قىيامەت سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 40 ئايەت
مەنىسى: قىيامەت. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (75-سۈرە قىيامەت، 1-ئايەت) تىرىلىش قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَا أُقْسِمُ بِيَوْمِ الْقِيَامَةِ
    قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس، قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (1-2) مۇشرىكلار قىيامەتنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇ كۈنى خالايىقنىڭ، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلىشىنى يالغان دەۋاتىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەمەلىيەت سىلەر دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، سىلەر ئىنكار قىلغان قىيامەت كۈنى بىلەن ۋە پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەپ تۇرغۇچى «نەفس» بىلەن قەسەمكى، قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ، سىلەر ئۇ كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىسىلەر ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بىزگە بېرىسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (75-سۈرە قىيامەت، 2-ئايەت) ئۆز مەسئۇلىيەت قەسەملەر
    وَلَا أُقْسِمُ بِالنَّفْسِ اللَّوَّامَةِ
    ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەپس بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەفس بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  3. (75-سۈرە قىيامەت، 3-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَلَّنْ نَجْمَعَ عِظَامَهُ
    ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان بىزنى، سۆڭەكلىرىمنى جەمئىي قىلالمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (3-4) كافىر ئىنسان ئۆزىنىڭ سۆڭەكلىرىنى قىيامەت كۈنى بىزنىڭ جەم قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ئويلامدۇ؟ يەنى ئۇ كافىر: «مەن ئۆلۈپ جەسىتىم توپىغا ئايلىنىپ كەتسە ۋە سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتسە، ئاللاھ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى قايتا يىغىپ قۇراشتۇرالمايدۇ، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ جانلاندۇرالمايدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟ بىز ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئەلۋەتتە جەم قىلىمىز، ھەتتا بىز ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (75-سۈرە قىيامەت، 4-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    بَلَىٰ قَادِرِينَ عَلَىٰ أَنْ نُسَوِّيَ بَنَانَهُ
    ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچىمىز يېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس[2]، بىز ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم

  5. (75-سۈرە قىيامەت، 5-ئايەت) كاپىرلىق ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
    بَلْ يُرِيدُ الْإِنْسَانُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُ
    ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھ قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (5-9) قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ئەنە شۇنداق ھەق تۇرۇقلۇق، ھەددىدىن ئاشقان ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھ قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇ قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ ۋە ئىشەنگەنلەرنى مەسخىرە قىلىپ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. جاۋاب، قىيامەت كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچى بۇزۇلۇپ ئىككىسى جەم قىلىنغان چاغدا قايىم بولىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (75-سۈرە قىيامەت، 6-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى كاپىرلىق
    يَسْأَلُ أَيَّانَ يَوْمُ الْقِيَامَةِ
    بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ : «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  7. (75-سۈرە قىيامەت، 7-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى قىيامەت ۋاقتى
    فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ
    ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كۆزلەر تورلاشقان — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆز قاماشقان، — ئەنەس ئالىم

  8. وَخَسَفَ الْقَمَرُ
    كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاي تۇتۇلغان، — ئەنەس ئالىم

  9. وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ
    كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياش بىلەن ئاي جەم قىلىنغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم

  10. يَقُولُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ
    كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان ئەنە شۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (10-15) ئىنسان ئەنە شۇ كۈندە قورقۇنچتىن: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ قاچقىلى يەر بارمۇ؟» دەيدۇ. ئى ئىنسان! ياق، ئۇ چاغدا ھېچ پاناھگاھ يوقتۇر! ئۇ كۈنى قارارگاھ رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ئۇ كۈنى ئىنسانغا بۇ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان ئىشلىرى ۋە ئارقىسىدا قويۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسان ھەرقانچە ئۆزرە ئېيتسىمۇ ئۆزىنى ئۆزى كۆرگۈچىدۇر؛ ئىنسانغا بۇ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان ئىشلىرىنى ۋە ئارقىسىدا قويۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى باشقا بىرى ئېيتىپ بەرمىسىمۇ، ئۇنىڭ تىل، قول، پۇت، قۇلاق، كۆز ۋە تېرىلىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە ئارقىسىدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ ئاخىرەتكە كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ، يەنى ئىنسان مەھشەردە ھەرقانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىدۇ، شۇنداقلا قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىدىن ۋە جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. كَلَّا لَا وَزَرَ
    ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياق، قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، ھېچ پاناھگاھ يوقتۇر! — ئەنەس ئالىم

  12. (75-سۈرە قىيامەت، 12-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى
    إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمُسْتَقَرُّ
    بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە قارارگاھ رەببىڭنىڭ تەرىپىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى قارارگاھ رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  13. (75-سۈرە قىيامەت، 13-ئايەت) ھىساب ئەمەل دەپتىرى
    يُنَبَّأُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
    بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئىنسانغا قىلغان ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ[3]. — ئەنەس ئالىم

  14. (75-سۈرە قىيامەت، 14-ئايەت) ھىساب ئۆز مەسئۇلىيەت
    بَلِ الْإِنْسَانُ عَلَىٰ نَفْسِهِ بَصِيرَةٌ
    بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى كۆرگۈچىدۇر[4]، — ئەنەس ئالىم

  15. (75-سۈرە قىيامەت، 15-ئايەت) ئۆز مەسئۇلىيەت كاپىرلىق
    وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُ
    ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ[5]. — ئەنەس ئالىم

  16. لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ
    (ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما — مۇھەممەد سالىھ

    — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمىگىن. — ئەنەس ئالىم

    (16-19) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى يادلاشقا بەك ئالدىرايتتى، ئۇنتۇپ قېلىشتىن قورقۇپ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ۋەھىينى تۇلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغۇچە تەكرارلاشقا باشلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا، ئايەتلەر ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ئەسنادا ئوقۇشقا ئالدىرىماسلىقى توغرىسىدا بۇ ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر نازىل بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن بۇ ئىشتىن چەكلەنگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەھىينىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە ئۇنىڭغا ۋەدە ۋە بېشارەت بېرىلگەن. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يادلاشقا ئالدىراپ، ۋەھىي پەرىشتىسى ساڭا ئۇلارنى ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئەسنادا ئوقۇش ئۈچۈن تىلىڭنى مىدىرلاتمىغىن. قۇرئاننى سېنىڭ دىلىڭغا جەملەش ۋە تىلىڭغا جارى قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇڭا ۋەھىي پەرىشتىمىز ئۇنى ساڭا ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن؛ ئۇ ئوقۇشتىن توختىغاندا سەن ئوقۇشقا باشلىغىن. بىز قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە توپلاش ۋە تىلىڭغا جارى قىلىش بىلەن بىرگە قۇرئاننى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (75-سۈرە قىيامەت، 17-ئايەت) قۇرئاننىڭ قوغدىلىشى ۋەھىي
    إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ
    ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇنى جەملەش ۋە ئوقۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

  18. (75-سۈرە قىيامەت، 18-ئايەت) قۇرئاننى ئوقۇش ۋەھىي
    فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ
    ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇڭا بىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئەگەشكىن. — ئەنەس ئالىم

  19. (75-سۈرە قىيامەت، 19-ئايەت) قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ۋەھىي
    ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ
    ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇنى بايان قىلىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

  20. (75-سۈرە قىيامەت، 20-ئايەت) غەپلەت ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى بەك ياخشى كۆرىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، بەلكى سىلەر دۇنيانى ياخشى كۆرىسىلەر[6]. — ئەنەس ئالىم

    (20-21) ئى مۇشرىكلار! سىلەر قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقنى، ئۇ كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىڭلارنى ۋە ھېساب بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر، ئەمەلىيەت سىلەر ئېيتقاندەك بولمايدۇ؛ قىيامەت، قايتا تىرىلىشىڭلار، ھېساب بېرىشىڭلار چوقۇم بولىدىغان ئىشلاردۇر. ئەسلىدە سىلەر تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ دۇنيا ھاياتىنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئاخىرەت ھاياتىغا سەل قارايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (75-سۈرە قىيامەت، 21-ئايەت) غەپلەت ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ
    ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرەتنى قويۇپ قويىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  22. (75-سۈرە قىيامەت، 22-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى ئاللاھنى كۆرۈش
    وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاضِرَةٌ
    بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە، بەزى يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى بىر قىسىم يۈزلەر ئېچىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (22-25) دۇنيادىكى چېغىدا ئاخىرەت ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ياشىغانلارنىڭ يۈزلىرى ئۇ كۈنى ئېچىلىدۇ، چاقنايدۇ، نۇر چاچىدۇ، ئىگىسى - ئاللاھقا قارايدۇ. دۇنيادىكى چېغىدا ئاخىرەت ھاياتىغا سەل قاراپ ياشىغانلارنىڭ يۈزلىرى بولسا ئۇ كۈنى تۈرۈلىدۇ، غەمكىنلىك ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ناھايىتى ئېغىر بالاغا يولۇقىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (75-سۈرە قىيامەت، 23-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى ئاللاھنى كۆرۈش
    إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ
    (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار رەببىغا قاراپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىگە قارايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  24. وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ
    بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى يەنە بىر قىسىم يۈزلەر تۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  25. تَظُنُّ أَنْ يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
    ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزلىرىگە ئومۇرتقىلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئىش قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  26. (75-سۈرە قىيامەت، 26-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم
    كَلَّا إِذَا بَلَغَتِ التَّرَاقِيَ
    راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق[7]، جان ئوقۇرەك سۆڭەكلىرىگە يەتكەن، — ئەنەس ئالىم

    (26-30) ئى كافىر! دۇنيا ھاياتىنى ئەلا بىلىشتىن يانغىن! سەن ھازىر قىيامەتنى ئىنكار قىلىۋاتىسەن، لېكىن سەن سەكراتقا چۈشكەن، ئەتراپىڭدىكىلەر بىر - بىرىگە: «بۇ كېسەلگە كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېگەن، سەن بۇنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلگەن ۋە سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن پاچاقلىرىڭ بىر - بىرىگە كىرىشكەن چاغدا ئىنكار قىلالمايسەن، ئۇ چاغدا ئۆلىسەن، جەسىتىڭ تۇپراقنىڭ ئاستىغا دەپنە قىلىنىدۇ، روھىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، قىيامەت كۈنى جەسىتىڭ قايتا جانلىنىدۇ ۋە روھىڭ بىلەن بىرلىشىپ سەن قايتا تىرىلىسەن، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسەن ۋە قىلمىشىڭغا ھېساب بېرىسەن، ئاندىن دوزاخقا تاشلىنىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (75-سۈرە قىيامەت، 27-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم
    وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ
    راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    «كىم داۋالىيالايدۇ؟» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    «كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلگەن، — ئەنەس ئالىم

  28. (75-سۈرە قىيامەت، 28-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم
    وَظَنَّ أَنَّهُ الْفِرَاقُ
    (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئۇ بۇنىڭ بىر ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەكراتتىكى ئادەم بۇنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن — ئەنەس ئالىم

  29. (75-سۈرە قىيامەت، 29-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم
    وَالْتَفَّتِ السَّاقُ بِالسَّاقِ
    (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە پاچاق پاچاققا كىرىشكەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

  30. (75-سۈرە قىيامەت، 30-ئايەت) تىرىلىش ئۆلۈم
    إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمَسَاقُ
    بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈنى ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  31. (75-سۈرە قىيامەت، 31-ئايەت) كاپىرلىق پەرز ناماز
    فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
    (كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىشەنمىگەن ۋە ناماز ئوقۇمىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ[8]، تەستىقلىمىدى[9] ۋە ناماز ئۆتىمىدى، — ئەنەس ئالىم

    (31-35) «مەن ئۆلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى جەم قىلالمايدۇ» دەپ ئويلىغان ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە مەسخىرە قىلىپ: «قىيامەت قاچان قايىم بولىدۇ؟» دەپ سورىغان ئۇ كافىر ئىنسان، قۇرئاننىڭ بىزنىڭ كىتابىمىز ئىكەنلىكىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىدى ۋە ناماز ئۆتىمىدى، ھەتتا قۇرئاننى يالغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى، ئاندىن كېيىن كېرىلگەن ھالدا يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا باردى. ئى كافىر ئىنسان! ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر! شۇنداق، ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (75-سۈرە قىيامەت، 32-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    وَلَٰكِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
    لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئۇ يالغانغا چىقاردى ۋە يۈز ئۆرۈدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن يالغان دېدى ۋە يۈز ئۆرۈدى، — ئەنەس ئالىم

  33. (75-سۈرە قىيامەت، 33-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰ أَهْلِهِ يَتَمَطَّىٰ
    ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن كېرىلگەن ھالدا يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا باردى. — ئەنەس ئالىم

  34. (75-سۈرە قىيامەت، 34-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
    ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ساڭا لايىقتۇر! بۇ ساڭا لايىقتۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر! — ئەنەس ئالىم

  35. (75-سۈرە قىيامەت، 35-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
    يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە بۇ ساڭا لايىقتۇر! بۇ ساڭا لايىقتۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنداق، ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

  36. (75-سۈرە قىيامەت، 36-ئايەت) تىرىلىش خەلىپە
    أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَنْ يُتْرَكَ سُدًى
    ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان ئۆزىنىڭ بىكار قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (36-40) ئۇ ئىنسان ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يوقتىن يارىتىپ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشىشىغا قويۇۋېتىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئاللاھنىڭ: «ئۇنى قىل، بۇنى قىلما» دېمەيدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟ ئۇ ئەسلىدە بالىياتقۇغا تۆكۈلىدىغان مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەمەسمىدى؟ ئاندىن كېيىن ئۇ لەختە قانغا ئايلانغان، ئاندىن ئاللاھ ئۇ لەختە قاننى ياراتقان ۋە بېجىرىم ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئەر - ئايال ئىككى جىنسنى ياراتقان ئەمەسمىدى؟ ئۇ ئىنساننى ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتقان ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِنْ مَنِيٍّ يُمْنَىٰ
    ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بەچچىدانلارغا تۆكىلىدىغان مەنىيدىن ئەمەسمىدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بالىياتقۇلارغا تۆكۈلىدىغان مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەمەسمىدى؟ — ئەنەس ئالىم

  38. ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
    ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇ يېپىشقاق قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ياراتتى ۋە شەكىل بەردى، — ئەنەس ئالىم

  39. فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
    ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدىن ئىككى جىنسنى؛ ئەر بىلەن ئايالنى ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىر جۈپنى - ئەركەك ۋە چىشىنى - ياراتتى. — ئەنەس ئالىم

  40. (75-سۈرە قىيامەت، 40-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ
    (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلارنى قىلغان ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ — ئەنەس ئالىم