ئەبەسە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 42 ئايەت
مەنىسى: تەرىنى تۈرۈش. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەز نەسىھەت ئاڭلىغىلى كەلگەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمغا تەرىنى تۈرگەن ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ عَبَسَ وَتَوَلَّىٰ
    يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ

    تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇھەممەد تەرىنى تۈردى ۋە يۈز ئۆرىدى، — ئەنەس ئالىم

    بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجتىھادىي بىر قىلمىشىغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن تەنقىد بولۇپ، تەپسىرلەردە بۇ سۈرىنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋال توغرىسىدا نازىل بولغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قۇرەيشنڭ مۆتىۋەرلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋاتقان سورۇنغا مۇئمىنلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئىسىملىك بىر ئەما كىشى كەلگەن ۋە رەسۇلۇللاھقا بىرقانچە قېتىم: «ئاللاھ ساڭا ئۆگەتكەن ئىلىمدىن ماڭا ئۆگەتكىن» دېگەن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمنىڭ بۇ قىلمىشىنى ياقتۇرمىغان ۋە تەرىنى تۈرۈپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَىٰ
    يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ

    يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېنىغا كور ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم

    بىرىنچى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە دېيىلگەندەك، تەپسىر ئالىملىرى بۇ «ئەما كىشى»نىڭ مەشھۇر ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم، تەرىنى تۈرگەن كىشىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى بىردەك قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ﴿وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ﴾ - « بىر - بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار» دېگەن تۇرۇقلۇق، ئۇ كىشىنى «ئەما» دېگەن لەقىمى بىلەن ئاتىشى، مەككە كۇففارلىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىنى كىنايە يولى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىزاھى تۆۋەندىكىچە: بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ، لېكىن قەلبى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىشكە ھېرىسمەندۇر، ئۇ كىشى شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەن ۋە سورۇندىكى ئەھۋالنى كۆرمەي سوئال سورىغان. ئەسلىدە ئۇ كىشى مەزۇر كۆرۈلۈشى كېرەك. ئى كافىرلار! سىىلەرگە كەلسەك، سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ئوچۇق، لېكىن قەلبلىرىڭلار كوردۇر. شۇڭلاشقا ھەقىقەتنى ئىدراك قىلمىدىڭلار، ئىمان نۇرىنى كۆرمىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىشى مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىدۇ — ئەنەس ئالىم

    بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن، بۇ ئايەتتە ئىككىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىلاھىي تەنقىدنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: سەن بىلەلمەيسەن! قانداقمۇ بىلەلەيسەن؟ بەلكى ئۇ كىشى سەندىن ئىلىم ئۆگىنىپ، يامان خۇيلىرىدىن ۋە جاھالەتتىن پاكلىنىشى، شۇنداقلا روھىنى يۈكسەلدۈرۈشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَىٰ
    ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىپ، ئۇ ۋەز - نەسىھەتنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئىلىم ئېلىپ پايدىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «زىكىر - ذكر» - قۇرئان ۋە قۇرئان ئىلمى دېمەكتۇر. «تەزكىر - تذكير» ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئېسىگە سېلىشتۇر. «تەزەككۇر - تذكر» بولسا ئۇلارنى قوبۇل قىلىش، ھاسىل قىلىش، ئېسىگە ئېلىش ۋە ئېسىدە ساقلاش قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەقتە 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 90- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. 81 - سۈرە (تەكۋىر)نىڭ 27 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدىمۇ مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (80-سۈرە ئەبەسە، 5-ئايەت) كىبىر ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَىٰ
    ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەمما ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، — ئەنەس ئالىم

    (5-6) بۇ «كىشى» - ئۆزىنى، مال - مۈلكى ۋە ھەر تۈرلۈك كۈچ - قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ئايەتلەرنى ئاڭلاشتىن، ئايەتلەر بىلەن ھىدايەت تېپىشتىن ۋە ئايەتلەر بىلەن قىلىنغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشتىن بىھاجەت ھېسابلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇنداق كىشىگە كۆڭۈل بۆلىسەن، ئىلتىپات قىلىسەن ۋە ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ئارتۇقچە ئىنتىلىسەن. ئۇنداق قىلمىغىن، چۈنكى ئۇ كىشى ئىسلام بىلەن شەرەپلەنمىسە ساڭا ھېچ زىيىنى يوق، شۇڭا سېنىڭ كافىرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭ مۇسۇلمانلاردىن يۈز ئۆرۈش سەۋىيەسىگە بېرىپ قالمىسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّىٰ
    ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن) — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن. — ئەنەس ئالىم

  7. وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
    ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ پاكلانماسلىقىدىن ساڭا نېمە؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟ — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى بەك ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا ھەقنى ئاڭلاپ يۈز ئۆرۈگەنلەرنىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالار دەپ قولىدىن كەلگەننى قىلاتتى، ئىنسانلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىدى دەپ ئېچىناتتى، بۇ ئېچىنىش بەزىدە ئۇنىڭغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانلىق بولۇش دەرىجىسىگە يېتەتتى، شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئۇلار ئىمان ئېيتمىسا ساڭا ھېچقانداق زىيان يوق. چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتۇر، سېنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش ۋەزىپەڭ يوق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَىٰ
    سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك — مۇھەممەد سالىھ

    يۈگۈرۈپ يېنىڭغا كەلگەن كىشىگە كەلسەك — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، — ئەنەس ئالىم

    (8-9) بۇ يەردە «يۈگۈرۈپ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «يەسئا - يسعى» بولۇپ، ئۇ «كۆزلىمەك، تەلەپ قىلماق، ئىلدام - ئىلدام ماڭماق، يۈگۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «سەئي - سَعْي» سۆز تومۇرىدىن كەلگۈسى زاماننى ئىپادىلەيدىغان (مۇزارىئـ) پېئىلدۇر. بۇ پېئىل بۇ يەردە 5 - ئايەتتىكى «بىھاجەت كۆرگەن» مەنىسىدىكى پېئىلنىڭ ئەكسى بولغانلىقى ئۈچۈن مەنىسى مەنىۋىدۇر. شۇڭلاشقا ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئۆزىنى بىھاجەت كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەكسىچە، سەن بىلەن ئۇچرىشىشقا ھېرىسمەن، سەندىن ئىلىم ئۆگىنىشكە تەشنا ۋە يېڭى نازىل بولغان ئايەتلەردىن خەۋەردار بولۇشقا تەقەززا بولۇپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك» دېمەكتۇر. ئۇ كىشى سۈرىنىڭ بېشىدىكى «ئەما» ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمدۇر. ئۇ كىشى يۈگۈرۈپ كەلگەن ئەسنادا دىلىدا ئاللاھقا ئېھتىرام قىلىش، ئاللاھتىن ئەيمىنىش ۋە بىرەر كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپ سېلىشتىن ئەندىشە قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلەر مەۋجۇتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَهُوَ يَخْشَىٰ
    سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن قورققان ھالدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ھالدا كېلىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  10. فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ
    سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن. — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرگە كەمتەر ۋە مۇلايىم بولۇشقا بۇيرۇلغان، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ مەزكۇر كور مۇئمىنغا تەرىنى تۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۇ شەكىلدە تەنقىد قىلىنغان. بىرىنچى ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدىمۇ تىلغا ئېلىنغاندەك، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجتىھادىي بىر قىلمىشىغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن تەنقىد بولۇپ، ئۇ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن باشقا چاغلاردىمۇ تەنقىدلەنگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. كَلَّا إِنَّهَا تَذْكِرَةٌ
    (بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغىن! بۇ ئايەتلەر بىر ئەسلەتمىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق قىلمىغىن، قۇرئان ئايەتلىرى ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (11-12) كافىرلارغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپ مۇئمىنلەر بىلەن كارىڭ بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىشتىن يانغىن. مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن، كۆڭۈل بۆلگىن، ئۆگەتكىن. كافىرلارغا ئاشكارا تەبلىغ قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگىن، چۈنكى «ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس»، «سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر». شۇنىڭ ئۈچۈن سەن قۇرئاننى يەتكۈزۈپ ئەلچىلىكىڭنى ئادا قىلغىن ۋە «ئېيتقىنكى: بۇ ھەق رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كافىر بولسۇن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ
    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىغان كىشى ئۇنى ئېسىگە ئالسۇن. — ئەنەس ئالىم

  13. فِي صُحُفٍ مُكَرَّمَةٍ
    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ قىممەتلىك، قەدرى يۇقىرى سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئايەتلەر قىممەتلىك سەھىپىلەردىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (13-14) قۇرئان ئايەتلىرى «لەۋھى مەھفۇز»نىڭ پاك سەھىپىلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى پەرىشتە جامائەسى لەۋھى مەھفۇزدىن باشقا پاك - پاكىز سەھىپىلەرگە كۆچۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ چۈشىدۇ ۋە ئوقۇپ بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. مَرْفُوعَةٍ مُطَهَّرَةٍ
    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھۆرمەتلىك ۋە پاك — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئالىي سۈپەتلىك پاك سەھىپىلەردۇر، — ئەنەس ئالىم

  15. (80-سۈرە ئەبەسە، 15-ئايەت) پەرىشتىلەر ۋەھىي
    بِأَيْدِي سَفَرَةٍ
    (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    پۈتۈكچىلەرنىڭ قوللىرى بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (15-16) ئۇلار ئاللاھ تائالا بىلەن ئىنسان ئەلچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەلچىلىك قىلىدىغان پەرىشتىلەر بولۇپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلماستىن، ھارماستىن، بوشاڭلىق قىلماستىن كېچە - كۈندۈز ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ يەردە «ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى ئەلچىلەر» دەپ سۈپەتلەنگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. كِرَامٍ بَرَرَةٍ
    (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھۆرمەتلىك ۋە پاك پۈتۈكچىلەرنىڭ قوللىرى بىلەن -يېزىلغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى ئەلچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

  17. (80-سۈرە ئەبەسە، 17-ئايەت) كاپىرلىق شۈكۈر
    قُتِلَ الْإِنْسَانُ مَا أَكْفَرَهُ
    ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى! — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆلگۈر ئىنسان! ئۇ نېمىدېگەن تۇزكور! — ئەنەس ئالىم

    ئىنساننىڭ ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان، ئېھتىياجلىق بولغان ھەر نەرسىنى بەرگەن، ئەجىلى توشقاندا ئۆلتۈرىدىغان، ئاندىن تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغان ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلىشى ھەقىقەتەن چوڭ تۇزكورلۇقتۇر، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. مِنْ أَيِّ شَيْءٍ خَلَقَهُ
    ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟ — ئەنەس ئالىم

    ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ نېمىدىن يارىتىلغانلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئويلىنىشى، ئۇنى ھەددىدىن ئېشىش، تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە يولدىن چىقىش قاتارلىق يامانلىقلاردىن توسىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىش، بىردىنبىر قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش ۋە توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىش قاتارلىق ياخشىلىقلارغا ئۈندەيدۇ. بۇ مەسىلە مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن سوئال سورايدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە جاۋابنى يەنە ئۆزى بېرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئىنساننى بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا بۇيرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ نېمىدىن ياراتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇ قانداقمۇ تۇزكورلۇق قىلىدۇ؟ قانداقمۇ ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەسلى نېمە ئىدى؟ ئۇ يوقتىن يارىتىلمىدىمۇ؟ ئۇ يارىتىلىشتىن ئىلگىرى تىلغا ئېلىنىدىغان بىر نەرسە ئەمەس ئىدىغۇ! ئۇنى بىز يارىتىپ ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئەمەسمۇ!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. مِنْ نُطْفَةٍ خَلَقَهُ فَقَدَّرَهُ
    ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى ۋە ئۇنى ئۆلچەملىك رەۋىشتە شەكىللەندۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇنى ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىدى، — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۇنىڭ پۇت - قول، كۆز - قۇلاق ۋە ئېغىز - بۇرۇن قاتارلىق تاشقى ئەزالىرىنى، ئۆپكە، جىگەر، يۈرەك، تال دېگەندەك پۈتۈن ئىچكى ئەزالىرىنى ئەڭ ئۇيغۇن جايغا ئورۇنلاشتۇردى، ھەر بىرىنى مۇئەييەن ۋەزىپىگە بەلگىلىدى، ئۇلار ئۈچۈن بىر - بىرىگە ماس ھالدا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان سىستېما بېكىتتى، شۇنداقلا روھ پۈۋلەپ ئۇنى تولۇق ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. ثُمَّ السَّبِيلَ يَسَّرَهُ
    ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇ يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇردى، — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆلچەملىك ئىنسان ھالىتىگە كەلگەندىن تارتىپ، تاكى تۇغۇلۇپ ئۆلگۈچىلىك ماڭىدىغان يولىنى ئاسانلاشتۇردى. مەسىلەن: ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئاسان قىلدى، تۇغۇلغاندىن كېيىنلا غىزاسىنى ئانىسىنىڭ ئەمچەكلىرىگە يوللاپ، ئۇنىڭغا ئېمىشنى ئىلھام قىلىش ئارقىلىق ياشاش يولىنى ئاسانلاشتۇردى، چوڭايغانسېرى پايدا - زىياننى پەرق ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭغا زىياندىن ساقلىنىش ۋە پايدىدىن ھاسىل قىلىش يولىنى ئاسانلاشتۇردى. ئەقلى تاكامۇللاشقاندا ئۇنىڭغا توغرا يولنى تونۇتۇپ، ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بولۇش يولىنى ئاسانلاشتۇردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (80-سۈرە ئەبەسە، 21-ئايەت) تىرىلىش ئۆلۈم
    ثُمَّ أَمَاتَهُ فَأَقْبَرَهُ
    ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن قەبرىگە قويدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆلتۈرۈپ قەبرىگە قويىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (21-22) ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن دۇئا ماھىيىتىدە بىر ناماز ئوقۇلۇپ زىمىنغا كۆمۈلىدۇ. ئۇنىڭ كۆمۈلگەن يېرى «قەبرە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلار ئۆلۈپ ئەنە شۇنداق زېمىنغا كۆمۈلىدۇ، لېكىن قىيامەت كۈنى ھەممىسى قايتا تىرىلدۈرۈلىدۇ . ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەتتە قايتا تىرىلىش ھەقتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزى خالىغان چاغدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (80-سۈرە ئەبەسە، 22-ئايەت) تىرىلىش ئىلاھىي ئىرادە
    ثُمَّ إِذَا شَاءَ أَنْشَرَهُ
    ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن خالىغان چېغىدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  23. كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يولىدىن يانسۇن، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تېخىچە بەجا كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ غاپىل ھوشىنى تاپسۇن، مەغرۇرلۇقىدىن يانسۇن ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىشقا سەل قارىمىسۇن! ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانلارنى تۆۋەندىكى ئىشلارغا بۇيرۇغان: ئىبادەت، تەقۋادارلىق، تەپەككۇر، نېمەتنى ئەسلەپ تەۋھىدكە قايتىش، دۇنيا ھاياتىغا ۋە شەيتانغا ئالدانماسلىق. لېكىن ئىنسانىيەت بۇ بۇيرۇقلارنى تېخى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلمىدى، كافىر ئىنسان ھېچ ئادا قىلمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
    ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇنكى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىنسان يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇن: — ئەنەس ئالىم

    يېمەكلىكلەر قەيەردىن كەلدى؟ كىم كەلتۈردى؟ ئىنسان بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلسۇن، يېمەكلىكلەرنىڭ ماددىلىرىنىڭ دەسلەپكى يارىتىلىشىدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەريانىغا قارىسۇن، شۇنداقلا ئۇلاردىكى ئىلاھىي قۇدرەت، ھېكمەت ۋە مەرھەمىتىنى تونۇپ يەتسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (80-سۈرە ئەبەسە، 25-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر سۇ ۋە يامغۇر
    فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ إِلَىٰ طَعَامِهِ
    (بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مول يامغۇرنى بىز ياغدۇردۇق، — ئەنەس ئالىم

    (25-26) بۇ «سۇ» ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بەلگىلىشى ۋە ئەمىر قىلىشى بىلەن بۇلۇتلاردىن يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر شەكىللىرىدە ياغىدىغان سۇلاردۇر. بۇلۇتلاردىن چۈشكەن بۇ سۇنىڭ زېمىنغا سىڭىشى بىلەن تۇپراق ئاستىدىكى ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار بىخلىنىدۇ ۋە تۇپراقنى يېرىپ يەر ئۈستىگە چىقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (80-سۈرە ئەبەسە، 26-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر زېمىن ۋە تاغلار
    أَنَّا صَبَبْنَا الْمَاءَ صَبًّا
    ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق، — ئەنەس ئالىم

  27. ثُمَّ شَقَقْنَا الْأَرْضَ شَقًّا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زېمىندا ئاشلىقلارنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇ زېمىندا ئاشلىقلارنى ئۈندۈردۇق، — ئەنەس ئالىم

    «ئاشلىقلار» - بۇغداي ، قوناق، گۈرۈچ، پۇرچاق قاتارلىق پۈتۈن دانلىق زىرائەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە بەش يەردە زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. فَأَنْبَتْنَا فِيهَا حَبًّا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۈزۈم، ئوتياش، — ئەنەس ئالىم

    «ئۈزۈم» - ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە دۇنيادا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ بىرى ۋە ئاخىرەتتە (جەننەتتە) مۇئمىنلەرگە ئاتا قىلىدىغان ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئەڭ پايدىلىق مېۋىلەردىن بولۇپ، ھۆل ۋە قۇرۇق ھالەتتە يېيىلىدۇ. ئۇ بىر تۈرلۈك مېۋە بولۇش بىلەن بىرگە، يېمەكلىك ۋە دورا سۈپىتىدىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ سىركىسى، شىرنىسى ۋە شەربىتىمۇ قوشۇمچە يېمەكلىك، پايدىلىق دورا ۋە لەززەتلىك ئىچىملىكلەردىن ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «ئۈزۈم» مەنىسىدىكى كەلىمە (ئىنەب ۋە ئەئناب - عنب، أعناب) بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى بىلەن 11 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. «ئوتياش» - قوشۇمچە يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ، 61 - ئايىتىدە زىكىر قىلىنىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. وَعِنَبًا وَقَضْبًا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    زەيتۇننى ۋە خورمىنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    زەيتۇن، خورما، — ئەنەس ئالىم

    «زەيتۇن» ھەققىدە 95 - سۈرە (تىن)نىڭ 1 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. «خورما»غا كەلسەك، ئۇمۇ ئۈزۈمگە ئوخشاشتۇر، يەنى خورما ھەم دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ھەمدە ئاخىرەتنىڭ (جەننەتنىڭ) نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ھۆل ۋە قۇرۇق ھالەتتە يېيىلىدۇ، مېۋە، يېمەكلىك ۋە دورا سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ھەر تۈرلۈك تاتلىق يېمەكلىك، شەربەت ۋە شىرنىلەر ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «خورما دەرىخى» مەنىسىدىكى كەلىمە (نەخلە، نەخل، نەخىل - نخلة، نخل، نخيل) بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى بىلەن 20 يەردە كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. وَزَيْتُونًا وَنَخْلًا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    دەرەخلىرى قويۇق باغلار، — ئەنەس ئالىم

    «باغلار»مۇ ھەم دۇنيانىڭ ھەم ئاخىرەت (جەننەت)نىڭ نېمەتلىرىدىندۇر. باغلار ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتى ۋە نازۇ - نېمەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ گۈزەل مەنزىرىسى، ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى بىلەن ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَحَدَائِقَ غُلْبًا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    تۈرلۈك مېۋىلەرنى ياراتتى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېۋىلەر ۋە ئوتلاقلارنى يېتىشتۈردۇق، — ئەنەس ئالىم

    «مېۋىلەر» - تۈرلۈك مېۋە - چېۋە ۋە يەل - يېمىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. مېۋە ئاساسەن كۆڭۈل ئېچىش ۋە زوق ئېلىش ئۈچۈن يېيىلىدىغان بولغاچقا «لەززەت ئېلىش ئۈچۈن يېيىلىدىغان نەرسە» دېگەن مەنىدە «فاكىھە - فاكهة»دەپ ئاتىلىدۇ. مېۋىلەرمۇ ھەم دۇنيا، ھەم ئاخىرەت (جەننەت) نېمەتلىرىدىندۇر. قۇرئان كەرىمدە مېۋىلەرنى ئىپادىلەيدىغان كەلىمە بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى بىلەن (فاكىھە، فەۋاكىھ - فاكهة، فواكه) 14 قېتىم كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۈزۈم، خورما، ئەنجۈر، زەيتۇن، ئانار، گىلاس ۋە بانانلار ئالاھىدە زىكىر قىلىنىدۇ. «ئوت - چۆپلەر» - تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار يەيدىغان ئوتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى ئىنسان بىۋاسىتە يېمەيدۇ، لېكىن ئۇلار گۆش - ياغ ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىدە، ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ماددىلاردۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ ئايەتتە ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَفَاكِهَةً وَأَبًّا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلارنىڭ ھەممىسى، سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇلارنى سىلەرگە ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارغا ياشاش ۋاسىتىسى بولسۇن دەپ قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنساننىڭ يېمەكلىكلىرى تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن تەركىب تاپىدۇ: 1) بۇغداي، قوناق، ئارپا ۋە گۈرۈچكە ئوخشاش ئاشلىقلار، 2 ) ھەر تۈرلۈك ئوتياشلار (كۆكتاتلار)، 3) مېۋە - چېۋىلەر، 4) گۆش - ياغلار. ئاۋۋالقى ئۈچ نەرسە زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدۇ. گۆش ئاساسەن زېمىندىن ئۈنگەن ئوت - چۆپلەرنى يەپ ھاياتىنى ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن چىقىدۇ. ياغ بولسا، بەزى ئۆسۈملۈكلەردىن چىقىدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ يېمەكلىكلىرى ئاللاھ تائالا ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇ ئارقىلىق زېمىندىن ئۈنگەن ۋە يېتىشكەن نەرسىلەردىن ھاسىل بولىدۇ. ئىنسان ئۆزى ھەر پۇرسەتتە يەۋاتقان يېمەكلىكىگە قارىسا، ئۇنىڭ ماددىلىرىنىڭ يېمەكلىك بولۇپ ئالدىغا كەلگۈچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى جەريانى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلسا ۋە ئويلانسا، ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (80-سۈرە ئەبەسە، 33-ئايەت) سۇر چىلىنىشى قىيامەت ۋاقتى
    مَتَاعًا لَكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ
    (قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ناگاھان قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    (33-37) «قاتتىق ئاۋاز» سۇرنىڭ ئىككىنچى قېتىم چېلىنىش ئاۋازىدۇر. بۇ يەردە، قىيامەت كۈنى كىشى قېرىندىشىدىن، ئاتا - ئانىسىدىن ۋە خوتۇن - بالىلىرىدىن قاچىدىغانلىقى، 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ، 101 - ئايىتىدە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 101 - ئايىتىدىكى «تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە، «تۇغقانچىلىقنىڭ بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش ۋە يار - يۆلەك بولۇش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىشىش دېگەندەك نىشانىلىرى بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قىيامەت كۈنى كىشى مەزكۇر يېقىنلىرىنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى كۆرسىمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ياردەم ئالالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن قاچىدۇ، چۈنكى ھەر كىشى ئۆز ھېسابى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۆز دەردى ئۆزىگە يېتىدۇ، ئۆز غېمى ئۇنىڭغا باشقا غەم يىگۈزمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. فَإِذَا جَاءَتِ الصَّاخَّةُ
    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن قاچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى كىشى ئۆز قېرىندىشىدىن قاچىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  35. يَوْمَ يَفِرُّ الْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ
    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئانىسىدىن ۋە ئاتىسىدىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، — ئەنەس ئالىم

  36. وَأُمِّهِ وَأَبِيهِ
    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  37. (80-سۈرە ئەبەسە، 37-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَصَاحِبَتِهِ وَبَنِيهِ
    ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا يار بەرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى بۇلاردىن ھەر بىرى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  38. (80-سۈرە ئەبەسە، 38-ئايەت) تىرىلىش جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    لِكُلِّ امْرِئٍ مِنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ
    ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر نۇر چاچقۇچىدۇر، — ئەنەس ئالىم

    (38-42) قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئىككى پىرقە بولىدۇ. بىر پىرقىنىڭ يۈزلىرى ئاق بولىدۇ، خۇشاللىقتىن ئېچىلغان ھالەتتە بولىدۇ، نۇر يېغىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىپادىلەر ئۇ يۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان مۇئمىنلەرنىڭ خۇش خەۋەر ئالغانلىقى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ۋە نېمەتكە ئېرىشكەنلىكى قاتارلىق خۇشاللىنارلىق ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر پىرقىنىڭ يۈزلىرى قارا بولىدۇ، تۈرۈلگەن ھالەتتە بولىدۇ، خورلۇق ۋە غەم - ئەندىشە ئەكس ئەتتۈرىدۇ، خورلۇق، كۆڭۈلسىزلىك، غەم - ئەندىشە ۋە ئىچ پۇشۇقىنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە چىقىدۇ. بۇ ئىپادىلەرمۇ ئۇ يۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان كافىرلارنىڭ شۇم خەۋەر ئالغانلىقى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ۋە ئازابقا دۇچار بولغانلىقىنى بىلگەنلىكى قاتارلىق قايغۇلۇق ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى پىرقىنىڭ جايى جەننەت، ئىككىنچى پىرقىنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ مُسْفِرَةٌ
    ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۈلۈپ تۇرغۇچىدۇر، خۇشال بولغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  40. (80-سۈرە ئەبەسە، 40-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    ضَاحِكَةٌ مُسْتَبْشِرَةٌ
    يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر باردۇركى، چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى يەنە بەزى يۈزلەر چاڭ-توزان ئىچىدە قالىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  41. (80-سۈرە ئەبەسە، 41-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ
    يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قارىداپ كەتكەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارىداپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  42. (80-سۈرە ئەبەسە، 42-ئايەت) دوزاخ ئەھلى كاپىرلىق
    تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ
    بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر. — ئەنەس ئالىم