قاف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 45 ئايەت
مەنىسى: «ق» ھەرىپى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى شۇ ھەرپ بىلەن باشلانغان
  1. (50-سۈرە قاف، 1-ئايەت) ھەرپلەر قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ق ۚ وَالْقُرْآنِ الْمَجِيدِ
    قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قاف، ئۇلۇغ قۇرئان بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    ساد، ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! ناھايىتى ئۇلۇغ قۇرئان بىلەن قەسەمكى، ئەمەلىيەت سەن كافىرلار ئېيتقاندەك ئەمەس؛ مۇھەممەد ئەقلىدىن ئازغان ياكى سېھىرگەر ۋە ياكى يالغانچى ئەمەس، قۇرئان ئويدۇرما سۆز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. بَلْ عَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ فَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا شَيْءٌ عَجِيبٌ
    بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئۇلار ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى. ئۇ كافىرلار مۇنداق دېدى: «بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر. — ئەنەس ئالىم

    (2-3) لېكىن بۇ مۇشرىكلار، ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىگە ئەجەبلەندى؛ ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە نىجاتلىق يولىغا باشلىشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ھەيران قېلىشتى، ئۇ كافىرلار مۇنداق دېيىشتى: «مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەر بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالدۇر، ھەقىقەتەن غەلىتە ئىشتۇر. بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق؟ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بىز ئۆلۈپ توپا ۋە سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ئەسلىمىزگە كېلەمدۇق؟ يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلەمدۇق؟ ياق، بۇ ئېھتىمالدىن يىراق قايتىشتۇر». ئۇلار بۇ سۆزلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئېھتىمالدىن يىراق سانايتتى، ئىنكار قىلاتتى، ھەتتا بۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنى ۋە ئىشىنىش ھەققىدىكى ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (50-سۈرە قاف، 3-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا ۖ ذَٰلِكَ رَجْعٌ بَعِيدٌ
    بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن - تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق؟- بۇ ئېھتىمالدىن يىراق بىر قايتىشتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق؟ بۇ ئېھتىمالدىن يىراق قايتىشتۇر». — ئەنەس ئالىم

  4. قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنْقُصُ الْأَرْضُ مِنْهُمْ ۖ وَعِنْدَنَا كِتَابٌ حَفِيظٌ
    ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) بار — مۇھەممەد سالىھ

    بىز، زېمىننىڭ ئۇلاردىن نېمىلەرنى كېمەيتكەنلىكىنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز زېمىننىڭ ئۇلاردىن نېمىلەرنى كېمەيتكەنلىكىنى بىلىمىز. بىزنىڭ يېنىمىزدا ھەر نەرسىنى ساقلىغۇچى كىتاب بار. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۇ تەرسا مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتىدۇكى: ئۇلار ئۆلۈپ زېمىنغا كۆمۈلگەندىن كېيىن زېمىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدلىرىدىن نېمىلەرنى كېمەيتكەنلىكىنى بىز ئوبدان بىلىمىز؛ ئۇلارنىڭ زېمىن يەپ كەتكەن گۆش، پەي، كۆمۈرچەك ۋە سۆڭەك... قاتارلىق جىمى پارچىلىرى بىزگە ئېنىق مەلۇمدۇر. بىزنىڭ يېنىمىزدا ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ساقلىغان بىر كىتاب (لەۋھى مەھفۇز) بار. ئۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىلىش، دۇنيادا ياشاش، ئۆلۈش، جەسەتلىرى زېمىننىڭ ئاستىدا تۇرۇش ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش... قاتارلىق ئەھۋاللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەلۇماتلار مەۋجۇتتۇر. بۇ بىزنىڭ ئىلمىمىزنىڭ چەكسىزلىكى بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. بَلْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ فَهُمْ فِي أَمْرٍ مَرِيجٍ
    بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، ئۇلار قالايمىقان ھالەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت- يەنى قۇرئان- نى ئىنكار قىلدى، ئۇلار قايمۇقۇش ئىچىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقنى يالغان دېدى. ئۇلار تۇراقسىزلىق ئىچىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئەلچىمىز يەتكۈزگەن قۇرئان ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمىدى، ئەقلىنى ئىشلىتىپ چۈشىنىشكە تىرىشمىدى، ئەكسىچە ھېچ تەپەككۇر قىلماستىن يالغانغا چىقاردى، ئىنكار قىلدى. ئۇلار تۇراقسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقىماقتىدۇر؛ ئۇلار بىرتۇرۇپ ئەلچىمىز ھەققىدە: «ئىنسان قانداق پەيغەمبەر بولىدۇ» دەيدۇ، بىرتۇرۇپ «ساھىر، كاھىن، شائىر» دەيدۇ، بىرتۇرۇپ كىتابىمىز قۇرئان ھەققىدە: «ئويدۇرما، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى، سېھىر ، شېئىر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. أَفَلَمْ يَنْظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِنْ فُرُوجٍ
    ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاسماننى قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنى قانداق بىنا قىلدۇق ۋە قانداق زىننەتلىدۇق؟ ئۇنىڭدا ھېچبىر يوچۇق يوق. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنىنى ۋە ئۇ كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانغا قارىمىدىمۇ؟ بىزنىڭ ئۇنى ئۇلار كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىىمىزنى، ئۇنى قانداق زىننەتلىگەنلىكىمىزنى ۋە ئۇنى كەم - كۈتسىز ياراتقانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى: ئاسماننى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلمىسى، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەردىن ئىبارەت بولغان زىننىتى بىلەن بىز ياراتقان ۋە مەۋجۇدىيىتىنى بىز ساقلاۋاتىمىز. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستۈن تەرىپىگە قارىغان ھەر كىشى ئاسماننى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچبىر يوچۇق، يېرىق، قۇسۇر ۋە ئېۋەن تاپالمايدۇ. بۇ مۇشرىكلار ئەگەر ئاسمانغا قارىسا ئىدى بىزنىڭ چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىمىزنى، يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ توغرا يولغا قايتقان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
    زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    يەر يۈزىنى كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زېمىننى يايدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز زېمىننى كەڭ، يايپاڭ ۋە ياشاشقا ئۇيغۇن قىلىپ ياراتتۇق؛ زېمىندا مۇستەھكەم ۋە ئېگىز تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق؛ زېمىندا قارىغانلارنى زوقلاندۇرىدىغان تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ ئۇلاردىن خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ۋە دەرەخلەرنى يېتىشتۈردۇق. مۇشرىكلار ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرۇرۋاتقان زېمىنغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىغان بولسا، ئەنە شۇ زىرائەت ۋە دەرەخلەرنى كۆرەتتى، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
    ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە -ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى- كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنى ئاللاھقا يۆنەلگەن ھەرقانداق بەندىنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىش ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى، بىزگە يۆنەلگەن ھەرقانداق بەندىنىڭ، ئەقىل كۆزىنى ئېچىپ قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرۈشى، ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئەسلەپ ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَنَزَّلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً مُبَارَكًا فَأَنْبَتْنَا بِهِ جَنَّاتٍ وَحَبَّ الْحَصِيدِ
    كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كۆكتىن مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاسماندىن بەرىكەتلىك سۇ چۈشۈردۇق، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن باغلارنى ۋە ئورىلىدىغان ئاشلىقلارنى يېتىشتۈردۇق، — ئەنەس ئالىم

    (9-11) بىز ئاسماندىن بەرىكەتلىك سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇ سۇ بىلەن تۈرلۈك باغلارنى ۋە ئورىلىدىغان ئاشلىق زىرائەتلىرىنى، ئېگىز ئۆسكەن ۋە سانجاق - سانجاق مېۋىلىرى بولغان خورما دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردۇق، شۇنداقلا ئۇلارنى بەندىلەرگە رىزىق قىلىپ بەردۇق. بىز ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى ئەنە شۇنداق جانلاندۇردۇق. قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىشىمۇ ئەنە شۇنداقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (50-سۈرە قاف، 10-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر رىزىق
    وَالنَّخْلَ بَاسِقَاتٍ لَهَا طَلْعٌ نَضِيدٌ
    كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    سانجاق - سانجاق مېۋىلىرى بولغان ئېگىز خورمىلارنىمۇ يېتىشتۈردۇق، — ئەنەس ئالىم

  11. رِزْقًا لِلْعِبَادِ ۖ وَأَحْيَيْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ الْخُرُوجُ
    (ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن (ئۆستۈردۇق)، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن ئۆستۈردۇق، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك - قاقاس- زېمىننى تىرىلدۈردۇق، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنى بەندىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ قىلدۇق. بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق. قەبىرلەردىن چىقىشمۇ ئەنە شۇنداقتۇر. — ئەنەس ئالىم

  12. كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَابُ الرَّسِّ وَثَمُودُ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى ۋە سەمۇد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەسسىلىكلەر[1] ۋە سەمۇد[2] يالغانچى دېگەن. — ئەنەس ئالىم

    (12-14) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى، سەمۇد، ئاد، فىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكەلىكلەر ۋە تۇببەئنىڭ قەۋمىمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان تەھدىتىم ئەمەلگە ئاشتى. «نۇھنىڭ قەۋمى» - قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن ئىدرىس ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋە ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى ياشىغان مۇشرىك بىر قەۋم ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇ قەۋمنى 950 يىل بويىچە كېچە - كۈندۈز ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەقكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار بولسا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق قارشى چىققان، شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نۇسرەت، قەۋمىگە بالا تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغان، ئاللاھ تائالا بۇ دۇئانى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنى توپان بالاسى ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتكەن. «رەس ئاھالىسى»، بىرى بۇ يەردە، يەنە بىرى 25 - سۈرە (فۇرقان)نىڭ 38 - ئايىتىدە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە جەمئىي ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ئۆز پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قاتارىدا ھالاك قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئۇلار توغرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا بىرەر مەلۇمات يوق. تەپسىرلەردە ئۇلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا پەرقلىق بىرقانچە كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھېچبىرى بىرەر ئايەتكە ياكى بىرەر سەھىھ ھەدىسكە ئاساسلانمايدۇ. «سەمۇد» - سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا، ھىجاز بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ھىجر (مەدائىنى سالىھ، ۋادىلقۇرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)» دېگەن جايدا ياشايدىغان مۇشرىك بىر قەۋم ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا سالىھ ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەىۋىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. «ئاد» - ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، ئۇلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا «ئەھقاف - قۇم بارخانلىرى» دېگەن جايدا ياشايدىغا مۇشرىك بىر قەۋم ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھۇد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇلار ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. «فىرئەۋن» - فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مىسرنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئۇ مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد ۋە ئادالەتكە قىلغان دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان، ئاللاھ تائالا ئۇنى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتكەن. «لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى» - ئۆز ۋاقتىدا ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى «لۇت كۆلى»نىڭ ساھىلىغا يەرلەشكەن سەدۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايدىغان ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ ئىشنى قىلىش ۋە باشقا يامان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ناھايىتى ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا لۇت ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى شېرىك، يامان ئىش ۋە قەبىھلىكلەردىن توسۇپ، تەۋھىدكە، ياخشى ئىشلارغا ۋە گۈزەل ئەخلاققا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇلار بولسا، دەۋەتكە قارشى چىققان ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامغا سۈرگۈن قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىگەن، ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. «ئەيكەلىكلەر» - ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان مەديەن ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى، ئۆلچەم ۋە كەمچەننى كەم تۇتۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى يەۋالاتتى، ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلاتتى، قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى يەمەن، شام، ئىراق ۋە مىسىر ئارىسىدىكى تىجارەت يوللىرىدا ئولتۇرۇپ بۇلاڭچىلىق قىلاتتى، ئىنسانلارنى توغرا يولدىن توساتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەزكۇر يامانلىقلاردىن توسۇپ ھەقكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار بولسا، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش تۈگۈل، ئۇنى مەسخىرە قىلغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە ۋە مۇئمىنلارغا ياردەم، ئۇلارغا (كاپىر قەۋمىگە) بالا تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. «تۇببەئـ»- قەدىمكى يەمەن (ھەزرەمەۋت، سەبەئـ ۋە ھىميەر) پادىشاھىنىڭ نامىدۇر. بۇ ئايەتتە ۋە 44- سۈرە (دۇخان)نىڭ 37 - ئايىتىدە «تۇببەئـ»نىڭ قەۋمى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىپ، مۇشرىكلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَانُ لُوطٍ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئاد قەۋمى، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاد[3]، فىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، — ئەنەس ئالىم

  14. وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەيكە ئاھالىسى - شۇئەيبنىڭ قەۋمى- ۋە تۈببە قەۋملىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەيكەلىكلەر[4] ۋە تۇببەئنىڭ[5] قەۋمىمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تەھدىتىم ئەمەلگە ئاشتى. — ئەنەس ئالىم

  15. أَفَعَيِينَا بِالْخَلْقِ الْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِي لَبْسٍ مِنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ
    (ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز). ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    دسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ بەلكى ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلشقا قارىتا قاتتىق گۇماندىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز دەسلەپكى يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ياق، ئۇلار يېڭىدىن يارىتىشتىن شۈبھىلەنمەكتە. — ئەنەس ئالىم

    بىز قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بۇ مۇشرىكلارنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ياق، ئاجىز كەلمىدۇق؛ بىز ئۇلارنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتتۇق. ئۇلار بۇ ئەمەلىيەتنى بىلىپ تۇرۇقلۇق بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى يېڭىدىن يارىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزدىن شۈبھىلەنمەكتىدۇر. ئى ئىنكارچىلار! «سىلەر، ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە يوقتىن بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى بىلدىڭلار، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا يەنە بىر قېتىم سىلەرنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتمەيسىلەر؟!». «بىز سىلەرنى، دەسلەپتە يوقتىن ياراتتۇق، قىيامەت كۈنى يەنە بىز قايتا تىرىلىدۈرىمىز!». ئەگەر بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزدىن شۈبھىلىنىدىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىش، تۇغۇلۇش، ياشاش ۋە ئۆلۈش باسقۇچلىرىغا ئىبرەت كۆزى بىلەن قاراپ چىقىڭلار. شۇنىڭدەك، يامغۇر يېغىش بىلەن زېمىندا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە ۋە ئۈنۈپ چىقىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرگە قاراپ چىقىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  16. وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ
    بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن ئىنساننى بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنساننى ھەقىقەتەن بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلۇغلۇقىم بىلەن قەسەمكى، بىز ئىنساننى يوقتىن ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ نېمە ئويلىغانلىقىنى، نېمە خىيال قىلغانلىقىنى ۋە نېمە تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىندۇرمىز. بىزنىڭ ئىنساننى يوقتىن يارىتىشقا ، ئۇنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى پىلانلاشقا، ئۇ يارىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەھۋال ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى، ھەتتا ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن ئوي - خىياللارنى بىلىشكە يەتكەن قۇدرىتىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە، ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئېلىشقا، ئاندىن لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يەتمەمدۇ؟! ئەلۋەتتە يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ
    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (17-18) بىز ئىنساننىڭ بارلىق ئەھۋال، ئىش ھەرىكەت ۋە ئوي - خىياللىرىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان مەخسۇس ئىككى پەرىشتە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر. ئۇ قانداق سۆز قىلسا، ئۇنىڭ يېنىدا يېزىشقا تەييار بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە بار، ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى يېزىلغان كىتابنى قىيامەت كۈنى بىز ئۇنىڭغا بېرىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئۇ كىتابتىكى سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىمىز، ھېساب نەتىجىسىدە ئۇنى لايىق بولغان يېرىگە (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. مَا يَلْفِظُ مِنْ قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ
    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان بىر پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ قانداق سۆز قىلسا، يېنىدا يېزىشقا تەييار بىر كۆزەتكۈچى بار. — ئەنەس ئالىم

  19. (50-سۈرە قاف، 19-ئايەت) ئۆلۈم ھەق غەپلەت
    وَجَاءَتْ سَكْرَةُ الْمَوْتِ بِالْحَقِّ ۖ ذَٰلِكَ مَا كُنْتَ مِنْهُ تَحِيدُ
    ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى، ئى ئىنسان! سەن ئۇنىڭدىن قاچاتتىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا: «مانا بۇ سەن قاچقان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ھەر ئىنسانغا ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى ۋە دەرد - ئەلىمى چوقۇم كېلىدۇ؛ ئىنسانلار قىيامەتكە قەدەر بىر - بىرلەپ ئۆلىدۇ، قىيامەت كۈنى بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا ھايات بولغان ئىنسانلار ھەممىسى بىراقلا ئۆلىدۇ. ئىنسان قانداق ئۆلسە ئۆلسۇن ئۆلۈمى ئەسناسىدا ئۇنىڭغا: «مانا بۇ، ھاياتىڭ بويىچە سەن قاچقان نەرسىدۇر، قېچىشىڭنىڭ پايدىسى بولمىدى» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (50-سۈرە قاف، 20-ئايەت) سۇر چىلىنىشى قىيامەت ۋاقتى
    وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ
    سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سۈر چېلىنىدۇ. مانا بۇ كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    (20-23) ئىنسانلار ئەنە شۇنداق ئۆلۈپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، سۈر ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدۇ. ئەنە شۇ، كافىرلارغا قىلىنغان تەھدىت ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈندۇر. ئۇ چاغدا ھەر ئىنسان قايتا تىرىلىپ قەبرىسىدىن چىقىدۇ ۋە مەھشەرگە، ھەيدەپ ماڭغۇچى ۋە قىلمىشلىرىغا مەھشەردە گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئىككى پەرىشتە بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئۇ، مەھشەرگە ئەنە شۇنداق ھالەتتە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «سەن دۇنيادا بۇ كۈندىن ۋە بۇ كۈندىكى دەھشەتلەردىن غەپلەتتە ياشىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر؛ ھازىر سەن قىيامەتنى ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىرىنى كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرىسەن» دېيىلىدۇ، دۇنيادا ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى يېزىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە: «مانا بۇ مەن دۇنيادا سۆز - ھەرىكەتلىرىنى يېزىشقا مەسئۇل قىلىنغان كىشى ۋە بۇ ئۇنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان كىتابتۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (50-سۈرە قاف، 21-ئايەت) ھىساب پەرىشتىلەر
    وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ
    ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئىنسان مەھشەرگاھقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنى مەھشەرگاھقا ھەيدىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىگە گۇۋاھ بولغۇچى بىللە كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ھەر ئىنسان يېنىدا بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھچى بولغان ھالدا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  22. (50-سۈرە قاف، 22-ئايەت) ھىساب ئۆلۈم غەپلەت
    لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ
    ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! سەن بۇنىڭدىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا: «سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  23. وَقَالَ قَرِينُهُ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
    ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ ھەمراھى: «مانا بۇ مېنىڭ يېنىمدىكىدۇر، تەيياردۇر» دەيدۇ[6]. — ئەنەس ئالىم

  24. أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ
    (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەرگە: « ھەر بىر تەرسا كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىككى پەرىشتىگە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى ھەر كافىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار! — ئەنەس ئالىم

    (24-26) ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى پەرىشتىگە ئېيتىدۇ: «ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى، ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە ھەقىقەتكە شەك كەلتۈرگۈچى ھەر كافىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، يەنى ئاللاھقا باشقا ئىلاھنى تەڭ قىلغۇچى ھەر مۇشرىكنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ
    (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى — ئەنەس ئالىم

  26. الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ
    (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ قىلىۋالغانلارنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار»دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئاللاھقا باشقا ئىلاھنى تەڭ قىلغۇچى كىشىدۇر. ئۇنى قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلاڭلار». — ئەنەس ئالىم

  27. قَالَ قَرِينُهُ رَبَّنَا مَا أَطْغَيْتُهُ وَلَٰكِنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
    ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ ھەمراھى: «رەببىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ ھەمراھى[7]: «رەببىمىز! بۇنى مەن ئازدۇرمىدىم. لېكىن بۇ چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا ئىدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (27-29) بۇ ئەسنادا ئۇ كافىر: يا رەببى! مەن ئازمىدىم، مېنى شەيتان ئازدۇرۇپ كافىر قىلدى، ھەددىمدىن ئاشۇردى ۋە توغرا يولدىن توستى» دەپ ئاللاھقا ئۆزرە ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھەمراھى شەيتان: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان ئىگىمىز - ئاللاھ! بۇ كافىرنى مەن ئازدۇرمىدىم، مەن ھەددىدىن ئاشۇرمىدىم، لېكىن بۇ كافىر ئۆز نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ توغرا يولدىن يىراقلاشتى ۋە ئازغۇنلۇققا چۆمدى» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ كافىر بىلەن ئۇنىڭ شەيتان ھەمراھىغا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تارتىشماڭلار، مۇنازىرىلەشمەڭلار، چۈنكى بۇنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. مەن سىلەرنى بۇ ئازابتىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، ئەمدى مېنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى دوزاخقا تاشلاپ ئازابلاش ھەققىدە ئېيتقان سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ. مەن بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايمەن؛ تېگىشلىك بولمىغان كىشىنى ئەسلا دوزاخقا تاشلىمايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا لَدَيَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُمْ بِالْوَعِيدِ
    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھۇزۇرىمدا تارتىشماڭلار. سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم. — ئەنەس ئالىم

  29. مَا يُبَدَّلُ الْقَوْلُ لَدَيَّ وَمَا أَنَا بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سۆز ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەن بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايمەن». — ئەنەس ئالىم

  30. يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِنْ مَزِيدٍ
    ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى جەھەننەمگە: «تولدۇڭمۇ؟» دەيمىز، ئۇ: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىز قىيامەت كۈنى ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق ئەھلى دوزاخنى دوزاخقا تاشلاپ بولغاندىن كېيىن، دوزاختىن: «تولدۇڭمۇ؟» دەپ سورايمىز، دوزاخ: «يەنە بارمۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ غَيْرَ بَعِيدٍ
    جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ، يىراقتا بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (31-34) قىيامەت كۈنى جەننەت كەلتۈرۈلۈپ تەقۋادارلارغا يېقىن جايدا توختىتىلىدۇ، ئاندىن ئۇ تەقۋادارلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەنە شۇ سىلەرگە، يەنى دۇنيادىكى چېغىدا ئاللاھقا يۆنىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا رىئايە قىلغان، چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن، ئاللاھقا يۆنەلگۈچى قەلب بىلەن بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەن كىشىگە ۋەدە قىلىنغان جەننەتتۇر. ئى ياخشى بەندىلەر! ئۇنىڭغا ئامانلىق بىلەن كىرىپ نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولۇڭلار. بۇ، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ ياشايدىغان كۈندۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
    مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقۇچى، ئەمرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ھەر بىر بەندە ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىدۇر. بۇ ئاللاھقا يۆنەلگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ساقلىغۇچى ھەر كىشى ئۈچۈندۇر، — ئەنەس ئالىم

  33. مَنْ خَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ وَجَاءَ بِقَلْبٍ مُنِيبٍ
    كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە بۇ مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورققان ۋە تەۋبە قىلغۇچى بىر قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەر بارغۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنى رەھماننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن، ئۇنىڭغا يۆنەلگۈچى قەلب بىلەن كەلگەن كىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

  34. (50-سۈرە قاف، 34-ئايەت) ئۆلۈم جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    ادْخُلُوهَا بِسَلَامٍ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُلُودِ
    كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار. بۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان كۈندۇر». — ئەنەس ئالىم

  35. لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ فِيهَا وَلَدَيْنَا مَزِيدٌ
    جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە (نېمەتلەر) بار — مۇھەممەد سالىھ

    جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا تېخىمۇ زىيادە نېمەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا جەننەتتە خالىغان نەرسىلىرى بار. ھۇزۇرىمىزدا زىيادە نېمەتلەرمۇ بار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ تەقۋادارلار جەننەتتە ئۆزلىرى خالىغان، كۆڭۈللىرى تارتقان ۋە ئارزۇ قىلغان نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. بىز ئۇلارغا جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن باشقا نېمەتلەرنىمۇ ئاتا قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُمْ بَطْشًا فَنَقَّبُوا فِي الْبِلَادِ هَلْ مِنْ مَحِيصٍ
    بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، ئۇلارغا ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشكەن ئىدى. قاچقىلى يەر تېپىلدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ياشىغان نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇ نەسىللەر ھەر جەھەتتە بۇ مۇشرىكلاردىن كۈچلۈك ئىدى؛ ئۇلار شەھەرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ زىرائەت تېرىش، ئېرىق - ئۆستەك ئېلىش، ھەر تۈرلۈك مەدەنلەرنى چىقىرىش... قاتارلىقلار ئۈچۈن زېمىننى قازغان ئىدى، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنى كولىغان ئىدى، ئۆي - ئىمارەتلەرنى سېلىش ۋە يوللارنى ئېلىش بىلەن زېمىننى بۇلاردىن بەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئەمرىمىز كەلگەندە ئۇلار قاچقىلى يەر تاپالىدىمۇ؟ ياق، تاپالمىدى، ھەممىسى ھالاك بولۇپ كەتتى. ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىگە ئالدانمىسۇن، ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئالسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَنْ كَانَ لَهُ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى السَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ
    بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    بۇنىڭدا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى ۋەز ـ نەسىھەتكە ھۇزۇرىي قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدا قەلبى بولغان[8] ياكى زەن قويۇپ دىققەت بىلەن قۇلاق سالغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەسلىتىش بار. — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى ھالاك قىلىشىمىز ھەققىدە ئۆزى ئەقىل ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلغان، ئويلىغان ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن ياكى ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىگە ۋە قىلىنغان نەسىھەتلەرگە دىققەت بىلەن قۇلاق سالغان كىشى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھەقىقەتەن ئىبرەت ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى ئەسلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. وَلَقَدْ خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِنْ لُغُوبٍ
    بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىزگە ھېچقانداق چارچاشمۇ كەلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق. بىزگە ھېچ ھارغىنلىق يەتمىدى. — ئەنەس ئالىم

    بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئالتە كۈندە يوقتىن ياراتتۇق ۋە ئەسلا چارچىمىدۇق. ئى مۇشرىكلار! سىلەر مانا بۇ ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇپ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشىڭلارنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر. بىر نەرسىنى يوقتىن يارىتىش، ئۇ نەرسىنى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن زوردۇر. بىز ئەنە شۇ زور ئىشنى قىلدۇق، ئەمدى قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئاسان ئىشنى قىلىشقا قۇدرىتىمىز يەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىدۇ، چۈنكى بىز ھەر نەرسىگە قادىرمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ئالدىدا ئاسان، تەس دەپ بىرەر ئىش يوق. بىز خالىغىنىمىزنى پىلانلاشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا يېتىدىغان ئىلىم ۋە قۇدرەتكە ئىگىدۇرمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ
    (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق بولغانىكەن، كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم

    (39-40) ئى مۇھەممەد! ھەقىقەت ئەنە شۇنداق ئېنىق بولسىمۇ بۇ مۇشرىكلار تەرسالىق قىلىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى جازالاش بېرىلگەن مۆھلەت توشقۇچىلىك كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بۇ مۆھلەتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتىدۇ، سېنىڭ ھەققىڭدە تۈرلۈك ناشايان سۆزلەرنى قىلىپ ئىچىڭنى پۇشۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن؛ پەرۋا قىلمىغىن، دەۋەت پائالىيىتىڭنى ئەينەن داۋاملاشتۇرغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ۋە سەجدە قىلغاندىن كېيىن رەببىڭگە يەنە تەسبىھ ئېيتقىن. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت بىر كېچە - كۈندۈزدە ئۆتۈلۈشى پەرز ۋە تەرغىب قىلىنغان نامازلارنى، ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى تەسبىھ ئېيتىش بامداتنى ئۆتەشنى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى تەسبىھ ئېيتىش پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى ئۆتەشنى، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا تەسبىھ ئېيتىش نامازشام بىلەن خۇپتەننى ئۆتەشنى كۆرسىتىدۇ، سەجدە قىلغاندىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىش پەرز نامازلاردىن باشقا سۈننەت نامازلارنى ۋە نەپلە نامازلارنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَارَ السُّجُودِ
    كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن (يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا) تەسبىھ ئېيتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن تەسبىھ ئېيتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ۋە سەجدىلەردىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم

  41. وَاسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ الْمُنَادِ مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ
    نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يېتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن — مۇھەممەد سالىھ

    نىدا قىلغۇچى يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندە نىداغا قۇلاق سالغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    نىدا قىلغۇچى يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندىكى نىداغا قۇلاق سالغىن. — ئەنەس ئالىم

    (41-42) ئى مۇھەممەد! تۆۋەندىكى سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن: قىيامەت كۈنى نىدا قىلغۇچى پەرىشتە خالايىققا يېقىن جايدىن نىدا قىلىپ ھەممەيلەننى مەھشەرگە يىغىلىشقا چاقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى پۈتكۈل خالايىق ھەقىقىي رەۋىشتە ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەبرىلىرىدىن تېز چىقىدۇ. ئەنە شۇ خالايىقنىڭ قايتا تىرىلىپ قەبرىلەردىن چىقىش كۈنىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. يَوْمَ يَسْمَعُونَ الصَّيْحَةَ بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُرُوجِ
    ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنى) ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ -قەبرىلەردىن- چىقىش كۈنىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئىنسانلار ئاۋازنى ئەلۋەتتە ئاڭلايدۇ. ئەنە شۇ قەبىرلەردىن چىقىش كۈنىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  43. إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَإِلَيْنَا الْمَصِيرُ
    بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز تىرىلدۈرىمىز، ئۆلتۈرىمىز. ئاخىرىدا بارىدىغان جاي بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بىز خالىغىنىمىزنى يوقتىن يارىتىپ جانلاندۇرىمىز، ياراتقان مەخلۇقاتىمىزنىڭ ئىچىدىن ئەجىلى توشقانلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ ئۆلتۈرىمىز، كائىناتنىڭ ئەجىلى توشقاندا ھەممە جانلىقنى بىراقلا ئۆلتۈرىمىز، قىيامەت كۈنى ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. يَوْمَ تَشَقَّقُ الْأَرْضُ عَنْهُمْ سِرَاعًا ۚ ذَٰلِكَ حَشْرٌ عَلَيْنَا يَسِيرٌ
    ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار قەبرىلىرىدىن تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى يەر يېرىلىدۇ، ئىنسانلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ مەھشەرگاھقا يۈگۈرىشىدۇ. ئۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان توپلاشتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى يەر يېرىلىدۇ ۋە ئۇلار قەبرىلىرىدىن ناھايىتى تېز چىقىپ مەھشەرگە يۈگۈرەيدۇ. ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش ۋە ھۇزۇرىمىزغا توپلاش بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِجَبَّارٍ ۖ فَذَكِّرْ بِالْقُرْآنِ مَنْ يَخَافُ وَعِيدِ
    بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى زورلىغۇچى ئەمەسسەن، شۇڭا مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەس. سەن مېنىڭ تەھدىتىمدىن قورقىدىغان كىشىگە قۇرئان بىلەن ئەسلەتكىن[9]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق دەۋاتقان سۆزلىرىنى، تارقىتىۋاتقان پىتنە - ئىغۋالىرى ۋە توقۇۋاتقان تۆھمەتلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىمىز، بىلگىنكى: سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇلارنى توغرا يولغا زورلاش ئەمەس، ئەكسىچە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشتۇر، شۇڭلاشقا سەن مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغان كىشىگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن؛ مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا يول كۆرسەتكىن، ئورۇندىشى كېرەك بولغان ۋەزىپىلىرىنى ئەسلەتكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى