۈبھىلەندۈرۈش ئۈچۈن: «بىز ئۆلۈپ جەسەتلىرىمىز زېمىننىڭ ئاستىدا توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دېدى. ئەسلىدە ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە، رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ، يەنى ئۇلار قىيامەتنى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى ئىنكار قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. قُلْ يَتَوَفَّاكُمْ مَلَكُ الْمَوْتِ الَّذِي وُكِّلَ بِكُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
    ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «سىلەرنى، سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنكارچىلار! بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلار توشقاندا، جېنىڭلارنى ئېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر، ئاللاھ ھەربىرىڭلارغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى بېرىدۇ؛ ياخشى ئىش قىلغان بولسا جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يامان ئىش قىلغان بولسا دوزاخقا تاشلايدۇ». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنى ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ۋاپات قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئايەتلەردە پەرىشتىلەر جامائەسىنىڭ ۋاپات قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ ۋاپات قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، ئەجىلى توشقانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن بىر پەرىشتىنىڭ ۋاپات قىلدۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ پەرىشتىگە بىر جامائە پەرىشتىنى ياردەمچى قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الْمُجْرِمُونَ نَاكِسُو رُءُوسِهِمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ رَبَّنَا أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَارْجِعْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
    ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    سەن گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىغان بولساڭ، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن قايتۇرغىن، بىز ئەمدى ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ: «رەببىمىز! كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، بىزنى دۇنياغا قايتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلايلى. شۈبھىسىزكى، بىز جەزمەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭچۇ! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن، ھازىر: «بىز ئۆلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دەپ قىيامەتنى ۋە ئۇ كۈنى قايتا تىرىلىشىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ ھېساب بېرىشىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بۇ مۇشرىكلارنىڭ، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلۈپ تۇرغۇزۇلغان چېغىدا، خىجالەتچىلىك ئىچىدە باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ: «رەببىمىز! قىيامەتنى، قايتا تىرىلىشنى ۋە ھۇزۇرۇڭغا چىقىرىلىشنى كۆردۇق، پەيغەمبىرىڭنىڭ سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، بىزنى دۇنياغا قايتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلايلى. شۈبھىسىزكى، بىز ئىبادەتكە سېنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىڭگە ۋە قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئەمدى جەزمەن ئىشەندۇق» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭ، ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك مەنزىرە كۆرگەن بولاتتىڭ. دەرۋەقە دۇنيادا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان بارلىق كافىرلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ۋە دوزاخقا تاشلانغاندا، ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىكىنى، دۇنياغا قايتۇرۇلسا بۇ نۆۋەت ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئەنە شۇنداق تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَلَوْ شِئْنَا لَآتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَاهَا وَلَٰكِنْ حَقَّ الْقَوْلُ مِنِّي لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمۈم بېكىتىلىپ بولدى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) ـ ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر كىشىگە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق. لېكىن مېنىڭ: «شۈبھىسىزكى، مەن جەھەننەمنى تامامەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزۈم ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن ئەمەس، بىزنىڭ خالىشىمىز بىلەنلا ئەمەلىيلىشىدىغان قىلغان ۋە ھىدايەت قىلىشتىكى قانۇنىمىزنى مۇشۇنداق بېكىتكەن بولساق ئىدۇق، بىز ھەر كىشىنى توغرا يولغا كەلتۈرگەن بولاتتۇق، لېكىن بىز ھىدايەت تېپىش ۋە ئېزىپ كېتىش توغرىسىدا ئىنسانلارغا تاللاش ئىختىيارى بەردۇق، شۇنداقلا توغرا يولنى تاللىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىشنى، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىنى ئازدۇرۇۋېتىشنى ئالدىنئالا قانۇن قىلىپ بېكىتتۇق، بۇ قانۇن بويىچە جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ئازغۇنلۇقنى تاللايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىز باشتىلا ئۇ ئىككى تائىپىدىن كۆپلىگەن كىشىلەرنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتقان بولدۇق، شۇڭلاشقا: ‹دوزاخنى جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمىز› دېدۇق. نەتىجىدە بۇ سۆزىمىز ئەينەن ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە بۇ تەرسا مۇشرىكلار ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (32-سۈرە سەجدە، 14-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب غەپلەت
    فَذُوقُوا بِمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا إِنَّا نَسِينَاكُمْ ۖ وَذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    (ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز (مۇ) ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇكى-: «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن -بۇ خورلىغۇچى ئازابنى- تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارغا: «تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇدۇڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇدۇق. قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزدا ئەنە شۇنداق باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ بىزدىن دۇنياغا قايتىشلىرىغا ئىجازەت بېرىمىشىمىزنى تەلەپ قىلغاندا، بىز ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: «ياق، بولمايدۇ! سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا بۇ كۈننى ۋە بۇ كۈندە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇغان ھالدا ياشىدىڭلار، بۇ سەۋەبتىن ئەمدى ئازاب چېكىڭلار، بىز سىلەرنى ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلىۋېتىمىز، سىلەر ئازابنىڭ ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەردەك ئەبەدىي قالىسىلەر. قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار». ئەسكەرتىش: دوزاخقا تاشلانغانلار دوزاخنىڭ ئىچىدىمۇ ئاللاھ تائالاغا، دوزاختىن چىقىرىپ ياخشى ئەمەل قىلىشقا قايتا بىر پۇرسەت بېرىشى توغرىسىدا يالۋۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ چاغدا ئۇلارغا، دەسلەپكى قېتىمدا يېتەرلىك پۇرسەت بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلمىگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئۇلارنى دوزاخقا تاشلىغانلىقىنى ۋە دوزاختىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە، ئۆزلىرىدىن ئازابنى يەڭگىللىتىش توغرىسىدا ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرىنى ئۆتۈنىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارغا سەلبىي جاۋاب بېرىدۇ. دېمەككى، دۇنيادا بېرىلگەن پۇرسەتنى لايىق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆتكۈزمىگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر تەلىپى ئورۇندالمايدۇ، ھېچبىر ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىش بىلەن ئۆز قىلمىشىلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشتىن باشقا چارىسى يوق. بۇنى، دوزاخ ئەھلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا الَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِهَا خَرُّوا سُجَّدًا وَسَبَّحُوا بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھقا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئوقۇلسا، يەتكۈزۈلسە ۋە ئۇ ئايەتلەر بىلەن نەسىھەت قىلىنسا، ئۇلار كەمتەرلىك بىلەن دەرھال سەجدىگە يىقىلىدۇ، سەجدىسىدە رەببىگە ھەمد ۋە تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئۇلار ئۇ ئايەتلەرگە بويسۇنۇشتىن باش تارتمايدۇ. دەرۋەقە قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەن كىشىلەر ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، «بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى يېتەرلىك، بىز شۇلارنىڭ يولىدا ماڭىمىز» دەيدۇ. قۇرئان كەرىمگە ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان، ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالىدىغان كىشىلەر ئىمان كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئەمەل قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىم ئەنە شۇ كىشىلەرگىلا يەتكۈزۈلگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
    ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ، ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ ۋە ئۇلار، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ يانلىرى تۆشەكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ[2]، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان كەلتۈرگەن ئۇ ياخشى كىشىلەرنىڭ يانلىرى كېچىلىرى تۆشەكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇلار پەرز نامازلارنى كامىل ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، كېچىلىرى تەھەججۇد نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئۇيقۇلىرىدىن ئويغىنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ، تەھەججۇد نامىزىنى ئۆتەيدۇ، نامازنىڭ ئاخىرىدا رەببىنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇپ، رازىلىق ۋە رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشى يوللارغا چىقىم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۈچۈن مەخپىي ساقلانغان خۇشال قىلغۇچى نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ياخشى بەندىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتىغا كەلسەك، ئاللاھ جەننەتتە ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن مەخپىي ساقلىغان، شۇنداقلا ئۇلار ئېرىشكەندە قاتتىق سۆيۈنىدىغان نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىلەلمەيدۇ. ئۇ نېمەتلەر ئۇلارغا دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرىگە مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغان بەندىلىرىگە دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ۋەدە قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە جەننەت نېمەتلىرىنىڭ بەزىلىرىنى بايان قىلغان. بۇ ئايەتتە ئۇ بەندىلىرىگە يەنە باشقا نېمەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇ نېمەتلەرنىڭ نېمىلىكىنى ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، جەننەت نېمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنغانلار بىلەن چەكلىك ئەمەس، ئەكسىچە جەننەتتە، ۋەدە قىلىنغانلاردىنمۇ كۆپ نېمەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (32-سۈرە سەجدە، 18-ئايەت) ئىمان
    أَفَمَنْ كَانَ مُؤْمِنًا كَمَنْ كَانَ فَاسِقًا ۚ لَا يَسْتَوُونَ
    مۆمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتلىك ساۋابتا) باراۋەر ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار باراۋەر ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىن بولغان كىشى فاسىق بولغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇلار باراۋەر بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئېتىقاد ۋە ئەمەلدە پەرقلىق بولغان ئىنسانلار نەتىجىدە ئوخشاش بولامدۇ؟ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان كىشى، ئاللاھقا كۇفىرىلىق قىلغان ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ياق، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، باراۋەر بولمايدۇ؛ ئاللاھ بۇ ئىككى پىرقىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىزمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. أَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ جَنَّاتُ الْمَأْوَىٰ نُزُلًا بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، (ئۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلا رئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەئۋا جەننەتلىرى بار. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە كۈتۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلارنى قىيامەت كۈنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ باغچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلار ياخشى ئەمەل قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ باغچىلاردا كۈتۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَأَمَّا الَّذِينَ فَسَقُوا فَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۖ كُلَّمَا أَرَادُوا أَنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا أُعِيدُوا فِيهَا وَقِيلَ لَهُمْ ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
    ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر يالغانغا چىقىرىپ كەلگەن دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    فاسىق بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. ئۇلار قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر». — ئەنەس ئالىم

    كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارغا كەلسەك، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ، ئۇلار قاچانىكى دوزاختىن چىقىشقا ئۇرۇنسا كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا سىلكىشلەش ۋە ئەيىبلەش ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئىنكار قىلغان دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنَ الْعَذَابِ الْأَدْنَىٰ دُونَ الْعَذَابِ الْأَكْبَرِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازاب -ئاخىرەت ئازاب-ىدىن ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازابنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    بىز كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلارنى تەۋبە قىلىپ ھەق يولغا قايتىشلىرى ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادا كېسەللىك، ئاچارچىلىق، ئۆلۈم - يېتىم، ئىقتىسادىي زىيان ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشىغان مۇسىبەتلەرگە دۇچار قىلىمىز. ئۇلار بۇ ئىلاھى ئاگاھلاندۇرۇشلار بىلەن ھوشىنى تېپىپ توغرا يولغا قايتسا ئەپۇ قىلىمىز، ناۋادا ئۇلار مۇسىبەتلەردىن ئىبرەت ئالمىسا ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ كافىر پېتى ئۆلسە، بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىمىز، دوزاخ ئازابى ئەڭ يامان ۋە ئەڭ شىددەتلىك ئازابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا ۚ إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنْتَقِمُونَ
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلاردىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالىمىز! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئايەتلەر نازىل قىلىپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەت يولغا دەۋەت قىلغان ئىگىسى - ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇپ نەسىھەت قىلىنسا، ئۇ ئايەتلەرگە پەرۋا قىلمىغان، شۇنداقلا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ يوق، ئەڭ زالىم ئادەم ئەنە شۇ ئادەمدۇر. بىز گۇناھكارلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز؛ ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ توغرا يولغا قايتمىسا بىز بۇلاردىن ئىنتىقام ئالىمىز، سەن بۇلارنىڭ تەرسالىقىغا قارىماي ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَلَا تَكُنْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَائِهِ ۖ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) سەن مۇساغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات- نى ئاتا قىلدۇق. -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھىدايەت رەھبىرى قىلغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى بەرگەن ئىدۇق. سەن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن، بىز ئۇ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا توغرا يول رەھبىرى قىلغان ئىدۇق. تەپسىر ئالىملىرى، ئايەتنىڭ «سەن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن» دېگەن مەنىدىكى قىسمىدا ئۆتكەن «ئۇ» ئالمىشىنىڭ نېمىنىڭ ياكى كىمنىڭ ئورنىدا كەلگەنلىكى ھەققىدە بىرقانچە ئېھتىمال زىكىر قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېھتىماللارنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: 1) ئۇ كىتابنىڭ مۇساغا يەتكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمىگىن، 2) مۇسانىڭ ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن شۈبھىلەنمىگىن، 3) مۇسا بىلەن مېراجدا ياكى ئاخىرەتتە ئۇچرىشىدىغانلىقىڭدىن شۈبھىلەنمىگىن، 4) مۇسا يولۇققان ئەزىيەتلەرنىڭ ئوخشىشىغا سېنىڭمۇ يولۇقىدىغانلىقىڭدىن شۈبھىلەنمىگىن، 5) سېنىڭ بۇ قۇرئاننى ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋالغانلىقىڭدىن شۈبھىلەنمىگىن. بۇ ئېھتىماللارنىڭ ئاخىرقى ئىككىسى كۈچلۈكتۇر، چۈنكى بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا (2 - ئايەتتە) «قۇرئان كەرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقى» ئېلان قىلىنىدۇ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كىتاب بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغانلىقى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىلىدۇ ئۇنداقتا، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئا) ئى مۇھەممەد! بۇ كىتابنى ساڭا بىز نازىل قىلىۋاتىمىز. سەن بۇ كىتابنى بىزدىن تاپشۇرۇۋالغانلىقىڭدىن شۈبھىلەنمىگىن. بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا تەۋراتنى بەرگەن، ئۇ كىتابنى ئوقۇيدىغانلار بۇ قۇرئاننىڭ بىز نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكىنى، سېنىڭ بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. مۇسا ئۆز ۋاقتىدا بىزدىن كىتابنى تاپشۇرۇلغاندەك، سەنمۇ ھازىر بىزدىن قۇرئاننى تاپشۇرۇۋالدىڭ ۋە يېقىندا بۇ قۇرئاننىڭ تامامىنى تاپشۇرۇۋالىسەن. بۇنىڭدىن ھېچ شۈبھىلەنمىگىن. ئە) ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننى بىز نازىل قىلىپ سېنى پەيغەمبەر قىلدۇق ۋە ئىنسانلارغا ئەۋەتتۇق. سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسسەن. بىز ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلارغىمۇ قارشى چىقىلغان، ئەزىيەت قىلىنغان، ئۇلار ئاداققىچە سەۋر قىلىپ نۇسرىتىمىزگە ئېرىشكەن. سەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىسەن، قارشىلىقلارغا يولۇقىسەن. ئۇلار سەۋر قىلغاندەك، سەنمۇ سەۋر قىلغىن، قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەت ۋە قارشىلىقلىرىغا قاراپ خاپا بولۇپ كەتمىگىن، ئاقىۋەت سەن غالىب كېلىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. وَجَعَلْنَا مِنْهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا لَمَّا صَبَرُوا ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يُوقِنُونَ
    ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سەۋر قىلغان چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق؛ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قەتئىي ئىشىنەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەرنى چىقاردۇق، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى ۋە ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەندى. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىن ئەمرىمىز بويىچە باشقىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەر چىقارغان ئىدۇق. ئۇ يېتەكچىلەر يولىمىزدا مېڭىشنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋە ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، بىز ئۇلارنى ئەنە شۇنداق توغرا يول يېتەكچىلىرى قىلدۇق. ئۇلار بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە باشقىلارنى تەۋھىدكە ۋە تائەت - ئىبادەتكە دەۋەت قىلاتتى، باشقىلارغا ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولاتتى، باشقىلار ئۇلارغا ئەگىشەتتى، نەتىجىدە ھەممىسى ياخشى مىللەت ھالىتىدە رەھمىتىمىزگە نائىل بولغان ئىدى. بۇ ئايەت كۆرسىتىدۇكى، مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى ئاۋامنى سەۋرچانلىق، كامىل ئىمان ۋە روشەن دەلىل بىلەن توغرا يولغا يېتەكلىسە، ئاۋام ئەنە شۇنداق رھبەرلەرگە ئەگەشسە، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىشى مۇھەققەقتۇر، چۈنكى «ئاللاھ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن ھېچبىر قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»، شۇڭلاشقا شۈكۈرنى كۇفرىلىققا ئۆزگەرتكەن قەۋم ئىلاھىي غەزەپكە يولۇقىدۇ، كۇفرىلىقنى شۈكۈرگە ئۆزگەرتكەن قەۋم ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىدۇ. ئەسكەرتىش: دەۋەتچىنىڭ ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، دەۋەتنى خالىس قىلىشى، ئۆزى دەۋەت قىلغان يولنىڭ توغرىلىقىغا ئۆزى جەزمەن ئىشىنىشى، دەلىللەرنى تولۇق بىلىشى، ئۇ يولدا ئۆزى ئالدى سەپتە مېڭىشى ۋە ئۇ يولنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (32-سۈرە سەجدە، 25-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    إِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان (دىنىي) ئىشلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سېنىڭ رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن ئەنە شۇنداق ياخشى يېتەكچىلەرنى چىقارغان، ئۇ يېتەكچىلەر ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان ۋە ئۇلار ئۇ يېتەكچىلەرگە ئەگەشكەن چاغدا، بىز ئۇلارغا رەھمەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، لېكىن ئۇلار ئەھدىنى بۇزغان، تەۋراتتىن يىراقلاشقان، تۈرلۈك گۇناھ ۋە جىنايەتلەرنى قىلغان، پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن ۋە گۇرۇھلارغا ئايرىلغان چاغدا، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن مەھرۇم قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر پىرقىسى ئۆزىنىلا توغرا يولدا، باشقا پىرقىلەرنى خاتا يولدا دەپ دەۋا قىلىدىغان بولدى. ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەر توغرىسىدا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىنى جەننەتكە، يامانلىرىنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. أَوَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْقُرُونِ يَمْشُونَ فِي مَسَاكِنِهِمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ ۖ أَفَلَا يَسْمَعُونَ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) ئۇلار (يەنى ھالاك بولغانلار) نىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاڭلىمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ بۇلار، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاڭلىمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىدۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ نەسىللەر ياشىغان يەرلەردە مېڭىپ يۈرۈيدۇ! بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئايەتلەر بار. ئۇلار يەنىلا ئاڭلىمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قىيامەتنى ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قانداقمۇ كۆز يۇمىدۇ؟! ھالبۇكى، ئۇلار بىزنىڭ ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىۋەتكەنلىكىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ! بۇ مۇشرىكلار، ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان ئۇ قەۋملەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ياشىغان جايلىرىدا مېڭىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆرۈۋاتقان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟! شۈبھىسىزكى، ئۇ قەۋملەرنىڭ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن تۇرالغۇلىرىدا ئىبرەت، نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار بار. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ مۇشرىكلار ھەقىقەتكە يەنىلا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىۋەتكەن قەۋملەرنىڭ ئىچىدىن ئاد قەۋمىنىڭ خارابىلىكلىرى مەككىنىڭ جەنۇبىدىكى يەمەن رايونىدا (ئەھقاف دېگەن جايدا)، سەمۇد، ئەيكەلىكلەر ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن ئاھالە قاتارلىق قەۋملەرنىڭ خارابىلىكلىرى مەككىنىڭ شىمالىدا ئىدى، قۇرەيشنىڭ سودىگەر ۋە ساياھەتچىلىرى ئۇ خاربىلىكلەرنى قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە كۆرەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَسُوقُ الْمَاءَ إِلَى الْأَرْضِ الْجُرُزِ فَنُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا تَأْكُلُ مِنْهُ أَنْعَامُهُمْ وَأَنْفُسُهُمْ ۖ أَفَلَا يُبْصِرُونَ
    ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار بۇنى كۆرمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز سۇنى قاقاس يەرلەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن زىرائەت چىقىرىمىز، ئۇ زىرائەتتىن ئۇلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدۇ. ئۇلار يەنىلا كۆرمەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    بۇ مۇشرىكلار، بىزنىڭ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇ سۇنى قاقاس يەرلەرگە ھەيدەپ بارغانلىقىمىزنى، ئۇ سۇ بىلەن ئۇ يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقارغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇ ئەمەلىيەتكە قاراپ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتسە بولمامدۇ؟ ئاسماندىن قار، يامغۇر ۋە مۆلدۈر سۇلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۇ سۇلار بىلەن قاقاس يەرلەرنى ئەنە شۇنداق جانلاندۇرۇشقا قادىر بولغان ئاللاھ قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (32-سۈرە سەجدە، 28-ئايەت) ھىساب
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْفَتْحُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «(بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلار)» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار : «بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېرىڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە مەسخىرە قىلاتتى. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقى، ياخشىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە يامانلارنى جازالايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە، ئۇلار: مەسخىرە قىلىپ: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيتتى. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ناشايان سوئالىنى سورايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ئاندىن تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۇلارغا بېرىلىشى كېرەك بولغان جاۋاب بايان قىلىنىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (32-سۈرە سەجدە، 29-ئايەت) ھىساب
    قُلْ يَوْمَ الْفَتْحِ لَا يَنْفَعُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِيمَانُهُمْ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
    ئېيتقىنكى، «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئۇ ھۆكۈم ئەمەلگە ئاشقان كۈنى كافىرلارغا ئىمانى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلىشى ئەمەلگە ئاشقان كۈنى مۇئمىنلار مۇكاپاتلىنىدۇ، كافىرلارغا ئۇ چاغدا كەلتۈرگەن ئىمانى پايدا بەرمەيدۇ ۋە ئۇلار قىلچە مۆھلەت بېرىلمەستىن ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ». دەرۋەقە ئازابنى كۆرگەندە قىلغان تەۋبە، ئېيتقان ئىمان، قىلغان ياخشىلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇڭلاشقا فىرئەۋنىڭ دېڭىزدا غەرق بولۇۋېتىپ ئېيتقان ئىمانى قوبۇل قىلىنمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (32-سۈرە سەجدە، 30-ئايەت) ھىساب سەۋر ئاللاھقا ئىتائەت
    فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَانْتَظِرْ إِنَّهُمْ مُنْتَظِرُونَ
    سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن). سەن (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە چۈشىدىغان نەرسىلەرنى) كۈتكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن كۈتكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مەسخىرىچى مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارنىڭ قارشى چىقىشىغا ۋە ئەزىيەت قىلىشىغا پەرۋا قىلمىغىن، ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، سەن يولۇڭغا مېڭىۋەرگىن، بىز ساڭا يېقىندا نۇسرەت ۋە غەلىبە ئاتا قىلىمىز، سەن ئۇ ۋاقىتنى كۈتۈپ تۇرغىن، چۈنكى ئۇلارمۇ سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى كۈتۈۋاتىدۇ، ياخشى ئاقىۋەت ساڭا مەنسۇپتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى